مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1203|ئىنكاس: 7

پاتقاق ( ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13673
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1217 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 02:47:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پاتقاق

(ھېكايە)

كۈن قىزىرىپ زاۋال باشلاندى .

نامازشامغا ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى مەھەللە ئاسمىنىدا ياڭرىدى.

-ئاللاھھۇ ئەكبەر ! ... ئالاھھۇ ئەكبەر....!! – بۇ سۈرلۈك ھەم يېقىملىق ئاۋاز تەرەپ-تەرەپتىن ئەكسى سادا قايتۇراتتى.لېكىن بۇ ئاۋاز سېنىڭ قۇلىقىڭغا كىرمەيتى. ئەمما قۇلاق تۈۋىڭدە زىياۋۇدۇننىڭ چۈشتە تاماق يىگەچ قىلغان مۇنۇ سۆزلىرى توختىماي تەكرارلىناتتى.

-ئۈلۈشكۈنى سەمەت بىلەن قىمار ئوينىغىنى باغان ، ئۇ ھەيتنى – ھۇيت دېگگۈچە 30 مىڭ يۈئەن ئۇتىۋالدى.

- تۈگۈن زۇرى بىلەن بارغانتىم ئۇ 45مىڭ يۈئەننى كوملا سوقۇۋالدى.

-ئاخشام ھاكىم بىلەن بارغان ئۇ قانداق قىلدى دېمەمسەن بىر تال تاماكۇنى تۇتاشتۇرۇپ تۈگىگىچە بولغان ئارلىقتا 100 مىڭ يەندىن ئارتۇقراق پۇلنىڭ ئىگىسى بولىۋېلىپ كۆزدىن يوقالدى. بەكمۇ نامەرد نېمىكەن ئۇ ماڭا بىر تاماق پۇلىمۇ بەرمىدى دەيمەن.

-ھاكىم بەش ناماز ، ئۇنداق ئىشلارنى قىلمايتىغۇ ؟

-سەن نەلەردە يۈرىيسەن ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئۇستا قىمارۋازلاردىن بولۇپ قالدى ھازىر .  سەنمۇ بىر ئويناپ باقساڭ ، ئۇلارغا قارىغاندا تەلىيىڭ تېخىمۇ بار. پۇل پۇلنى تاپىدۇ ، ئۇلارنىڭ پۇلىنى سېنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا نېمىتى؟

- ھېلىقى ئالدى قاياققا بولسا مۇشۇ مېنىڭ پاسىلىم دەپ شورلۇققا قىر سېلىپ ، باشقىلار بىلەن جىدەل چىقىرىپ يۈرىيدىغان نامەتنىڭ بالىسى ، تۇسۇننىمۇ قىمار ئوينايدۇ دەپ ئاڭلىدىمغۇ ؟

- ئۇ دېگەن ئۇنداق مۇنداق قىمار ئوينىمايدۇ ، ئۇ بۇ يۇرتتىكى ئەڭ چوڭ داڭلىق قىمار ۋاز بولۇپ كەتتى. كۆرەۋاتقانسەن بىر ماشىنىنى مېنىۋېلىپ يۈرگىنىنى؟

- تاغىسىنى دوراپتۇ –دە ، كاساپەت !

- سەن بۇرۇندىن تارتىپ بەك تەلەيلىكتىڭ .

-نەدىكىنى.

- بىزنىڭ بۇ مەھەللىدىن ئون نەچچەيلەن ئوقۇپ ، پەقەت سەنلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تۆكر دەپتەگە ئىسمىڭ يېزىلدى بۇ سېنىڭ تەلەيلىكىڭ.

خېلى بىر كۈنلەرگىچە زىياۋۇدۇننىڭ گەپلىرى قۇلاق تۈۋىڭدىن زادىلا كەتمىدى . ئىچىڭگە بىر قىم-قىم كىرىۋالغانتى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان قىمار ئويناپ بېقىش ئىستىكى سېنى قىينايتى. تاماق يەۋاتقاندىمۇ ، ئىشخاناڭدا ئىشلەۋاتقان چاغدىمۇ ئاجايىپ بىر شىرىن تۇيغۇ ساڭا پەقەتلا ئارام بەرمەيتى. ئۇ تۇيغۇنىڭ لەززىتىدىن بەزىدە ئۆزۈڭگە ئوخشىمايلا قالاتتىڭ. بەزىدى ئۆزۈڭچە كۈلۈپمۇ كېتەتتىڭ ، بۇنداق چاغدا خىزمەتداشلىرىڭ ساڭا گۇمانسىراپ قارىشىپ قوياتتى.بەزى ئاخشاملىرى كۆزۈڭ يۇمىلىشى ھامان قىمار ئويناشنى باشلاپ، ئۇتۇۋېلىپ  ئويغىنىپ كېتەتتىڭ- دە، « ئىسىت ئوڭۇم بولۇپ قالسىچۇ ؟ » دەپ لەۋلىرىڭنى چىشلىگىنىچە ئارمان قىلاتتىڭ.يېقىندىن بۇيان چۈشۈڭدە قىمار ئويناپ ئۇتۇۋالمىغان بىرمۇ كۈنۈڭ يوق ئىدى. ئاز ئۇتمايتىڭ يۇزمىڭلاپ ، مىلىيۇنلاپ ئۇتاتتىڭ. ئاندىن ئۇيقۇڭ كەلمەي ئويان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ  زادىلا ئۇخلىيالمايتىڭ .  قانداقلا بولمىسۇن  قىمار ئويناپ بېقىش نىيىتىگە كېلەتتىڭ ، يەنە نىيىتىڭدىن يېنىۋالاتتىڭ. ئاخىرى شەيتىنىڭ ئۈستۈن كېلىپ زىياۋۇدۇنغا تىلفۇن قىلدىڭ.

1

ئۇزاق ئۆتمەي ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ ، قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىسى باستۇرۇپ كەلدى. يېرىم كېچىدىن ئاشقان چاغ ، سەن  ئۆزۈڭگە ناتۇنۇش بولغان شەھەر كوچىللىرىدا  روھىڭ تېنىڭدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بىر ھالدا ئايلىنىپ يۈرىسەن. قورسىقىڭ ئاچ ، ئۇچاڭ يېلىڭ، سوغۇق نەشتىرىنى ساڭىلا سانجىۋاتقاندەك قىلاتتى. دۇغدۇيىۋالغانتىڭ.

بۇ يىل قىش 30 يىلدىن بۇيان ياغمىغان قار ياغدى،30 يىلدىن بىرى بولمىغان سوغاق بولدى.

ئەتىيازمۇ جۇد-شىۋىرغانلىق بولۇپ، ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بىرى يېغىۋاتقان قار ئارلاش يامغۇر ھىچ تۇختايدىغاندەك ئەمەس. شىۋىرغاننىڭ ئاچچىق سوغۇقى جان-جېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى . قورسىقىڭ ئاچ ، ياتاقتا ياتاي دېسەڭ يېنىڭدا بىر تىيىنمۇ يوق. ساڭا دالدىلانغۇدەك بىر جاي ئۇچراپ قالدىغاندەك ئەمەس. ئىسسىق ئۆينى تاشلاپ چىقىپ كەتكىنىڭدىن بەكمۇ پۇشايمان قىلغانتىڭ. ئۆيدىكىڭلىرىڭنى بەكمۇ سېغىنغانتىڭ.بىردىنلا ئىچىڭنىدىن قاپساپ كېلىۋاتقان يىغا كۆزلىرىڭدىن تاراملاپ تۆكۈلىشكە باشلىدى. تۇيۇقسىزلا قۇيرىقىنى چاتىرىقىغا تىقىۋالغان  بىر لالما ئىت يولنى توغرا كەسكىنىچە ئالدىڭدىن پارتىدە ئۆتۈپ كەتتى. قورقىنىڭدىن يۈرىكىڭ ئاغزىڭغا كەپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ ، خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە يۈرىكىڭ ئەنسىز سوقتى. ئۇ لالما ئىتنى تۇتىۋېلىپ ئۆلتۈرىۋەتكىڭ كەلدىيۇ ، تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىپ قالدى. ئۇنى بۇ دۇنيادىكى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىشنىڭ ئەڭ چوڭ پەشكەشلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بۇ نىيىتىڭدىن يېنىۋالدىڭ. بۇنىڭسىزمۇ سېنىڭ ئۇ ئىتنى قوغلاپ يېتىۋالغۇدەك ماغدۇرۇڭ قالمىغانتى. خېلى بىر ھازاغىچە ئىتنىڭ قۇيرىقىنى چاتىرىقىغا تىقىلۋالغان بىچارە ھالىتى كۆز ئالدىڭدىن كەتمىدى. ئۇنىڭ شۇ ھالىتى سېنى بەكمۇ ئازابلاشقا باشلىدى. بەلكىم ئۇ ئىتمۇ ساڭا ئوخشاشلا بىر پاناھ جاي ئىزەدەۋاتقاندۇ ، ياكى قورسىقىنى ئازىراق بولسىمۇ ئەستەرلەش ئۈچۈن يىگۈدەك بىر نەرسە ئىزدەپ كوچىمۇ-كوچا چېپىپ يۈرگەندۇ؟ ... يۈرىكىڭ جىممىدە ئاغرىپ كەتتى.  بۇرۇن تۆشۈكچىللىرىڭ ئېچىشىشقا باشلىدى. كەينىڭدىن بىرى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك ، بىر شىپ-شىپ ئاۋاز ساڭا ئەگۈشىپ دېگۈدەكلا كېلىۋاتتى.  بىردىنلا  ئەتىراپىڭنى لالما ئىتلار قاپلاپ كېتىۋاتقان بىر تۇيغۇ ئىچىڭنى ئاچچىق قىلىۋەتتى.

سەن شۇ قېتىملىق قىماردا ماشىناڭنىڭ ئارقىسىغا سېلىپ كەلگەن   130 مىڭ يۈئەننى پاك-پاكىز ئۇتتۇرىۋەتتىڭ ، تېخى يېقىندىلا 375 مىڭ يۈئەنگە ئالغان ماشىنىسىدىنمۇ ئايرىلدىڭ ، مېڭەڭدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. پۇت قولۇڭدا مادار قالماي جايىڭدىلا ئولتۇرۇپ قالدىڭ. سەن بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق. تېخى يېقىندىلا تونۇشۇپ قالغان ، سېنى ئېلىكتۇرۇنلۇق قىمارخانىغا باشلاپ بارغان زىياۋۇدۇن ئاقتىمۇ يوق ، كۆكتىمۇ يوق.

چاتاق ئەنە شۇنداق چىقتى ، « قازانغا يولۇقساڭ قارىسى ، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى » دېگەندەكلا ئىش بولدى. سەن بۇلارنىڭ قاباھەتلىك بىر چۈش بولىشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭ . داداڭ بىچارە نۇرغۇن يىللاردىن بىرى كۆرمىگەننى كۆرۈپ ، مىڭ بىر جاپادا تىكلىگەن ئىگىلىك بىر چاي قايغىغۇچىلىك پاي بەرمىدى. بىر ئوبدان خىزمىتىڭ تۇرۇپ  پوق يىدىڭ، ھەممىدىن ئايرىلدىڭ ، كۆز ئالدىڭ قاراڭغۇلاشتى ، ئەتراپىڭنى قاراڭغۇلۇق باستى. كۆزلىرىڭ ھېچنېمىنى كۆرەلمەيتتى.

سەن ئۆيىدىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلىكىڭگە تۈنجى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلدىڭ. بىر چىرايلىق خىزمىتىڭنى تاشلىۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئۆكۈندىڭ .  ئاتا-ئاناڭ ، خوتۇن-باللىرىڭ ، قېرىنداشلىرىڭ كۆز ئالدىڭغا بىر-بىرلەپ كېلىشكە باشلىدى. قەلبىڭدىكى ئوتلۇق سېغىنىش كۆز ياشلىرىڭغا ئايلاندى. خېلىلا كۆزگە كۆرۈنگەن دۆۋلەت خىزمەتچىسى ئەمەسمىتىڭ ؟ . ئۆزۈڭنىڭ خاتانىڭ ئۈسىتىگە يەنە خاتا قىلغانلىقىڭنى ، گۇناھ ئۈستىگە يەنە گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى ئاخىرى تونۇپ يەتتىڭ. ھەممىگە قادىر خۇدادىن گۇناھلىرىڭنى ، ياخشى يولغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى تىلىدىڭ. قىمار دېگەن نىجىس سېنى مۇشۇ سورۇقچىلىققا سالغانتى.شۇ قېتىمقى قىمارخانىدا بولغان ئىش سېنى ئىللىق ئائىلەڭدىن ، ئاتا-ئانا ، قېرىنداشلىرىڭدىن ئايرىلىشقا ، يۇرتىڭنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغانتى. سەن خاتلىشىتىن بۇرۇن ،  ھاياتتا بىر قەدەمنى خاتا بېسىپ سالسا ئۇنىڭ ئورنىنى بىر ئۆمۈر تولۇقلىغىنى بولمايدىغانلىقىنى  ئويلىمىغان بولغىمىتىڭ ؟ ... بىر-بىرىگە بولغان ئىشەنچ يوقۇلۇپ ،شۇ سەۋەبلىك  ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئارىسى يىراقلىشىپ ، سالام-سائەتلەر سۇسلىشىپ ، سۈنئىلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە  لالما ئىتتەكلا كۈنلىرىنى قەيەردە كەچ بولسا شۇ يەردە قونۇپ ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بىر نېمىگە ئىشەنگىنىڭ ئۈچۈن بەكمۇ ئۆكۈندىڭ ، ئەمما سەن كېچىككەنتىڭ . بۇرۇن ئەجداتلىرىمز سۇ بەرگەنگە سۈت بېرىپ ياشىغان بولسا ھازىر زەمزەم بەرگگنلەرگە زەھەر بېرىشكە تەييارلارنىڭ بارلىقىنى نېمىشقىمۇ ئويلىمغان بولغىتىڭ؟

« كىشلىك دۇنياسى قىسمەت ۋە رىيازەتلەرگە تولغان بولىدۇ .بەخت ئىزدەش ھەممىزنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى. بۇ ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بارلىق ئارزۇلىرىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ،تىنىمسىز ھەركەت  قىلىمىز ، لېكىن ھەركىتىمىز چېكىدىن ئېشىپ كەتسە بىزنى ئەنە شۇنداق سورۇقچىلىققا سېلىۋىتىدۇ. شۇڭا مۇقەددەس كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن ‹ئېھ ،  بەندىللىرىم ، جاپا-مۇشەققەت تارتىپ قالماي دېسەڭلار ، ھەممە ئىشتا ئوتتۇرا يول تۇتۇڭلار ، بۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر › دېيىلگەن .  پەقەت  يىيىش ، كىيىش  ، جان بېقىش  ئۈچۈنلا ياشىساق  ئادىمىيلىككە ھاقارەت كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىمزنى بىلىپ ياسىاقلا ، كۈنلىرىم  قىممىتىنى تېپىپ ، مەنالىق ئۆتىدۇ .  ئېسىڭدە بولسۇن ياشلىق-قىزغىنلىق ، ياشلىق – سۈرئەت .  بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمەن بولاي دېسەڭ ،ئۆزۈڭ بىلەن بۇ دۇنيا ئتتۇرىسىدا ئاجايىپ بىر تاتلىق مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما، ياشلىقىڭنىڭ قەدرىگە يەت ؛ ھاياتقا ، دۇنياغا بولغان  مۇھەببىتىڭ چۇڭقۇر بولسۇن. ھاياتنى قەدىرلە ، ئۆمرۈڭنى بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلىۋەتمە. ئېسىڭدە بولسۇن ، قىيامەتتە  ھەر بىر نەپىسىڭ ، ھەر بىر سۆزۈڭ ، ھەركىتىڭ ھەتتا تۇيغۇڭدىنمۇ ھېساب بېرىسەن. قەلبى مال-دۇنيا ۋەسۋەسى بىلەن تولغان ئادەملەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلساڭ ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالىسەن . بىرلىرىنىڭ زامانىۋى ئاۋات شەھەرلەردە ، يەنە بىرلىرىنىڭ چەت ، يىراق نامرات سەھرالاردا ياشىشى بىر قىسمەت. شۇ ئاۋات شەھەرلەرنىڭ كوچىللىرىدا ئادەملەرنى بىزار قىلىدىغان ئەخلەتلەرنىڭ ئۇچۇپ يۈرىشى ، نۇرغۇنلار كۆزگە ئىلمايدىغان ، ياراتمايدىغان شۇ نامرات سەھرالارنىڭ يىراق چۆللىرىدە يولۋاسلارنىڭ بارلىقىمۇ ھەم بىر قىسمەت... » يۇقۇرقىلارنى ساڭا كىمدۇر بىرى ، قاچاندۇر بىر چاغلاردا  دېگەندەك  قىلغان . لېكىن سەن كىمنىڭ قانچان ، قانداق چاغدا ، قانداق يەردە ، نېمە سەۋەپ بىلەن دېگەنلىكىنى زادىلا ئەسلىيەلمىدىڭ . ئەمما ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاينىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ دېگەنلىكى غۇۋا ئېسىڭدە . بوۋاينىڭ ساقىلىدىن باشقا بىرەر يېرىنى ئەسلىيەلمىدىڭ ، ئۇنىڭ ساقىلى بىلەن بىرەر باغلىنىشلىقىڭ باردەك بىر تۇيغۇ ساڭا داۋاملىق ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتاتتى. ساقاللىق ئادەملەرنى كۆرسەڭ يۈرىكىڭ شۇررىدە ئېرىپ كېتەتتى. يېقىندىن بۇيان شۇ بوۋاينى تولا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىڭ. كۆز ئالدىڭغا بوۋاينىڭ ساقىلى كېلىشى ھامان قاتتىق ئازابلىناتتىڭ . ئەتراپىڭدا ساقالسىز كىشلەرنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ كېتىشى ساڭا بۆلەكچىلا جىددىلىك ئاتا قىلىپ قويۇۋاتاتتى. غەم –قايغۇلۇق ، شاد-خوراملىق ، ئاچچىق-چۈچۈك كۈنلەر سەندىن پەقەتلا نېرى كەتكىنى ئۇنىمىدى. ھەر بىر كۈننىڭ قەلبىڭدە ئۇنتۇلماس ئازابلىق يارىسى بارتتى. چېھرىڭنى قاپلىغان ھەسرەتلىرىڭدىن كۆڭلۈڭنىڭ تولىمۇ يېرىملىقىنى چۈشەنمەك قىيىن ئەمەستى. ياكى قەستەن ئۆزۈڭنى ئازابلىنىۋاتقاندەك كۆرسىتىۋاتامسەن بۇنى بىلگىنى بولمايتى.

2

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ، ئىلىكتۇرۇنلۇق قىمارخانىدا قىمار ئويناۋاتقان چېغىڭدا تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ۋەقە سېنىڭ كۆز ئالدىڭدىن زادىلا نېرى بولمايتتى. سەن بۇ چاغدا خوتۇنۇڭنىڭ تويلۇق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ساتقان 25 مىڭ يۈئەننى ئۇتتۇرۇپ بولۇپ ، قارى جازانىخوردىن ئالغان 10 مىڭ يۈئەندىن قولۇڭدا ئاران 300 كوي قالغانىدى.  سېنى ئازابلىق ئويلارغا سالاتتى، ئويلىغانچە ئۆز-ئۆزۈڭدىن نۇمۇس قىلاتتىڭ ، ئۆز-ئۆزۈڭەە نەپىرەتلىنەتتىڭ.

- ھۇ لامزەللىلەر، ھەر قايسىڭنى قانداقمۇ ئەركەك دېگىنى بولىدۇ ، سەنلەرمۇ ئەركەكمۇ ؟ قارا قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭنى  ، ئۆيدىكى باللىرىڭنى ئۇنۇتۇپ قېلىشتىڭمۇ ، قان-قان يىغلاپ-قاقشاۋاتقان ئاتا-ئاناڭنى ئۇنتۇپ قېلىشتىڭمۇ ، سېنى كۈتۈپ تۈندىن-تاڭغاغىچە ئىشىككە تەلمۈرۈپ چىققان خوتۇن-باللىرىڭنى ئۇنتۇپ قلىشتىڭمۇ ؟  ھۇ دەيۈزلەر ! ئەركەك دېگەننىڭ قەھرى ، لەۋزى بولسا ئاندىن قەدرى بولمامدۇ ھۇ چۈپۈرەندىلەر ،  شەرەپسىزلەر ! ھەرقايسىڭنىڭ نامەردلىكىدىن نۇرغۇنلىغان بالىلار كوچا-كويلاردا سەرسان ، نەچچىلىگەن ئاتا-ئانىلار قان-يىرىڭ يۇتتى ، نەچچىلىگەن خوتۇنلا تېنىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇپ تاپتىن چىقتى، ھەي ي ي !  بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە ئەجەپمۇ ئۆتۈلدىغۇ ئەركەكنىڭ قەدرى ! قۇلاق سېلىش  ھەممە تەرەپتىن : «  ئەركەكلەر سىلەر قېنى ، نېمىش قىلىۋاتىسىلەر ؟!...» دېگەن ئازابلىق قايغۇلۇق ، ئۈمىدلىك سادالار كەلمەكتە. ئەي ئەركەكلەر ، سىلەر قەيەردە ، قەدرىڭلار ەك ئۆتۈلۈپ كەتتى... - خېلى قاتتىق توساقلاردىن بۇ ئون نەچچە ئىلىكتۇرۇنلۇق قىمار ماشىنىسى قاتار قويۇلغان زالغا قانداق كىرگەنلىكىنى بىلگىنى بولمايدىغان بۇ ئايالنىڭ قولىدىكى ئاي پالتا چىراقلارنىڭ نۇرى ئاستىدا يالت-يۇلت قىلىپ چاقنايتى. ياندىكىلىرىنى ئۇتۇرۇپ بولۇپ ئۇتتۇر كەلگەن يەردە سۇننايلىنىپ ياتقانلار ، ھەدەپ دو تىكىۋاتقانلار ئورۇنلىرىدىن سەكرەپ دېگۈدەك تۇرۇشۇپ كەتتى. بىر نەچچە گۇپپاڭچى خوجايىنىنىڭ بۇيرىقى بىلەن بوي –بەستى پاكاراق كەلگەن ، كۆزلىرىدىن غەزەپ-نەپرەت ، ئۆچمەنلىك لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان بۇغداي ئۆڭلۈك ئايالغا قاراپ يۈگۈردى.

- قايسىڭ يېقىن كېلىشسەڭ چانىۋېتىمەن . ئالىقاچان جېنىمدىن تويغانمەن . ھارامدىن قورقمايدىغان قارا كۆڭۈل ، بۇلاڭچى مەلئۇنلارنىڭ يالاقچىللىرى ماڭا يېقىن كېلىشمە.-ئايال قولىدىكى پالتىنى ئېگىز كۆتۈردى. پالتىغا چۈشكەن چىراقنىڭ نۇرلىرى تېخىمۇ چاقناپ كەتتى. ئۇنىڭغا يېقىنلاشماقچى بولغانلار نېمە قىلىشىنى بىلىشمەي تۇرۇپ قېلىشتى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان  چەكسىز ئۆچمەنلىك  سىڭىپ كەتكەن بىر خىل سوغاق نۇر ئۇلارنى تەنتىرىتىپ قويدى.

-ۋاي ، ۋاي ئىسىت ئەل- يۇرتقا باھار چىللايدىغان ئەركەكلىرىم ھالىڭنى قارىشە . ھەر قايسىڭنىڭ خوتۇن –باللىرى ، ئاتا-ئانىللىرى ، قېرىنداشلىرى يوقمۇ؟ پۇلۇڭ شۇنچە ئېشىپ تېشىپ كېتىۋاتقان بولسا ئۇتتۇرۇۋېتىپ ، دۈشمەنلىرىڭنىڭ يانچىقىنى توملاپ بېرىپ، ئۇلارغا  يېلىنىپ-يالۋۇرۇپ يۈرىشكىچە ، ئەتراپىڭدىكى مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىشساڭ ، ئوقۇشسىز قالغانلارغا ياردەم قىلسىشساڭ ئىككىل دۇنيالىقىڭ ياخشى بولۇشمامتى ، نان يېمەي پوق دەيدىغانلار... -ئايال شۇنداق دېگەچ  قىمارۋازلار ئىچىدىن تومۇش بىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىنى زال ئىچىنى ، زال ئىچىدىكى ئادەملەر ئارىسىنى تىزلىك بىلەن ئاقتۇرۇپ چىقتى.

-مىڭ ، مىڭ  ئىسىت سەنلەرگە بېرىلگەن ئەركەك دېگەن نام ، ھاي  ئىسىت دەپسەن بولۇۋاتقان ئەركەكلىك!... بۇ ئاي ، بۇ كۈنلەردە ئەركەكلەرگە ئەجەپمۇ مۇھتاج بولىدىغۇ ئۆيلەر !... ئەجەپمۇ ئۆتۈلدىغۇ ئەركەكنىڭ قەدرى !!...-ئايال شۇنداق دەپ ۋاقىرىغىنىچە بىردىنلا  ئىلىكتۇرۇنلۇق قىمار ماشىنىسىنى ئۇرۇپ چېقىشقا باشلىدى. چاڭ-چۇڭ قىلغان ئاۋاز زال ئىچىنى بىر ئالدى.

- نۇرغۇن ئۆيلەرنى خانۇ-ۋەيران قىلغان سەنمىدىڭ ؟ نۇرغۇن پۇللارنى يۈتۈۋالغان سەنمىدىڭ ؟ نۇرغۇن ئەرلەرنى رام قىلىۋالغان سەنمىدىڭ. مېنىڭدىن ئېرىمنى ، مىڭ بىر جاپادا تىكلىگەن ئىگىلىكىمنى تارتىۋالغان سەنمىدىڭ. تويە سەن بولساڭ ، تويە شۇ قىلغانلىرىڭغا...

بىردىنلا زال ئىچىدە قىيا -چىيا كۆتۈرۈلدى. ئۇنى تۇتىۋالماقچى  بولۇپ يوپۇرۇلۇپ كەلگەن تۆت يالاقچىنىڭ بىرىنىڭ ئوڭ قولىنى پالتا ساڭگىلىتىپ قويدى، بىرىنىڭ بېشىنى ياردى ،يەنە  بىرىنىڭ پۇتىغا تىگىشى بىلەن ئۇ ئېچىنىشلىق  بىر چىقىراپ ئولتۇرۇپ قالدى. زال ئىچى ۋەھىمىلىك بىر تۈسكە كىردى . ھەممە تىپىرلايتى لېكىن نېمىش قىلىشىنى بىلىشمەيتتى.

- بىلىمەن ، بۇ يەردىكى كۆپلىرىڭ خىزمەتچى ،  بەزىللىرىڭ تېخى مۇھىم ئورۇننىڭ باشلىقلىرى بولىشىڭمۇ مۇمكىن . ئازىراق بىر قىسمىڭ جاپا تارتماي قولۇڭ پۇل كۆرۈپ قالغان چۈپۈرەندىلەر.  مېنى كىمدۇ دەپ قېلىشما مەن ساراڭ ئەمەس مەنمۇ بىر خىزمەتچى ، ئېرىم دەلتىنى ئىزدەپ يۈرىيمەن. ھەرقايسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ چىدىيالمىدىم.

بىر-بىرىدىن بەستلىك ، قاۋۇل ئەرلەر يا چىقىپ كېتىشنى ياكى كۆز ئالدىدا  بولىۋاتقان ۋەيرانچىلىقىنى توسۇۋېلىشنى بىلىشمەي كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قاراپلا قېلىشتى. ئايال ئىلىكتۇرۇنلۇق ماشىنىلارنى قولىدىكى ئاي پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن گۇمۇلتىتىپ ئۇراتتى ، يۈزى بىلەن ۋاڭشىتىپ چانايتى. قاراپ تۇرغانلار ئۇلار راستتىنلا نېمە قىلارنى بىلىشمەي قالغانتى. ئۇ شۇنچە ئەسەبىيلەشكەن بولسىمۇ ، بىراق ،   توپ ئىچىدىن ئىچىدىن تونۇش بىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاخىرى بىر بۇلۇڭغىراق بېرىۋالغان ، بىر-بىرىگە قاراشقىمۇ جۇرئەت قىلالماي  جىم تۇرۇشقان ئەدەملەر ئارىسىدىن ئۆزىگە قاراپ تۇرغان تونۇش كۆزنى كۆردى. ۋە ئۇنىڭغا قاراپ غەزەپ بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى.

- سېنىڭمۇ بۇ يەردىكىلىكىڭنى ئاللا بۇرۇن بىلىتىم ،  ئۆيدىكى پۇلغا يارىغىدەك ھەممە نەرسىنى ئوتتۇرۇپ بولدۇڭ ، ئۇتتۇرمىغان مەن بىلەن سېنى مىڭ جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان  شۇ بىچارە ئاناڭ قالدى. داداڭ بولسا سېنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلەلمەي قان قۇسۇپ بۇ دۇنيادىن ئارمان بىلەن كەتتى. - ئۇ سۆزلەۋاتقاندا ئۆزىگە بىر كىملەرنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىغا بەكمۇ دېھقەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.بىردىنلا زال ئىچىدە كۆزلىرىنى قىزىللىق قاپلىغان بىر-بىرىدىن بەتبەشىرە ئون نەچچە ئادەم پەيدا بولۇپ ئايالغا قاراپ ئېتىلدى.ئايال قولىدىكى ئاي پالتىنى  ھەر تەرەپكە شىلتىغاچ ۋاقىرىدى.ئاي پالتىدىن قايتقان چىراق نۇرى ۋال-ۋۇل قىلىپ كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلاتتى.

-ھۇ شەرەپسىزلەر سەنلەرمۇ ئەركەكمۇ ؟ نېمىگە قاراپ تۇرىشىسەن؟ داداڭ بازاردىن شۇمەك سېتىۋېلىپ ، ئاناڭ ساڭا شۇ شۈمەكنى سالغان بولغىتى...

باياتىندىن بىرى زال ئىچىدە خام سۈييېغى ئېچىۋالغاندەك تۇرغان بىر توپ ئەدەم ئايالغا يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلارغا قاراپ تاشلاندى. قىيا-چىيا زال ئىچىنى بىر ئالدى. بۇ چاغدا زال ئىچىدىكى ئېلىكتۇرۇنلۇق قىمار ماشىنىللىرى پۈتۈنلەي پاچاقلىنىپ بولغانتى. تەنلەردىن ئېتىلىپ چىققان قانلار زال ئىچىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى. زال ئىچىدىكى ئېلىشىش تازا يۇقۇرى پەلسىگە چىققاندا ھىچ ئىشقا ئارلاشماي بىر بۇلۇڭدا تۇرىۋالغان بىر نەچچەڭلار زالدىن تۇيدۇرماي چىقىپ كەتتىڭلار-دە، ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئەنسىز چىقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتىڭلار . دالدىلارغا مۈكۈندىڭلار.

شۇنىڭدىن بېرى سېنىڭ قۇلاق تۈۋىڭدە ھېلىقى ئايالنىڭ :  « ئەركەكلەرگە ئەجەپمۇ مۇھتاج بولىدىغۇ ئۆيلەر !... ئەجەپمۇ ئۆتۈلدىغۇ ئەركەكنىڭ قەدرى !!...» دېگەن سۆزلىرى پات-پاتقۇلاق تۈۋىڭدە جاراڭلاپ ئەكسى سادا قايتۇرىدىغان بولىۋالدى.

« بەندە قىيامەت كۈنى تۆۋەندىكى تۆت نەرسىدىن سورالمىغۇچە ئۇنىڭ ئىككى قەدىمى مىدىرلىمايدۇ: ئۆمرۈڭنى نېمىدە تۈگەتتىڭ؟ ئىلمىڭ بىلەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ مېلىڭنى نەدىن تاپتىڭ ۋە نەگە خەجلىدىڭ؟ جىسمىڭنى نېمىدە چىرىتتىڭ. » قەيەردىدۇر بىر يەردە ، كېمدىندىندۇر بىرىدىن ئاڭلىغان بۇ سۆزلەر يېقىندىن بۇيان قۇلاق تۈۋىڭدە جاراڭلاپلا تۇراتتى.

نۇرغۇن ۋاقتىڭنىڭ بىكارغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىچىڭ ئاچچىققا تولدى. چېھرىڭدە كۈلكىنىڭ ئىزناسىمۇ كۆرىنمىگىنى قاي زامان ؟

3

سەن  تۇرۇپلا  قان ، تومۇر ، مۈسكۈلدىن باشقا ھىچنېمە يوق دەپ قاراپ كەلگەن يۈرىكىڭدە غەيرى ، غارايىپ ، تىلسىملىق ئۆيلەرنىڭ بارلىقىنى ، گۈللەر بىلەن قاپلانغان باغلارنىڭ ، قاقاسلىقنىڭ ، يانتاقلار بىلەن تولغان جاڭگاللارنىڭ ، سايلىقنىڭ ، قۇملۇقنىڭ بارلىقىنى ، سۇغا تەشنا چۆل-باياۋاننىڭ ، ئېچىغقا تېگىشلىك بىنامنىڭ بارلىقىنى  تۈنجى قېتىم ھىس قىلىپ يېتىپ ،  تولىمۇ ئېغىر بىر ئۇھ تارتقاندىن كېيىن ،  خىياللار قاينىمىغا غەرق بولدىڭ. « نېمىشقىمۇ مۇشۇ پاتقاققا كېرىپ قالغان بولغىتىم ، ھەممە مېنىڭدىن سەسكىنمەكتە، پۈتۈن جاھانمۇ مېنى كۆزىگە ئىلمايۋاتىدۇ ، مەندىن نەپرەتلىنىۋاتىدۇ...مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ . كەتكىنى كەتتى ، شۇنچە قىلىپمۇ ئورنىنى تولدىرىۋالغىنى بولمايدۇ . نېمە بولۇپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر ئىشنى باشتىن باشلاپ پاكىز ياشاش ئۈچۈن تىرىشىشىم كېرەك... جېنىم ئانا !  مېھرىبان خوتۇنباللىرىم ، ئادەملەر مىللىي ئەنئەنە ، ئەقىدە –ئىتىقادتىن يىراقلىشىپ ، ئادەم قەھەتچىلىكى يۈز بېرىۋاتقان  ، ئادەملەرنىڭ ئارلىقى يېقىنلىشىپ ، قەلبى يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندان بۈگۈنكى كۈندە  ئېسى-يادىم  بىرنى ئىككى قىلماقنىڭ كويىدا بولۇپ كېتىپ غايىپ بولغان ، ئەخلاقىمنى، ئەنئەنە،ئۆرپى-ئادەتلىرىمنى ، قائىدە-يوسۇنلىرىمنى  ، كىملىك ئىپتىخارىمىنى ، ئۆزلۈك كامالىتىمنى ئۇنۇتۇپ كېتىپتىمەن؛  مەن ھازىر  قولدىن كەتكەن ئالتۇنلىرىمنى ، يۈتۈپ كەتكەن گۆھەرلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن . مەن ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتىمەن؛ ماڭا ئىشىنىڭلار ، مەن چوقۇم ئۇلارنى تېپىپ بولغاندىن كېيىن ، مەردانە قىياپەت بىلەن ئالدىڭلاردا پەيدا بولىمەن. سىللەردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن ، يۈرىكىمنىڭ پارىللىرى مېنى كەچۈرۈڭلار! يوقاتقانلىرىمنى تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل، چۈنكى مەن ئىشەنچنىڭ مېھرى-مۇھەببەتنى تۇغۇدىغانلىقىنى ، ئىشەنچنىڭ تۈگۈمەس بايلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم . باشقىلارغا ساپ ھەم سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىۋالدىم. ئادەمدە ئىشەنچ بولسىلا ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرىقىدىن ئادىمىيلىكنىڭ ھەقىقى نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى تونۇپ يەتتىم....» سەن ئويلايتىڭ ، ئويلىرىڭ مۇرەككەپ ھەم بىر بىرىدىن توقۇناق ئىدى. سەن  ئەقلىڭگە كەلگەندىن بىرى نېمىنىدۇر بىر نەرسىنى توختىناي ئىزدەۋاتاتتىڭ، لېكىن شۇنچە قېتىرقىنىپ ئىزدەۋاتقان  نەرسىەڭنىڭ ئارزۇ-ئىستەك ، پايدا-مەنپەت ، ھوزۇر- ھالاۋەت ، بايلىق ئەمەس بەلكى ئەركىنلىك ، گۈزەللىك ، خاتىرجەملىك ، يىمىرىلمەس ئىتىقاد ، ئەقىدە ئىكەنلىكىنى  نۇرغۇن پۇرسەتلەر كەتكەندىن كېيىن تولىمۇ  كېچىكىپ تونۇپ يەتتىڭ.

تۇتۇق ئاسمان ئاستا-ئاستا سۈزۈلۈشكە باشلىدى.ۋاقتىڭنىڭ بىكارغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئىچىڭ ئاچچىققا تولدى. چېھرىڭدە كۈلكىنىڭ ئىزناسىمۇ كۆرۈنمىگىنى قاي زامان ؟

سەن ئاناڭنىڭ دەپ بېرىشىچە قارا بوران ھوۋلاپ تۇرغان بىر كېچىسى تۇغۇلغان ئىكەنسەن . شۇڭىلاشقىمىكىن كۈنلىرىڭ بوران-چاپقۇن ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى. تاتلىق سۆزلەر بىلەن ئورا كولىنىۋاتقان زاماندا  ياشىماقنىڭ مۇنچىلىۋالا تەسلىكىنى تۇنۇپ يەتكەندە نۇرغۇن ئىشلاردا كېچىككەنلىكىڭنى ئويلاپ بەكمۇ بىئارام بولدۇڭ، يۈرىكىڭنى بىرىسى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېلىۋاتقاندەك ئازابلاندىڭ. نېمىلا بولمىسۇن كۈنلىرىڭ مەنپەتنى دەپ شەرمەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقانلارنىڭكىدىن مەنالىق. شۇڭا قالايمىقانچىلىققا تولۇپ كەتكەن  بۇ دۇنيا سەن ئۈچۈن يەنىلا سۆيۈملۈك. « قاچانغىچە غورۇرىم پايخان بولۇپ ،دەرد-ھەسرەت ئىلكىدە ياشارمەن. بېشىمغا كەلگەن بۇ قارا كۈنلەردىن قاچانمۇ قۇتۇلارمەن.... ھەممىگىلا ‹ خوش-خوش ›  دەپ ياشاش نېمە دېگەن بىچارىلىك ؟  ئىسىت ، قورساقنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا ئۆتكۈزىۋەتكەن كۈنلىرىم ، مىڭ قىلساممۇ ئورنىنى تولدۇرۇۋالالمايمەن . قان قىساسقا سۈكۈت قىلىش ئەركەكلىككە قىلىنغان كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز ھاقارەت...‹ئانىنىڭ شادلىقى، ئەلنىڭ ئامانلىقىدىن شادلىنىپ،ئانىنىڭ قايغۇسى ئۈچۈن كۆز يېشى ئاققان ئەركەك ھەقىقى ئەركەكتۇر...› يالقۇننىڭ بۇ سۆزىنى ئەجەپ ئۇنتۇيالمىدىما ؟ يېقىندىن بۇيان قۇلاق تۈۋىمدىن زادىلا كەتمەيدۇ ... ›› ئويلىرىڭ تولىمۇ توقۇناق . قانداق چاغدا ئۇخلاپ قالغان بولغىتىڭ . قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈشكە باشلىدىڭ : ‹‹ بىردىنلا ئالەمنى توپا-چاڭ قاپلاپ كەتتى...ئالدىدا ھاياتلىق ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان ماراللار توپى... ئارقىدا ئوۋ نېممىتىدىن كېچەلمەي شىددەت بىلەن ھۆكىرەپ ،ئېتىلىپ قوغلاپ  كېلىۋاتقان رەھىمسىز شىر ، يولۋاس ، بۆرىلەر توپى. بار كۈچى بىلەن قېچىپ كېتىۋاتقان ماراللار كۆز يەتكۈىسىز پاتقاقلىققى ئۇدۇل كېلىپ قالدى. قوغلاپ كېلىۋاتقان  يولۋاس ، شىر ، قاۋان ، بۆرە ، تۈلكىلەر ئۇلارغا يېتىشىۋالدى . مانا ماراللار ئېچىنىشلىق چىقىراش ئىچىدە بىر-بىرلەپ قەبىھ  يىتقۇچلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلانماقتا... كۈچلۈكلەر ئاجىزلارغا تاشلانغان، ئۇلارنىڭ زەپەر سۈرى پەلەككە يەتكەن، ئاجىز بىچارىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق نالە-پەريادى زىمىننىڭ يۈرىكىگە ئۆرتىگەن... » سەن چۇچۇپ ئويغۇنۇپ ، ئېغىر-ئېغىر تىنىشقا باشلىدىڭ. چىرايىڭ بۆلەكچىلا ، كۆزلىرىڭدە مۇڭ ، قەلبىڭنى ۋەھىمە چىرمىۋالغان. ھېلىلا بىر كېلىشمەسلىك يۈز بېرىدىغاندەك ، يۈرىكىڭنى بىرى مۇجىتلاۋاتقاندەك ئازابلىق بىر تۇيغۇ سېنى تەتۈر قىينايتى.

***                   ***                         ***

نۇرغۇن ۋاقتىڭنىڭ بىكارغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئىچىڭ ئاچچىققا تولدى. چېھرىڭدە كۈلكىنىڭ ئىزناسىمۇ كۆرىنمىگىنى قاي زامان ؟.

قارا قىشنىڭ ئۇزاق كېچىسى تاڭغا ئۇلاشتى. بۇ يىل قىش 30 يىلدىن بۇيان ياغمىغان قار ياغدى،30 يىلدىن بىرى بولمىغان سوغاق بولدى.ئەتىيازمۇ جۇد-شىۋىرغانلىق بولۇپ، ئۇدا ئىككى ھەپتىدىن بىرى يېغىۋاتقان قار ئارلاش يامغۇر ھىچ تۇختايدىغاندەك ئەمەس. شىۋىرغاننىڭ ئاچچىق سوغۇقى جان-جېنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى . ئۇپۇق سۈزۈلۈپ ئەتراپ ئاقىرىشقا باشلىدى. بامدات نامىزىغا ئېيتىلغان ئەزان ئاۋازى تەرەپ-تەرەپتە جاراڭلاشقا باشلىدى.

- ئاللاھھۇ ئەكبەر !... ئاللاھھۇ ئەكبەر ...!- مەھەللىنى قاپساپ تۇرغان بىر خىل ئۆلۈك جىمجىتلىق بۇزۇلدى...

تاغۇ-دەشت ، چۆل-باياۋان ، باغ-ئورمانلارنى ئارىلاپ كەلگەن سەھەرنىڭ مەيىن شامىلى ، بۆلەكچىلا ئاقىرىپ كەتكەن ئۇپۇق  ساڭا  بۆلەكچىلا  تېتىكلىك ،  ئۈمىدۋارلىق بېغىشلىغانتى.  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 02:48 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 05:01:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىرايلىق ئەرزان ئاۋازى ھەممە ياقتا ياڭرىغىلى نىسىپ ئەتسۇن

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 05:07:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك  ئىبرەتلىك  ھېكايە بوپتۇ،، ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 05:08:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلىك  ئىبرەتلىك  ھېكايە بوپتۇ،، ئەجرىڭىزگە  كۆپ تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

شۈكرى ئاللاھ بەرگەن كۈنىڭىزگە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2943
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 06:12:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى بادۇ ،

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

اللە ئېشلىرىمىز

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65842
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3741
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-11-19
ئاخىرقى: 2014-7-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 06:31:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتكە ناھايىتى يىقىن تەربىيەۋى ئەھمىيەتچانلىقى يۇقۇرى ئىكەن .بولسا مۇشۇنداق ياخشى ئىبرەتلىك ئەسەرلەر توردىلا ساقلىنىپ قالماي رىئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئوز قىممىتىنى تاپسا قانچە ياخشى بولاتتى ھە!؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90061
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2013-1-14
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:01:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە بارىكاللا، راسلا تەسىرلىككەن،

دىل بېرىپ بىر دىلنى قۇل قىلالىساڭ ،ئەۋزەلدۇر يۈز قۇلنى قىلغاندىن ئازاد
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 01:33:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش