ئۇيغۇرلاردامەدەنىيەت ھەم تەرەققىياتئادىل مۇختەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A9 Q! ?- r0 I+ Z7 Z$ }+ ?/ M
يېقىندىن بۇيان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەرەققىياتقا يۈزلىنىش دولقۇنى يۇقىرىكۆتۈرۈلدى.دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشى،ھەم شۇنداقلا دۇنيادىكىكۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ئۆز جەمئىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ مىللىيكىملىكىنى نامايەن قىلىش ئاساسىي ئېقىمغا ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە مۇنداق ئاڭنىڭ شەكىللىنىشى تولىمۇ تەبىئىي ئەلۋەتتە.گەرچە باشقىلاردىنئۆرنەك ئېلىپ دۇنيا ئېقىمىغا ماسلىشىش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بولسىمۇ ئەممائۆزىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا ئەستايىدىل ئويلىنىپقارار چىقارماسلىق بەلكى بىزگە ئۆزىمىز ئويلىغاندەك نەتىجىلەرنى بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.شۇڭابۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقىندا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھازىرقى پەيتتە ئۆزىمىزنىڭ ئومۇمىيئەھۋالىنى تونۇپ يېتىش تولىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىدائېيتىلغاندەك ئۇيغۇرلار ھازىر تەرەققىياتقا مۇھتاج.بىز بىر جەھەتتىن ئىقتىسادىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپخەلقنىڭ ماددىي ھالىنى قامداشنى نىشان قىلساق يەنە بىر جەھتتىن ئۆز مۇھىم مەدەنىيەتلىرىمىزنى ساقلاپقېلىش،مىللىي كىملىكىمىزنى تونۇپ يېتىش ۋە نامايەن قىلىش بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى ھاجىتىدىن چىقىشنىئويلايمىز.ئەمما ھازىرقى شارائىتتا بۇ غايىلىرىمىزنى تەلتۆكۈس ئىشقا ئاشۇرۇشيەنى ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىيقىلىش ھەم مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىساقلاپ قېلىش ئۇنداق ئاسان بولماسلىقى ھەتتاكى مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى دۇنيا تارىخىغا ھەم شۇنداقلا باشقامىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئىنچىكە نەزەر سالساق بۇ مەسىلىنى بەلكىم مەلۇمدەرىجىدە چۈشىنىپ يېتەلەيمىز..
19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى 1-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ ئەنگىلىيەباشچىلىقىدىكى تەرەققىي تاپقان غەرىپ ئەللىرى تۇنجى بولۇپ يات ئەللەرنىڭ ئىشىكىنىمەجبۇرىي ئاچقان ۋاقىتتا شۇ چاغدىكى مۇستەملىكىگە ئايلانغان مىللەتلەردە «تەرەققىيقىلىش» دېگەن ئۇقۇم ھەم ئۇنىڭ مۇھىملىقى ناھايىتى روشەن دەرىجىدەئىپادىلەنگەن.بۇنىڭغا ئېلىمىزنى مىسالغا ئالساق 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى 1-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى پارتىلاپمۇستەملىكىگە ئايلانغاندىن كېيىن بىر مەزگىللىك تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈردى ھەم 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىجۇڭگو خەلقىدە يېڭىلىققا يۈزلىنىشئىدىيىسى شەكىللەندى.بۇ ئىدىيە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا يېڭى ئىدىيىلەرنى قۇبۇلقىلىش ھەم بۇ ئارقىلىق جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئىدى.بۇ ئىدىيە شەكىللەنگەندىن كېيىن كۆپلىگەنكىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ماددىي جەھەتتتن تەرەققىي قىلىش،بۇنىڭ ئۈچۈن غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىدىنئۆگىنىش شۇ پەيتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.لېكىن بىلىشكە ئەرزىيدىغان يەر شۇكىباشقىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قۇبۇل قىلىش كۆپ تەرەپلىك مەسىلە.بىزبەلكىم باشقىلارنىڭماددىي تەرەققىياتىنى قۇبۇل قىلىشجەريانىدا ئۇلارنىڭ بەزى قىممەت قاراشلىرىنى ۋە ئىدىيەلىرىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇربولۇشىمىز ھەتتا بىلىپ بىلمەي قۇبۇل قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. يېڭىچە ئىدىيە بىلەنئەسلىدىكى مەدەنىيەتتىن شەكىللەنگەن ئىدىيە ئوخشاش بولمىغان شارائىت ئاستىداتەرەققىياتقا بولغان ئېھتىياج بەلكىم بىزدىن ئەسلىدىكى ئىدىيەلەرنى ئىسلاھ قىلىپقىلىپ يېڭىلىققا كۆچۈشنى تەقەززار قىلىشى ھەم بىزنى شۇنداق تاللاشقا مەجبۇرلىشىمۇمكىن.بۇ ھەرگىزمۇ ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى سەۋەبلىكبولماستىن پەقەتلا تارىخىي ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكى ھەم كۈچلۈك بولغان ئېھتىياجدىنلامەيدانغا كەلگەن تاللاشتۇر.مۇشۇ سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتا ئېلىمىز جەمئىيىتى دەل مۇشۇنداقتاللاشقا دۇچ كەلگەن ۋاقىىتا تەرەققىيات يولىنى تاللىغان.بۇ ئاساستا شۇ ۋاقىتتىكىيېڭىچە ئىدىيەدىكى كىشىلەر يېڭىلىققا كۆچۈشنى شۇنداقلا كونىلىقنى جۈملىدىن جۇڭگودا2000يىل ھۆكۈم سۈرگەن كۇڭزى مەدەنىيىتىنى تەرىك ئېتىشنى تەشەببۇس قىلغان.نەتىجىدەجۇڭگو جەمئىيىتى تەرەققىيات يولىنى تاللىدى ھەم شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر كۆپلىگەن تەرەققىياتلارغائېرىشتى. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنگە نەزەرسالساق جۇڭگونىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتى بىلەن ئىلگىرىكى مەدەنىيىتىنىڭ تۈپتىنپەرىقلىنىدىغانلىقىنى ھەتتاكى جۇڭگودا كۇڭزى مەدەنىيىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانلىقىنىبايقايمىز.ئەمما بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئېلىمىز كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىپ ئىلگىرى تەركئېتىلگەن كۇڭزى ئىدىيىسى ،جۇڭيى مەدەنىيىتى دېگەندەك بىر قاتار مەدەنىيەتلەرنىقايتا ئەسلىگە ئەكىلىشكە كۈچەۋاتىدۇ ھەمتىرىشىۋاتىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ كونا جەمئىيەتنى ئەسلىگە كەل تۈرۈشكە ئۇرۇنۇش ئەمەسبەلكى بۇگۈنكى تەرەققىياتنى ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىك سالاھىتىدە دۇنياغا نامايەن قىلىشتۇر.يەنە بىر جەھەتتىن بۇ ئەھۋاليەنە شۇنداق بىر مۇھىم مەسىلىنى چۈشەندۈرىدۇكى ماددىي تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىشھەرگىزمۇ ئاددىي ھالدا شۇ مىللەتتە ساقلانغان مەدەنىيەتنىڭ قالاقلىقى ياكىناچارلىقىدىن بولماستىن بەلكى يەنە باشقا ئامىللار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇمكىن.بۇ يەردە ھەم نۇرغۇنلىغان تارىخى تاساددىبىيلىقلارمۇ مەۋجۈت. مەسىلەن بۈگۈنكىكۈندە ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ماددىي جەھەتتىن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىھەممىمىزگە ئايان. بۇنداق بولۇشىدىكىسەۋەب ھەرگىزمۇ بىز ئويلىغاندەك ئاددىي ھالدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەدەنىيەتجەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بولماستىن بەلكى گول لاندىيە ئەنگىلىيە قاتارلىق ئەينىمەزگىلدىكى كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرى ئالدى-كەينى بولۇپ ئامېرىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز مۇستەملىكىگەئايلاندۇرغاندىن كېيىن،ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇت كانلىرىنى قۇرۇش،ئىگىلىكىنىراۋاجلاندۇرۇشتەك ئەينى مەزگىلدىكى ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنىئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەن.بۇ ئالدىنقى شەرتئاستىدا كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ ئارتۇقچىلىقلاردىنپايدىلانغان ھەم بۇلار ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولالىشىغاسەۋەبچى بولغان.شۇڭا بۇ يەردە چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى ماددىيتەرەققىيات مۇتلەق شەكىلدە بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار ياكى ئەمەسلىكى بىلەن ئوڭتاناسىپ شەكلىدە بولمايدۇ.بايا ئېيتىلغاندەك بۇ يەردە نۇرغۇنلىغان تارىخىيتاساددىبىيلىقلار مەۋجۈت.شۇڭا ماددىي تەرەققىياتنى نوقۇل ھالدا شۇ تەرەققىيات ئىگىلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىچىقىش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا تەھلىل قىلىش تازا ئاقىلانىلىك بولماسلىقى مۇمكىن..
بۇمەسىلىلەرنى ئېيتىشتىكى سەۋەب ئەلۋەتتە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئېنىق بولغانياخشى بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىشتۇر.نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە يېڭىچە بىر قىسىم پىكىرلەرشەكىللەندى.يەنى بىر قىسىم كىشىلىرىمىزئۇيغۇرلار بىلەن تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مىللەتلەرنىڭ پەرقىنى بايقىغاندىن كېيىن ئۆز پەرىقلىرىمىزنىسۆزلەشتى.بۇ پەرىقلەر كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىندى ھەمدە تەبىئىي ھالدامەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرىقلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.يەنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرقانداق بولغان مەدەنىيەت ئارتۇقچىلىقلىرىغا ئىگە،ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمىزدەبۇ جەھەتتە قانداق بولغان يېتەرسىزلىكلەر بار دېگەندەك.بۇ قارىماققا ناھايىتىتوغرا بولغان شەكىلدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋال بىزدە دەل ماددىيتەرەققىياتنى مەدەنىيەتتىن ئىزدەش ھەتتاكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭمەدەنىيىتىدىن ئىزدەش ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك بۇ خىل قاراشجەزمەن توغرا بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن.توغرا بولغان تەقدىردىمۇ بىزگە ياخشىبولمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.چۈنكى ھازىر كۆزىمىز كۆرۈۋاتقانئەمەلىيەت بولسا ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل ئېقىم شەكىللەندى ھەمدە غەرىپ ئەللىرىنىڭمەدەنىيىتىنى تەھلىل قىلىش بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزگە ياخشى بولغان تەرەققىيات ئاساسىنىيارىتىش ئورتاق شەكىلگە ئايلىنىپ قالدى.بۇ جەرياندا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقلىرىمىز بىزدە ئەسلى باربولغان مەدەنىيىتىمىز بىلەن غەرىپ مەدەنىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپچىقاردى.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەزىلىرىمىز مەدەنىيەتنى تاللىساق،بەزىلىرىمىزتەرەققىياتنى تاللىدۇق.بۇ خىل ئەھۋال بىزدە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىككى قۇتۇپلىشىشنىئىلگىرى سۈردى. مانا بۇ دەل ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.چۈنكىمەيلى قايسى جەھەتتىن بولسۇن ھەرقانداق بىر ئىش بىزنىڭ مىللىي بىرلىكىمىز ئاساسىدائېلىپ بېرىلىدۇ.مىللىي بىرلىكنى ئاساس قىلماستىن باشقا جەھەتتىن سۆز ئېچىش تولىمۇئەھمىيەتسىز ھەم بىمەنىدۇر.شۇڭلاچقا بىز بۇ مەسىلىگە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەتبېرىشىمىز لازىم. يۇقىرىدىكى جۇڭگونىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ۋەزىيىتىنى مىسالغا ئېلىپسۆزلەش دەل مانا مۇشۇنىڭ ئۈچۈندۇر.ئەكسىچە ئەھۋالىمىز يەنە خېلى دەرىجىدەپەرىقلىق.ئەينى ۋاقتىدا جۇڭگو ۋە باشقا ئەللەر ئوخشاش مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە تەرەققىياتنى تاللاش ئىككىقۇتۇپلىشىشنى مەيدانغا كەلتۈرمىگەن .كەلگەن ھالەتتىمۇ كەسكىن روشەن شەكىلدەبولمىغان.ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىز ئوخشاش ئەمەس.بۇنداق بولۇش مەدەنىيەتجەھەتتىكى پەرقلىرىمىزدىن كېلىپ چىققان.يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىزدەئىسلام دىنى ئەڭ چوڭ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.مۇنداقچە دەپ ئېيتقاندا ھازىرقى ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنى ئىسلام مەدەنىيىتى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى باشقا مەدەنىيەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا روشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ئۇدەۋىرنىڭ چەكلىمىسىگە باشقا مەدەنىيەتتەك بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ ھەمدە باشقامەدەنىيەتكە قارىغاندا سەزگۈرچانلىقى ئالاھىدە يۇقىرى. مۇشۇنداق بولۇش بۈگۈنگەقەدەر ھېچقانداق بىر ئىسلام مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلغان مىللەتلەردە باشقامەدەنىيەت تەرىپىدىن تامامەن ئاسمىلاتاتسىيە بولۇش ئەھۋالىنىشەكىللەندۈرمىگەن.شەرىقى جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى ئىسلامزېمىنلىرىدا بۈگۈنكى كۈندە ھەممىسى تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئورتاق مەسىلىگە دۇچكەلگەن بولسىمۇ لېكىن بىرەرسىدە ھازىرغىچە تېخى غەرىب مەدەنىيەتلىرى تەرىپىدىنئاسمىلاتاتسىيە بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلگىنى يوق.بەك بولغاندا ئىككى قۇتۇپلىشىشمەۋجۈت.بۇنىڭغا ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى مىسالغا ئېلىپ سۆزلىسەك ئەڭمۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن.
20 -ئەسىرنىڭ باشلىرى تۈركىيەدە ئوسمان دۆلىتى ئاياغلاشقاندىنكېيىن ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا يېڭى تۈركىيەنى قۇرۇش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.تۈركىيەئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى غەرىپ مەدەنىيىتىگە ئەڭ كۈچلۈك ئۇچرىغان دۆلەت بولۇپئەينى مەزگىلدە مۇستافا كامال باشچىلىقىدا نۇرغۇنلىغان مىللىي ئاقارتىش ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان.بۇنىڭدا ئەسلىئىسلام مەدەنىيىتى ئاساسىغا بەزى غەرىپ مەدەنىيەتلىرىنى دەسسىتىش بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشئاساسىي مەقسەت قىلىنغانى دى. بۇ خىلئەھۋال تاكى يېقىنقى كۈنلەرگە قەدەر داۋام قىلدى.ئەمما بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەمەلىيئەھۋالى بولسا ئۇ يەردە گەرچە ئىككى قۇتۇپلىشىش مەۋجۈت بولسىمۇ لېكىن ئىسلامتەرەپدارلىرى يەنىلا كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ.يەنە كېلىپ يېقىنقى مەزگىللەردەئىسلام دىنىغا ماھىل بولغان ھاكىمىيەتنىڭ تەخىتكە چىقىشى شۇنداقلا كۆپ قىسىمخەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ دۆلىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرالىشى،تەرەققىياتيۆنىلىشىنى غەرىبلىشىشتىن باشقا يۆنىلىشكە بۇرىشى تۈركىيەدە ئالدى-كەينى 100يىلغايېقىن سوزۇلغان غەرىبلىشىش سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى ھەمدەئەسلى مەدەنىيىتىنىڭ يەنىلا غالىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۈركىيەدىكى بۇغەرىپلىشىش گەرچە تۈركىيەگە مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىياتلارنى ئېلىپ كېلەلىگەنبولسىمۇ ئەمما يەنىلا غەرىبلىشىشتىن ئىبارەت كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلمىگەن ئەكسىچەتۈركىيەگە ئىككى قۇتۇپلىشىشتىن ئىبارەت بەزى يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قالدۇرۇپ قويغان.بۇبەلكىم تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بەزى توسقۇنلۇقلارنى ئېلىپ كېلىشىمۇمكىن..
مانامۇشۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارمۇ نۆۋەتتە ئىلگىرى باشقا مىللەتلەر دۇچ كەل گەن بەزىمەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە.بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بىز چوقۇم تارىخىي ساۋاقلارنى ياخشىيەكۈنلىيەلىشىمىز باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئوبدان پايدىلىنالىشىمىز كېرەك.ھازىرئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەقىقەتەن تەرەققىياتقا مۇھتاج.ئۇنداقتا بۇ مۇھتاجلىق تۈپەيلىبىز چوقۇم تەرەققىيات يولىنى تاللىشىمىز كېرەكمۇ،تەرەققىيات بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپكېلىدۇ ۋە نېمىلەردىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ،بىزنىڭ ئېڭىمىزدە مىللىي كىملىك مۇھىممۇ،مۇھىم بولغاندا قانچىلىك مۇھىم،ئۇنى جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بەدىلىگەيوقىتىش قا بولامدۇ ۋە ياكى مىللىي كىملىك ئاساسىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى تەرەققىيقىلدۇرۇشقا بولامدۇ يوق،بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوبدان ئويلىنىشىمىز لازىم.بۇمەسىلىلەرگە مۇۋاپىق ياخشى جاۋاب تاپالىغىنىمىزدا بەلكىم بىزنىڭ توغرا تاللاش ئېلىپ بېرىشىمىزغا پايدىسى بولۇشىمۇمكىن.
شاڭخەي جۇڭيى تىببىي ئونۋېرسىتىتى.
2014.5.20.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* O$ W+ q; h; {بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& E1 V2 h' A Q9 G4 ~