مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7978|ئىنكاس: 47

«مەخپىي» دورىلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى : 19756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2088 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 10:19:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىتىروئىدلىق ھورمونلاردىن ھەزەر ئەيلەڭ - DES تىن بىلىنگەن پاكىتلار


تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە





ئامېرىكىدا سىتىروئىدلىق ھورمون تىلغا ئېلىنسا تۇنجى بولۇپ كىشىلەر كاللىسىغا كىلىدىغىنى - سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ۋە يوغان مۇسكۇللار بولۇشى مۇمكىن. سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون دەرۋەقە مۇسكۇل يوغانتىش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئەڭ دەسلەپ  ئەرلەردىكى بەزى جىنسىي كېسەللەرنى داۋلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان دورا سۈپىتىدە بارلىققا كەلگەن. تېستوستېرون ئۇرۇقدان ۋە بۆرەك ئۈستى بېزىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبئىي ھورمون بولۇپ، بۇ ھورمۇن تۆرەلمە جىنسىنى بەلگىلەش ۋە ئەرلىك ئىككىلەمچى ئالامەتلەرنى بەلگىلەشتە ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدىكى مۇھىم رولغا ئىگە بولغاچقا تەبئىي ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تېستوستېرون كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھورمۇن تۇنجى قېتىم 1935-يىلى كرودىيەدە تۇغۇلۇپ شېۋىتسارىيەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان، 8 كەسىپتە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ۋە سانسىزلىغان ئىلمىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن داڭلىق ئالىم لىئوپولد رۇزىكا  Leopold Ruzicka تەرىپىدىن بايقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ بايقىشى ئۈچۈن 1939-يىللىق «نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى» مۇشۇ كىشىگە بېرىلگەن.  ئەكسىچە، تەبئىي تېستوستېرونغا ئوخشىمايدىغان يېرى - سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ئىشلىتىلىشكە باشلاپ ئۇزۇن ئۆتمەي قارشى ئىلىنمايلا قالماي، بەلكى تەنھەرىكەت ساھەسىدە ئىشلىتىش چەكلەنگەن، دوختۇرلار ئىشلىتىشىنى تەشەببۇس قىلمايدىغان بىر «يامان ئاتلىق» دورىغا ئايلىنىپ قالغان. نېمە ئۈچۈن بۇ سىتىروئىد تىپىدىكى ھورمونلۇق دورا شۇنچە قارشى ئىلىنمايدۇ-يۇ، ئەمما قاراڭغۇ بازارلاردا ئېقىپ يۈرىدۇ؟

بۇ تېمىدا قەلەم تەۋرىتىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەسكەن، شۇنداقتىمۇ ئىلمىي پاكىتلارنى يەتكۈزۈشنى  ۋە سالامەتلىككە ناچار قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئاگاھ بولۇشىنى مەقسەت قىلىپ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بۇ ماقالىنى يېزىپ چىقتىم. بۇ يەردە ئىلمىيلىككە ياتمايدىغان گەپمۇ يوق، ئەمما بەكلا خىجىلچان بولسىڭىز مۇشۇ يەردە توختاپ قىلىڭ. ھورمونلۇق دورىلار نۇرغۇن كېسەلللەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەركىبىدە سىتىروئىدلىق ھورمون بار بولغان دورىلاردىن ئىمكانقەدەر ھەزەر ئەيلىگەن تۈزۈك. بولۇپمۇ ياشقا چوڭ ئەرلەر ۋە بىر قىسىم ياش ئەرلەر بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ئىزدەپ-سوراپ تاپىدىغان ئاتالمىش «شىردەك قىلىۋەتكۈچى» دورىلارنىڭ تەركىبىدە ھەددىدىن كۆپ مىقداردا سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون قاتارلىق سىتىروئىدلىق ھورمونلار بار بولۇپ خېلى بازارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەپسۇسكى، بۇ دورىلارغا ئۆگىنىۋالغانلار ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان بارلىق ئىقتىداردىن مەھرۇم قېلىشى ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسەللىرىگە گېرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم غايەت زور مۇسكۇل چىقىرىۋالىدىغانلارمۇ سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل سىتىروئىد تىپىدىكى ئەرلىك جىنسىي ھورمون گەرچە مۇسكۇل يوغانتىشقا ياردەم قىلسىمۇ، كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندە، بۇنىڭ ئەرلەر كۆپيىش ئىقتىدارىغا پاسسىپ تەسىرى بولۇشى ياكى ئىشلەتكۈچى كۆپىيىش ئىقتىدارىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قىلىپ قارىماققا ناھايىتى مۇسكۇللۇق كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۆزى بولۇشنى ئارزۇ قىلغان «ئەركەك» بولالماسلىقى مۇمكىن. تېستوستېرون ئاياللاردىمۇ ئاز مىقداردا بار بولۇپ، مىقدارى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلەپ كەتسە ئاياللاردىكى بەزى بىنورماللىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئاياللارمۇ بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن. بەزىدە كىشىلەرنىڭ ھورمون دېگەن سۆزنى سەت گەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىمەن، بەلكىم جەمئىيەتتە ھورمون دېگەن سۆزنىڭ سەت گەپتەك ئاڭلىنىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ خىل دورىلاردىن كىلىپ چىققانمىكىن، دەپ قالىمەن.



ھورمونلۇق دورىلارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، نۇرغۇن ئېغىر كېسەللەرگە بۇ خىلدىكى دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن، ئەزا ئالماشتۇرغان بىمارلار، بەزى راك كېسەللىكلىرى... دېگەندەك. بەزىدە تېرە كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسىلى، زىققا كېسىلى، بوۋاقلاردىكى كەمتۈك (بالدۇر) تۇغۇلۇپ قېلىش... دېگەندەك كېسەللەرنى داۋالاشتىمۇ ھورمۇنلۇق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىشلىتىشتىن ساقلانغىلىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئېغىر كېسەللەرگە ئىشلەتكەندە زېيىنىدىن پايدىسى كۆپ بولۇپ ھاياتنى ساقلاپ قىلىشقا تاقىشىدىغان بولغاچقا بۇ ئەھۋاللاردا ئىشلىتىش بىلەن كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بۇ تۈردىكى دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ زور پەرقى بار.بۇ تېما پەقەت سىتىروئىدلىق ھورمۇنلار ئۈستىدە يېزىلىۋاتىدۇ، باشقا تۈردىكى ھورمونلۇق دورىلارغا ماس ئەمەس.

ئەمەلىيەتتە، سىزدە ھەقىقەتەن كىلىنىكىلىق كېسەللىك بولسا، ئۇ ھالدا دوختۇرغا كۆرۈنۈشىڭىز كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن خالىغانچە دورىلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. مەخسۇس شۇ تۈردىكى كىلىنىكىلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدىغان دورىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار سىتىروئىدلىق دورىلار قاتارىدىن ئەمەس. پەرىزىمچە، بۇغدا دوختۇرخانىسى قاتارلىق كەسىپلەشكەن مەخسۇس دوختۇرخانىلاردا خەلىقئارادىكى ئەڭ ياخشى دورىلارنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ھازىرقى دورىلار ئاساسلىقى تومۇرنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەسىر قىلدىغان سىتىروئىدلىق بولمىغان دورىلار بولۇپ سېنتىزلەنگەن تېستوستېروندىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بۇ تۈردىكى دورىلارنىڭ تۇنجىسى 1983-يىلى ئامېرىكىنىڭ لاس ۋېگاس شەھرىدە ئېچىلغان «ئاجايىپ ئۆزگىچە» بىر ئىلمىي دوكلاتتا دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن بۇيان، شۇ تۈردىكى دورىلار داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ياخشى داۋالاش ئۈنۈمى ياراتماقتا. بۇ «ئاجايىپ ئۆزگىچە» دوكلات خىلى قىزىقارلىق بولۇپ، بەلكىم بۇنىمۇ بىلىپ قويغاننىڭ زېيىنى بولمىسا كېرەك. 1983-يىللىق «ئامېرىكا سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى ئىلىمىي جەمئىيتى» يىغىنى ئىلىم-پەن تارىخىدا ئۇنتۇلماس بىر يىغىن بولدى ۋە بۇ ئىلمىي يىغىندىن كىيىن ئالىملارنىڭ «ئىسپات»نى قانداق كۆرسىتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاكادىمىيە ساھەسى ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا ۋە تالاشت-تارتىشلار بولۇپ ئۆتتى. بۇ يېغىنغا قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئالىملار ئىچىدە 57 ياشلىق ئەنگىلىيە فىزىئولوگىيە ئالىمى، مۇزىكاشۇناس دوكتور گىلېس برىندلىي (Giles Brindley) دوكلات سۆزلىمەكچى بولغىنىدىن ئالاھىدە ھاياجانلانغان بولۇپ، نەق مەيدان قاتناشچىلىرى ئۇنى كۆرۈشنى خالىغاندىكىدىن بەكرەك «ھاياجان»دا كۆرگىنىدىن كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قىلىشقان. بۇ كىشى ئۆزى يېڭى تەتقىق قىلىپ چىققان بىر دورىنىڭ ياشانغان ئەرلەردىكى ئاجىزلىقنى داۋالىيالايدىغانلىقىغا نۇرغۇن ئىلمىي ئىسپاتلار ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ نەق مەيداندىكى ئالىملارنى بۇ دورىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىگە قايىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بولدى قىلماستىن بۇرۇنقى ئىشەنمەسلىك ۋە بېشىدىن ئۆتكەن رەت قىلىشلارغا قارىتا ئويلىمىغان يەردىن ئۇنتۇلماس بىر ئىلمىي ئىسپاتنى كۆرسەتكەن: ئۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرقى مېنۇتىدا ئۆزىنىڭ 30 مېنۇت ئىلگىرى ئۆزى تەتقىق قىلغان دورىنى يېگەنلىكىنى ئېيتىپ ئارقىدىنلا نەچچە يۈزلىگەن ئەر ۋە ئايال تەتقىقاتچىلار لىكسىيە ئاڭلاپ ئولتۇرغان زالدا ئىشتىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئۇ دورىنىڭ «ھەقىقىي ئۈنۈمى» بارلىقىنى نامايەن قىلغان! بىز بۇ يەردە بۇ ئىش توغۇرلۇق كۆپ تالاش-تارتىش قىلىشىمىز ھاجەتسىز، ئەمما شۇنداق بىر تارىخىي ۋەقەتنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ قالساقلا كۇپايە.



سىتىروئىدلىق ھورمونلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دەسلەپ سېنتىزلىنىپ دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىشكە باشلىغاندا كىشىلەر ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇشقان، ئەمما ھەقىقىي ئالتۇن تاپقىنى شۇ دورا شېركەتلىرى بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا سېسىق نامى پۇر كەتكەن DES ناملىق دورا ئەڭ مەشھۇر بولۇپ، بۇ دورىغا قاراپلا ھەممە ھورمونلۇق دورىلار ناچار دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما مۇشۇ دورا ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىملار، دوختۇرلار سىتىروئىدلىق ھورمون دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا  سەل چۆچۈپ، سەزگۈرلۈكنى كۆتۈرۈپ، قاپاقنى تۈرۈپ دېققەت قىلىدىغان بولدى. بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلىشكە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى ھېكايىگە نەزەر تاشلاڭ:

دۇنياغا مەشھۇر DES ھېكايىسى





تۇنجى بولۇپ، 1938-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگىلىيە ئوكسىفورد ئۇنىۋىرستىتىدىكى ئالىملار تەرىپىدىن  «تەبىئەت» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سېنتىزلەنگەن ھورمون توغرىسىدىكى بىر ماقالە  دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان (http://www.nature.com/nature/journal/v141/n3562/pdf/141247b0.pdf). بۇ ماقالىدە «دى ئىتىل ستىلبېسترول» (diethylstilbestrol, DES) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خېمىيلىك سېنتىزلەنگەن ماددىنىڭ سىتىروئىد تىپىدىكى ئاياللىق جىنسىي ھورمۇن «ئېستىروگېن»  نىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ ماددىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پاتېنىت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنمىغان بولغاچقا 200 دىن ئارتۇق دورا شېركەتلىرى تەرىپىدىن زور مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بېيىشىغا سەۋەپچى بولغان. لىكىن ئۇ ۋاقىتلاردا  بۇ سېنتىزلەنگەن ھورمۇننىڭ دۇنياغا زور بالايئاپەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنىى ھىچكىممۇ ئويلاپ يەتمىگەن. بۇ ھورمۇن 1941-يىلى ئامرىكىدا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بىر قانچە خىل ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنىپ بازارغا سېىلىنىغان. كىينچە، ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولى بار دەپ قارىلىپ ھامىلدار ئاياللارغا بىرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، DES يەنە مەزى بېزى راكىنى ساقايتىش رولى بار دەپ قارىلىپ مەزى بېزى راكىغا گرىپتار بولغان ئەرلەرگىمۇ 1941-يلىدىن باشلاپ ئۇدا 40 يىل بىرىلگەن. ئەپسۇسكى، 1950-يىللاردىن باشلاپلا ئامرىكا چىكاگو ئۇنىۋىرستىتدىكى تەتقىقاتچىلار تۇنجى بولۇپ DES نىڭ ھامىلە چۈشۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ھىچقانداق رولى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1960-يىللاردا باشقا نۇرغۇن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش خۇلاسىغا كەلگەن. 1970-يىللارغا كەلگەندە كىشىنى ئەندىكتۈرىدىغان ھادىسە ئاخىرى بايقالغان. يەنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە DES يىگەن ئانىلارنىڭ قىز پەرزەنتلىرىنىڭ جىنسىي يول راكىغا گرىپتار بولۇش نېسبىتى باشقا ئاياللارنىڭ قىزلىرىدىن 40 ھەسسە يۇقىرى بولغان! ئارقا-ئارقىدىن DES ناملىق بۇ «سېھىرلىك» ھورمۇننىڭ ئىككىنچى ئەۋلادتا ئەمچەك راكى ۋە بالياتقۇ يولى راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بايقالغان.

بۇ دورىنى يىگەن ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرى بولسا تۇغماسلىق ۋە  ۋە مەزى بىزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نېسىبىتى ناھايتى يۇقىرى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردا ھامىلە چۈشۈپ كىتىش نېسبىتى، ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ قىلىش نېسبىتى، بالدۇر تۇغۇلۇپ قىلىش نېسبىتى، بالياتقۇ سىرتىدا ھامىلدار بولۇش نېسبىتى ۋە بالدۇر كلىماتىرىيە دەۋرىگە قەدەم قويۇش نېسبىتى بۇ دورىنى يىمىگەن ئاياللاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. شۇنداقلا، ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە مۇشۇ دورىنى ئىستىمال قىلغان ئەر تۇنجى بولۇپ جىنسىنى ئايالغا ئۆزگەرتكەن ۋە شۇنداق ئانىدىن تۇغۇلغان ئوغۇللارنىڭ قوش جىنىسلىق بولۇش نېسبىتى، جىنسىي ئىقتىدار ئاجىزلىقى، جىنىسنى ئايالغا ئۆزگەرتىش نېسبىتى ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇش نېسبىتى ئانىسى بۇ دورىنى يىمىگەن ئوغۇللاردىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولغان. ھەتتا، بۇ دورىنى يىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان كىشىلەردە مەيۈسىلىنىش ۋە باشقا روھىي كېسەللەرگە گرىپتار بولغانلارنىڭ نېسبىتى ئادەتتىكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان. ھازىر ئۈچىنچى ئەۋلاد كىشىلەر تەكشۈرۈلمەكتە. شۇنداق قىلىپ، بۇ دورا ئاستا-ئاستا ئىشلىتىلىشتىن چەكلىنىپ 1997-يىلى .ئامرىكىدىكى ئەڭ ئاخرىقى ئىشلەپچىقارغۇچى شېركەت بۇ دورىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغان. ئانىسى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە بۇ دورىنى ئىشلىتىپ كىيىن ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان ئاياللار بىرلىشىپ دورا شىركەتلىرى ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان ۋە بۇ ئەرىز تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا.

خۇلاسىلىسام، گەرچە بازاردا سېتىلىدىغان سېنتىزلەنگەن تېستوستېرون تەركىبلىك ئاتالمىش «قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى» دورىلارنىڭ كۆزلەنگەن مەقسەتكە نىسبەتەن ھەقىقەتەن مەلۇم رولى بار بولسىمۇ، ئەمما بۇ دورىلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن يامان. ئىنسان بولغانكەنمىز، ئۆزىمىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىشىمىز، ئۆزىمىزنى ھالاكەتكە باشلاپ نابۇت قىلىدىغان دورىلاردىن ئىمكانقەدەر يېراق تۇرۇشىمىز لازىم.

ھورمونلار توغرۇلۇق دەسلەپكى بىلىملەرگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز مەن يازغان تۆۋەندىكى ماقالىلارنى ئوقۇپ چىقىڭ:

بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: ھورمۇن دېگەن نېمە؟
بەدىنىڭىزنى چۈشىنىۋىلىڭ: ئىچكى ئاجراتما سىستىمىسى
ھورمونلار ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى




ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى مەنبەسى ۋە ئاپتورنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ. ئىمكانقەدەر كۆپرەك تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8501
يازما سانى: 894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3014
تۆھپە نۇمۇرى: 835
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق  ئەمەلى نەپ تىگدىغان تىمىلار چوققىلانسا ئاستىغا ئۆتۈپ كەتسە نۇرغۇن ئادەملەر كۆرەلمەيدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:05:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر تىبابەت تورىغا كىرىپ بىر تېما يوللىغانتىم ماۋزۇسى«ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىغىمۇ ھورمۇن ئىشلىتىلەمدۇ» ئىدى تور بېكەت قۇرغۇچى پىشقەدەم تىۋىپتىن بۇ سوئالىمغا جاۋاپ بېرىشنى سورىدىم،ئۇ كىشى جاۋابەن مۇنداق دېدى«راست گەپنى قىلغاندا بۇ ھازىر تىۋىپلارنىڭ ئىنسابىغا باغلىق بولۇپ قالدى،ئەگەر يۇقىرى تەننەرخى بىلەن پۈتىدىغان ساغلاملىق دورىسىغا مەلۇم دەرىجىدە ھورمۇن قوشقاندا ھەم تەننەرخىنى تىجىگىلى ھەم كۆپ قىمەت ياراتقىلى بولىدۇ ئەمما ئۇ دورىنىڭ ئاقىۋەتتە خېرىدارغا ئەكىس تەسىرى ئېغىر بولىدۇ»دېدى

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105021
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 402
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 314 سائەت
تىزىم: 2014-3-19
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:13:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرتتىمۇ ھەسەل سۈيى دەپ مۇشۇنداق دۇرا پنەيدا بۇلۇپ قالدى دۇكانلاردا ئون يۈئەندىن سېتىۋاتىدۇ. بۇمۇ مۇشۇ نداق سىتىرۇئىدلىق ھورمۇنلۇق دۇرىلاردىنمىدۇ؟

ئۈزەڭنى بىل،ئۆزگىنى قوي.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11958
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7036
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنداقتا ئاشۇنداق «شىر»دەك قىلىدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسىدە شۇ« سىتىروئىد» دىگەن نەرسە بارمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95317
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 168
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-24
ئاخىرقى: 2014-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 05:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى مەنمۇ رادىئو ۋە تىلۋىزۇرلاردىن ھورمۇن قۇشۇلغان ساغلاملىق دورىلىرىنىڭ يۈرەك كېسلى قاتارلىق بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقرىدىغانلىقنى ئاڭلغانتىم. بەزى تېۋىپ تۇنۇشلىرىمدىن سورىسام ئۇلار ھازىر تېلۋىزۇرلاردا ئېلان بېرىپ سىېتۋاتقان مەزى بېزى ياللغۇغىنىڭ دورىسى، ساپ جۇڭيى دورىسسى ياكى مللىي تىبابەت دورسىسى دىگەندەك دورىلارغىمۇ ھورمۇن قوشىدىكەن، بولىمىسا جۇڭيى دورىلرىنىڭ ئۆنۈمى ئاستا خاراكتىرلىك بولغاچقا خېرىدارلار ئۇ دورىنى ئۆنۈمى يوقكەن تەسىر  قىلمايدىكەن دەپ ئالماسمىش. شۇڭا بارلىق ئەر يولداشلار تېلۋىزۇر ۋە رادىئودىكى تۈرلۈك ئېلانلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭلار. تېز تەسىر قىلدىغان دورىلارنىڭ ھەممىسنىڭ تەركىۋىدە ھورمۇن بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5161
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 05:35:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3073 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 06:25:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن بۇ نەرسىنىڭمۇ ھۇرمۇن بۇلىدىغانلىقىنى مۇشۇ تىمىڭىزدىن ئەمدى بىلىپتىمەن، بەزى ياشانغانلار ياش ئايال ئىلىۋالسا تىزلا يۈرەك كىسىلى بۇپ قىلىشى مۇشۇ نەرسىنى ئىشلەتكەنلىكتىن بۇلىشى مومكىنكەن-دە...
چوپ-چوڭ بۇپ قىلىپ قاچانلا قارىسا خۇتۇنىنىڭ كەينىدىن سۇكۇلداپ يۈرسە بەك ئامراق بۇلۇشۇپ كىتىشلېرىدىن كۈلگىسى كىلىدىكەن كىشىنىڭ...
  ئەسلى بۇرۇنراق يازغان بولسىڭىز مۇشۇنىڭ تەسىرىدىن بىر قىسىملېرى ساقلىنىپ قالاركەن...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 349
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2382
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 06:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت ،ھازىر بۇ خىلدىكى دورىلارغا ئالدىنىپ،ئۆزىنى تۈگەشتۈرۋاتقان كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس ،دورا دېگەن ئاش ،نان ئەمەس خالىغانچە يەۋەرسە بولىۋىرىدىغان،بۇغۇ ھورمۇنلۇق دورا ئىكەن ئادەتتە ھەرقانداق خىمىۋىيلىك دورىلارنىمۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە مىقدارىدىن ئاشۇرۋەتمەي،بەك ئۇزاق يەپ كەتمەي يىيىش كىرەك،دورا دېگەن پايدا قىلسا نورمال يىسە،مۇۋاپىق يىسە دورا، بولمىسا زەھەر،دىققەت قىلىش كىرەك،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81862
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3994
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 07:05:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوققىلاشقا لايىق ئەسەر

بىر مىللەتنى باشقا مىللەت ياكى دۆلەت قۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. بىزنى پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى ۋە ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچان ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش