مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1247|ئىنكاس: 6

ۋىسالسىز سۆيگۈ 6-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11219
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 01:48:11 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئاجايىپ قىسمەتلەرگە تولغان بولىدىكەن،ئىنسان بۇنى بىلىشكە تولىمۇ ئاجىز ئىكەن بىر قىسىم تەتۈر ئىشلارمۇ ئۇنىڭغا ئوڭ بىلىندىكەن،گاھىدا خۇشاللىقىدىن ھاياجان ياشلىرنى تۆكسە ،گاھىدا تارتقان ئازابىدىن ئاچچىق كۈلىدىكەن!
مانا ھەش-پەش دىگۈچە ئىمتاھان ۋاقتىمۇ كېلىپ قالدى.ئەلى بىلەن بەرنامۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا
ئالدىراش بولۇپ كەتتى ،گاھىدا بىر نەچچە كۈنلەپ بىرى بىلەن كۆرۈشكىدەكمۇ ۋاقىت چىقماي قالاتتى .ئاخىرى ئىمتاھانمۇ ئېلىنىپ بولدى .ئەمدىلىكتە ھەممەيلەن ئىمتاھان نەتىجىسى چىققۇچە، بەزىلەر ئىمتاھان نەتىجىسىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتسا ،بەزىلەر ئالدىدىكى ئايرىلىش مىنۇتلىرنى ئويلاپ،كۆڭلى يېرىم بولاتتى جۈملىدىن ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان،ئەلى بىلەن بەرنانىڭمۇ كۆڭۈللىرى غەش ئىدى.
شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار ئىمكاننىڭ بېرىچە ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشاتتى،ئەلى دائىم ئۇنىڭغا ئىسلام توغۇرلۇق سۆزلەپ بېرەتتى ،گاھىدا ئۇلار ئۆز-ئارا قىزغىن بەس مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتەتتى،بۇنداق ۋاقىتتا ئۇلار جاھاندا ئىككىسىدىن باشقا ئادەم يوقتەكلا ھېس قىلاتتى.بۈگۈن ئەلى ئادىتى بويىچە بەرنانىڭ ياتىقىغا ئىزلەپ كەلدى،ئىشىك ئالدىدا تۇرغان رەنا ئۇنى كۆرۈپ :ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىزنىڭ ئاشىق يىگىت يەنە كەپقاپتىغۇ ،قارىغاندا مەلىكىسنى ئىزدەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ دېدى كۈلۈپ، ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھەئە شۇنداق دېدى ئەلى قىزىرىپ ،بەرنا بارمىكىن ?
ۋاي بولمامدىغان ئۇمۇشۇ كىتاپ ئوقۇغاچ كالىسىنى  ساقلاۋاتىدۇغۇ دەيمەن ،ئۇنى چاقىرىپ قوياي ھە دەپ شەيتانلارچە كۈلدى رەنا.
ۋاي مەلىكە سېنى كالاڭ سېغىنىپ ئىزدەپ كەپتۇ ،مېنىڭمۇ قاچان بولار ھە دەپ كۈلدى رەنا.اللاھتىن تىلىسەڭ سېنىڭمۇ بوپ قالار ،كونىلار تىلىسەڭ تاپارسەن دەپتىكەن ئەمەسمۇ دەپ كۈلدى بەرنا.رەنا خىجىل بولۇپ ئوشۇق گەپ قىلمىدى ۋە تېز چىققىن سېنى بەك ساقلاپ كەتمىسۇن دەپ قوشۇپ قويدى. بەرنا چىققاندا ئەلى ئۇنى ياتاق ئالدىداساقلاۋاتاتتى،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەلىكەم قانداق ئەھۋالىڭىز?دېدى ئەلى.ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام اللاھقا شۈكرى ياخشى سىزچۇ ?دېدى بەرنا.مەنمۇ ياخشى، بۈگۈن بىرە ئىشىڭىز بولمىسابازارغا چىقىپ كىرەمدۇق? دېدى ئەلى .
مەنمۇ شۇنداق قىلايلىمىكىن دەپ تۇرغان يامان ئەقىللىق كالا  جۇمۇ دېدى بەرنا تاتلىق كۆلۈپ.يۈرۈڭ ئەمسە ماڭايلى ئەلى شۇنداق دەپ بەرنانىڭ ئالدىدا ماڭدى،شۇ دەقىقىلەردە پۈتۈن مەكتەپ ھەتتا پۈتۈن جاھان ئۇلارغا قارۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى.ئىمتاھان نەتىجىمىز ئېلان قىلىندىغانغىمۇ بىر نەچچە كۈنلا قالدى،مۇشۇ ئايرىلغانچە قاچانمۇ كۆرىشەرمىز ،مەن مۇشۇ ئايرىلغانچە سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالدىغاندەكلا قورقىۋاتىمەن ،دېدى بەرنا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ !ئۇنداق بولمايدۇ ، مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن مەلىكەم ،ئىنشااللاھ بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز ،ئەگەر مەن بولمىسام سىز كالا دەيدىغانغا ئادەم تاپالماي قالىسىز دېدى ئەلى كۈلۈپ. ئەلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بەرنامۇ تاتلىق كۈلدى،ئىنشااللاھ دېگىنىڭىز كەلسۇن اللاھ ئېگەم بىزنى مەڭگۈ ئايرىمىسۇن دېدى بەرنا.ئۇلار شۇ تەرىقىدە پاراڭلىشىپ بازارغىمۇ كەپ قالغانىدى.
ئەمدى نەگە بارساق بولار? دېدى ئەلى.يۈرۈڭ مەن سىزنى بىر يەرگە باشلاپ باراي دېدى بەرنا . نەگە بارىمىز?دېدى ئەلى.بارغاندا بىلىسىز دېدى بەرنا شەيتانلارچە كۈلۈپ.بەرنا شۇ ماڭغىنىچە بىر يانفۇن سېتىش دۇكىنىغا كەلدى . بۇ يەرگە نېمىگە كەلدۇق ?دېدى ئەلى ھەيران بولۇپ.نىمىگە بولاتتى يانفۇن ئالىمىز ،بولمىسا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتساق قانداق ئالاقىلىشىمىز? دېدى بەرنا.شۇنداقتىمۇ بۇ يەرنىڭ يانفۇنلىرى بەك قىممەت تۇرسا باشقا يەردىن ئالايلى دېدى ئەلى .ياق مەن سىزگە مۇشۇ دۇكاندىن يانفۇن ئېلىپ سوۋغا قىلىمەن ،ئالمىسىڭىز سىزدىن خاپا بوپ قالىمەن دېدى بەرنا كىچىك بالىلاردەك ئۈمچىيىپ ، ھە بوپتۇ بوپتۇ سىز خۇشال بولىدىغان ئىش بولسىلا ئالايلى دېدى ئەلى.راستما سىز بەك ئوماق جۇمۇ دېدى بەرنا تاتلىق كۈلۈپ ،لېكىن پۇلىنى ئۆزەم تۆلەيمەن دېدى ئەلى . ياق مەن سوۋغا قىلىمەن دېگەندىن كېيىن مەن ئۈزۈم تۆلەيمەن ، دېدى بەرنا جاھىللىق بىلەن ،شۇنداق قىلىپ بەرنا ئەلىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئالما4 يانفۇنىدىن ئىككىنى سېتىۋالدى. ئەلى بولسا خاپا بولغىنىدىن بەرناغا قىيداپ گەپ قىلمىدى ،خاپا بولۇپ قالدىڭىزما ئوماق ئۇنداق قىلماي بىر مۆرەپ قويۇڭچۇ ،مەلىكىڭىزگە دەيدىغان گەپلىرىڭىز يوقمۇ دېدى بەرنا ئەركە تەلەپپۇزدا. قارىماققا خۇشالدەك كۆرۈنگەن بىلەن پات ئارىدا ئايرىلدىغىننى ئويلاپ،بەرنانىڭمۇ يۈرەكلىرى پارە بولاتتى ،ئەمما بۇنى ئەلىگە قانداقمۇ ئېيتالىسۇن شۇ تاپتا ئەلىنىڭ كۆڭلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش تۇرسا،ھەي ئاشىقلىق،ھەي مۇھەببەت!
ياقەي مەلىكەم ئۇنداق ئەمەس سىز خۇشال بولسىڭىزلا مەنمۇ خوش ،لېكىن شۇ ئادەتتىكىراقنى ئالساقمۇ بولاتتى ئەمەسمۇ ئىقدىساتچىلراق بولايلى دىمەكچى شۇ دېدى ئەلى.بۇچۇ قاراڭ دەپ ئۇرغۇلۇق سۆزلىدى بەرنا:مەلىكىڭىزنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىم ئېلىپ بەرگىنى بوپ قالىدۇ،بۇندىن كېيىن سىز ماڭا ئەپ بېرىسىز تازا،دەپ تاتلىق كۈلدى بەرنا .ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ دە دەپ كۈلدى ئەلى ئەمدى مەن سىزگە سوۋغات ئەپ بېرەي . ئۇ شۇنداق دەپ بەرنانى بىر زىبۇ-زىننەت دۇكىنىغا باشلاپ بېرىپ ،ئۇنىڭغا بىردانە ئۈزۈك سوۋغا قالدى ،ئاددىي بولسىمۇ قۇبۇل قىلىڭ ئىنشااللاھ ،اللاھ خالىساھ تويۇمىزدا بۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى سوۋغا قىلىمەن دېدى ئەلى. بەرنا خىجىل بولغىنىدىن قىزىرىپ كەتتى. ئەمدى قايتايلى بەك كەچ كىرىپ كەتمىسۇن يەنە دېدى ئەلى. ئۇلار شۇنداق دەپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى. شۇ تاپتا يول قىرغىقىدىكى گۈللەر دەرەخلەر ۋە جىمى مەۋجۇداتلار ئۇلارغا ھەۋەس بىلەن قارايتتى!
داۋامى بار
《دەرتلىك يۈرەك》

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106725
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 09:52:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇشۇ خەت دىگەننى ئاستا ئۇقۇشنى مەشىق قىلمىسام بولماپتۇ جۇمۇ بىر يۈتىلىپ بولغىچە داۋامى بار دىگەن يەرگە ئۈسۈۋاپتىمە خۇددى تامغا ئۈسىۋالغاندبك ھېسىياتقا كەپ قالدىم  ئەسەر ياممان دەششەت چىقىۋاتىدا لىكىن سۈرئەت سەل ئاستىيا

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 11:35:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، مىنىڭچە بۇلارنىڭ ئىشىنىڭ ئايىغى چىقمايدىغۇ  دەيمەن.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 12:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ  ،،داۋامىغا تەشنامىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

مۇھەببەت ئويۇنچۇق ئەمەس

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 265
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14064
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 03:13:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىۋاتىدۇ ...............داۋامى بۇنىڭ دىن ياخشى چىقىتۇ دەيمەن

ئەقىدا قىلدىم. ئارمان قىلدىم.ئارزۇ قىلدىم..بىلگەنلەرگە ئەقىدە  بولسۇن،بىلمىگەنلەر گە سەدىقە بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4807
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-21 07:04:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىردەمدىلا  6-ىنجىغا  قىسىمغا كەپتۇ  دە  ...............  بايىدىن بىرى  تىپىپ تەستە  ئوقۇپ چقتىم  ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ  ساقلايمىز  داۋامىنى ....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106725
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-27 09:10:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى ما كىنونىڭ داۋامى ئېلان تۈگىمىدىما تېخى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش