|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ياخشىمۇسىلەر؟ تور دۇنياسىدا، مۇنبەرلەردە «سۇلتاننۇر» تەخەللۇسىدىكى ئېسىل يازمىلىرى بىلەن دوستلارغا تونۇشلۇق بولغان ھەم تۇرەخمەت ئىسلام ئىجراسىدىكى «خارلانغان سۆيگۈ»، «زارلىما»، ئابدۇغېنى راخمان ئىجراسىدىكى «خوش جانان» قاتارلىق ناخشىلارنىڭ تېكىست مۇزىكىلىرىنى، شۆھرەت ئەيسا ئىجراسىدىكى «ئامرىقىم بولغىن»، نۇرفىيە ئەخەت ئىجراسىدىكى «ئانا» ناملىق ناخشىلارنىڭ ھەم شۇنداقلا ئىشلىنىۋاتقان بىر قىسىم ئېسىل ئىجادىيەتلىرى بىلەن دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئىجادىيەتچى، شائىر – نۇرئەھمەدجان روزىنىڭ 2014-يىلى 3- ئاينىڭ باشلىرىدا سۈرەتسىز ھالەتتە توردا ئېلان قىلغان «سۆيگەن يارىڭ تاشلىسا» ناملىق تەسەللى كۈيى يېقىندا «كۆكتۇلپار سىتۇدىيىسى» تەرىپىدىن MV قىلىپ ئىشلىنىپ، ئېلان قىلىندى. نۇرئەھمەدجان روزى بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى، سىنارىيىسىنى يېزىشتىن سىرت فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، بۇ فىلىم كۈچلۈك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولغان مول مەزمۇننى ئاساس قىلىپ، جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئازغۇن ياشلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. كۆپچىلىكنىڭ بۇ MVنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىنى، شۇنداقلا تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن: كۆكتۇلپار سىتۇدىيىسى 2014- يىلى 5- ئاينىڭ 19- كۈنى
优酷دىن كۆرۈش ئادرىسى:http://v.youku.com/v_show/id_XNzEyNDc4NDY0.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuktulpar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-20 12:32 AM
|
|
|
|
|
|