ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنىڭ تەقدىرى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،بىز ئىككى ئايلىق بازار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋالنى بايقىدۇق.
مەيلى چەت يېزا قىشلاقلار بولسۇن ،مەيلى ناھىيە بازارلىرى ياكى چوڭ شەھەرلەردە بولسۇن تاللا بازارلىرى ۋە دۇكان بوتكىلاردىن تارتىپ ئىمپورت ماللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئورۇننى ئىگەللىگەن بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بوينىنى قىسىپ قالغان ئىدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىشەنمەسلىك،ھەم بېكىك مۇھىتتىكى ئۇيغۇر جەمىيىتنىڭ چەتئەلگە چوقۇنۇش ۋە چەتئەلنىڭ بولسىلا كۆرۈپ بېقىش ، تېتىپ بېقىش ، ھەم مۇسۇلماننىڭ دەپ قاراش سەۋەب بولغان دەپ ھىسابلاشقا بولىدۇ.
بۇندىن باشقا ۋاستىچى كارخانىلارنىڭ چەتئەلنىڭكىنى جىڭ ھەقىقى مۇسۇلمانچە دەپ تەسۋىرلەشلىرىمۇ يانا بىر سەۋەپ .بىراق ئىمپورت مالنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان نۇرغۇن ئويۇنلارنى بىلمەسلىك ھەم بىلدۈرمەسلىكمۇ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرسىدۇر.
-ئىمپورت مالنىڭ بولغىنى يامان ئىش ئەمەس .چۈنكى خەلقىمىزنىڭ مۇسۇلماندارچىلىق ئەنئەنىسى ۋە يېمەك ئىچمەك مەدەنىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھالال-ھارام قارىشىمىز كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىستىمال نوقتىسىچىقىش قىلساق بۇ نورمال ئىش . تاپقان پۇلىمىزنى ھالاللاپ خەجلەش ھوقۇقىمىز بار ئەلۋەتتە.
بىراق ئاجىز بولغان ئۇيغۇر ئىقتىسادى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كارخانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە بۇ چەتئەل ماللىرى قىزغىنلىقى بىزگە بەك بالدۇر يېتىپ كەلدىمۇ قانداق –بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.بىز ھە دېسىلا ياپونلار ئانداق ،يەھۇدىلار مانداق دەپ داملايمىز،پۇل تېپىش ئۇسۇللىرىنى دەرس قىلىپ ئۆتۈپ كۆككە كۆتۈرىمىز.ئەمما ئۇلاردىكى بىرلىك ئىتتىپاقلىق روھىنى تەھلىل قىلمايمىز. ئۇلاردىكى تەرەققىياتنىڭ كەينىدىكى مەنىۋى كۈچ –قوللاش ،ئىشىنىش،يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى ،ھەر بىر شەخس ۋە كوللېكتىپنىڭ ئۆزىنى سۆيۈش روھىنىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايمىز.مانا بۇ بىزدىكى ئاجىزلىق ،يىراقنى كۆرەلمەسلىك.
ئېسىمدە قېلىشىچە ئابدۇرېھىم ھېيت ئەپەندىنىڭ ناخشا كېچىلىكىگە ياپونىيەدىن بىر نەچچە خانىم كەلدى.بۇلار ئۆزىگە چىرايلىق قىلىپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قۇيۇۋالغان بولۇپ كېچىلىكتىن كېيىن قورغان تېز تاماقخانىسىدا بىر قېتىملىق تاماقتا بىللە بولدۇق.
مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغىنى نەق مەيداندا بۇلارنىڭ كەلگەن ۋاقتى ياپونىيەدىكى دېڭىز تاشقىنىغا توغرا كەلگەن ۋاقىت بولۇپ ئايگۈل خانىم شۇ سورۇندا ياپونيە ئاپەتكە ئۇچرىغاندا باشقا كىشىلەرنىڭ ئۇ جايدىن كەتكەنلىكىنى بىراق شۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قايتا قۇرۇشقا قاتنىشىپ ياپون مىللىتىنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇيغۇر مىللىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن دەپ سورۇندا بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىگە تازىم قىلغىنى بولدى.ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى قوللاش روھىنى مەدھىيەلەپ تۇرۇپ ياپونىيەنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە كارخانىچىلىقنىڭ ياپون مىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە سۆزلەپ بىر مىللەتنىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئىقتىساد بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قەتئى سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ،ھەم شۇ جايدىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ پۇقراۋى ئاساستا باشلىنىپ ئاخىرىدا مىللەتنىڭ دۆلەتنىڭ كارخانىسىغا ئايلىنىدىغانلىقى،ھەم شۇ كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
بىراق ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ سانائەتلىشىش قەدىمىنىڭ ئاستىلىقى ،ۋە قوللاشنىڭ تۆۋەنلىكى،ئۆز كارخانىسىغا ئىشەنسىز قارىشىنىڭ مىللى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئونتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كارخانىچىلىقى تېخى ئەمدى ئون نەچچە يىللىق باسقۇچنى بېسىپ ئۆتتى.دېمەك تېخى ئەمدى ئون نەچچە ياش دېگەن گەپ.بۇ ئوننەچچە ياشلىق بالىنى قانداق تەربىيەلەش ،قانداق قاتارغا قوشۇش بۇ پۇتۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى. گەرچە بۇ بىر جەمىيەتتىن ئۆتۈنۈشتەك ئاجىز سادا ھىسابلانسىمۇ بىراق ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلات بازىرى ئۇيغۇر بۇلغان بۇنداق جەمىيەتتە ھەر بىر ئىنسان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قارىشى زۆزۈر بولغان مەسىلە.
بىز تا ھازىرغا كەلگۈچە مۇساباي ھاجىمنىڭ كارخانىچىلىقى ۋە سودا ئەندىزىسى ھەم تارىخىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىماي ماقالىلەرنى يېزىۋاتىمىز، تەرىپلەۋامىز، پەخىرلىنىۋاتىمىز.
مانا بۇ ئابايقى ياپون قىزى ئېيتقان مىللەتنىڭ كارخانىسى.ئاددىسى ھازىرمۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى تىلغا ئېلىنسىلا ئارمان ئىخلاس كېلىدۇ .دېمەك بۇ بىزگە بىر مۇئەييەنلەشكەن ئوچۇق ساۋاق ئىدى،كارخانىچىلىقنىڭ بىر جەمىيەت بىر مىللەت بىر قەۋم ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان تەسىرى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلە.كارخانىسى بار جەمىيەتنىڭ پەرزەنتلىرى ئىشسىز قالمايدۇ،زاۋۇتلاشسا سانائەتسىز قالمايدۇ،بۇ بىر ھەقىقەت .
سانائىتى بار ،كارخانىسى بار بىر جەمىيەت يارسىز –يۆلەكسىز قالمايدۇ.بۇ تېخمۇ پاكىتلىق ھەقىقەت.
ئاددىسى دوختۇرخانىلاردا قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىۋاتقان ئاجىز ئىنسانلار توپىغا كىم ياردەم قىلىۋاتىدۇ؟
-ئەلۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتى ۋە كارخانىلىرى.
كېرىيەدە ئاپەت بولغاندا كىم باش بولۇپ سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتتى ؟
-ئەلۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىلىرى.
كېرىيەدىكى قايتا قۇرۇشتا دىخاننىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك سۇ قۇرۇلۇشىنى كىملەر قىلىپ؟
- بەردى يەنىلا شۇ ئۇيغۇر كارخانىلىرى.
يېڭىرىق يېزىغا ھازىرغىچە كەلمىگەن توكنى كىملەر ئەكەپ بەردى؟
- ئۇيغۇر كارخانىلىرى .
پەرزەنتلىرىمىزنى كىملەر ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ؟
- يەنىلا شۇ سىز –بىز ياراتمىغان جەمىيەتنى ئۈزلۈكسىز ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىلىرى........
بىراق ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرى ئۈچۈن قانچىلىك قىلالىدى؟
قېنى قايسىمىز ئۆيىمىزدە بىز توختىماي قارغايدىغان يەھۇدىلاردەك ئائىلە ئەزالىرىغا نەرسە كېرەك سېتىۋالساڭ ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسىنىڭكىنى ئال ،ئۆزىمىزنىڭكىلەر ئاچقان دۇكان –سارايدىن ئال–دەپ تۈزۈم بېكىتەلىدۇق،ئىدىيەگە سىڭدۈرەلىدۇق.
بىر قەۋم ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيمىسە ئۆزگىلەر ھەرگىز سۆيمەيدۇ.
ۋاكالەتچىكلىنى ئۆگەتكەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ مېلى شۇ ۋاكالەتچىنىڭ ئامبىرىدا ،دۇكانلىرىدا بوينىنى قىسىپ تۇرسا ئىمپورت ماللار دۇكاننىڭ ئەڭ ياخشى جايىغا تىزىلسا بۇ نىمە دېگەن ئېچىنىشلىق ئۆزىنى خەقنىڭ ئالدىغا تاشلاپ قامچىلىغانلىق ئەمەسمۇ؟ قېرىنداشلار ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق دەيدۇ ،ئەجەبا بىزنىڭ مىللەتتە ئاشۇ ئىتچىلىكمۇ غۇرۇر قالمىدىمۇ؟
.
ھېلىمۇ شۇ كەمگىچە تۈركىيەنىڭكىنى يەپ يا تۈرك بۇلالمىدۇق.مالايسىيانىڭ ئىچىملىكىنى ئىچىپ يا مالاي بولالمىدۇق ،ھەتتا ئاددىسى قوللىشىغىمۇ ئېرىشەلمىدۇق.ھەتتا ئايرۇپىلانى يوقاپ كەتسە ناھايىتى تېزلا تەدبىقلىماي تۇرۇپ جۇڭگۇ تەۋەلىكى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر گۇمانلىق دېيەلىدىغۇ؟ ئاشۇ مالايسىيا بۇمۇ بىزدەك مۇسۇلمان تۇرسا دېمەستىن ساياھەتكە بارغاننىمۇ قانۇنسىز ئۆتكەن دېگەن قالپاقنى كەيدۈرۈپ سىياسىنىڭ قۇربانى قىلالىدىغۇ .بىراق بىز يەنىلا ئۇيغۇر بولۇپ ئاشۇلارنىڭ مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتىغا دۈم چۈشۈپ ياشاۋەردۇق .ئۇيغۇر پېتى قېلىۋەردۇق.مانا بۇ ھەقىقەت.
مۇسۇلمانغا بالا كەلدى دەپ قايسى كەلدى ياكى ھال سورىيالىدى؟- يەنىلا شۇ ئۆزىمىز قوللىمىغان، سۆيمىگەن قەدرىنى قىلمىغان ئاشۇ كارخانىچىلىرىمىز ،ئۆزىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز ،ئەزىمەتلىرىمىز، موسابايوپ كارخانا روھىنىڭ ئىزباسارلىرى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ھالمۇ سورىيالىدى ،ئاۋامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ خەلقنىڭ دۇئاسىنىمۇ ئالالىدى.
تولۇقسىز ئىستاتىسكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا ئەنگە ئېلىنغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىسپىتى 50% گە يەتكەن بولۇپ دېمەك بۇ مىللى كارخانىچىلىقنىڭ قۇدرىتى . ھەم شۇنداقلا يېقىندا ئاڭلىشىمچە شىنجاڭنىڭ ئايلىق ئىمپورت سوممسىى 4.5مىليارتتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ بۇ ئۇيغۇر ئىقتىسادى ئۈچۈن نىمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق سان. ئىقتىسادى ئايلىنىش نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئۆز ئىچىدىن تېخى سىرتقى بازارغا يۈزلىنەلمىگەن ئۇيغۇر كارخانىچىلىقى ئۈچۈن زەربە بولسا ئەسلىدىنلا ئاجىز بولغان ئۇيغۇرنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن بۇ ئاددى گەپ ئەمەس ،بۇنداق ئىقتىسادنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ئاخىرقى ھىسابتا پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىيىتىنى نامراتلىققا سۆرەپ ئاپىرىشتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس.
قېرىنداشلار ھەر بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئۇيغۇر ئادىمى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسىنى قوللاش ھېسسى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن بەلكى مەجبۇرىيەت مەسىلىسىدۇر.ئەمەلىيەتتە ھەممە نەرسىنىڭ بىر ئۆتكۈنچى دەۋرى بولغاندەك كارخانىچىلىقنىڭ شۇنداق بىر دەۋرىدە تۇرۇۋاتىمىز ،شۇڭا كارخانىلىرىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان بەزەن بىر يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بولۇشى بۇ نورمال ئىش.بىراق سىز ۋە بىز ياخشى ئاسراپ يېتەكلىيەلىسەك ،توغرا يۆنىلىشكە باشلىيالىساق بىزنىڭ كارخانىلىرىمىزمۇ ئىنشائاللا داڭلىق كارخانىلاردىن بولۇپ قالغۇسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KURAX.JAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 06:10 PM