كەلدىم
ئامانمۇ سەن گۈزەل جانان ،سىنى ئىزلەپ يۈرۈپ كەلدىم،
ساڭا ئاتاپ تىزىپ دەستە ،قىزىل گۈللەر ئۈزۈپ كەلدىم.
جۇدا قىلغان تەتۇرپەلەك،ئۆزۈم كەتكەن يىراق تامان،
يەنە بۈگۈن سىنى جاندىن، ئاڭا ئەزىز كۈرۈپ كەلدىم.
سىنىڭ قەلبىڭ،مىنىڭ قەلبىم،يىرىپ بولماس ئۇيۇلتاشتەك،
دائىم ئەسلەپ ۋىسالىڭنى،شىرىن خىيال سۈرۈپ كەلدىم.
يىراق يەردە سىنىڭدىن مەن،لىكىن دىلىم ساڭا مۇشتاق،
ئاشۇ ھىجران دېڭىزىدا تالاي يىللار ئۈزۈپ كەلدىم.
قېنى نىگار ماڭا سۇنغىن ئاشۇ ئوتلۇق سالامىڭنى،
ئاڭا چاڭقاق ،شىكەستە دىل،ئابى-شەربەت سۈزۈپ كەلدىم.
ۋىسال تاپقاي ئۇلۇغ سۆيگۈ،ماڭا بىر رەت كۈلۈپ باققىن،
سىنى غەمخانە ئەتمەككە،مانا يەڭنى تۈرۈپ كەلدىم.
يۈرەك زىدە، بىلەر ئىدىڭ،يېرىپ بىر رەت كۆرۈپ باقساڭ،
مىنۇتتا بىر ئېغىر تىنىپ،ئاھۇ-پىغان ئۇرۇپ كەلدىم.
بۇلۇپ قىزغىن،قۇلۇڭ جۇپلاپ تۇتالامسەن قەتىر-چاينى،
داۋان ئېشىپ يىراق جايدىن،ھېرىپ-چاڭقاپ قۇرۇپ كەلدىم.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر).