مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 684|ئىنكاس: 12

پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز ئىلمىي بولسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14626
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9398
تۆھپە نۇمۇرى: 727
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-10-20
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 10:00:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەرزەنت تەربىيلەش ئۇسۇلىڭىز ئىلمىي بولسۇن


ماھىرە ئەركىن


ھازىر ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا پات- پات «قىزىمنى يالغۇز قىز دەپ ئەركىلىتىپ نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىپ، ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئۆگىنىشىنى قىلسۇن، خىزمەتكە چىققاندا چارچاپ كەتتى، ئارام ئالسۇن دەپ ئائىلە ئىشلىرىغا پەقەت سالماپتىكەنمەن، مانا ئەمدى ياتلىق بولغاندا تۇرمۇشتا قىينىلىپ، تولا ۋايسايدىغان بولۇپ قالدى. بەزىدە مېنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغان سىز، دەپ مەندىن ئاغرىنىپمۇ قويىدۇ»دېگەنگە ئوخشاش بەس- مۇنازىرىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمىز

شۇنداق. ئادەتتە كۆپلىگەن ئانىلار قىزلىرىنى ئائىلە ئىشلىرىغا كۆندۈرۈپ، پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ. بىراق، يەنە بىر قىسىم ئانىلار قىزىنى:«قىزىم جاپا تارتمىسۇن، بىر ئۆي بېشىغا كىيىلگەندە مەجبۇرىي قىلىدىغۇ»دېگەنگە ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن قىزلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاپ، بارچە جاپانى ئۆزى تارتىپ، قىزلىرىنى ئائىلىنىڭ ئېغىر- يېنىك ئىشلىرىغا سالمايدۇ. نەتىجىدە بۇ خىل زىيادە ئاسراش ئۆز نۆۋىتىدە پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەمگەك ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق يارىتىدۇ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىش ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا تەسىر كۆرسىتىپ، شەخسلەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىش ۋە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئاساسىنى پۇختىلايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرنى ئەمگەك تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇلۇغ ئەدىب گوركىي مۇنداق دېگەن:«تالانت- ئەمگەك دېمەكتۇر. ئادەمنىڭ تالانتى خۇددى گۈلخانغا ئوخشاش بىردەم يالقۇنلايدۇ، بىردەم ئۆچىدۇ. ئۇنى كۈچلۈك يالقۇنجىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى-- ئەمگەك قىلىش، يەنە ئەمگەك قىلىشدۇر. نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بىر تەرەپتىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ۋە كۆپ تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشىگە ئايانماي مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا ئائىلە ئىشلىرىدا چوقۇم ئاتا- ئانىغا ياردەملىشىش دېگەن ئاڭنى سىڭدۈرۈپ، قىز، ئوغۇل دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي تەڭ ئۆي ئىشلىرىغا كۆندۈرۈپ ھەر تەرەپلىمە تەربىيلەۋاتقان ئاتا- ئانىلارمۇ بار. بۇنداق قىلغاندا، پەرزەنتلەردە مېھرىبانلىق، كۆيۈمچانلىقنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئەخلاق- پەزىلەتكە ئىگە كىشىلەردىن قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۆز پەرزەنتىگە كۆيۈنمەيدىغان، ئۇلار ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىمايدىغان ئاتا- ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ياشلارنىڭ ئىرادىلىك، جاپاغا چىدايدىغان بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قىيىنچىلىقنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھۇزۇرى، جەزبىدارلىقى، بولۇپمۇ ئەڭ كېرەكلىك تەجرىبە ۋە ساۋىقى بولىدۇ دېگەن تەربىيەۋى سۆزلەرنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى تولىمۇ زۆرۈر.

شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   deris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 10:01 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 12:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى تېمىكەن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tuntaxvixi + 10 سىز پەقەت دەرىجە ئۆسۈ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4987
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1453 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:29:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى كەڭ ئاتا ئانىلارغا   پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسى   ۋە سېتىنا خانىمنىڭ ئەۋلاد تەربىيسى ناملىق ئىككى كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار ئەپەندىم پەقەت دەرىجى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن ئىنكاس قايتۇرىدۇ

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1247 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:56:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 01:45 PM
چاقنار ئەپەندىم پەقەت دەرىجى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن ئىنكاس قا ...

ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ بەلكىم؟

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئۇلۇغ خۇداغا قويدۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 401
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:56:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتغۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 01:56 PM
ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ بەلكىم؟

مەن چاقنار ئەپەندىمنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھەممىنى كۆرەپ چىقتىم پەقەت شەكىل

بۇ دۇنيانىڭ بەختى ياخشى ئەمەس ئۇ دۇنيالىقنىڭ بەختى ئۇچۇن خۇداغا قاتتىق يالۋۇرۇپ سېغىنغىن ئەي ئىنسان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1247 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:04:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 01:56 PM
مەن چاقنار ئەپەندىمنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسلىرىنىڭ ھەمم ...


مەيلى دەرىجە ئۆستۈرۈش ئۈچۈنلا ئاشۇنداق ‹‹شەكىلۋاز››لىق قىلسۇن ياكى ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرسۇن چوقۇم مەلۇم مەقسەت ئۈچۈنلا قىلىدۇ. لېكىن بۇنى يامان مەقسەت دېگىلى بولماس! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 02:04 PM  


ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
intizar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 01:45 PM
چاقنار ئەپەندىم پەقەت دەرىجى ئۆستۇرۇش ئۇچۇن ئىنكاس قا ...

كەچۈرۈڭ  بۇ گېپىڭىزدىن  سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قانداق،،بىرىنجدىن  مېنى ئەپەندى دېمەڭ  مەن تېخى تولۇقسىزنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن بىر دېھقان بالىسى،،ئىككىجىدىىن ئاشۇنداق ئۆسۈش خىيالى بەلكىم مەندە بادۇ،بۇنى ئىنكار قىلمايمەن ،،مەن پەقەت تېما ئىگىسىنىڭ ھۆرمىتىنى دەپ  ،ئىلھام بولسۇن گەرچە دەبدەبىلىك ئىنكاسلارنى يازالمىساممۇ  ھەر ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشىنى قالدۇرۇپ قويدۇم خالاس .ھەر ھالدا يوق يەردىن قۇسۇرتېپىپ بىر ئوبدان تېمىنى پىتىقلاپ رەھمەتلىك قىلىۋەتكەندىن ياخشىدۇ،،يەنە كېلىپ كىم دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى خالىمايدىكەن،،كىمنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغۇسى باكەن،؟ئەقەللىسى كۈندە بەشۋاخ نامازنى تولۇق ئادا قىلىپ ،ئەمرى مەرۇپلارغا ئەمەل قىلىپ گۇناھ مەرسىيەتلەردىن ساقلىنىپ ئۆزىمىزنى پاك تۇتۇپ ياشىشىمىزمۇ كامىل مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ ئاللاھ ئالدىدىكى دەرىجىمىزنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈنغۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىدا بۇ مۇنبەردىكى دەرىجە دېگەنلەر ئوبۇرنىدىكى چىقارغان نەرسىگە تەڭ،،،  سىزنىڭ بۇنداق قەتتى جەزىملەشتۈرۈپ يوغان قالپاقنى كەيگۈزۈپ قويغىنىڭىزغا  مەن قەتتى رازى ئەمەس،ئەلۋتتە بۇلارنى دېيىش ئارقىلىق سىز بىلەن جىدەللىشىش مەقسىتىممۇ ئەسلا يوق بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چاقنار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 02:21 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
زۇلھايا~ + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1491
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1247 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاقنار يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 02:17 PM
كەچۈرۈڭ  بۇ گېپىڭىزدىن  سەل چەكتىن ئېشىپ كەتتىمۇ قاند ...


ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

يىلان ئەپەندى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13248
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11859
تۆھپە نۇمۇرى: 1170
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2010-10-9
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 02:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪڭ
ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ، ﺑﯩﺮاق ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار بالىلاردﯨﻜﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪۇ. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرۈش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪت ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەك:
  1. ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﻳﺎردەم ﺳﻮرﯨﺴﺎ، ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﺑﺎﮬﺎﻧﻪ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪڭ.
  2. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺮﺗلارﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯔ، ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﻗﻮﻳﻤﺎڭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻟلاش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯔ، ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺪۇ.
  3. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯚزﻟﻪپ ﻗﻮﻳﺴﺎ، ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﻣﺎزاق ﻗﯩﻠﻤﺎڭ. ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺗﯩﻞ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯘﺳلاﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﭙلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺴﯩﺰ.
  4. ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟلارﻏﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ، ﺳﻪۋرﯨﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎۋاپ ﺑﯩﺮﯨﯔ. ﺋﻪﮔﻪر ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، راﺳﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﯔ، ﺷﯘنداق ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩلاردﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.
  5. ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﭼﺎﻣﯩﺴﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜدەك ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇڭ. ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ، ﻛﯚﭘﯜﻧﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﻗﯩلاﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ، ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚزى ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪۇ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎلا ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮرﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﺋﯘلار ﻗﯩلالاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻘﺎ، ﺋﯚي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇش ﻛﯧﺮەك. ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺑﺎﻟﯩلارﻏﺎ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﭙﺎق، ﻗﻮل ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ، ﻟﯜﯕﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺘﺎ – ﺋﺎﺳﺘﺎ ﭼﻮﯕﺮاق ﺋﯩﺸلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻛﯧﺮەك. ﺑﺎﻟﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺮادﯨﺴﻰ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮﯕلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎرقىلىلا ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯩﺪۇ.

قان بىلەن يىزىلغان تارىخ بولمىسا ،سىياھ بىلەن يىزىلغان تارىخ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش