قەلبى ئۇچۇق ئىنسان ئىبراھىم قۇربان پىچان ناھىيىسىنىڭ تۇيۇق يېزىسى سۇبىشى مەكتىپىدە
2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى(سەيشەنبە)ئالتىنچى سائەتلىك دەرستىن كېيىن
مەكتىپىمىزدىكى 500دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مەيدانىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يىغىلىپ ئىنتىزارلىق ئىچىدە ئېچىرقاپ كەتكەن ئاققۇ بالىلىرى ئانىسىغا تەلمۈرگەندەك بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ بۈگۈنكى ئەزىز مېھماننى كۈتمەكتە ئىدى.
ئەنە،يىراقتىننىلا دىققىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلاپ ئاڭلىنىۋاتقان: «قاراڭلار، قاراڭلار! كەلدى!»دېگەن ئاۋازلىرى ۋە ئۇلاپلا ھاياجانلىق چاۋاكلىرى ئاڭلىنىۋاتقان تەرەپكە تەبەسسۈم ئىلكىدە مېھىرلىك بېقىپ تېز-تېز قەدەملەر بىلەن كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بويلۇق،يۈزلىرى دۈپدۈگىلەك،بېشىغا ئۇزۇن دەلپەكلىك كۈلرەڭ شەپكە،ئۇچىسىغا چاقماق كۆڭلەك،ھەم شەپكىسىنىڭ رەڭگىگە ماسلاشقان كۈلرەڭ جىلىتكە كىيگەن، تۇرقىدىن بىر خىل چاققانلىق،تېتېكلىك،كۆتىرەڭگۈ روھلۇق،چېچەن سەزگۈرلۈك چىقىپ تۇرۇدىغان ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز كۆرۈندى.ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار بىر كىم كوماندا بەرگەندەك،تەشكىللىگەندەكلا ھەممىسى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە گۈلدىراس ئالقىش-چاۋاكلارنى ياغدۇرىۋەتتى. بۇچاغدا ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز تېخى ئالدىن تەييارلانغان مۇنبەرگە يېتىپ كەلمىگەچكە قىقاس-چۇقان،ئالقىش-چاۋاكلارنى ئاڭلاپ،ئورۇننى تەخمىنى قىياس قىلىپ تېز-تېز قەدەملەر بىلەن يېقىنلاپ كەلمەكتە. ياردەمچىسى (خالمۇرات دېگەندەك قىلدى)ئىبراھىم قۇربان تاغىمىزنىڭ دولىسىدىن تۇتقىنىچە ئالدىدىكى پەلەمپەيدىن خۇددى ساق،بېجىرىم ئادەم بىلەن چۈشۈۋاتقاندەك بىمالال مېڭىپ كېلىپ مۇنبەردە توختىدى.ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ گۈلدىراس ئالقىش-چاۋاكلىرى تېخىچىلا بېسىلمىغان ئىدى.
ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە(يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە)قويۇپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك ئۇستازلار!سۆيۈملۈك،مېھرى ئىسسىق ساۋاقداشلار! ياخشىمۇ سىلەر!بۈگۈن ئىرادە،تەقدىر بىلەن سىلەر بىلەن دىدارلىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلماقتىمەن!» دېگىنىدە ئالقىش-چاۋاكلار تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ پۈتكۈل مەيداندا ئاجايىپ تەسىرلىك،ئاجايىپ تەنتەنىلىك كۆرۈنۈش پەيدا بولۇپ كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سېلىۋەتتى.
مەكتەپ مۇدىرىمىز غۇپۇر نىيازنىڭ :«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ھۆرمەتلىك ئۇستازلار، سۆيۈملۈك ساۋاقداشلار!...»دەپ بۈگۈن چۈشتىن كېيىنكى يىغىلىشنىڭ مەقسىدى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشى بىلەن قىزغىن ئالقىش-چاۋاكلار يەنە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى.
ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز ئۆزىنىڭ ھاياتىي سەرگۈزەشتلىرىنى قىسقا،ئەمما تەسىرلىك،جانلىق سۆزلەپ سورۇندىكى 600گە يېقىن ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈۋەتتى.مەيداندا پات-پات قىزغىن ئالقىش-چاۋاكلار كۆتۈرۈلۈپ بېسىلمىدى. پەقەت،ئىبراھىم قۇربان تاغىمىزنىڭ سەمىمىي،مۇلايىم،دوستانە،مېھىر-مۇھەببەت، ئۈمىدۋارلىق،ئىشەنچ بىلەن تولغان سالماقلىق،تەمكىنلىك،قىزغىنلىق چىقىپ تۇرغان ۋەزمىن ئاۋازى ئاڭلانغاندىلا،بىركىم تەشكىللىمىسىمۇ، جىملىمىسىمۇ، ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلۈكىدىن تىمتاس بولۇشۇپ ئىبراھىم قۇربان تاغىمىزنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ قارىشاتتى.
ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدىكى قىسمەتلەر ۋە خىسلەتلەرنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەسىرلىك ئىپادىلەپ بەردى.
ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مەزمۇنىنى مۇنداق بىر قانچە جەھەتتىن يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
1)ھاياتقا،تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قاراش.قەيسەرلىك بىلەن ياشاش.ئىرادىلىك بولۇش.غايە يولىدا ئىزدىنىدىغان،بوشاشمايدىغان،تىرىشچان بولۇش.
2)جىمى كىشىلەرگە كەڭ قۇرساق،ئەپۇچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش. خۇشاللىقتىن باشقىلار بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى بىلىش.
3)دۇنياغا،ھاياتقا،تۇرمۇشقا مېھر-مۇھەببەت بىلەن.قاراش.باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش.
سۆز ئارىلىقىدا پات-پاتلا گۈلدۈراش ئالقىش سادالىرى ياڭراپ تۇردى.ئاخىرىدا ئىبراھىم قۇربان تاغىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا.توسقۇنسىز_بىمالال ئىچكىرىلەپ كىرىپ ھەممەيلەندە ساناقسىز سوئاللارنى ئويغاتتى.ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچىلار بۈگۈنكى پائالىيەت ھەققىدە قىزغىن بەس-مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشتى.ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار كۆزى قىيمىغان، باغرى قانمىغان ھالدا خوشلاشتى.
ئىبراھىم قۇربان تاغىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى قىسقا،ئەمما ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىشى ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلب دۇنياسىدا بىر چېقىن چاققاندەك،بۇندىن كېيىنكى ھايات مۇساپىسىدە بىر نۇرلۇق ماياك چاقنىغاندەك بولدى.قىسقىسى،ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا ساناقسىز سوئاللارنى قالدۇردى.بۇ سوئاللارنىڭ ئىچىدە«قانداق ياشاش»،«نېمە قىلىش»،«قانداق قىلىش»دېگەن سوئاللار بەكرەك چاقناپ تۇراتتى.شۇنداقلا بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىمۇ«ئۈمىد»،«غايە»،«ئىرادە»،«مېھر-مۇھەببەت»، «پىداكارلىق»دېگەنلەرمۇ چاقنىغاندەك بولدى.
(رەسىمنى چاپلاپ چىقىرالمىدىم ياردەم قىلىپ چاپلاپ قويغان بولساڭلار)
2014-يىلى04-ئاينىڭ29-كۈنى(سەيشەنبە)
(مەنبە:ئۆزۈم)