ئىت ئىت بىلەن چىقىشالمايدۇ.
تەن پىت بىلەن چىقىشالمايدۇ.
ئىش ئويۇن بىلەن چىقىشالمايدۇ،
شامال قۇيۇن بىلەن چىقىشالمايدۇ.
مىس ئالتۇن بىلەن چىقىشالمايدۇ،
كۈل يالقۇن بىلەن چىقىشالمايدۇ.
ئاپتاپ سايە بلىەن چىقىشالمايدۇ،
دەرۋىش غايە بىلەن چىقىشالمايدۇ.
سۇ قار بىلەن چىقىشالمايدۇ،
مۇز پار بىلەن چىقىشالمايدۇ.
ئېگىز پاكار بىلەن چىقىشالمايدۇ،
سېمىز ئاۋاق بىلەن چىقىشالمايدۇ.
توق تاماق بىلەن چىقىشالمايدۇ.
ھالۋا تۇز بىلەن چىقىشالمايدۇ،
سەت ئۇز بىلەن چىقىشالمايدۇ.
بوران كۆز بىلەن چىقىشالمايدۇ،
قوي بۆرە بىلەن چىقىشالمايدۇ،
قۇل تۆرە بىلەن چىقىشالمايدۇ.
شاھ چۈش بىلەن چىقىشالمايدۇ،
ھورۇن ئىش بىلەن چىقىشالمايدۇ.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
بۇ تېمىنى ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم يوللىغان،مۇنبەرداشلارغا قايتا ئەسلىتىش ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.....
ئەسقەرجان تەييارىلغان