قۇت تىلەك يۇلىڭغا پايانداز سالسۇن
ھەربىر تاڭ ئىللىق قۇياشنى باشلاپ چىققىنىدەك،ئارزۇ-تىلەكلىرىم سەن بىلەن بىللە،قۇلۇمنى دۇئاغا كۈتۈرسەملا باسقان ھەر بىر قەدمىڭگە بەركەت ،ساڭا تۈگۈمەس بەخىت سائادەت تىلەپ كۆز ياشلىرىم مونچاق-مونچاق ئاقىدۇ.مېھرىڭگە ئىنتىزار بولغان قەلبىم ،ھەر دەقىقە سەن ئۈچۈن ئۇتۇقلار تىلەپ قايغۇ ھەم شادلىقىڭغا ئورتاق بولغۇسى كىلىدۇ.
قۇت تىلەك يۇلىڭغا پايانداز سالسۇن
يالقۇنلۇق تىلەكلەر كۆڭۈللەرگە شاھ،
گۈللەردىن-گۈللەرگە ئۇچار كىپىنەك.
سېغىنىش ئىستىكى يالقۇنلاپ دىلدا،
يىراقتىن تەلپۈنۈپ سۇقىدۇ يۈرەك.
تۇيغۇمدا ھەر بىر كۈن داۋام سانالدى،
مېھرىدىن قەدمىڭگە تىلەكلەر تىلەپ.
قۇت تىلەك يۇلىڭغا پايانداز سالسۇن،
مۇھەببەت رىشتىدە سېنى پەپىلەپ.
شاۋقۇنلار يۇلىڭنى ئەتمىسۇن ماكان،
ئارزۇ ھەم ئۈمۈتنى ھۆرلىككە چىللاپ.
يىگىتلىك قامىتىڭ جەۋلان قىپ تۇرسۇن،
باسقان ھەر قەدمىڭنى بەركەتكە باشلاپ.
گۈل ھاياتنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللىرىدا سەن بىلەن تۇنۇشۇپ ئۈزۈلمەس رىشتىمىز باغلاندى.ئارزۇ-ئىستەك ماڭا كۈلۈپ بىقۋاتقاندەك ئۆزۈمنى سەن بولغاچ شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلىمەن.ھەر بىر سۆزلىرىڭ روھىمغا ئۇزۇق،مەيلى تىللا مەيلى تاتلىق سۆزلىرىڭدە پەپىلىگىن ھەممىسى مىنىڭ بەختىم.
تۇلا سۆزلەپ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرگەن چېغىمدا ساراڭ دەپ تىللاپ قويدۇڭ.يىقىملىق شىۋىرلاپ ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولغىنىمدا مەلىكەڭ بولدۇم.مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭ ھەممىسى بەخىت،سەن بىلەن تۇنۇشقان كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىساپلايمەن.ساڭا بولغان ۋاپا -ساداقىتىم بىلەن ئۆزۈمنى ئەڭ ئالىجاناپ ھېساپلايمەن.كۈلدۈرۈپ يىغلاتقان ھەر بىر دەقىقەڭگە مىنىڭ ئۇنتۇلماس بەختىم.
قۇتلۇقلاپ يۇلىڭغا گۈللەرنى چاچاي
مۇبارەك قەدمىڭ يىتىپ تۇنۇشۇپ،
ئۈزۈلمەس رىشتىمىز باغلاندى مەھكەم.
تۈندىكى ئارماندەك پارلاتتىڭ دىلنى،
قەلبىمنى لال قىلىپ كۆيدۈرۈپ ئەركەم.
نەچچە باھارىم ئۆتكەندە جىلۋىلىك،
سۆيگۈمنىڭ ئىشكىنى قاققان ئىدىڭ سەن.
ئوخشىتىپ مەلىكە،دىلرابالارغا،
يالقۇنلۇق مېھرىڭدە دىلنى ئىرىتكەن.
ئۇزاتتىم يىللارنى كۆزۈم ئارقىدا،
مېھرىلىك سۆزلەردە ساڭا ئەركىلەپ.
ئورتاق بولدۇڭ قايغۇ-خۇشاللىقىمغا،
ھەر سۆزۈڭ مېھرىڭدە مېنى پەپىلەپ.
قىزىل گۈل رەڭگىدە بۇيالغان مېھرىمدىن،
يىگىتلىك قەھرىڭگە كۆيىمەن شۇنچە.
ئاداققى ئۆزگەرمەس بەرگەن قەسىمىم،
ھەر تىنىق ئەۋجىدە ئەسلەپ مەڭگۈگە.
مۇبارەك ئىزلىرىڭ يالتىراپ تۇرسۇن،
قۇتلۇقلاپ يۇلىڭغا گۈللەرنى چاچاي.
سۆيگۈمنىڭ دالاسى كۆيلەرنى-كۆيلەپ
چىن-ۋاپا مېھرىمدىن مىسراغا قاتاي.
خەتلىرىم ئادرىسى يىراق شەھەردۇر
يۈرەكنىڭ بەھرىدىن مىسرالار تۈزۈپ،
مېھرىلىك سۆزلەردە بۇيدۇم قۇرلارنى.
بۇتىدەك بوزلايدۇ مۇڭلۇق خەتلىرىم،
يىراقتىن تەلمۈرۈپ سېغىنىپ سېنى.
قۇياشنىڭ تەپتى بار ھەر بىر مىسرادا،
ئارزۇ -ئۈمۈتتە سەن بىلەن سىردىشىپ.
جۇدالىق زەخمىسى ھۆلدەيدۇ خەتنى،
ئاچچىق ھەم تاتلىق تۇيغۇلار بىرلىشىپ.
ئەقىدە بېغىمدا ئېچىلغان گۈللەر،
خوش ھىدى پۇرقىدا پەپىلەر دىلنى.
چوغسىمان بۇيالغان ھەرقۇرلىرىم،
چاقنىتار نامايەن ۋاپا-ساداقەتنى.
خەتلىرىم ئادرىسى يىراق شەھەردۇر،
دولقۇنلار ئىچىدىن يوللارنى ئاچقان.
ھەرتۇيغۇ مېھرىدىن تىلەكلەر تىلەپ.
مېھرىلىك باغرىنى مەڭگۈلۈك ئاچقان.
قەلىمىم