مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19101|ئىنكاس: 72

تاشپولات : ئامېرىكىلىقنى تەسىرلەندۈرگەن ئابابەكرى مۇختار ئۇكام!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 5871
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 02:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئامېرىكىلىقنى تەسىرلەندۈرگەن ئابابەكرى مۇختار ئۇكام!


تاشپولات روزى


a.jpg


مەن 3-ئاينىڭ 10-كۈنى مىسرانىم تور قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختار ئۇكامنىڭ ساياھەت خاتىرسىنى كۆردۈم. ئۇ خەتتە دېيىلىشىچە ئابابەكرى ئۇكام 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكاغا زىيارەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. مەن كۆرۈپلا ئابابەكرى ئۇكامغا خەت يېزىپ ئۇنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىمنى ھەم ئۇنۇڭ بىلەن ئامېرىكادا چوقۇم كۆرۈشىدىغانلىقىمنى خۇشاللىق بىلەن يەتكۈزدۈم. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئىش ئىزلىرىنى مىسرانىم تورىدا ماقالە ئېلان قىلغاندىن بېرى تەپسىلىي بىلدىم ھەم بۇ يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇغان ئىدىم. ئۇ تۇغۇلۇپ 9 ئاي بولغاندا پارالىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئىككى پۇتى ھەرىكەتكە كەلمەيدۇ يەنى مېيىپ بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا تىرىشچان، قىيىن مەسىلە ئالدىدا قەتئىي تىز پۈكمەيدىغان ئىرادىلىك ئوقۇغۇچى بولغاچقا، باشلانغۇچتىن تا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە سىنىپىدا ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچى ھەم سىنىپ باشلىقلىق خىزمىتىدە بولىدۇ. بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ داۋاملىق ئوقۇشنى توغرا كۆرمەيدۇ بۇنداق بولىشى ئالىي مەكتەپتە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى، مەسىلەن، بىر سىنىپتىن يەنە بىر سىنىپقا بېرىپ دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن باشقىلار 5 مىنۇت سەرپ قىلسا ئۇ 20 مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىدىغانلىقى، ئۇنۇڭ ئۈستىگە ئالىي مەكتەپلەردە مېيىپلارغا بولغان شەرت شارائىتنىڭ تېخى ھەل بولمىغانلىقى ئىشلار سەۋەب بولىدۇ. ئابابەكرى ئۇكام ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن كومپيۇتېر ئۆگىنىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنى خېلى ياخشى ئۆگىنىپ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردىكى كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرلىرىنى رىموت قىلىپ خېلى ياخشى باھاغا ئېرىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭىدۇ. ئۇ ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرىدىغان بىر تور بەتكە ياردەملىشىپ ئاخىرىدا ئۇ تور بەتنى ئۆزىنىڭ تور بېتىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ تور بىلەن ھەپىلەشكەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىۋېرسال بىر تور بەتكە ئېھتىياجى بارلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئاخىرى مىسرانىم تور بېتىنى 2007-يىلى قۇرۇپ چىقىدۇ. مىسرانىم تور بەتكە توپ-توغرا 7 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرىدىغان تور بەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مانا مۇشۇ 7 يىلدا ئابابەكرى ئۇكام كۆپ جاپا تارتىدۇ بىراق ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر توسالغۇغا تىز پۈكمەسلىك روھى بۇ جاپالار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

b.jpg


مانا يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئىرادىلىك بىر ئۇيغۇر مېيىپ يىگىتى بىلەن ئامېرىكىدا كۆرۈشۈش مەن ئۈچۈن خۇشاللىق ئىش بولۇپلا قالماستىن ئۇ مەن ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش. 3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئابابەكرى ئۇكام بېيجىڭدا تۇساياھەت خاتىرسىنىڭ تۇنجىىسىنى يېزىپ تورغا يوللىدى .. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئەڭ ئاخىرقى ساياھەت ئورنى  سان فرانسىسكو بولۇپ،  ئۇ بۇ شەھەرگە 4-ئاينىڭ 2-كۈنى كېلىپ 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋەتەنگە قايتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئابابەكرى ئۇكام ئامېرىكا ساياھىتىنى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ باشلايدۇ.  ئۇ ئامېرىكىغا كېلىپلا ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ ھەر كۈنى مىسرانىم تورىدا ئېلان قىلىپ تۇردى.  بۇ يېزىلغان ساياھەت خاتىرىسى مېنى ھەم مېنىڭ ئايالىمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالدى. بىز ھەر كۈنى چىقىرىلغان ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ تۇردۇق، ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان تەربىيىۋى ئەسەر ئىدى.  بىز ئۇنۇڭ ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇش جەريانىدا ئۇنۇڭ تاماقتا بەكرەك قىينالغانلىقىنى ئۇقتۇق. ئايالىم ماڭا مەن تاماق ئېيتىپ بېرەي سان فرانسىسكوغا بارغاندا ئۇ ئىنىمغا تاماق ئېلىپ بېرىڭ دەپ مەسلىھەت قىلدى. مەنمۇ بۇ مەسلىھەتنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇنىڭ ئامېرىكا ساياھىتىنىڭ دەل يېرىمى تۈگىگەندە بىز بىر قېتىم تېلېفوندا پاراڭلاشتۇق. مېنىڭ سان فرانسىسكوغا بارىدىغان كۈنۈمنى بېكىتتۇق. بىز سان سان فرانسىسكودا 4-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنى جۈمە كۈنى كۆرۈشىدىغان بولدۇق. 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئابابەكرى ئۇكام بىلەن مۇنبەردە ئۇچۇرلاشتۇق،. 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ھېچقانداق پائالىيەت بولمايدىغانلىقىنى مېنى ياتىقىدا ساقلايدىغانلىقىنى دېدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىن ئايالىمغا تېلېفون قىلىپ ئەتە ئەتىگەن يولغا چىقىدىغانلىقىمنى ئاپارماقچى بولغان پولۇنى ئېيتىپ قويۇشنى ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. مەن مەكتەپتە كەچلىك بىر پائالىيەتكە قاتناشمىسام بولمايدىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتالمىدىم. ئۆيگە  كەچ سائەت 9 دىن ئاشقاندا قايتتىم. ئۆيگە كەلسەم ئايالىم پولۇ ئېيتىۋېتىپتۇ چۈنكى ئۇ كۈندۈزى ئىشلىگەچكە پولۇنى كەچتە پىشۇرۇپتۇ. پولۇمۇ كەچ سائەت 11 لەردە پىشتى، ئۇنى كورىغا سېلىپ باشقا بارلىق ئېلىپ بارىدىغان سوۋغاتلارنى يىغىشتۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەن ئېلىپ ماڭسا بولىدىغان قىلىپ تاق قىلىپ قويدۇق.

c.jpg


4- ئاينىڭ 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دە ماشىنام بىلەن سان فرانسىسكوغا قاراپ يولغا چىقتىم. مەن لوس ئانجېلېس شەھىرىدە تۇرغانلىقىم ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمدىن سان فرانسىسكو شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىق تەخمىنەن 700 كىلومېتىر كېلىدۇ. ماشىنا بىلەن سائىتىگە تەخمىنەن 130 كىلومېتىر يول مېڭىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 2 لەردە ئابابەكرى ئۇكام تۇرۇۋاتقان 31 قەۋەتلىك بىنانىڭ 23 -قەۋىتىدىكى ئۆيىنىڭ ئالدىغا يېتىپ كەلدىم. بۇ بىنا سان فرانسىسكو شەھىرىنىڭ قايناق مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، ماشىنا بىلەن 10 مىنۇت ماڭسىلا گۈزەل سان فرانسىسكونىڭ دېڭىز قىرغىقىغا چىققىلى بولىدۇ. ئىككى قولۇمدا  تاماق، 3 چوڭ نان، ئازغىنە سوۋغات ۋە بوينۇمدا ئاپپارات بولغاچقا ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىشكە ئامالسىز قالدىم. ئىككىلىنىپ تۇرغىنىمدا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئامېرىكالىق يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى چېكىپ بەردى. مەن ئۇنۇڭغا رەھمەت دەپ بولۇشۇمغا ئۆينىڭ ئىچىدىن ئابابەكرى ئۇكام كۈلۈمسىرەپ چىقىپ كەلدى. بىز ئۆزارا قىزغىن سالاملار بىلەن كۆرۈشتۇق. قولۇمدا لىققىدە نەرسە بولغاچقا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە ئىمكانىيەت بولمىدى بىراق نەرسە كېرەكلەرنى قويۇپ بولۇپ يەنى باشقىدىن يۇقىرى ئاۋازلار بىلەن سالاملىشىپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. بىز خۇددى بۇرۇن كۆرۈشكەن دوستلاردەك، ئاكا-ئۇكىلاردەك، ئاتا- بالىلاردەك قىزغىن سالاملار بىلەن كۆرۈشتۇق. ئابابەكرى ئۇكام مەن تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ بەكرەك خۇشخۇي، يۇمۇرىستىك، سۆزمەن، چىرايىدىن قەتتىلىك  چىقىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەن. مەن بۇنداق ئەقىللىق ئۇيغۇر يىگىتى بىلەن پاراڭلاشمىغىنىمغا ئۇزۇن بولۇپتىكەن. ئۇنۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بەك خوش بولدۇم. بىز پاراڭلاشقاچ مەن ئەكەلگەن پولۇنى يېدۇق. تاماقنى يەپ بولۇپ ئەكەلگەن سوغىمىزنى ئۆزئارا ئالماشتۇردۇق. بىزنىڭ پاراڭلاشقان قىزىق تېمىمىز ئامېرىكا مائارىپى، ئامېرىكانىڭ تەرەقى قىلىشى ۋە مېيىپلار مۇلازىمىتى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يوللىرى، تور بەتلەر توغرىسىدا بولدى. . بىز تازا قىزىپ پاراڭلىشىۋاتقاندا ئامېرىكالىق پاۋۇل ياتاققا كىرىپ كەلدى. پاۋۇل بولسا ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئامېرىكا ساياھىتىدە ياردەمدە بولىدىغان كىشى ئىكەن. مەن بۇ كىشى توغرىلىق ئابابەكرى ئۇكامنىڭ كۈندىلىك ساياھەت خاتىرىسىدىن بىلگەن ئىدىم. پاۋۇل بەكمۇ ئوچۇق كىشى بولۇپ مەن بىلەن خېلى ئۇزۇن پاراڭلاشتى. مەن ئۇنۇڭغا، سىز ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئامېرىكالىق بولۇپ قالدىڭىز دەپ چاقچاق قىلسام. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن ئابابەكرىگە ياردەمدە بولغىنىمدىن بەكمۇ خوش بولىمەن. بۇ يېگىن تىرىشچان، تېتىك، ئۆز ئېتىقادى كۈچلۈك، سەمىمىي، خۇشخۇي يىگىت ئىكەن. مەن ھېسابتا ياردەمچى بولساممۇ بىراق بۇ يىگىت ھەممە ئىشنى ئۆزى قىلىپ ماڭا بىرەر ئىشنى قالدۇرمايدۇ. بۇ يىگىتنى مېيىپ دېسە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. بۇنداق روھى ھەم ئىرادىسى كۈچلۈك بولغان يىگىتلەرنى ئامېرىكادىنمۇ تەستە تاپقىلى بولىدۇ دەپ سۆزلەپ كەتتى. پاۋۇل، ئابابەكرى ئۇكامغا ھەقىقەتەن قول قويۇپتۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، بۇ يىگىتنىڭ كاللىسى ئۆتۈپ قويىدىكەن، ئۇنۇڭ قويغان سوئاللىرىنى ۋە بەرگەن جاۋابلىرىنى ئاڭلىسا ئادەم ھۇزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇنداق دۇنيانى توغرا چۈشىنەلەيدىغان، ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ دىن ئايرىمىچىلىقى قىلمايدىغان  ئىنسانلار كۆپ بولسا بۇ دۇنيا نەقەدەر گۈزەل بولاتتى ھە دەپ پاۋۇل يەنە سۆزلەپ كەتتى.  مەن پاۋۇلغا كۆپ رەھمەتلەرنى دېدىم. پاۋۇلنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۇرۇن ئۇيغۇرلارنى بىلمەپتىكەن، بۇ قېتىم ئابابەكرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنى بىرىنچى قېتىم بىلىپتۇ. مەن ئۇنۇڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئىككىنچى ئۇيغۇرى بولىدىكەنمەن.  مەن ئۇنى ئۇيغۇر رايونلىرىغا بېرىپ، ئۇ يەرلەرنى كۆرۈپ كېلىشىنى تەكلىپ قىلدىم. ئۇ مۇمكىن بولسىلا بارىدىغانلىقىنى ئابابەكرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى دېدى. پاۋۇل پاراڭنىڭ ئاخىرىدا، ئابابەكرى ئۇكامغا ئەتە ئەتىگەن سائەت نەچچىدە ماڭىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆز ياتىقىغا چىقىپ كەتتى.

d.jpg


پاۋۇل چىقىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ بىزنىڭ پارىڭىمىز تۈگىمىدى، كۆپ پاراڭلاشتۇق. قارىساق كەچمۇ بولۇپ قاپتۇ، بىز  سان فرانسىسكونىڭ دېڭىز بويىغا بېرىشنى قارار قىلىپ ئۆيدىن چىقتۇق. ئابابەكرى ئۇكام مېھمانخانىنىڭ كارىدورى بولامدۇ ياكى لىفتتا بولامدۇ  ئامېرىكالىقلار ئۇنىڭغا سالام بېرەتتى ھەم چاقچاق قىلىشىپ قىزىق گەپلەرنى قىلىپ كۈلىشىپ ماڭاتتى. ئابابەكرى ئۇكام ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغىمۇ چۈشىنىدىغان بولۇپتۇ، ئۇلارغا سالام بېرىپ ماڭاتتى. ئۇنۇڭ كىيگەن كىيىملىرى چىرايلىق ھەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇشى باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالغان ئىدى. مەن بۇ يەردىكى كۆڭۈللۈك كۆرۈنۈشلەرنى ھەم ئۇنۇڭ ئەركىن ئازادە ئامېرىكادا خۇددى نەچچە يىللاپ تۇرغان كىشىلەردەك يۈرۈشىدىن بەك خوش بولدۇم. ماشىنامنى مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ماشىنا قويۇش ئورنىغا توختىتىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ يەرگىچە پىيادە ماڭدۇق. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئولتۇرغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭاي دېسەم ئۇ پەقەتلا ئۇنىماي تۇرۇۋالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنۇڭ توسىغىنىغا قارىماي ھارۋىنى مەن ئىتتىرىپ ماڭدىم. مېنىڭچە بولسا بۇنداق تىرىشچان قېرىندىشىمىزنى كۆتۈرۈپ ماڭساقمۇ ئارتۇقچە بولمايدۇ. ماشىنا قويۇش ئورنىنىڭ خوجايىنى تۈركىيەلىك ئىكەن ئۇ بىزنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىزنى ئاڭلاپ خوش بولۇپ كەتتى. ئۇ تۈركىيەلىك بىزگە كەچتە ماشىناڭنى مۇشۇ مېنىڭ يېرىمگە قويغىن سىلەرگە ئەرزان باھادا بېرىمەن دېدى. ماشىنامنى كەچتە مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويدۇم. باھاسى باشقا ئورۇنلاردىن 25 دوللار ئەرزان بولدى. بىز ماشىنا بىلەن دېڭىز بويىغا باردۇق. دېڭىز بويىدا ئامېرىكالىقلار بېلىق تۇتقاچ پاراڭ قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. بىزمۇ  سان فرانسىسكونىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغاچ پاراڭلاشتۇق ۋە رەسىملەرگە چۈشتۇق. بىز دېڭىز بويىدىن قايتىپ مېھمانخانىغا  كەلدۇق. مېھمانخانىغا كېلىپلا كەچلىك تاماق ئەكېلىش ئۈچۈن مەن مېھمانخانىنىڭ يېنىدىكى ئافغانىستانلىقلارنىڭ ھالال ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق بۇيرۇتتۇم. بىز ياتاقتا بۇ ئەكەلگەن تاماقلارنى يىگەچ يەنە مائارىپ، ئوقۇتۇش، مېيىپلەر خىزمەتلىرى، تور بەتلەر توغرىلىق قىزىق پاراڭلىشىپ كەتتۇق. ئارىلىقتا خاتىرە رەسىملەرگىمۇ چۈشتۇق. مەن ئابابەكرى ئۇكامنىڭ ئۆتكۈر كۆز قاراشلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنۇڭغا تېخىمۇ قايىل بولدۇم ھەم خوش بولدۇم. مۇمكىن بولسا مەكتىپىمىزنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى قىلىۋالغۇم كېلىپ كەتتى. بۇنداق ياراملىق يىگىتلەرنى ھەرقانداق دۆلەت تەربىيىلىگۈسى كېلىدۇ ئەلۋەتتە. بىز تور بەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىش توغرىلىقمۇ پاراڭلاشتۇق. مەن مۇنداق مەسلىھەت بەردىم، ئۇيغۇر تور بەتلىرى بىر-بىرىدىن قىزغانماسلىقنى ئۆزارا ياردەم قىلىپ بىرلىكتە تەرەقى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بەزى تور بەتلەر مېنىڭ ئوقۇرمەنلىرىم باشقا تور بەتلەرگە كېتىپ قالامدىكەن دەپ يېڭى تور بەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى قارشى ئالمايدىكەن. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا كونا دۇكاننىڭ يېنىغا يەنە بىر يېڭى دۇكان قۇرۇلسا كونا دۇكانچى خېرىدارلىرىدىن ئەنسىرەپ خوشنىسى بىلەن ئالاقە قىلىشتىن ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتىن ئەنسىرەيدىكەن. مېنىڭچە بۇ ئارتۇقچە ئەنسىرەش. ئامېرىكادا مول دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇن بولۇپ بۇ يەرگە بارلىق دۇكانلار گىرەلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇنداق بولسا خېرىدار تېخىمۇ كۆپىيىپ مال ئالىدىغانلارنىڭ سانى يېنىدا دۇكان يوق دۇكانلارنىڭ خېرىدارلاردىنمۇ كۆپ بولىدىكەن. نەتىجىدە دۇكاننىڭ سېتىلىشى بۇرۇنقى ئورۇنغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدىكەن. تور بەتلەرمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىش. شۇڭا بىر بىرىدىن ئەنسىرەپ يامانلاپ يۈرمەسلىكى لازىم.  بىزنىڭ پاراڭلىرىمىز يېرىم كېچىلەرگىچە داۋاملاشتى.

f.jpg


شەنبە كۈنى يەنى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئابابەكرى ئۇكام ۋەتەنگە قايتىش ئۈچۈن ئايروپىلان ئىستانسىغا ئەتىگەن سائەت 7 لەردە ماڭماقچى بولغاچقا بىز نەچچە سائەتلا ئۇخلاپ ئەتىگەن سائەت 5:30 دىلا ئابابەكرى ئۇكامنىڭ سومكىلىرىنى يىغىشتۇرۇشىغا ياردەملىشىپ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ئۇچرىشىش ئورنىغا باردۇق. بۇ يەرگە كەلسەك پاۋۇل ۋە بۇ پائالىيەتكە مەسئۇل بولغان ئىككى قىز تۇرۇپتۇ. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. ئابابەكرى ئۇكام ئۇ ئىككى قىزغا مېنى تونۇشتۇردى. ئۇلار مېنى كۆرۈپلا بىز سىزنى  بىلىمىز ئابابەكرى سىزنى بىزگە تونۇشتۇرغان ھەم سىزنىڭ مەكتەپ تور بەتتىكى تونۇشتۇرۇشىڭىزنى ئوقۇغان دېدى. مەن ئۇلارغا رەھمەت دېدىم ھەم ئابابەكرى ئىنىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئۇلاردىن سورىدىم. ئۇلار ئابابەكرى بەك جانلىق ھەم سەمىمىي بالا ئىكەن دەپ ئۇنى ماختاپلا كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئابابەكرى ئۇكام بارغانلا يېرىدە ئۆز مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ كەپتۇ. بارغان يېرىدە ۋەتەندىن ئەكەلگەن دوپپا قاتارلىق بۇيۇملارنى تەقدىم قىلىپ كەپتۇ. ئۇلارمۇ پاۋۇلغا ئوخشاشلا بۇ تىرىشچان يىگىتنى ھەرگىز مېيىپ دېيىشكە بولمايدۇ  دېدى. ئۇ بارلىق ئىشلىرىنى بىرىنىڭ ياردىمىسىز بېجىرەلەيدىكەن. ئۇنۇڭ ئىستىقبالى بەكمۇ پارلاق دەپ كېتىشتى. مەن ئۇلارنىڭ ماختىشىنى ئاڭلاپ ئابابەكرى ئۇكامغا تېخىمۇ ھۆرمىتىم ئاشتى. ۋاقىتمۇ توشۇپ بىز قاتتىق قۇچاقلىشىپ مېھمانخانىدىن ئايرىلدۇق. ئۇلار ئايروپىلان ئىستانسىغا مەن ئۆيگە قاراپ يولغا چىقتىم.

ئاخىرقى سۆز


مېنىڭ ئابابەكرى ئۇكام بىلەن قىسقىغىنە كۆرۈش پۇرسىتىم بولغان بولسىمۇ بىراق ئۇچىرشىشىمىز بەك ئەھمىيەتلىك بولدى. ئۇنىڭ مېيىپ تۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ ئۇلۇغ غايىلىرىدىن پەخىرلەندىم! ھازىر بەزىلەرنىڭ 4 ئەزاسى ساق بىراق قىلىۋاتقان ئىشلىرى يە مىللەتكە يە ئۆزىگە پايدىسى يوق. ئۆزىنى قويۇپ بەرگەن ئۈمىدسىز جاڭگىلىغا كىرىپ قالغان ياشلارنىڭ ئابابەكرى ئۇكىمىزنى ئۈلگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ ئابابەكرى ئۇكامدەك مېيىپلەرنى قوللاپ قويۇشىنى ئۇنۇڭغا ئىقتىسادى ياردەمدە بۆلىشىنى چىڭ كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.               كەلگۈسىدە مىڭلىغان ئابابەكرى ئۇكىمىزدەك مېيىپلارغا كۆيۈنىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بۆلىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
ھازىرغىچە 11 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ATLAN672 + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
owchi. + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
tanhakiyik + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
YuqunAdam + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
zumrettash + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
savut + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kamdidar0998 + 300
SAPIRIM + 10
شىرئېل + 100 قېرىنداشلىرىمدىن پەخ.
لوپنۇرى + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
قۇمباغ79 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2124   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106743
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2014-5-14
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:04:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشپۇلات ئاكىمىز غا رەخمەت،،،   ئابابەكرى ئاكىمىز نىڭ ئىشلىرنىڭ ئۇتۇق كۇنسىرى ئالدىغا مىڭىشىغا تىلەك تاشمىز!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1841
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 938 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام  ئەلەيكۇم  تاشپۇلات  ئاكا  ..............
ئابابەكرى  ئاكاش  ھەقىقەتەن ھەممىمىزنىڭ  ئۈگىنىش  ئۈلگىمىز  .....  ئەھمىيەتلىك  تىما  يوللاپسىز  ....رەھمەت  ......
ئابابەكرى  ئاكاشنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى  ئىشلىرىغا  ئۇتۇق  تىلەيمىز  .............

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101731
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 37 سائەت
تىزىم: 2014-1-3
ئاخىرقى: 2014-11-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:39:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاشپولاتكا ! سىزنىڭ ئۇزاق يولنى ئېغىر كۆرمەي شۇنچىۋالا يەردىن كىلىپ ئابابەكرىكامنى يوقلىغىنىڭىز ئادەمنى بەك -بەك سۆيۆندۈردى ! بىز ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق ئۆتسەك نېمىدىگەن ياخشى ، بىزنىڭمۇ  بىر-بىرسىمىزنى يۆلەيدىغان ۋاقتىمىز كەلدى ! اللە ئىشلىرىڭىزغا ئامەت ياغدۇرغاي  !ياشاپ كىتىڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 380 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:40:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئۇنىڭ بارلىق ساياھەت خاتىرلىرىنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ،مەنمۇ بۇ ئاكاشقا بەك قايىل بولدۇم ،ئۇنىڭ بوشاشماس ،تىرىشىش ئىرادىسى مىنى بەكمۇ قايىل قىلدى ،مەن ھەر دائىم ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسىنى ئۈلگە قىلىپ تىرىشىپ ئۈگۈنۈۋاتىمەن .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىس

بېكەت باشلىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 39
مۇنبەر پۇلى : 15925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7620 سائەت
تىزىم: 2010-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:41:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولاتكا.... رەسىملەر سىزنىڭ ئاپاراتىڭىزدا ئىدى، قانداق ئالاقىلشىپ رەسىملەرنى قانداق ساقلىۋىلىشنى بىلەلمەي تۇرغان،، مەن ئەينى چاغدىمۇ دىگەن ھەم يازغان ئىدىم،، سىز بىلەن بىرەر قېتىممۇ ئەسرالاشمايلا كۆرۈشۈپ چىن مېھىرلىك ھېس قىلىشىم سىزنىڭ ھەقىقىي مېھىرلىرىڭىز بىلەن يىراق يوللارنى بېسىپ، چوكا ، قاچا قۇچىلاردىن تارتىپ ئېلىپ كېلىپ مەن ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ۋاقلىق غىزا تەييارلىغىنىڭىزدىن بولغان ئىدى... سۆزلىرىڭىزدىكى سەمىمىيەت ،، تورچىلىققا بولغان رىغبەتلەندۈرۈشلەر مېنى تېخىمۇ جۇشقۇن قىلغان ئىدى..بىر ئالىي مەكتەپ ئۇنۋېرستىت مۇدىرىنىڭ 700 كىلومېتىرنى بېسىپ مەندەك بىر ئاددىي ئىنساننىڭ قېشىغا يوقلاپ كېلىشى، ھارۋامنى كىچىك پېئىللىق بىلەن ئىتتىرىشلىرى ھەرگىزمۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىشلار ئەمەس... سىزگە بولغان مۇھەببىتىم ، ھۆرمىتىم يۈكسەك... ئاللاھ بىزنى يەنە كۆرۈشكىلى نىسىپ قىلار... ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ... ھەدەمگە، ئىنى- سىڭىللىرىمغا سالاملار بولسۇن... ئاللاھ سىلەرنى مەڭگۈ مۇشۇنداق بەخىتلىك ئۆتكىلى نىسىپ قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:47:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىيقىنىڭىزدەك ئابابەكرى مۇختەر ھەقىقەتەن تىرىشچان قەيسەر يىگىت ئۇنۇڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن .

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89309
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-12-30
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابابەكرى ئاكاش ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز بولۇشقا ئەرزىيدىكەن،يارايسىز ئابابەكرى ئاكا!

ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 903
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 03:53:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ-ئەلايكۇم تاشپۇلات ئاكا، ئاۋال تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن.
ھازىر بىز ياشلاردا كەم بولىۋاتقىنى شارائىت ئەمەس بەلكى جاپا-مۇشەققەتلەر ئالدىدا باش ئەگمەي ئالغا ئىلگىرلەشكە ئىنتىلىدىغان ئابابەكرى مۇختەر روھى.
ئاخىرىدا ئۈلگىمىز ئابابەكرى مۇختەرنىڭنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 04:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق ئاتا قىلسۇن ،ھەم شارائىتىڭىز يار بەرسە مىيىپلارنى جىقراق قوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش