مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 591|ئىنكاس: 2

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روھىي ساغلاملىق قانۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:59:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روھىي ساغلاملىق قانۇنى


  (2012–يىل 10–ئاينىڭ 26–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

    62 – نومۇرلۇق

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ روھىي ساغلاملىق قانۇنى›› 2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

    2012 – يىل 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى

   مۇندەرىجە

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    2 – باب پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى ياخشىلاش ۋە روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

    3 – باب روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

    4 – باب روھىي توسالغۇ كېسىلىنى ساقايتىش

    5 – باب كاپالەت تەدبىرى

    6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

    1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

    1 – ماددا بۇ قانۇن روھىي ساغلاملىق ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

    2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە پۇقرالارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە ئاشۇرۇش، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى ساقايتىشقا تۈرتكە بولۇشتا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

    3 – ماددا روھىي ساغلاملىق خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ۋە ساقايتىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.

    4 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكى دەخلىسىزدۇر.

    روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ تەربىيەلىنىش، ئەمگەك قىلىش، داۋالىنىش، شۇنىڭدەك دۆلەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ماددىي ياردىمىگە ئېرىشىش جەھەتتىكى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

    ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە شەخسلەر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، سۈرىتى، ئولتۇرۇشلۇق جايى، ئىشلەيدىغان ئورنى، كېسەل تارىخى ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى پەرەز قىلىۋېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك؛ لېكىن مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش يۈزىسىدىن ئاشكارىلاشقا توغرا كېلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

    5 – ماددا پۈتۈن جەمئىيەت روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى ھۆرمەتلىشى، چۈشىنىشى ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈشى كېرەك.

    ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى كەمسىتىشىگە، ھاقارەتلىشىگە ۋە خورلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

    خەۋەرلەردە ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى كەمسىتىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان مەزمۇنلارنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

    6 – ماددا روھىي ساغلاملىق خىزمىتىدە ھۆكۈمەت تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىدىغان، تارماقلار مەسئۇل بولىدىغان، ئائىلىلەر ۋە ئورۇنلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان ھەر تەرەپلىمە باشقۇرۇش مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ.

    7 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى روھىي ساغلاملىق خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشى، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش ۋە ساقايتىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى، روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئالاقىدار تارماقلارنى باھالىشى، نازارەت قىلىشى كېرەك.

    يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، روھىي توسالغۇ كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى ساقايتىشقا تۈرتكە بولۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

    8 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ.

    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئالاقىدار روھىي ساغلاملىق خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

    9 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

    روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا ئائىلە زۇلۇمى سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى تاشلىۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

    10 – ماددا جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ باشقا يەرلىك تەشكىلاتلىرى قانۇن – نىزاملار ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

    كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەيدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىگە ياردەملىشىدۇ.

    دۆلەت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    11 – ماددا دۆلەت روھىي ساغلاملىق ئىختىساسلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، روھىي ساغلاملىق كەسپىي قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

    دۆلەت روھىي ساغلاملىققا دائىر پەن – تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، زامانىۋى تېبابەتچىلىك، دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تېبابەتچىلىكى ۋە پىسخولوگىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا دىياگنوز قويۇش، ئۇنى داۋالاش، ساقايتىش پەن – تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.

    دۆلەت روھىي ساغلاملىق ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىققا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

    12 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ روھىي ساغلاملىققا خالىس مۇلازىمەت قىلىشىغا، روھىي ساغلاملىق ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشىگە، روھىي ساغلاملىق جامائەت پاراۋانلىقى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

    روھىي ساغلاملىق خىزمىتىگە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.


2 – باب پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى ياخشىلاش ۋە روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش  

13 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، پىسخىكىلىق ساغلاملىقنى ياخشىلاش ۋە روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، جامائەتنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.  

  14 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چىقارغان تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدە پىسخىكىلىق ياردەمگە ئائىت مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك. تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرگەندە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان ياكى تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدىغان خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا قاراپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، پىسخىكىلىق ياردەم خىزمىتىنى تەشكىللىشى كېرەك.   

15 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىشى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى؛ كەسپىي تەرەققىياتنىڭ مۇئەييەن مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ياكى ئالاھىدە ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە پىسخىكىلىق ساغلاملىق تەربىيەسىنى قاراتمىلىقى بولغان ھالدا بېرىشى كېرەك.  

  16 – ماددا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى تەربىيەسى بېرىشى؛ پىسخىكىلىق ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى، يېتەكچىسى قويۇشى ياكى تەكلىپ قىلىشى ھەمدە پىسخىكىلىق ساغلاملىق يېتەكچىلىرى ئىشخانىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكىلىق ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك. يەسلى مائارىپى ئاپپاراتلىرى بالىلارغا ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پىسخىكىلىق ساغلاملىق تەربىيەسى بېرىشى كېرەك.    تەبىئىي ئاپەت، كۈتۈلمىگەن زەخىم، جامائەت بىخەتەرلىك ۋەقەسى قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە، مەكتەپلەر كەسپىي خادىملارنى ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكىلىق ياردىمى بېرىشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.    ئوقۇتقۇچىلار روھىي ساغلاملىققا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى توغرا يېتەكلىشى، رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.    مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، يېقىن تۇغقانلىرىدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۇقۇپ تۇرۇشى كېرەك.  

  17 – ماددا تېببىي خادىملار كېسەل داۋالىغاندا دىياگنوز ئۆلچىمى ۋە داۋالاش قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە، داۋالانغۇچىلارنى پىسخىكىلىق ساغلاملىقى جەھەتتە يېتەكلىشى كېرەك؛ داۋالانغۇچىنىڭ روھىي توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.  

  18 – ماددا تۈرمە، قاماقخانا، توختىتىپ قويۇش ئورنى، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش سورۇنى قاتارلىق سورۇنلار، جازا ئۆتەۋاتقانلار، قانۇن بويىچە توختىتىپ قويۇلغانلار، قولغا ئېلىنغانلار، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇۋاتقانلارغا روھىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۇلارغا پىسخىكا جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  

  19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مائارىپ، سەھىيە، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 15 – ماددىسىدىن 18 – ماددىسىغىچە بولغان ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئورۇنلارنىڭ روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىغا مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.   

20 – ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ، مەھەللە پىسخىكىلىق ساغلاملىق يېتەكچىلىكى پائالىيىتى، روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاھالىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشى كېرەك.    يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى ياكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ مەھەللە پىسخىكىلىق ساغلاملىق يېتەكچىلىك پائالىيىتى، روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىق – تەربىيە پائالىيىتىگە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  

  21 – ماددا ئائىلە ئەزالىرى ئۆزئارا كۆيۈنۈشى، ياخشى، ئىناق ئائىلە مۇھىتى يارىتىشى، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى؛ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھىي توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىغاندا ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىشى، تۇرمۇشىغا ئېتىبار بېرىشى ۋە ئۇلارغا ئوبدان قارىشى كېرەك.   

22 – ماددا دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ روھىي ساغلاملىق پاراۋانلىق تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، روھىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشىغا، جامائەتنى پىسخىكىلىق ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشكە يېتەكلەپ، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.  

  23 – ماددا پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپكارلىق قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، جامائەتكە كەسىپلەشكەن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشى كېرەك.    پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى پىسخىكا جەھەتتىن داۋالىسا ياكى روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويسا ۋە ئۇنى داۋالىسا بولمايدۇ.    پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ روھىي توسالغۇغا ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسا، ئۇلارغا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان داۋالاش ئاپپاراتىدا داۋالىنىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىشى كېرەك.    پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى مەسلىھەت سورىغۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشى ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن سىر ساقلىشى كېرەك.  

  24 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى روھىي ساغلاملىقنى كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىپ، ئېغىر روھىي توسالغۇنىڭ يۈز بېرىشىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، روھىي توسالغۇنىڭ يۈز بېرىش ئەھۋالى، يۈزلىنىشى قاتارلىقلارنى كۆزىتىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىگە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ. روھىي ساغلاملىقنى كۆزىتىش ۋە ئېغىر روھىي توسالغۇ يۈز بېرىش ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.    گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماق، تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى ئۇچۇرىدىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇرلىشىش، ئۇچۇرلاردىن ئالماشتۇرۇپ تەڭ پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

3 – باب روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش   


25 – ماددا روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئالاقىدار رەسمىيەتلەرنى ئۆتەش كېرەك:    (1) روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشقا لايىق روھىي كېسەل ۋىراچلىرى ۋە سېستىرالىرى بولۇش؛    (2) روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان ئەسلىھە – ئۈسكۈنىلىرى بولۇش؛    (3) روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مۇكەممەل باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە سۈپەت نازارەتچىلىك تۈزۈمى بولۇش.    روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويىدىغان ۋە ئۇنى داۋالايدىغان مەخسۇس داۋالاش ئاپپاراتىغا پىسخىكىلىق داۋالاش خادىملىرىنىمۇ قويۇش كېرەك.  

  26 – ماددا روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئاغرىقلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغداش، ئاغرىقلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى شارائىتتا ياخشى روھىي ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.    روھىي توسالغۇنى تۈرگە ئايرىش، ئۇنىڭغا دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە ئۇنى داۋالاش قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.  

  27 – ماددا روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇشتا روھىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش كېرەك.    قانۇندا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، شۇ كىشىنىڭ روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان – ئۇچرىمىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان تېببىي تەكشۈرۈشنى ئۇنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قىلىشقا بولمايدۇ.   

28 – ماددا شەخسلەر داۋالاش ئاپپاراتىغا ئۆزى بېرىپ روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويدۇرغاندىن باشقا، گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى يېقىن تۇغقانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىپ روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويدۇرسا بولىدۇ. يېقىن تۇغقانلىرىنى تاپقىلى بولمىغان سەرگەردان تىلەمچى گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، داۋالاش ئاپپاراتىغا ئېلىپ بېرىپ روھىي توسالغۇ دىياگنوزى قويۇشقا ياردەم بەرسە بولىدۇ.    گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالغان، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا ياكى ئۇلاردا ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىش، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش خەۋپى بولسا، ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى، ئىشلەيدىغان ئورنى، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتىغا ئاپىرىپ، روھىي توسالغۇ دىياگنوزى قويدۇرۇشى كېرەك.    داۋالاش ئاپپاراتى دىياگنوز قويدۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا دىياگنوز قويۇشنى رەت قىلسا بولمايدۇ.   

29 – ماددا روھىي توسالغۇغا روھىي كېسەل ۋىراچى دىياگنوز قويۇشى كېرەك.    داۋالاش ئاپپاراتى مۇشۇ قانۇننىڭ 28 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە دىياگنوز قويدۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دوختۇرخانىدا ئېلىپ قېلىپ، روھىي كېسەل ۋىراچىغا دەرھال دىياگنوز قويدۇرغۇزۇشى ھەمدە دىياگنوز يەكۈنىنى ۋاقتىدا چىقىرىشى كېرەك.   

30 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى بالنېتسىدا داۋالاشتا ئىختىيارىيلىق پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.    دىياگنوز نەتىجىسىدە، كېسەل ھەققىدىكى باھادا داۋالانغۇچىدا ئېغىر روھىي توسالغۇ بارلىقى ئىپادىلەنگەن بولسا ھەمدە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، ئۇنى بالنېتسىدا داۋالاش كېرەك:    (1) ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋالغان بولسا ياكى ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىش خەۋپى بولسا؛    (2) باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا ياكى باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش خەتىرى بولسا.   

31 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلگەنلىرىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋەسىيلىرىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن بالنېتسىدا داۋالىتىشى كېرەك؛ ۋەسىيلىرى قوشۇلمىغانلىرىنى داۋالاش ئاپپاراتى بالنېتسىدا داۋالىسا بولمايدۇ. ۋەسىيلەر ئۆيىدىكى كېسەلگە ئوبدان قارىشى كېرەك.   

32 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئۆزى ياكى ۋەسىيلىرىنىڭ بالنېتسىدا داۋالىنىش دىياگنوز نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بولۇپ، كېسەلنىڭ بالنېتسىدا داۋالىنىشىغا قوشۇلمىسا، قايتا دىياگنوز قويۇش ۋە باھالاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.    ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قايتا دىياگنوز قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلار دىياگنوز نەتىجىسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە ئەسلىي داۋالىغان ئاپپاراتقا ياكى قانۇنلۇق ساپاغا ئىگە باشقا داۋالاش ئاپپاراتىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قايتا دىياگنوز قويىدىغان داۋالاش ئاپپاراتى قايتا دىياگنوز قويۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەسلەپتە دىياگنوز قويغان ۋىراچتىن باشقا ئىككىدىن ئارتۇق روھىي كېسەل ۋىراچىنى قايتا دىياگنوز قويۇشقا ئەۋەتىشى ھەمدە قايتا دىياگنوز نەتىجىسىنى ۋاقتىدا بېرىشى كېرەك. قايتا دىياگنوز قويىدىغان ۋىراچ كېسەلنى قوبۇل قىلغان داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ كېسەل كۆرۈشى، ئەھۋال ئۇقۇشى، شۇ داۋالاش ئاپپاراتى ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك.    قايتا دىياگنوز نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلار قانۇن بويىچە كەسىپكارلىق ساپاسى بولغان باھالاش ئاپپاراتىنىڭ روھىي توسالغۇنى تېببىي باھالاپ بېرىشىنى ئۆز ئالدىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتى ئېلان قىلىنغان باھالاش ئاپپاراتىنىڭ نامى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلىنغان باھالاش ئاپپاراتى شۇ ئاپپاراتتىكى باھالىنىدىغان شۇ ئىشتا كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە ئىككىدىن ئارتۇق باھالىغۇچىنى ئورتاق باھالاشقا بېكىتىشى ھەمدە باھالاش دوكلاتىنى ۋاقتىدا چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.   

33 – ماددا باھالىغۇچىلار روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى قوبۇل قىلغان داۋالاش ئاپپاراتىغا بېرىپ ئاغرىق بىلەن كۆرۈشۈشى، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىشى، شۇ داۋالاش ئاپپاراتى ماسلىشىشى كېرەك.    باھالىغۇچى ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ باھالايدىغان ئىش بىلەن پايدا – زىيان مۇناسىۋىتى بولۇپ، مۇستەقىل، ئەينەن، ئادىل باھالىشىغا تەسىر يېتىش ئېھتىمالى بولسا چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.  

  34 – ماددا باھالاش ئاپپاراتلىرى، باھالىغۇچىلار ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىشى، ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىشى، كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىشى، روھىي توسالغۇنى باھالاش تەرتىپى، تېخنىكىلىق ئۇسۇل ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە بىنائەن، قانۇن بويىچە مۇستەقىل باھالىشى، باھالاش دوكلاتىنى ئەينەن، ئادىل تەييارلىشى كېرەك.    باھالىغۇچىلار باھالاش جەريانىنى ۋاقتىدا خاتىرىلىشى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشى كېرەك. خاتىرە مەزمۇنى چىن، ئەينەن، توغرا، تولۇق بولۇشى كېرەك، خاتىرە تېكىستى ياكى ئۈن – سىن ۋاسىتىلىرىنى ئوبدان ساقلاش كېرەك.   

35 – ماددا قايتا دىياگنوز نەتىجىسى ياكى باھالاش دوكلاتىدا كېسەل كۆرسەتكۈچى ئېغىر روھىي توسالغۇغا ئۇچرىمىغان ياكى ئاغرىق بالنېتسىدا داۋالانمىسىمۇ بولىدۇ دېيىلگەن بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى بالنېتسىدا ياتقۇزۇپ داۋالىسا بولمايدۇ.    قايتا دىياگنوز نەتىجىسى ياكى باھالاش دوكلاتىدا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بار دېيىلگەن بولسا، ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى بالنېتسىدا داۋالاشقا ماقۇل بولۇشى كېرەك. بالنېتسىدا داۋالاشقا ۋەسىيلەر توسقۇنلۇق قىلسا ياكى ئاغرىق بالنېتسىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چىقىپ كەتكەن بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ ئاغرىقنى تەدبىر قوللىنىپ بالنېتسىدا داۋالىشىغا ياردەملەشسە بولىدۇ.    ئالاقىدار ئاپپارات قايتا دىياگنوز نەتىجىسى ۋە باھالاش دوكلاتى چىقىرىپ بېرىشتىن بۇرۇن، روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى قوبۇل قىلغان داۋالاش ئاپپاراتى ئاغرىقنى داۋالاش قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە بالنېتسىدا داۋالىشى كېرەك.   

36 – ماددا دىياگنوز نەتىجىسىدە بالنېتسىدا داۋالىنىشى زۆرۈر دېيىلگەن روھىي توسالغۇ ئاغرىقىدىن بالنېتسا رەسمىيىتى ئۆتەشكە قۇربى يەتمىگەنلىرىنىڭ بالنېتسا رەسمىيىتىنى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى ئۆتەيدۇ؛ ۋەسىيلىرىنى تاپقىلى بولمايدىغان سەرگەردان تىلەمچىلەرنىڭ بالنېتسا رەسمىيىتىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەن ئالاقىدار تارماق ئۆتەيدۇ.    روھىي توسالغۇ ئاغرىقىدا مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولۇپ، ۋەسىيلىرى بالنېتسا رەسمىيىتىنى ئۆتىمىسە، ئاغرىقنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى، ئۇ قاراشلىق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى بالنېتسا رەسمىيىتىنى ئۆتەيدۇ ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتى ئاغرىقنىڭ كېسەل تارىخىغا خاتىرىلەپ قويىدۇ.   

37 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ دىياگنوز قويدۇرۇش، داۋالىنىش داۋامىدىكى ھوقۇقلىرىنى ئاغرىققا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.   

38 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى مۇۋاپىق ئەسلىھە، ئۈسكۈنە سەپلەپ، كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ۋە بالنېتسىدا داۋالىنىۋاتقان روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى، زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە بالنېتسىدىكى ئاغرىقلارغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە نورمال تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىدىغان مۇھىت ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  

  39 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە داۋالاش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، داۋالاش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە روھىي توسالغۇ ئاغرىقىغا ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە داۋالاش لايىھەسى ۋە ئۇسۇلى، مەقسىتى، كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان ئاقىۋەتنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك.  

  40 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقى داۋالاش ئاپپاراتىدا ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، داۋالاش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرسا ياكى شۇنداق قىلماقچى بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى باشقىچە تەدبىر بولمىغان ئەھۋالدا، چەكلەش، ئايرىۋېتىش قاتارلىق قوغداش خاراكتېرلىك داۋالاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. قوغداش خاراكتېرلىك داۋالاش تەدبىرى قوللىنىشتا دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە داۋالاش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە تەدبىر قوللانغاندىن كېيىن ئاغرىقنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.    چەكلەش، ئايرىۋېتىش قاتارلىق قوغداش خاراكتېرلىك داۋالاش تەدبىرلىرىدىن پايدىلىنىپ روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى جازالاش مەنئى قىلىنىدۇ.  

  41 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىغا دورا ئىشلىتىشتە دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى مەقسەت قىلىپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتىن باشقا مەقسەتتە دورا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.    داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.  

  42 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بالنېتسىدا داۋالاۋاتقان روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى روھىي توسالغۇنى داۋالاش مەقسىتىدىن باشقا مەقسەتتە تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەسى قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.   

43 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى روھىي توسالغۇ ئاغرىقىغا تۆۋەندىكى داۋالاش تەدبىرىنى قوللانغاندا، ئاغرىققا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە داۋالاش خەۋپ – خەتىرى، باشقىچە داۋالاش لايىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئاغرىقنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ ئاغرىقتىن پىكىر ئالغىلى بولمىسا، ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى ھەمدە شۇ داۋالاش ئاپپاراتى ئېتىكا كومىتېتىغا تەستىقلىتىشى كېرەك:    (1) ئادەم بەدىنى ئەزالىرىنىڭ رولىنى يوقىتىدىغان تاشقى كېسەل ئوپېراتسىيەسى قىلىش؛    (2) تەجرىبە قىلىش مەقسىتىدە روھىي توسالغۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار كىلىنىكىلىق داۋالاش.    ئالدىنقى تارماقنىڭ 1 – تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش تەدبىرىنى قوللىنىشتا ئەھۋال جىددىي بولغانلىقتىن ۋەسىينى تاپقىلى بولمىسا، شۇ داۋالاش ئاپپاراتى مەسئۇلىنىڭ ۋە ئېتىكا كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.    روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى تەجرىبە قىلىش مەقسىتىدە روھىي توسالغۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتسىز كىلىنىكىلىق داۋالاش مەنئى قىلىنىدۇ.  

  44 – ماددا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بالنېتسىدا يېتىپ داۋالانغان روھىي توسالغۇ ئاغرىقى بالنېتسىدىن چىقىشنى ھەرۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، داۋالاش ئاپپاراتى ماقۇل بولۇشى كېرەك.    مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (1) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن ئەھۋال بولغان روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى بالنېتسىدا داۋالىغاندا، ۋەسىيلەر ئاغرىقنى بالنېتسىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، داۋالاش ئاپپاراتى ماقۇل بولۇشى كېرەك.    داۋالاش ئاپپاراتى ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگەن روھىي توسالغۇ ئاغرىقى بالنېتسىدىن چىقسا بولمايدۇ، دەپ قارىسا، بالنېتسىدىن چىقسا بولمايدىغانلىق سەۋەبىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئاغرىق ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى بالنېتسىدىن چىقىشنى يەنىلا تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالسا، كەسپىي ۋىراچ كېسەل تارىخى ماتېرىيالىغا ئۇقتۇرۇپ قويغانلىقىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ قويۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بالنېتسىدىن چىققاندىن كېيىنكى ئىشلار ھەققىدە تېببىي تەكلىپ بېرىشى، ئاغرىق ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.    مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىنىڭ (2) تارماقچىسىدا كۆرسىتىلگەن روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى بالنېتسىدا داۋالىغاندا داۋالاش ئاپپاراتى ئاغرىق بالنېتسىدىن چىقسا بولىدۇ، دەپ قارىسا، ئاغرىققا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە دەرھال ئۇقتۇرۇشى كېرەك.    داۋالاش ئاپپاراتى روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ كېسىلىگە قاراپ، روھىي كېسەل ۋىراچلىرىنى مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بالنېتسىدا داۋالىنىۋاتقان ئاغرىقنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك. باھالاش نەتىجىسىدە ئاغرىق بالنېتسىدا داۋاملىق ياتمىسىمۇ بولىدۇ دېيىلگەن بولسا، داۋالاش ئاپپاراتى ئاغرىققا ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە دەرھال ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك.   

45 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ بالنېتسىدىن چىقىشتا بالنېتسىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەشكە قۇربى يەتمىسە، ۋەسىيلىرى ئۆتەپ بېرىشى كېرەك.   

46 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى بالنېتسىدىكى روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ خەت – ئالاقە ھوقۇقى ۋە يوقلاپ كەلگۈچى بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. كېسەل جىددىي قوزغالغان مەزگىل ياكى داۋالاشقا توسالغۇ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ۋاقىتلىق چەك قويغاندىن باشقا، ئاغرىقنىڭ خەت – ئالاقە قىلىش ھوقۇقى ۋە يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا چەك قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.   

47 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تېببىي خادىملىرى كېسەل تارىخى ماتېرىيالىغا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ كېسەل ئەھۋالى، داۋالاش تەدبىرى، دورا ئىشلىتىش ئەھۋالى، چەكلەش، ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى ھەمدە ئاغرىققا ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئەينەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆرسە، كۆپەيتىۋالسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئاغرىق كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى كۆرسە، ئۇنى داۋالاشقا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. كېسەل تارىخى ماتېرىيالىنى ساقلاش ۋاقتى 30 يىلدىن كەم بولمايدۇ.  

  48 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالانغۇچىنىڭ روھىي توسالغۇ ئاغرىقى ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ شۇ داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ داۋالاش دائىرىسىدىكى باشقا كېسىلىنى داۋالاشنى بىر – بىرىگە ئىتتىرسە ياكى رەت قىلسا بولمايدۇ.    49 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ ۋەسىيلىرى بالنېتسىدا داۋالانمىغان ئاغرىققا ئوبدان قارىشى، دوختۇرنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئۇنىڭ ۋاقتى – ۋاقتىدا دورا ئىچىشىگە، ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىشىگە ياكى داۋالىنىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى ۋە ئاغرىقنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنى ئاغرىقنىڭ ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە، ۋەسىيلەرنىڭ ئاغرىققا قارىشىغا تېگىشلىك ياردەم بېرىشى كېرەك.  

  50 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۆۋەندىكى ئىشلاردا شۇ مەمۇرىي رايوندىكى روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش ئاپپاراتىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى كېرەك:    (1) ئالاقىدار خادىملار، ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى؛    (2) دىياگنوز ۋە داۋالاشنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە شۇنىڭدەك دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە داۋالاش قائىدىسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى؛    (3) روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى بالنېتسىدا داۋالاش تەرتىپىنىڭ مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان – بولمىغانلىقى؛    (4) روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغدىغان – قوغدىمىغانلىقى.    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈشتە روھىي توسالغۇ ئاغرىقى ۋە ئۇنىڭ ۋەسىيلىرىدىن پىكىر ئېلىشى كېرەك؛ مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بارلىقىنى بايقىسا دەرھال توسىشى ياكى تۈزىتىشكە بۇيرۇشى ھەمدە قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك.   

51 – ماددا پىسخىكىلىق داۋالاش ئىشىنى داۋالاش ئاپپاراتىدا قىلىش كېرەك. پىسخىكىلىق داۋالىغۇچى مەخسۇس خادىملار روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويسا، روھىي توسالغۇ ئاغرىقىغا رېتسېپ يېزىپ بەرسە ياكى ئۇنى تاشقى كېسەل بويىچە داۋالىسا بولمايدۇ. پىسخىكىلىق داۋالاش تېخنىكا قائىدىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ.    52 – ماددا تۈرمە، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش ئورنى قاتارلىق سورۇنلار تەدبىر قوللىنىپ، روھىي توسالغۇسى بار جازا ئۆتىگۈچىلەر، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇلۇۋاتقانلارنىڭ داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.    53 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىدىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنىغا ياكى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىرى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

   4 – باب روھىي توسالغۇ كېسىلىنى ساقايتىش


   54 – ماددا مەھەللە ساغلاملىق ئاپپاراتى روھىي توسالغۇ ئاغرىقىغا ساغلاملىق سورۇنى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىشى، ئاغرىقنى تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى جەھەتلەردىن ساغلاملىق بويىچە چېنىقتۇرۇشى كېرەك.    55 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتى ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى روھىي كېسەل ئاساسىي دورىلىرى بىلەن قامداپ داۋالىشى ھەمدە مەھەللە ساغلاملىق ئاپپاراتىنىڭ روھىي توسالغۇ بويىچە كېسىلىنى ساقايتىشىغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.    مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى، كەنت شىپاخانىلىرى ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان ئېغىر روھىي كېسەل ئاغرىقلىرىنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ دورا ئىچىشىگە ۋە ساغلاملىق بويىچە چېنىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئاغرىقنىڭ ۋەسىيلىرىنى روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە خەۋەر ئېلىش بىلىملىرى جەھەتتىن تەربىيەلىشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى ۋە كەنت شىپاخانىلىرىنىڭ يۇقىرىقى خىزمەتلەرنى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە خادىملىرىنى بۇ جەھەتتە تەربىيەلىشى كېرەك.    56 – ماددا كەنت ئاھالىلەر كومىتېتلىرى شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتلىرى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىشى ھەمدە شۇ جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە ياكى كوچا باشقارمىسىغا شۇنىڭدەك ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا ئاغرىق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەلىپىنى ئىنكاس قىلىپ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاغرىقنىڭ جەمئىيەتكە قوشۇلۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  57 – ماددا مېيىپلەر تەشكىلاتلىرى ياكى مېيىپلەر ساغلاملىق ئاپپاراتى روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى ساقايتىش ئېھتىياجىغا قاراپ، ئاغرىقلارنى ساغلاملىق پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك.    58 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئاغرىقلارنى قىلالىغۇدەك خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئاغرىقلارنىڭ باراۋەر تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئاغرىقلارنى كەسپىي ماھارەت جەھەتتىن زۆرۈر تەربىيەلىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى، ئاغرىقلارغا لايىق خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى، خىزمەتتە نەتىجە ياراتقان ئاغرىقلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.    59 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ۋەسىيلىرى ئاغرىقلارنىڭ تۇرمۇشتا ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساغلاملىق جەھەتتە چېنىقىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.    روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ ۋەسىيلىرى ئاغرىققا قاراش داۋامىدا تېخنىكا يېتەكچىلىكىگە موھتاج بولسا، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ياكى يېزا – بازار دوختۇرخانىلىرى، كەنت شىپاخانىلىرى ۋە مەھەللە ساغلاملىق ئاپپاراتلىرى تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.  5 – باب كاپالەت تەدبىرى  
  60 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىدىكى تەلەپ بويىچە، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزىدۇ ھەمدە يولغا قويىدۇ.    روھىي ساغلاملىقنى كۆزىتىش نەتىجىسى ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى روھىي ساغلاملىق خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىش كېرەك.    61 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، روھىي ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش ۋە ساقايتىش مۇلازىمەت ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.    ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى ئۈچۈن مەھەللىدە ساغلاملىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ.    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش تېببىي ئاپپاراتلىرى ۋە روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى ساغلاملىق ساقايتىش ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.    62 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى روھىي ساغلاملىق خىزمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ، مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.    63 – ماددا دۆلەت ئاساسىي قاتلام روھىي ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، نامرات رايونلار، چەت، ياقا رايونلارنىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىگە مەدەت بېرىدۇ، شەھەردىكى مەھەللىلەرنىڭ ۋە يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.    64 – ماددا تېببىي مەكتەپلەر روھىي مېدىتسىنا ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، روھىي مېدىتسىنا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.    65 – ماددا ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئاپپاراتلىرى گوۋۇيۈەن سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، روھىي كېسەللەر ئامبۇلاتورىيەسى ياكى پىسخىكىلىق داۋالاش ئامبۇلاتورىيەسى ئېچىپ، روھىي توسالغۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.    66 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى تېببىي خادىملارنى روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى ۋە ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى كېرەك.    روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش، ئۇنى داۋالاش ۋە ساقايتىش ئاپپاراتلىرى تېببىي خادىملار، خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا قەرەللىك تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىق بىلىمىنى يېڭىلىشى كېرەك.    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تېببىي خادىملارنى روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ روھىي توسالغۇنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.    67 – ماددا پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا روھىي ساغلاملىق دەرسى تەسىس قىلىپ بېرىشى كېرەك؛ تېببىي مەكتەپلەر روھىي مېدىتسىنا كەسپىدىن باشقا كەسىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا روھىي ساغلاملىق دەرسى تەسىس قىلىپ بېرىشى كېرەك.    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇتقۇچىلارنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن ۋە ئىش ئورنىدا روھىي ساغلاملىق بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىشى ھەمدە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە يېتەكچىلىرىنى كەسپىي جەھەتتىن قەرەللىك تەربىيەلىشى كېرەك.    68 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا ئاساسىي جامائەت ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك.    روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ داۋالىنىش ھەققى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئائىت بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپارات دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئاھالىسى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياكى يېزا يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.    ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە، خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا فوندىدىن چىقىم قىلىنىدىغان داۋالىنىش ھەققىنى داۋالاش ئاپپاراتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بېجىرگۈچى ئاپپاراتتا بىۋاسىتە ئىسچوت قىلىشى كېرەك.    روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى داۋالىنىش پۇلىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق تۆلىگەندىن كېيىنمۇ قىيىنچىلىقى بولسا ياكى داۋالىنىش پۇلىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق تۆلىيەلمىسە، خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئاۋۋال داۋالاش ياردىمى بېرىشى كېرەك.  69 – ماددا ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىدىن شەھەر – يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە ۋاقتىدا كىرگۈزۈشى كېرەك.    يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلەندۈرۈپ بېقىلىدىغان ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى شۇنىڭدەك شەھەردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى، تۇرمۇش مەنبەسى بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن قارىغۇچىسى، كۈتكۈچىسى، باققۇچىسى بولمىغانلىرىنى ياكى ئۇلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قارىغۇچىسى، كۈتكۈچىسى، باققۇچىسىنىڭ قاراش، كۈتۈش، بېقىش ئىقتىدارى بولمىغان ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى خەلق ئىشلىرى تارمىقى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېقىشى ۋە قۇتقۇزۇشى كېرەك.    ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنمىگەن ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىدىن ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بارلىرىغا خەلق ئىشلىرى تارمىقى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ.    70 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئېغىر روھىي توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئەمگەك ئىقتىدارى بولغان روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ قىلالىغۇدەك ئەمگەكنى قىلىشىغا يار – يۆلەك بولۇشى ھەمدە ساقايغانلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.    دۆلەت روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەغ، ئەشيا، سورۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يار – يۆلەك بولىدۇ.    71 – ماددا روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى، جىسمانىي بىخەتەرلىكى دەخلىسىزدۇر، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قانۇن قوغدايدۇ. پۈتۈن جەمئىيەت روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.    ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ساغلاملىق ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنى كەسپىي جەھەتتىن قوغداشنى كۈچەيتىشى، روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە ئۇلارغا بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ياردەم پۇل بېرىشى كېرەك. روھىي ساغلاملىق خىزمىتى خادىملىرىدىن ئىش ئۈستىدە يارىلانغان، مېيىپ بولغان، ئۆلۈپ كەتكەنلىرىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش تەمىناتى شۇنىڭدەك نەپىقە پۇلى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ. 6 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى    72 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلاردىن روھىي ساغلاملىق خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مۇشۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىغان ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش، گۇناھ يېزىش ياكى چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرىدۇ.    73 – ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشمايدىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن روھىي توسالغۇغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دىياگنوز قويغان ۋە ئۇنى داۋالىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دىياگنوز قويۇش، داۋالاش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ؛ ئالاقىدار تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.    74 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار تېببىي خادىملارنى كەسپىي پائالىيىتىنى بىر ئايدىن يۇقىرى، ئالتە ئايدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇسا بولىدۇ:    (1) كېسەل كۆرسەتكىلى ئېلىپ كەلگەن گۇمانىي روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا دىياگنوز قويۇشنى رەت قىلغانلار؛    (2) مۇشۇ قانۇننىڭ 30 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بالنېتسىدا داۋالايدىغان كېسەلنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ باھالىمىغان ياكى باھالاش نەتىجىسى بويىچە بىرتەرەپ قىلمىغانلار.    75 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ؛ ئالاقىدار تېببىي خادىملارنى كەسىپكارلىق پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا خىزمەتتىن قوغلاش چارىسى كۆرىدۇ ياكى شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇيدۇ ھەمدە ئالاقىدار تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:    (1) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەكلەش، ئايرىۋېتىش قاتارلىق قوغداش خاراكتېرلىك داۋالاش تەدبىرى قوللانغانلار؛    (2) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلار؛    (3) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنى تاشقى كېسەل بويىچە ئوپېراتسىيە قىلغان ياكى تەجرىبە قىلىش مەقسىتىدە كىلىنىكىلىق داۋالىغانلار؛    (4) مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىنىڭ خەت – ئالاقە ھوقۇقى ۋە يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ھوقۇقى قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا چېقىلغانلار؛    (5) روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويۇش ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقى ئەمەسلەرگە روھىي توسالغۇ ئاغرىقى دەپ دىياگنوز قويغانلار.    76 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنى كەسىپكارلىق پائالىيىتىنى ئالتە ئايدىن يۇقىرى، بىر يىلدىن تۆۋەن توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ، ھەتتا كەسىپكارلىق گۇۋاھنامىسى ياكى تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ:    (1) پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچىلەردىن پىسخىكىلىق داۋالىغان ياكى روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويغان ۋە ئۇنى داۋالىغانلىرى؛    (2) پىسخىكىلىق داۋالىغۇچىلاردىن داۋالاش ئاپپاراتى سىرتىدا پىسخىكىلىق داۋالىغانلىرى؛    (3) مەخسۇس پىسخىكىلىق داۋالىغۇچىلاردىن روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويغانلىرى؛    (4) مەخسۇس پىسخىكىلىق داۋالىغۇچىلاردىن روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا رېتسېپ يېزىپ بەرگەن ياكى ئۇلارنى تاشقى كېسەل بويىچە داۋالىغانلىرى.    پىسخىكىلىق مەسلىھەت بەرگۈچىلەر، مەخسۇس پىسخىكىلىق داۋالىغۇچىلاردىن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە پىسخىكىلىق داۋالاشتا باشقىلارنى جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتە زىيانغا ئۇچراتقان ياكى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.    77 – ماددا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 4 – ماددىسىنىڭ 3 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرىغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ئورۇننىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغىمۇ يەنە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.    78 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋالنى پەيدا قىلىپ، روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى ياكى باشقا پۇقرالارغا جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتە زىيان سالغانلار ياكى باشقا زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ:    (1) روھىي توسالغۇ ئاغرىقى ئەمەسلەرنى قەستەن روھىي توسالغۇ ئاغرىقى قاتارىدا بالنېتسىدا داۋالاتقانلار؛    (2) ۋەسىيلەردىن روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى تاشلىۋەتكەن ياكى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك باشقا ئەھۋال پەيدا قىلغانلىرى؛    (3) روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنى كەمسىتكەن، ھاقارەتلىگەن، خورلىغان، ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزگەنلەر؛    (4) روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز ھالدا چەكلىگەنلەر؛    (5) روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك باشقا ئەھۋاللار.    79 – ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوز نەتىجىسىدە بالنېتسىدا داۋالىنىشى كېرەك دېيىلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ۋەسىيلىرى رەت قىلىپ، ئاغرىقنىڭ باشقىلارغا جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتە زىيان سېلىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسا ياكى ئاغرىقتا باشقىلارغا جىسمانىي ۋە مال – مۈلۈك جەھەتتە زىيان سالغان باشقا ئەھۋال بولسا، ئاغرىقنىڭ ۋەسىيلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.    80 – ماددا روھىي توسالغۇغا دىياگنوز قويدۇرۇش، ئۇنى داۋالىتىش، باھالىتىش جەريانىدا ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان، داۋالاش ئاپپاراتى ۋە باھالاش ئاپپاراتىنىڭ خىزمەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ.    مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.    81 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.    82 – ماددا روھىي توسالغۇ ئاغرىقلىرى ياكى ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرى، يېقىن تۇغقانلىرى ۋە مەمۇرىي ئورگانلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاغرىقنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.    7 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ    83 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان روھىي توسالغۇ تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان تۇيغۇ، ھېسسىيات ۋە تەپەككۇر قاتارلىق روھىي ھەرىكەتلەرنىڭ نورمالسىزلىشىپ ياكى باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلۈپ، ئاغرىقنىڭ قاتتىق روھىي ئازاب چېكىشى ياكى جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كۆرسىتىدۇ.    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېغىر روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئىقتىدارى ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغان، ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ياكى ئوبيېكتىپ رېئاللىقنى تولۇق ئاڭقىرالمايدىغان ۋە ياكى ئۆزىنىڭ ئىشىنى بىرتەرەپ قىلالمايدىغان بولۇپ قېلىشىدەك روھىي توسالغۇنى كۆرسىتىدۇ.    بۇ قانۇندا ئېيتىلغان روھىي توسالغۇ ئاغرىقىنىڭ ۋەسىيلىرى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەسىي بولالايدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.    84 – ماددا ئارمىيەنىڭ روھىي ساغلاملىق خىزمىتىنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىدۇ.    85 – ماددا بۇ قانۇن 2013 – يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

   (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)











بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xopur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 11:05 AM  


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8965
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 07:04:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95317
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 09:22:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى بىر ئېتوتتا قانۇن دىگەنچۇ قەغەزگە يېزىپ قويغان خەت ئۇ. دىگەندەك قىلغان . نىمىلا بولمىسۇن ياخشى يوللاپسىز جاپا تارتپىسز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش