مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 68531|ئىنكاس: 29

ھە دەپ قوي . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98081
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 173
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-9-22
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 09:01:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-مايلىشىپ كىتىپتۇ.
-ۋاي بۇ بالا ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنكە...
   ئالدىمدا ئولتۇرغان ئىككى پارتىداش قىزلار پاراڭلىشىۋاتاتتى.ئەزەلدىنغۇ خەقنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايتىم.لېكىن بۇ قېتىم قۇلقۇم ئالاھىدە سەزگۈرلىشىپ ئادىتىمگە قارشى چىقتى.دەرىس خوشاقمايتى.يېنىمدىكى بالا ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغانىدى.زېرىكىپ ئۇلارنىڭ گېپىگە يەنە قۇلاق سالغاچ پارتىدا ياتتىم.
-چېچىنى يۇمامدىغاندۇ؟
-چۈشتىكى پولوغا تەيارلىقتۇ.
-ھەي قارا قارا،بىر تال پىت سەكرەۋاتىدۇ...
-ھا ھا ھا...
   قىزلار بىر بالىنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈپ تازا كۈلىشىۋاتاتتى.دەرىس سائىتى توشتى.مەن يۈگۈرگەن پېتى سۇخانىغا كىرىپ ئەينەككە قارىدىم.ئەزەلدىن رەتلىك كۆرىنىدىغان چېچىم مايلىشىپ كەتكەندەك بىلىندى.ۋاي خۇدايىم.قورقۇپ چېچىمنىڭ ئارسىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم.بىر تال پىت نەدىدۇ.شۇنداق قىلىپ پىتنى تاپالمىدىم.لېكىن شۇنۇڭدىن كىيىن تۇرمۇشۇم قالايمىقانلىشىپ كەتتى.بىرەرسى بېشىمغا ئۇزاقىراق سەپ سالسا خۇدۈكسىرەيدىغان بولدۇم.كۈندە ئەتتىگەن چېچىمنى يۇياتتىم.تۇرمۇشۇمدا چاش بىلەن باش سەزگۈر سۆز بولۇپ قالدى.‹‹ئوقۇغۇچىلار چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ كېلىڭلار››،‹‹بالام چېچىڭنى چۈشۈرۋەت››،‹‹ئاداش مەن ئىشلەتكەن چاش يۇيىدىغان نەرسىچۇ...›› بۇ گەپلەر ئۈچۈن تالاي قېتىملاپ تېرىكىپ ئۇرۇشتۇم.ئۇلار نىمىشقا مېنىڭ چېچىم بىلەن قالىدىغاندۇ.يېنىمغا قىزلاردەك قول ئەينەك سېلىۋالدىغان بولدۇم.قايتا-قايتا قارىدىم.يەنە مايلىشىپ تۇراتتى.ئاخىرى شەپكە كېيىۋالدىم.قەھىرتان سوغۇق،پىژغىرىم ئىسسىق مەيلى قاچانلا بولمىسۇن مېنىڭ شەپكەم چۆكۈرلۈپلا تۇراتتى.
                                       *                                 *                             *
-ئاداش چېچىڭنى پەيزى بوياپسەن جۇمۇ.
   ئاپتۇزدا ئولتىراتتىم.يىنىمدا ئولتۇرغان ئىككى ئاچاش پاراڭلىشىۋاتاتتى.چاچ سۆزى چىقىشى بىلەنلا قۇلۇقۇم دىڭ بولدى.
-ئاداش گۈزەللىك چاچتا ئەمەس،كىيىمدە دەيمەن ھا ھا ھا...
-شۇ سېنىڭ كىيىمگە كەلگەندە كۆزۈڭ بەكلا مال تۇنىيدۇ.ئېرىڭگە ئالغان كىيىمىڭمۇ بەك يارىشىپتۇ.
-ئادەم سەت ئەمەس كىيىم سەت.كىيمىڭ سەل پەل زاپار(ساختا ماركا)بولۇپ قالسا خەقنىڭ كۆزىگە سەت كۆرىنىپ قالىسەن.
   دەرھال ئۈستى بېشىمغا قارىدىم.ئايىقىمدىكى adidas نىڭ i ھەرىپى e غا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.بۇنى ھەجەپ بايقىماپتىمەن.ئاپلا مەن زاپار بولۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ.ئاچاشلا مېنى ھەجەپ سەت بالىكەن دەيدىغان بولدى-دە،دەرھال ئاپتۇزدىن چۈشتۈم.ئۆيۈمگە خۇددى ھازىرلا بىرى كېلىپ زاپار دىگەن لەقەمنى قويۇپ قويىدىغاندەك يۈگۈرۈپ دىگىدەك بېرىۋالدىم.ئەتىلا ھەقىقىي ماركىدىكى adidas شىركىتىنىڭ ئايىقىنى ئېلىپ كىيدىم.لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئىش تۈگمىدى.كۈندە ئەتتىگەن ئايىقىمنى نەچچە رەت تەكشۈرگەندىن كىيىن مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم.شۇنىڭدىن كىيىن e ھەرىپىگە قەۋەتلا ئۆش بولۇپ قالدىم.ئېنگىلىسچىدىكى سۆزلەرنى يازغاندا قەستەن e ھەرىپىنى i گە ئۆزگەرتىۋالاتتىم.پۇتۇمغا قاراۋېرىپ،يەرگە قاراپ ماڭىدىغان بولۇپ قالدىم.شۇ سەۋەپتىن بوينىم تېلىپ ئاغرىيدىغان بولىۋالدى.
                                       *                                 *                             *
-ئىچىۋېتىڭلا.
-كەيىپى ئالامەت،كاللاڭنى كۆپۈكتەك قىلىپ،غەم قايغۇنى ئۇتۇلدۇرىدۇ.
-مەن ئوغا بالا دىگەننىڭ ھەممىسى مۇشۇنى ئىچىدۇ.
   جەمىيەتتىكى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە سورۇن قىلىپ ئولتۇردۇق.ھاراق قۇيۇلۇپ ماڭا زورلاندى.خىيالىمدا ما گۇيلا مېنى خېنىم كۆرۈپ قالدىمۇ دەپ گۈپلا كۆتۈرۋەتتىم.ئەزەلدىنغۇ بىر ئوبدان ئوغۇل بالىتىم.لېكىن سورۇندىكىلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغۇللۇقۇمغا شۇ كۈنى تەستىق سالدىم.شۇنداق قىلىپ ھەپتىدە بىرەر قېتىم تەستىق سېلىپ تۇردۇم.تەستىقنى بەكىرەك سالاي دەپ زىيان بىلەن قىمارغىمۇ كۆنىۋالدىم.بىر رومكا،بىر قاپ زىيان،بىر جوزا ئادەم بىلەن كورت ئوغۇللۇقۇمنىڭ بەلگىسى بولىۋالدى.شۇنىڭدىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ‹‹ئوغا››بالا بولغىنىمدىن بىرخىل پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان بولدۇم.
-ئاداش نازلىنىپ ئولتاماي جىق-جىق يىگىنە.
-نازلىنىپ؟مېنى خېنىم كۆرىۋاتامسەن؟!مەن ئوغال بالا بىلدىڭمۇ! دەلتە.
شۇنداق دىگىنىمچە قولۇمدىكى زىياننىڭ قېپىنى دوستۇمنىڭ بېشىغا ئېتىۋەتتىم.چىرايىم ئۆڭۈپ كەتكەنىدى.سورۇن جىمىپ كەتتى.بىر پەستىن كىيىن بالىلار بىر ئىككى ئېغىزدىن نەرسە يەپلە ئۆيلىرىگە قايتىشتى.ئىشقىلىپ ئوغۇللۇقۇمنى بىلىپ تۇرساممۇ يەنە ئوغۇل بولماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپلا يۈردۈم.
                                       *                                 *                             *
   قەھىرتان قىش ئىدى.يوللارنى ئەينەكتەك مۇز تۇتۇپتۇ.تاغ يولىدا ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ كېتىۋاتاتتىم.
-ئۇكام تازا بىر خوتۇن كىشىدەك ماشىنا ھەيدەيدىكەنسە.ئوغال بالا دىگەن ماينى قۇلاققىچە دەسسىمەمدۇ ھا ھا ھا...
-شۇ ئەمەسما،ئىچىم پۇشۇپ كەتتى،مەن ھەيدەمتىم يا؟
  بۇ گەپلەر ئۇددۇل مېڭەمگىلا چىقتى.شۇ زامان خوتنى يۆتكەپ ماينى دەسسىدىم.گۇمبۇگۇمباڭ ناخشا بىلەن ماشىنىنىڭ سۆرىتى بىرلىشىپ ئاجايىپ‹‹ياۋروپاچە››كېتىپ باراتتۇق.بايا تاغدا ئولتۇرغاندا ئىشكەن ھاراق مېڭەمنى سەل-پەل غىدىقلىدى.
-ئۇكام سەل ئاستىراق ھەيدىگىنە.
-ئوغا! بالا دىگەن مۇشتا ھەيدەيدۇ.
  بۇ گەپنى دەپلا رولنى سەل تېزىراق ئۇرىۋەتتىم.شۇ زامان چاق تىيىلىپ يولنىڭ گىرۋىكىدىكى قارىغاي دەرىخىگە شىددەت بىلەن ئۇرۇلدۇق.ماشىنا يەنە بىر تىيىلغاندىن كىيىن يول چىتىدىكى چوڭقۇرلۇققا ئۆرىلدى.يىنىمدىكى بالا ئاغزى بۇرنى قان ئېقىپ چېقىق ئەينەك سۇنۇقلىرى ئۈستىدە ياتاتتى.مېنىڭ قولۇم رول ئارلىقىغا قىسىلىپ قالغان،ماشىنا مىجىلىپ ئالدى ماتورىدىن ئىس كۆتۈرۈلگەن ھالەتتە بىر پەس تۇردۇق.تۇيۇقسىز ئىشىك ئۇرۇلدى.يانچە بولۇپ قالغان ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ ئىتتىردىم.ئىككى ئادەم قولۇمنى ئۇۋىلاپ يۈرۈپ ئاران تارتىپ چىقاردى.مىڭەم قىيىپ كېتىپ باراتتى.كاللامنى قورقۇنۇچ ئىگىلىۋالدى.يوتامدىن قان ئېقىۋاتاتتى.قار دۆۋىسىگە ئولتۇرۇپ كۆزۈمگە يىغا ئولاشتى.ھېلىقى ئىككى ئادەم دوسلۇرۇمنى سۆرەشتۈرۈپ ئېلىپ چىقتى.ئۇلار ھايات ئىدى.ئېغىر بىر تىنىۋەتتىم.نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇلار بىر ئىككى ئېغىزدىن گەپ قىلىشتى.
-ئوغۇل بالا تۇرۇپ بىر ماشىننى ئوڭلاپ ھەيدىيەمەي!
   ماشىنىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان دوستۇم بۇ گەپنى دەپ سالدى.يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇرماقچى بولدۇم.ئىككىمىز قار دۆۋىسىدە پومداقلىشىپ كەتتۇق.
-ئوغال بالا ماشىنا سوقىدۇ گەپ باما!
-بىزنى ئۆلتەگىلى تاسلا قالدىڭ!
-...
   ماشىنا ئوڭشىتىشقا بېرىلدى.دوسلۇرۇم ماشىنامدا ئولتۇرمايدىغان بولدى.ئۆزۈم ئوغۇل بالا بولساممۇ ئۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇن زىيان تارتتىم.
                                       *                                 *                             *
   شۇنداق ئىشلار بىربىرلەپ ئۆتۈپ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم.ھازىر ئويلىسام باشقىلاردىن قالماسلىق ئۈچۈن نۇرغۇن كىيىملەرنى يىڭىلاپ كىيىپتىمەن.ئوغۇل بالا بولىمەن دەپ كەيىپ ساپانى بولىشىغىچە قىپتىمەن.خەقنىڭ‹‹سەتنىڭ سۆيگىنى يوق››دىگەن گېپىگە ئايدا بىر،ھەپتىدە بىر مۇھەببەت يېڭىلاپ ‹‹چىرايلىق››بوپتىمەن.خەق يۇۋاش قوي دىمىسۇن دەپ تالاي ئۇرۇش جىدەللەرگە ئارلىشىپ ئۆيدىكىلەرگە ئاۋارچىلىق تېپىپ بېرىپتىمەن.خەق...دىمىسۇن دەپ،خەق...دىمىسۇن دەپ،خەق...دىمىسۇن دەپ!
   تۇرمۇشۇم قالايمىقانلىشىپ كەتتى.خەق...دىمىسۇن دەپ،توينى كاتتا قىلدۇق.خەق...دىمىسۇن دەپ،ئۆينى كاتتا بېزىدۇق.قىممەت ماشىنا ئالدۇق.ھازىر ئويلاپ باقساق ھەممىسى جاننى قىيناشكەن.‹‹ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىدىن بولماڭلار››دىگەن گەپ بار.ئۆزىمىزنى بۇنچىۋالا قىيناپ نىمىشمۇ قىلارمىز؟ئىشلار بىشىمىزدىن ئۆتۈپ تەجىربە توپلانغانسىرى بىر ئىشقا ئانچە ۋاي دەپ كەتمەيدىغان بولىدىكەنمىز.خەق ئۈچۈنلا ياشاپ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىدىن يىراقلاپ كىتىدىكەنمىز.مەنچە ئەركىن-ئازادە ياشىساق ئۆزىمىز توغرا دىگەىننى قىلساق خەق بىز ئۈچۈن ياشايدىكەن.يۇقۇرقىدەك مىسالىي يىكايىلەر نۇرغۇن.ئۆزىڭىزنىڭ دۇنياسىدا نەپەسلىنىڭ.ھېچ بولمىغاندا نەچچە مىنىوت ھەتتا نەچچە سىكىنىوت بولسىمۇ.
                                       *                                 *                             *
   ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاي دەپ سىناپ باقتىم.تويلارغا بۇرۇنقىدەك جىق بارمايدىغان بولدۇم.مايلاپ كىيىدىغان شىبلىتىمنىڭ ئورنىغا ئەرزان تەنتەربىيە ئايىقى،ئۈستۈمگە ئەرزان تەنتەربىيەچە كىيىمىلەرنىڭ كىيدىم.بۇرۇنقىدەك پوزور كىيىنىپ قېتىۋالمايدىغان بولدۇم.ئۆزۈم شۇنچە ئازادە بولۇپ قالدىم.
   تۇنجى ئۆيۈم قولۇمغا تەگدى.كاتتا بېزىگىم كەلمىدى.تامنى ئاقارتتىم،ئاستىغا فار-فور ياتقۇزدۇم.ھېچقانداق ئالاھىدە نەقىشلەرنى ياساتمىدىم.پۈتكەندە كىرسەم شۇنداق ئازادە كۆرۈندى.مەن كەڭرى ئاددىيلىقنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالدىممۇ بىلمىدىم.ئىشقىلىپ ئۆزۈمنىڭ ياخشى كۆرگىنى خەقنىڭ ئاغزىغا قارغاندىن ياخشىكەن.
   ھاراق-تاماكا،كەيىپ ساپانى تاشلىدىم.بۇرۇن تولا ئاغرىدىغان ئېغىر بىشىم يەڭگىللەپ قالدى.يولنىمۇ موتىرلاردەك تۈز ماڭىدىغان بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.بۇرۇنقى تەرسالىقىم پەسىيىپ قالدى.كۈنلۈرۈممۇ ئۇرۇش-جىدەلدىن يىراق.بەدىنىم ھەر ۋاقىت پاكىزە بولۇپ قالدى.ئۆزۈمگە قايتا سەپ سالدىم.مەن يەنىلا ئوغۇل بالا،ئىسپاتلاشمۇ كەتمەيدۇ،مەن ھامىنى ئوغۇل بالا.
   شۇ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھېلىقى ئىككى قىز ساۋاقدىشىمنىڭ بىرى بىلەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ قالدىم.
-تولۇقسىزدا چېچىم راسلا مايلىقمىدى؟
-ياق.بىز تېخى سىزنى ئەڭ پاكىزە كۆرەتتۇق.ھا ھا...  
-ئەمىسە مېنى تازا زاڭلىق قىلغانتىلارغۇ؟ (ۋاقتىنى چۈشەندۈردۈم)
-ۋاي ياق بىز ئۇ چاغدا كىنو ئارتىسىنىڭ گېپىنى دىيىشكەن.كۆي ئويلاپ كىتىپسىز.
  ئەمدى بىلدىم.ئەسلى باشقىلارنىڭ گېپىگە ھە دەپ قويۇش كېرەككەن خالاس.جىق ئويلىۋەتسەك خىيالىمىز ھەركىتىمىزگە،ھەركىتىمىز خارەكتېرىمىزغا،خارەكتېرىمىز ئادىتىمىزگە،ئادىتىمىز تەغدىرىمىزگە ئايلىپ قالىدىكەن.

مەنبە:ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ninap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 09:09 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 25 تەپەككۇرى كۈچلۈك
شىرئېل + 100 ھارمىغايسىز قېرىندىش.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 125   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 10:36:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەلىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن   بەك  ياخشى  ئەسەربوپتۇ ،ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1339
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3146 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:12:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەينىمىزدىن قۇسۇر ئىزدەپ گەپ تارقىتىدىغان ، قىلغان ئىشىمىزدىن پۇتاق ئىزدەيدىغانلا سامان نەقى بىز شۇنچە ئىشىنىپ ماڭا توغرا يول كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغانلار بەزىدە بىزنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىشىمىزگە قارىماي كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن ئالدى كەينىنى ئويلاشماي بىزگە «پىكىر» بىرىپ « يول كۆرسىتىشىدىكەن ».  

تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا بىر ئاغىينەمنىڭ گىپىگە كىرىپ تاس قالغان بىر قىزغا يېقىنلىشىپ مازلاشقىلى ، كاللام ئىشلەپ قاپتىكەن شۇ چاغدا ،،،  ھى ھى ھى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-19 08:07 AM  


ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1896
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13143
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3903 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق، سىز كىم بولۇڭ، پەقەت ئۇ ئۆزىڭىز، باشقىلارنى ھەرقانچە دورىسىڭىزمۇ، ھەرگىز سىز دورىغان كىشىنىڭ ئۆزى بولالمايسىز، بەلكى، يەنىلا سىز دىگەن سىز... ئادەم دىگەن باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزى ئۈچۈن ياشىسا، ئاۋارىچىلىققا ئاز ئۇچرايدۇ، بىلىش كېرەككى، خوراز خورازدەك قىچقارسا، كالا كالىدەك مۆرەيدىغان گەپ، كالىدەك مۆرەيدىغان خورازنى ياكى، خورازدەك قىچقىرىدىغان كالىنى ھېچكىم كۆرگىنى يوق... قىسقىسى، ئالا قاغىنى دورايمان دەپ، قارا قاغىنىڭ چېتى يىرىلىپتۇ، دىگەندەك بولماسلىق كېرەك...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99189
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2013-11-2
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 02:23:59 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. بىز باشقىلار ئۈچۈنلا ياشىماسلىقىمىز كىرەكتە ؟ ئادەم دىگەندە مۇستەقىل نىشان، كۆزقاراش، نىيەت ، ئارزۇ ئارمان بولىشى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك.

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1983
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4989
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1455 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:28:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  تۇرمۇشنى تولىمۇ چىنلىق بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈپسىز قېرىندىشىم.

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 10:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداق زىيادە سەزگۈر بولۇپ كېتىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن، بېسىم ھېس قىلىپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىدىغان گەپ.

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10642
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 04:18:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم كۆپ ئىشلارنى ئۆتكۈزۈۋىتەلىگەن بىلەن مۇشۇ كەينىدىن گەپ تاپىدىغان ئادەملەرنى قەتتى ئۆتكۈزگىلى بولمايدىكەن

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3399
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 10:13:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى... ۋاي قىززىپتىغۇ.... بۇ مېنىڭ يامان بىر ئادىتىم بار مۇۇ مۇنبەردە ئەسەر ئوقۇسام تاكى ئۆزۈم يازغىچە بولغان بارلىق ئىنكاسلارنىمۇ قوشۇپ ئوقۇيمەن. قانداق قىلسام بۇ كىسەللىكتىن قۇتۇلىمەن.

مېھرىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105948
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-4-12
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 10:23:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كونىلار بىلپ دەپتىكەن  «ئۆزۈڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي »

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش