ئېمىل دەريا بويلىرىدىن شىخو دىيارىغىچە ...
( دۆربىلجىن ناھىيىلىك 1 -باشلانغۇچ مەكتەپتىن شىخو شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپكە زىيارەت ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئابلاھەت ، ئاينۇر ، دىلبەر ، خەمىت ، مەردانلارنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىگە بېغىشلايمەن)
خۇش كەپسىلەر ئۇستازلار ...
ئېمىل دەريا بويلىرىدىن ھارماي كەلدىڭلار ،
دۆربىلجىننىڭ سالامىنى ئېلىپ ئۇستازلار ،
قارشى ئالار قارا سۇ كېلىپ تۇرۇڭلار ،
ئۆگېنەيلى بولۇپ بىز ئۇستاز - شاگىرتلار .
ئىزناسى بار قەدىمىي يۇرت ، قاراسۇ ھەم دۆربىلجىن ،
بۇ ماڭا گۇۋاھ تەڭرىتاغ ، ئېمىل دەريا سۆزۈم چىن .
ئىلىم ئىزلەپ بوۋام مەھمۇد ، ئۆتكەن ئېمىل قېشىدىن ،
ئوقۇپ كۆرگىن ئىشەنمىسەڭ « دېۋان لۇغەت تۈرك » تىن .
«قارا ئېمىل » قىيا تاش رەسىملىرى مەشھۇردۇر ،
سىرى تېخى ئېچىلماي تۇرار ئۆزى بەك مەغرۇر .
«كونا تۈگمەن » ، « قارادۆڭ » ئۇيغۇرۇمنىڭ ئىزناسى ،
ئۆگەن ! ، ئىزدەن ! ، تىرىشقىن ، بار ئۇ يەردە كۆپ دەستۇر .
دۆربىلجىندە كۆز ئاچتى ، يېتۈك زۇنۇن قادىرى ،
ئەسىرىدە بار ئىدى « جاھالەتنىڭ جاپاسى » .
« غۇنچەم » ، « گۈلنىسا » ئۇچرىشالماي ئارماندا ،
يۇتتى ئەسىر دەرت - ئەلەم ، بېرىشەلمەي تەسەللىي .
« ئارسلان » (1) دەك شائىرلار چىقىپ تۇردى بۇ يۇرتتىن ،
ئوقۇتايلى ئەۋلادنى چىقىپ تۇرسۇن كۈنسايىن .
خۇش كەپسىلەر ئۇستازلار ، سىلەرگە كۆپ ئاپىرىن ،
كۆز تەگمىسۇن دوستلۇققا ، قوندۇرمايلى چاڭ - چىۋىن .
دوستلۇقىمىز ئاق قەغەز سىزىلمىغان ئاق پېتى ،
سىزايلى بىز ئۇنىڭغا گۈلزارلىق بىر باغچىنى .
دوستلۇقىمىز مۇزىكا ، يېزىلمىغان تېكىستتى ،
يازايلى بىز بىرلىكتە ئېيتىلمىغان ناخشىنى .
ناخشىمىزدىن ياڭرىسۇن ، كۈلكە -شادلىق ، مەرىپەت ،
ناخشىمىزدىن ياڭرىسۇن ، ئىناقلىق ھەم سائادەت .
خۇش كەپسىلەر ئۇستازلار دۆربىلجىندىن سالامەت ،
يۈز كۆرۈشۈپ چۈشىنىش ، بىزگە پۇرسەت - غەنىيمەت .
(1) دۆربىلجىندە تۇغۇلغان ئاتاقلىق شائىر ئارسلاننى كۆرسىتىدۇ .
مەنبە : كۆڭۈل ئىزھارىم . ئەبەي تارىم . شەھىرى شىخو .
2014 -يىل 5 -15 -كۈنى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gulbaxikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 01:12 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-20 06:44 AM):
« غۇنچەم » بىلەن « گۈلنىسا » ئۇچرىشالماي ئارماندا . « بىلەن » چۈشۈپ قالغان .
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-20 02:54 PM):
2-كوبلىت 2- مىسرادىكى « بۇ ماڭا » ئەمەس ، « بۇڭا » دەپ ئوقۇغايسىلەر .