ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قىرىنداشلىرىم ! كەمىنە توردىشىڭلار سايەمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام !
كەمىنە مىسرانىم تورىغا ئەزا بۇلۇپ كىرگەندىن كىيىن ، مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ شۇنداق قىزغىن ، خۇشخۇي ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ، ھەم بىلىم جەھەتتە خىلى يىتىشكەن تورداشلارنى كۆردۇم ، ئۇلارغا قايىل بولدۇم . تۆۋەندە توردىشىمىز نۇرجاھان بىلەن ئازراق كۆڭۈل سوۋغىمىزنى كۆڭۈل ئارامىڭلارغا سۇندۇق !
ئالدى بىلەن مىسرانىم تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق كاتتا بىر سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەخمەت ئېيتىمىز . ئابابەكرى مۇختەر ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ،ئامرىكىدىكى سەپرىنىڭ كۆڭۈللۈك بۇلىشىنى تىلەيمىز ، تىنىچ-ئامان قايتىپ كىلىشىگە تىلەكداشمىز!
ئابابەكرى مۇختەر ئاكىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەپ تۆۋەندىكى ناخشىنى پۇتكۈل مۇنبەرداشلارغا ۋاكالىتەن ئابابەكرى مۇختەر ئاكىمىزنىڭ كۆڭۈل ھۇزۇرغا سۇندۇق
بۇنىڭدىن باشقا مىسرانىم مۇنبىرىگە ئىسىل نادىر تىمىلارنى يوللاپ تورداشلارنىڭ ھاياتىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلۋاتقان گۈلەن ئاكا، بىلىمخۇمار ئاكا ، تاشپولات روزى ئاكا ، بىلگەجان ،توختور، بوزقىر ، دىلناز يەنە شۇنىڭدەك ئىسىل نادىر تىمىلارنى يوللاپ كىلىۋاتقان تورداشلارغا مۇنۇ ناخشىنى كۆڭۈل ئارامىڭلارغا سۇندۇق .
ھەر كۈنى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ بىر ئەۋەتكەن تىمىلارنى رەتلەپ چىقىرۋاتقان مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئاكا -سىڭىللارغا مۇنۇ ناخشا ئارقىلىپ رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەيمىز
مۇنبەردىكى شەرمى -ھايالىق ، ئەدەپ -ئەخلاقلىق گۈزەل خانىم قىزلىرىمىزغا مۇنۇ ناخشىنى سۇندۇق!
ئاتا -ئانىمىز بىزنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشتى ، ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز . مۇنبەردىكى ھەر بىر تورداشنىڭ ئاتا -ئانىسىغا چەكسىز ۋاپادارلىقىنى يەتكۈزىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز !
مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ ئۆزئارا بىر -بىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ، ئۆزئارا تۇلۇقلاپ ئۆگۈنىشىنى ، ئورۇنسىز جىدەل قىلماسلىقىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز!
ئاخىردا مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ ئارامىغا مۇنۇ ناخشىنى سۇنىمىز !
مەنبە: ئۈمىدلىك يۈرەكتىن يوللاندى سالام، سۆزىمىزنى شۇ يەردە قىلىمىز تامام. ناۋادا مۇنبەردە بولۇپلا قالساق، كۆرۈشۈپ تۇرارمىز يەنە ئەسسالام.
نۇقساندىن خالىي بولالماي قالدۇق ئەپۇ قىلغايسىلەر !!!!!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-21 07:49 PM
|