ئايالىمنى ئۇرايمۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار جامائەت
يەنە ئىزدەپ كەپ قالدىم تۇرغانسىلەر سالامەت.
ئۇشبۇ ئاچچىق ھاياتتا ئۇچرىدى كۆپ مالامەت،
بايان ئەيلەي دەردىمنى، بىر-بىرىدىن ئالامەت،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟
توي قىلغىلى بولمىدى تېخى تولۇق بەش ئايمۇ،
( بۇ كەمگىچە كۆنەتتى بىرەر موزاي ياتايمۇ )،
ياكى جىمى گۇناھنى ئانىسىغا ئارتايمۇ؟
لىۋىم چىشلەپ ھەممىگە تاقەت قىلىپ ئۆتەيمۇ؟
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟
ئويغاتمىسام سەھەردە ئۆزى تۇراي دېمەيدۇ،
ئىككى كۈندە بىر يوقلاپ ئانىسىنى ھارمايدۇ.
ھويلا – ئارام پاكىزمۇ يا بۇنى ھېچ بىلمەيدۇ،
سەل قاتتىقراق سۆزلىسەم يۈز – كۆزىنى ھۆللەيدۇ،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟
دەسلىپىدە چاندۇرماي كۈلگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
نەچچە قېتىم خام لەڭمەن يېگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
تۇزلۇق تاماق يېيىشكە كۆنگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئۆلگىنىمنى ئېيتايمۇ؟
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟
« سايىم نوچى » ئاتالدىم ئەل – جامائەت ئاغزىدا،
ھېچ يۈزۈممۇ قالمىدى دوست – دۈشمەننىڭ ئالدىدا.
قاچانغىچە بۇ دەرتكە بولۇپ يۈرەي مۇپتىلا،
پۈتۈن – سۈرۈك ئەر تۇرۇپ يىغلاپ سالدىم دالدىدا،
ئېيتىڭلارچۇ خالايىق، ئايالىمنى ئۇرايمۇ؟
ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alxir552 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 09:29 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-21 11:21 AM):
ئەدەبىياتنى توغرا چۈشەنمەي مۇشۇنداق تېمىنى يېزىپتۇ دەيدىغانلار
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-21 11:22 AM):
ياخشىسى ئاۋارە بولماڭلار. بۇ پەقەت تۇرمۇشنىڭ بىر كارتىنىسى خالاس.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-21 11:22 AM):
ئوقۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان تېمىنى بەس مۇنازىرە قىلىپ ئاۋارە بولماڭلار.