|
|
|
|
ياخشى
تاقىريولغا ئات ياخشى، نەق سودىغا يات ياخشى.
ھويلا باقساڭ ئىت ياخشى، قوغۇن باقساڭ چىت ياخشى.
ياغ تارتساڭ جۇۋاز ياخشى، قوي باقساڭ بۇغاز ياخشى.
قوروشقايېسۋىلەك ياخشى، ھارۋىغا تەخەي ياخشى.
بۇۋاققائەمزەك ياخشى، تاسقاشقا ئەلگەك ياخشى.
تىكىشكە جىرىم ياخشى، چىكىشكە چىلىم ياخشى.
يېيىشكە كاۋاپ ياخشى، مەشرەپكە راۋاپ ياخشى.
قالاشقا ئوتۇن ياخشى، ئاقلاشقا سۇپۇن ياخشى.
كەتمەنگە ساپ ياخشى، دەرتمەنگەلاپ ياخشى.
ساراڭغا چاتاق ياخشى، باراڭغاقاپاق ياخشى.
كېيىشكە چۇخەي ياخشى، يىيىشكە جۈسەي ياخشى.
پىخسىققا چامغۇرياخشى، ئىسسققايامغۇرياخشى.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
«ياخشى»دىنمۇ ياخشى مۇشائىرىنى تولوقلاڭلار......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-19 04:51 PM
|
|
|
|
|
|