قولاي تىزىملىك
تىزىملىتىش
كىرىش
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
ئىزدەش
مىسرانىم باش بېتى
| مۇھەببەت لىرىكىسى
| تور ئويۇنلىرى
|سۈرەتلىك ناخشا
|ئاۋازلىق ئەسەرلەر
| سۈرەتسىز ناخشا
| يۇمشاق دىتال
| تېما بېزەش رەسىمى
مىسرانىم مۇنبىرى
›
مۇنبەر
›
مىسرانىم ئەدەبىيات گۈلزارى
›
ماقالە - ئوبزورلار
›
دۇئا قىل دىھقانغا
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
262
|
ئىنكاس:
0
دۇئا قىل دىھقانغا
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
mamatjan0223
mamatjan0223
توردا يوق
توردا
182 سائەت
ئاخىرقى قېتىم
2015-3-10
ياخشى باھا
0
مۇنبەر پۇلى
597
تۆھپە نۇمۇرى
0
تىزىملاتقان
2012-12-29
ھوقۇقى
255
يازما
56
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
62
UID
89279
ئادەتتىكى ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا, جۇغلانما 62, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن 138 جۇغلانما
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:
No.
89279
يازما سانى:
56
نادىر تېمىسى:
0
مۇنبەر پۇلى :
597
تۆھپە نۇمۇرى:
0
توردا:
182
سائەت
تىزىم:
2012-12-29
ئاخىرقى:
2015-3-10
يوقلاش
دوست
سالام
ئۇچۇر
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 01:23:34 PM
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
شۇنداق بىر توپ كىىشلەر باركى سەن ئۇنىڭغا مىللەتنى سۆيۈش ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش توغرىسىدا پاراڭ قىلساڭ ، ساڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قارىشى مۇمكىن . لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ بىر تپ كىشلەر مىللەتنى سۆيمەيدىكەن دەپ خاتالىشىپ قالما ، چۈنكى بۇ بىر توپ كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى قوغداپ ، مىللىي غورورىنى ئەجداتلاردىن ئەۋلاتلاغا يەتكۈزۈشنى پەقەت ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلىدۇ خالاس . ئۇلار ياتلارنىڭ مەدەنىيتىنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدۇ، بىز خەنلىشىش ، غەربلىشىش بىلەن ئالدىراش يۈرگەندە ئۇلار يەنە ئۆز خاسلىقى بىلەن ئىتىزلاردا ئىشلەۋاتقان بولىدۇ، ئۇلار ئۆز نەسلىدىن، ئۆز مەدەنىيتىدىن ياتلىشىشنى مۇناپىقلىق دەەپ بىلىدۇ. بۇ بىر توپ كىشلەر دەل مىھنەتكەش ، جاپاكەش ، ئاقكۆڭۈل دىھقان . قايسىدۇر بىر پەيلاسۇپ : دىھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ دەپ ئىيتقانكەن . مھنەتكەش،جاپاكەش ،ئەجىر مىۋىسىگە قارىغاندا ئازاپ ئوقۇبەت ، جاپانى كۆپرەك تارتىدىغان بۇ سەممىي ، ئاقكۆڭۈل دىھقانلار مۇشۇ جاپالارنى تارتىپ تۇرۇپ يەنە شۇ ياراتقۇچىسىنىڭ ئۆزىگە كۆپلەت نىمەتلەر ئاتا قىلغىنغا ھەمدۇسانا ،رەھمەتلەر ئىيتىدۇ. قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن ئەجىر مىۋىسى باشقىلار تەرىپىدىن بۇلاڭ تالاڭ قىلىنسىمۇ، يەنىلا سۈكۈتتە تۇرۇپ شۈكرى ئىيتىدۇ. يازنىڭ تومۇز كۈنلىرى توپىلىق ، تاشلىق يوللاردا تولا قاتراپ قىتىپ كەتكەن ئاشۇ بىر جۈپ پۇتى ، قىزىرىپ پىشقان زاغرىنىڭ يۈزىدەك چاك چاك يىرىلغان قوللىرى زادىلا توختاپ قالمايدۇ ، ئۇلار ئەنە شۇنداق تىنىم تاپماي ئىشلەيدىيۇ ،ئۆز ئەجرىنىڭ مىۋىسىنى تولۇق كۆرەلمەيدۇ ،بەزىدە بۇ ئىشلار ئۆلگەندە تۈگەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قويىدىيۇ لىكىن يەنە ئۈمۈدلىك ھالدا ياشايدۇ . ئەنە شۇ مىھنەتكەشلىرىمىزنى بۇلاڭ تالاڭ قىلغان بەزىبىر باشلىقلارنى كۆرسەك ئالدىلىرىغا سالامغا چىقىسەنۇ شۇ دىھقاننىڭ تومۇز ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ، جاپالاردا مۈكچىيىپ كەتكەن سىماسى كۆرۈنگەندە بولسا ئۇنىڭدىن قاچىسەن ، ھەتتا يىرگىنىپ قاچىسەن دە تۇمشۇقىڭنى توسىۋالىسەن ،ماڭا تىگىپ كەتمىگىيدى دەپ ئۇنىڭدىن نىرى تۇرىسەن . ھەي تەپەككۇرى بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئنسان بالىسى ، ئاشۇ كاپاق كاللاڭنى ئازراق سىلكىۋىتىپ ئويلاپ باقساڭچقسى بىرىمىزنىڭ ئەجدادى ئاشۇ مىھنەتكەش دىھقان نەسلىدىن ئەمەس ، مانا ئايلار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ يەنە شۇ دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقتى كەپ قالدى .يەنە شۇ ئورما باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئەمگەك بىلەن ئالدىراش بوپ يۈزىدىكى چىپ چىپ تەرلەرنى ، بۇغدايلارنىڭ يۈزىگە قونىۋالغان توپىلىرىنى ئىيتىۋىتشكە ئۈلگۈرمىگىدەك ئالدىراشچىلىق باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋىتىپتۇ. شۇڭا شەھەر يوللىرىدا ئاشۇنداق دىھقانلارنى ئۇچراتقىنىڭدا ئۇلاردىن قىچىپمۇ يۈرمە ، چۈنكى ئۇلاردا ساڭا يۇقۇپ قالغۇدەك نەرسە يوق . ئۇلارنىڭ كۆڭلى بەكمۇ نازۇك ، سىنىڭ ئاشۇ قىلىقىڭ سەۋەبىدىن ئاشۇ نازۇك دىللار رەنجىمىسۇن ، ماشىنىلارغا چىقساڭ ئۇلارغا ئۇرۇن بوشىتىپ بەر ، ئۇلاردىن قىچىپ يۈرمە ، كۆز چانىقى ياشقا تولغان ئاشۇ دىھقان ئانىلارنى كۆرگەنمەن ، ئاھ نىمە دىگەن ئىچىنىشلىق كۆرۈنۈش ھە ، جاپالار تارتىپ ئىشلىسۇن يەنە ئۆز قىرىندىشى ئۇنى مەينەت كۆرۈپ ئۇنىڭدىن قاچسۇن . بولدى بەس ئىنسان بالسى ، بۇ ئىشلار ئەمدى تەكرارلانمىسۇن چۈنكى چانىقى ياشقا تولغان دىھقان ئاتا، دىھقان ئانىلارغا قاراپ يۈرەكلەر ئىزىلىپ كىتىدىكەن ، يۈرەك چىدىماي ياشلار سىرغىپ چىقىدىكەن . كىم بىلىدۇ ئاشۇ دىھقان ئاتا ئانىلار ئۆزىنىڭ ئوماق پەرزەنتىنىڭ پۇتىنىڭ ئۇچى چىقىپ قالغان ئايىغىغا قاراپ ، شۇ سەبىي پەرزەنتلىرىنى باشقىلار ئالدىدا سۇنۇپ قالمىسۇن دەپ ئاياغ ئالغىلى كىرگەندۇ ، سەن ئاشۇلاردىن قىچىپ كۆزىنى ياشلىغاندا ئاشۇ دىھقىنىڭنى پەرزەنتى ئانىسنىڭ كۆز چانىكىدىكى ياش يۇقىنى كۆرۈپ سەبىي دىلىدا ساڭا ئۆچمەنلىك شەكىللىنىپ قالمىسىۇن . بولسا ئاشۇ دىھقىنىڭنىڭ ئالدىغا بىرىپ قاداقلار بىلەن تولغان قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈپ قوي ، مىھرى ئىسسىق كىشلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسەن . يىزىلىق ، سەھرالىق دەپ كەمسىتىپ يۈرمە، چۈنكى ئاسمىنى كەڭ ئاشۇ سەھرالار شۇلارنىڭ جەننىتى ، ئىگىز بىنالار بىلەن قورشالغان شەھەرگە كۆچىرىپ ئەكىرسە يەنە ئۆزىمىزنىڭ يىزىسى ياخشىكەن ، مەن يەنىلا ئاشۇ يىزىدا ياشاي ئوغلۇم دىگەن دىھقاننى كۆرگەنمەن . بولسا ۋاقىت چىقىرىپ سەھرالارغا بىرىپ كۆرۈپ كەل سەن يىرگىنىپ قاچقان ئاشۇ دىھقاننىڭ نەقەدەر سىخىي، نەقەدەر مىھماندوست ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن. ئورمىغا قاتنىشىپ باق ، سالامەت بولىسەن ، ھەركەتتە بەركەت دەيمىزغۇ بەركەتلىك بولۇپ قىلىشىڭ مۇمكىن . ھىچ بولمىغاندا ئاشۇ جاپا مۇشاقەت ئىچىدە خۇشاللىق ئىزدەۋاتقان دىھقىنىڭنى ئورما ناخشىسنى ئاڭلاپ كەل ،كۆڭلۈڭ ئىچىلپ قالىدۇ . بۇنىمۇ قىلالمىساڭ ھىچقىسى يوق ، ئىككى قولۇڭنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ئاشۇ مىھنەتكەش دىھقانلىرىڭغا دۇئا قىلىپ قوي ، ئەمگىكىنىڭ ئەجرىنى كۆپلەپ بەرسۇن ، ئەجىر مىۋىسىنى ئۆزى يىيىشكە نىسىپ قىلسۇن ، تىنىنى سالامەت قىلسۇن ، جاپا مۇشەققىتىنى ئاز قىلسۇن . ئامىن
(ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتكەندىن تارتىپ تا مانا ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللقىغا چىققانغا قەدەر ئالتە يىل بوپتۇ ،ئاتا ئانامغا ياردەملىشىپ ئورما ئويىمىغىلى ، ئىلگىرى ئۆيدىكى چاغدا ھورۇنلىق قىلىپ يۈرۈپ ئاز تولا ياردەمدە بولاتتىم مانا ھازىر ھەقىقەتەن شۇ ئورمنى سىغىنىپ قالدىم ، دىھقانلىرىمنى سىغىنىپ قالدىم ، بۇ تىمىنى شۇ ئاتا ئانامغا ئوخشاش جاپاكەش ، مىھنەتكەش دىھقانلىرىمغا ئاتايمەن )
مەنبە : ئۆز قەلەم
مەمەتجان ئەمەر (باھادىر ئۇيغۇر ئوغلى )
2014-يىل 5-ئاي 19-كۈنى دۈشەنبە
شەندوڭ جىنەن
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
ئىنكاس يوللاش
ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ
كۆرگەن سەھىپە
ياردەم - يەنە ياردەم
ئاۋازلىق ئەسەرلەر
كۆڭۈلدىكى سۆز
تــەرمىلـەر
يۇمشاق دېتال بازىسى
دۆلەت ۋە شەھەرلەر
مەنزىرە رەسىملىرى
چۈشۈرۋېلىڭ
شېئىرىيەت گۈلزارى
مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش
|
يانفۇن
|
مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by
Discuz!
X2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
misranim.com
(
苏ICP备:11007730号
)
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش