مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9679|ئىنكاس: 85

ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم-پەن (1)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106141
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1565
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2014-4-17
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:34:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم-پەن

-1-

بىر بۆلەك كىشىلەر بىز ھازىر ئىلىم- پەن دەۋردە ياشاۋاتىمىز، دىن رولىنى ئورۇنلاپ بولدى، يېڭى ھاياتتا دىننىڭ ئورنى قالمىدى، دەپ قارايدۇ.

بۇلار يۇقىرىقى سۆزىگە دەلىل سۈپتىدە:

1. ھەزارەت دېگەن ئىلىم- پەن بىلەن مەۋجۇت بولىدۇ، دىن بولسا ئىلىم- پەن بىلەن قارشىلىشىدۇ.يېڭى غەرب ھەزارىتى دىن لوگىكىسىنى تاشلاپ، ئىلىم- پەن لوگىكىسىغا ئىشەنگەن ۋاقتىدا ھازىرقى تەرەققىياتىغا  يېتەلىگەن.ئەگەر بىزمۇ غەربنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ھەزارىتى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرلىمەكچى بولساق، غەرب دۇنياسىنىڭ يولىدا مېڭىپ، دىننى چۆرۈپ تاشلىشىمىز لازىم. بولمىسا چۈشكۈنلىشىپ مەدەنىيەتنىڭ ئارقىدا قالىمىز، دەپ قارايدۇ.

2. فرانسىيە پەيلاسوپى «ئوۋجىست كونت»aoujst kount  (1798- 1857) نىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق قانۇنىيىتىگە باش ئەگكەن. ئوۋجىستنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق قانۇنىيىتى: بىرىنچى قىلىپ دىن بىلەن باشلانغان، ئىككىنچى قىلىپ پەلسەپە باسقۇچىنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۈچىنچى قىلىپ ئىلىم-پەن بىلەن ئاخىرلاشقان. ئىلىم- پەن باسقۇچنىڭ ئاخىرى.

3. ماركسنىڭ: دىن خەلقنى زەھەرلەيدىغان ئەپيۇن،خەلقنى دىنغا بويسۇنۇش ۋە دىنغا ئىتائەت قىلىشتىن توسۇش ئۈچۈن دىننى توسۇش ۋەچەكلەش لازىم، دېگەن سۆزىگە ئىشەنگەن.

ھەزارەتنىڭ ئىلىم- پەن ئاساسىدا شەكىللىنىدىغانلىقى توغرا، لېكىن ئىلىم- پەننى قوبۇل قىلىش بىلەن دىننى رەت قىلىشنى باغلاش، شۇنداقلادىن ئىلىم-پەنگە قارىشى تۇرىدۇ، دەپ قاراش، توغرا ئەمەس.

ئىلىم- پەنگە قارىشى تۇرغان، ئىلىم ئەھلى بىلەن قارشىلاشقان، ئالىملارغا ئۆلۈم ھۆكۈم چىقارغان ياكى جەننەتتىن مەھرۇم قىلغان «دىن»چېركاۋنىڭ دىنىي. چېركاۋ  پىكىرئەركىنلىكىنى چەكلىگەن، ئىلىم- پەن بىلەن قارشىلاشقان، قەدىمىي ئىلمىي نەزەرىيەلەرگە مۇقەددەسلىك تونىنى كىيگۈزۈپ، تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى چېركاۋنىڭ نەزەرىيىسىگە ماس كەلمىگەن ھەر قانداق ئالىم بىلەن كۆرەش قىلغان ۋە ئۇلارنى دىنسىزلار دەپ تۆھمەت چاپلىغان. مانا ماۋۇ چېركاۋ دىنىنىڭ پوزىتسىيىسى.

دىن بىلەن ئىلىم- پەن زىتلىشىدۇ ياكى كېلىشەلمەيدۇ،دېگەن گەپ بىلەن ئىسلام دىننىڭ ئالاقىسى يوق. ئىسلام دىنى ئەقىل ئۈستىگە قۇرۇلغان،ئەقىلنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن دىن. ئىسلامدا دىن بىلەن ئىلىم- پەن ئايرىلماس دوستىلاردىن ئىبارەت. چۈنكى ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ئىسلامدا يۈزەكى ئىش ئەمەس، بەلكى پەرزدىن ئىبارەت.

(1)

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم- پەنگە قارىتا پوزىتسىيىسى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* l. O5 @  Q8 S, v

ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەندىن تارتىپ ئەقىلنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىمىزگە ۋە كائىناتقا نەزەر تاشلاش ۋە تەپەككۇر قىلىشقا چاقىرغان بىردىن بىر «دىن». ئىسلام دىنى پاكىتسىز  قىلىنغان ھەر قانداق دەۋالارنى رەت قىلىدۇ، دورامچىلىق قىلىش ۋە تەپەككۈر قىلماستىن تەۋە بولۇش كېتىشنى، گۇمان ۋە دەلىلسىز ھەۋەسكە ئەگىشىشنى ئىنكار قىلىدۇ. ئەقىلنى دۆتلەشتۈرىدىغان سېھىر قىلىش،پالچىلىق قىلىش، داخانلىق ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار خۇراپىي ئىشلارنى ھارام دەپ قارايدۇ.

ئىسلام دىنى ئىمانغا تايانغاندەك بىلىم-مەرىپەتكە تاياندى، ئەقىل ۋە قەلبكە تەڭ خىتاب قىلدى، بىر ۋاقىتتا كۆڭۈل ۋە ئىدىيىنى قوزغاتتى. ئىسلام دىنى ئىلىم- پەن ۋە مائارىپنى ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى ئاساسلىق نىشان دەپ قارايدۇ. ئەقىلنى نادانلىق ۋە خۇراپاتلىقتىن ئازات قىلىپ ئىلىم-پەن ۋە مەرىپەت دەرۋازىلىرىغا كىرىشكە چاقىرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن«ئوقۇ،ئۆگەن، بىلىم ئال» دېگەن ئايەتلەر بىرىنچى قېتىم چۈشۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ «مائارىپنى سۆيۈش ۋە ئىنتىلىش» خاراكتېرىنى كۆرسىتىپ بەردى. مائارىپنى ئىمان بىلەن باغلاشقا يوليورۇق كۆرسەتتى. ئىماندىن ئايرىلغان ئىلىم-پەن ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ،ئىنسانلارنى بەختلىك ۋە خاتىرجەم قىلالمايدۇ.

ئىسلام دىنى بىلىم-مەرىپەت ۋە ئالىملارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ. بىلىم- مەرىپەتنىڭ دەرىجىسىنى نەپلە ئىبادەتتىن ئارتۇق دەپ  باھا بېرىدۇ، دىن ۋە دۇنيالىققا ئالاقىدار ھەرقانداق بىلىم-مەرىپەتنى قايسى مىللەتتىن بولسۇن قارشى ئالىدۇ. قارشى ئېلىش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالماي، پايدىلىق بىلىم-مەرىپەتلەرنى «پەرز» كىفايە دەپ قارايدۇ.

ئىسلام دىنى بۇ قىممەتلىك كۆرسەتمىلىرى ۋەپرىنسىپلىرى بىلەن بىلىم- مەرىپەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھەر تەرەپلىرى يورۇپ تۇرغان ئىلمى ھاياتنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن پىسخولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي ساھەنى يارىتىپ بەردى. ئىسلامدىكى ئەقلانىلىقنى- گەرچە ئىسلامنىڭ خۇسۇمەتچىسى بولسىمۇ- ئىنساپلىق ھەر قانداق بىر كىشى ئېتىراپ قىلغان.

مانا فرانسىيىلىك ماركىسىزم يازغۇچىسى جەمئىيەتشۇناس ۋە تارىخچى:«ماكسىم رودىنسۇن» (Maxime rodinson ) «ئىسلام ۋە كاپىتالىزم» ناملىق كىتابىنىڭ «قۇرئان ئەقىدىسى» ناملىق تېمىسىدا مۇنداق دەيدۇ:«قۇرئان ئەقىلغا يۇقىرى ئورۇن بەرگەن مۇقەددەس كىتاب، قۇرئان دەلىل-پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ مۇنازىرە قىلىدۇ. دىققەتنى بەك تارتىدىغان بىر مەسىلە ۋەھىيىنىڭ ئۆزىدۇر. قۇرئان ۋەھيىنى پاكىتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. قۇرئان تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە ،پەيغەمبەرلەرنى « پاكىت» كەلتۈرگەن دەپ تەكرار-تەكرار بايان قىلىدۇ... قۇرئان قارشى كۆز قاراشتىكىلەرنى (مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەھىي كەلتۈرۈپ باققىن) دەپ جەڭ ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.  قۇرئان ئىلاھى قۇدرەتنىڭ كاتتىلىقىغا ئەقلى پاكىتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاسمان-زېمىننىڭ يارتىلىشى،كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى، ھايۋانلارنىڭ تۇغۇلۇشى، سەييارە يۇلتۇزلارنىڭ ئايلىنىشى...دا «ئەقىل ئىگىلىرىگە پاكىتلار بار» دەيدۇ. «چۈشەنمەك» يەنى پىكىرلەرنى بىر بىرىگە باغلىماق، ئەقلى پاكىتنى ئاڭقىرماق دېگەن سۆز قۇرئاندا 50قېتىم ئەتراپىدا تەكرارلىنىدۇ، «چۈشەنمەمسىلەر» دېگەن ئىنكار شەكلى 13 قېتىم تەكرارلىنىدۇ.  مۇھەممەدنىڭ چاقىرىقىغا نەزەر تاشلاپ بېقىشنى رەت قىلغان كۇپارلار«ئەقىلسىز قەۋملەر» دەپ سۈپەتلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار مىراس ئالغانئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەۋرىتىدىغان ھېچقانداق ئەقلى ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىشتىن ئاجىز كىشىلەر.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەپەككۇر قىلىش ئاساسىغا قايتا نەزەر تاشلىمايدىغان بۇ كىشىلەرنى يامان كۆرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئەۋەتىشى،كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە ئۇنى تەپەككۈرلىرىنىڭ ئاساسى قىلىشى ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟.ئاللاھ ئېنىق پاكىتنى بايان قىلىپ بولۇپ، ئايەتنىڭ ئاخىرىنى مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن ئاياغلاشتۇرىدۇ:«چۈشىنىدىغان قوۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز» (رۇم سۈرىسى، 280- ئايەت).

ماركىسىزم يازغۇچىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئەقلانىلىقىنى تەۋرات ۋە ئىنجىل بىلەن سېلىشتۇرۇپ كېلىپ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇرىدۇ:«بۇنىڭ قارشىسىدا(قۇرئاننىڭ ئەقلانىلىقى)ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم كۆرۈنىدۇ».(ئىسلام ۋە كاپىتالىزم ناملىق كىتاب)، «قۇرئان ئەقىدىسى» بۆلىمى،38-بەتلەرگە قاراڭ.

قۇرئاننىڭ ئايەتلىرى يارىتىپ بەرگەن بۇ ئەقلى مۇھىت ماركىسىزم مۇتەپەككۇرى ۋە باشقىلار ئېتىراپ قىلغاندەك-ئىنسانىيەت ئىقتىدارىنىڭ نەتىجىلىك ئىلمىي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن مول مۇنبەت مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تۆۋەندە ئىسلام دىنىنىڭ بىلىم-مەرىپەتكە بولغان كۆز قارىشىغا ئالاقىدار بىر قانچە مەسىلىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن:

1. قۇرئان كەرىم ئىقتىسادى سىياسەت ئىشلىرىدا «پىلانلىق ئىش قىلىش» سىياسىتىنى ئىشارەت قىلغان.  بۇ پىلان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىىدە «15» يىللىق پىلان دەپ بايان قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا پىلانلىق ئىش قىلىش-بەزى يۈزەكى كۆز قاراشتكىلەر چۈشەنگەندەك- تەقدىر ئېتىقادىغا  زىت ئەمەس. بەلكى ھەر قانداق بىر ئىشتىكى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىسى.

2.رەسۇلۇللاھ مەدىنە مۇنەۋۋەر ھاياتىنىڭ دەسلەپكى دەۋردىن تارتىپ: «ستاتىستىكا»ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن،مۇسۇلمان بولغانلارنى ساناشقا بۇيرۇغان. ساھابىلەرنىڭ ستاتىستىكا مەلۇماتىغائاساسەن، مۇسۇلمانلارنىڭ سانىنىڭ 1500 گە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان (بۇخارى بايانقىلغان). دېمەك،«ستاتىستىكا ئىلمى»غەرب ئەللىرىدىن كېلىپ قالغان تاۋار بولماستىن،ئىسلامنىڭ ئەسلى بىلىم- مەرىپەت نەزەرىيىسى.

3.رەسۇلۇللاھ دۇنيا ئىشلىرىدا «تەجرىبە مېتودى» ئىشلىتىشنى ۋە تەجرىبە ئىلمىنىڭ نەتىجىلىرىنى-گەرچە رەسۇلۇللاھنىڭ پىكرىگە خىلاپ بولسىمۇ-قوبۇل قىلىشنى تەستىقلىغان ۋە قوللىغان. رەسۇلۇللاھ:«دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنى سىلەر ئوبدان بىلىسىلەر»دېگەن، (مۇسلىم بايان قىلغان).

4. ئىسلام دىنى باشقا مىللەتلەردىن-ئېتىقاد، ئەخلاق، ئاساسىي قانۇن، ۋە قىممەت قارىشىغا ئوخشاش تەرەپلەردىن باشقا- بىلىم مەرىپەت، تېخنىكا ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا ئالاقىدار بولغان پايدىلىق بىلىملەرنى قوبۇل قىلىشقا قىزىقتۇرغان. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھخەندەك جېڭىدە ئىرانلىقلارنىڭ خەندەك كولاش ئۇسۇلىنى سەلماندىن قوبۇل قىلغان،رىملىق ياغاچچى رەسۇلۇللاھغا خۇتبە سۆزلەيدىغان «مۇنبەر» ياساپ بەرگەن. دېمەك،مۇنبەر رىملىقلارنىڭ تەجرىبىسى. مانا رەسۇلۇللاھ:«ھىكمەت مۆمىننىڭ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسى(مۈلكى)، ئۇ يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىنى قەيەردە تېپىۋالسا، باشقىلاردىن ھەقلىق»دېگەن. (تىرمىزى).

5. قۇرئان كەرىم سانائەتنىڭ قىممىتى ۋە سانائەتنىڭ تۇرمۇشتىكى رولىنى  قوللاپ- قۇۋۋەتلىگەن.ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى بولغان تاللانغان زاتلارمۇ سانائەت ۋە ھۈنەرۋەن-كاسىپلار ئىدى. نۇھ ئەلەيھىسسالام كېمە- پاراخۇت ياسايتتى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋەبالىسى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام قۇرۇلۇشچىلار بولۇپ، بەيتۇللاھنىڭ ئۇلىنى كۆتۈرگەن. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساۋۇت-چاپانلارنى ياسايتتى ۋە تۆمۈرنى پىششىقلاپ ئىشلەيتتى...سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ مىس (چىقىدىغان) بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەرگەن،شۇنداقلا ئاللاھ ئۇنىڭغا بەزى جىنلارنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. جىنلار سۇلايمانغا ئۇخالىغان كاتتا سارايلارنى، مىستىن-ئەينەكتىن ئاجايىپ ھەيكەللەرنى، كۆلدەك چوڭلېگەنلەرنى، چوڭلۇقتىن مىدىرلىمايدىغان قازانلارنى ياساپ بېرەتتى. زۇلقەرنەيىن بولسا تۆمۈر ۋە ئېرىتىلگەن مىسلاردىن چوڭ توسمىلارنى تۇرغۇزاتتى.

مانا بۇنىڭ ھەممىسى توغرا«ئىلمىي مېتود»نىڭ مەيدانغاكېلىشى ئۈچۈن،  ئىسلام دىنى تەييارلاپ بەرگەن «ئىلمى مۇھىت» خاراكتېرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ساغلام ئىلمىي مېتودنى غەرب دۇنياسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئىنكار قىلالمىدى.

مانا ئىنساپلىق مەشھۇر ئالىم:«موسيو رىينى مىلى» Rene Miley,s مۇنداقدەيدۇ: «مۇسۇلمانلار تەتقىق قىلىش ۋە ئىزدىنىشتە «مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئىزدىنىش مېتودى» دىن ئىبارەت يېڭى مېتودنى ئىجاتقىلدى، بۇ پرىنسىپ ئىسلام دىنىدىن شاخچىلىنىپ چىققان مېتودتىن ئىبارەت.مۇسۇلمانلار بىلىم-مەرىپەتكە يۈزلەندى ۋە بۇ ساھەلەردە يېتىشىپ چىقتى، ئۇلار خېمىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ بۈيۈك دوختۇرلار بارلىققا كەلگەن».( د.قەرداۋى: ئىسلام ۋە ئىلمانىزىم يۈزمۇ يۈز، 63- بەت).

فرانسىيىلىك ئالەمگە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس پەيلاسوپ ۋە تارىخچى«گوستاۋ لوبۇن»  Gustave lebonمۇنداق دەيدۇ:«ئەرەبلەر، پىكىر ئەركىنلىكنىڭ دىندا رۇس تۇرۇش بىلەن قانداق چىقىشىدىغانلىقىنى ئالەمگە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر» (ئەرەب مەدەنىيىتى، 276- بەت).


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' u& f0 }* E' d" q* a

(2)

ئىسلامدىكى بىلىم- مەرىپەتنىڭ ھەزارەتكە كۆرسەتكەن تەسىرى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 K% M7 p% d+ {/ r) W

ئىسلام دىنى ئىمان بىلەن ئىلىم- پەننى بىرلەشتۈرۈپ،دىن بىلەن دۇنيانى بىر گەۋدە قىلىپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھەزارەت ياراتقان.ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئىلمى ئويغىنىش، بۇ مەدەنىيەتنىڭ نۇرى تەسىر كۆرسەتكەندە بارلىققا كەلگەن. ئىسلام مەدەنىيىتى ياۋروپانى دورامچىلىق تۈرمىسىدىن ۋە  ئارستوتىلنىڭ قىياسى ۋە شەكلى لوگىكىسىدىن ئىبارەت كونا ئۇسۇل ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈشتىن ئىجادىيەت، تەتقىق قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە تەجرىبە قىلىش مەيدانىغا چىقاردى. بۇ يېڭى مېتودلارمۇسۇلمانلار ئىجات قىلغان ئىسلامنىڭ ئىلمى مېتودىنىڭ  تەسىرىدىن پەيدا بولغان.

ئىسلام ھەزارىتى دۇنيا بىلەن ئاخىرەتنى، ئاسمان بىلەن زېمىننى باغلىدى، ماددا بىلەن روھنى قېرىنداش قىلدى، ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇردى ۋە رېئاللىق بىلەن ئۈلگىلىكنى بىرلەشتۈردى.

گوستاۋ لوبۇن(ئەرەب مەدەنىيىتى) ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ:«ئادەتتە تەجرىبە ۋە كۈزىتىش ئىلمى بىيكۇنغا نىسبەت بېرىلىدۇ، لېكىن بۈگۈن شۇنى ئېتىراپ قىلىش لازىمكى، تەجرىبە ۋە كۈزىتىش ئىلمى يالغۇز ئەرەبلەر (مۇسۇلمانلار)نىڭ ئەمىگىكىدۇر... ئەرەبلەرنىڭ كىتابلىرىنى تەتقىق قىلغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى بۇ كۆز قاراشنى ئېلان قىلىشتى»، بولۇپمۇ«ھىنبولىد»: «ئەرەبلەر(مۇسۇلمانلار) تەجرىبەۋە كۈزىتىش ئىلمىدە ئىلگىرىكىلەر  بىلمەيدىغان يۇقىرى پەللىگە يەتكەن»دېگەن.(گوستاۋ لوبۇن:ئەرەب ھەزارىتى،435-بەت).

فرانسىيىلىك تارىخشۇناس«مىسيو سىيدىيۇ»Sedillot (ئەرەبلەرنىڭ ئومۇمى تارىخى) ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: باغداد مەدرىسى سۈپەتلەنگەن ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرسى توغرا ئىلمى روھدۇر. مەلۇم نەرسىدىن نامەلۇم نەرسىنى چىقىرىش، يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋەتەجرىبە مېتودى بىلەن ئىسپاتلانمىغان نەرسىگە قايىل بولماسلىق كۆز قارىشىنى ئەرەب ئۇستازلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پرىنسىپلاردىن ئىبارەت. ئەرەبلەر مىلادىيە توققۇزىنچى ئەسىرلەردە بۇ  شەرەپلىك مېتودنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان، يېڭى دەۋر ئالىملىرى ئاجايىپ ئىجادىيەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئۇ بىلىملەردىن پايدىلانغان»

يەنە:«مۇسۇلمانلار ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئىلىم- پەن،پەلسەپە ۋە باشقا پەنلەردە يىگانە ئىدى. ئۇلار قەيەرگىلا بارسا بۇ پەنلەرنى تارقاتتى، بۇ بىلىملەر ئۇلاردىن ياۋروپاغا يۆتكىلىپ، ياۋروپانىڭ ئويغىنشىغا سەۋەب بولغان».(يۇقىرىقى مەنبە، 436- بەت).

ھەسەن ئىبنى ھەيسەمنىڭ «كۆز ئىلىملىرى» )ئوپتىكا فىزىكىسى(دىكى كۆز قاراشلىرى، تۇسىنىڭ «ماتېماتىكىدىكى» پىكىرلىرى،ئىبنى سىنانىڭ «مېدىتسىنا ئىلمىدىكى كۆز قاراشلىرى» يېقىنقى زامانغىچەياۋروپادا ئىلمى مەنبە قىلىناتتى.

بېلگىيىلىك شەرقشۇناس ئىنسانىيەت بىلىملىرى تارىخىنىڭ تارىخچىسى«جورج سارتۇن» GeorgeSarton، (بىلىم- مەرىپەتنىڭ تارىخى)ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ:« 4 ئەسىر بويى ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ بۈيۈكلىرى ئىسلام ئەقلىدىن چىققان. مۇشۇ تۆت ئەسىر بويى ئېلىپ بېرىلغان ئالاھىدە ئىلمىي ئىزدىنىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەرەب تىلى بىلەن قولغا كەلگەن».(د.سامى نەششار: ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى نەزىرىدىكى ئىزدىنىش مېتودلىرى، 353- بەت).

ئۇستاز  بىريفولىت RobertBriffault «ئىنسانىيەت  قۇرۇلمىسى» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ:« ئەنگىيىلىك ئالىم روگور بىكون (bacon Roger )ئەرەب ئىلمىنى چوڭقۇر ئۆگەندى. ياۋروپادىكى تەجرىبە ئىلمىنى كەشىپ قىلىشتىكى ئارتۇقچىلىق روگور بىكون ياكى فرانسىس بىكون (Francis bacon )غا نىسبەت بېرىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە روگور بىكون ئىسلام بىلىم- مەرىپىتى ۋە مېتودىنى ياۋروپاغا يۆتكىگەن ئەلچىلەرنىڭ بىردۇر... ئىسلام بىلىم- مەرىپەتلىرىنىڭ ياۋروپا بىلىمىگە كۆرسەتكەن مۇھىم تەسىرى يېڭى ئىلىم- پەننىڭ ئالاھىدە كۈچى ۋە گۈللىنىش مەنبىيى بولغان «تەبئىي پەن» ۋە «ئىلمى روھ» دۇر. (د.سامى نەششار: ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى نەزىرىدىكى ئىزدىنىش مېتودلىرى، 382- بەت).

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" Y0 k9 v% l" P' @4 l9 q' J

(3)

ئىسلام دىنى دىن بىلەنئىلىم-پەننى بىرلەشتۈرىدۇ

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, O' R9 t/ [& s. T+ U' f6 w8 \

يۇقىرىقى پاكىتلارغا ئاساسەنئىسلامدىنىي بىلەن ئىلىم- پەن كېلىشەلمەيدۇ، ياكى زىتلىشىدۇ، دېگەن نەزەرىيەنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ، ئىسلامغا قىلىنغان  قۇرۇق تۆھمەت. ئىسلامدىكى دىن ئىلىم- پەن، ئىسلامدىكى ئىلىم- پەن دىن.ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە تارىخى مانا مۇشۇنداق گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

ئىسلامدىكى دىن بىلىم مەرىپەت. چۈنكى ئىسلام دىنى يالغۇز ۋىجدانغىلا تايانمايدۇ، بەلكى تەپەككۈر قىلىشقا، ئىزدىنىشكە، قارىغۇلارچە دوراشنى رەت قىلىشقا، ۋە گۇمانغا ئەمەس دەلىل-پاكىتقا تايىنىدۇ.

ئىسلامدىكى ئىلىم- پەن دىندۇر،چۈنكى بىلىم-مەرىپەتنى ئۆگىنىش ئەر ۋە ئايال مۇسۇلمانغا نىسبەتەن پەرز. ئىلىم-پەن شەخس ياكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ پەرز ئەين ياكى پەرز  كىفايە بولىدۇ.

پايدىلىق بىلىم-مەرىپەت مەيلى دىنىي بىلىم ياكى دۇنيالىق بىلىم بولسۇن ئىبادەت ۋە ئاللاھ يولىدىكى جىھاد ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ ھەقىقەتكە غەربلىك تەتقىقاتچىلارمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن.  بۇ يەردە كۆز قارىشىمىزنى تەكىتلەش ئۈچۈن غەرب تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بەزى گۇۋاھلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

گېرمانىيەلىك مۇتەپەككۇر«ھورتىن»(Max Horten)مۇنداق دەيدۇ:«يالغۇز ئىسلام دىنىدىلا دىن بىلەن ئىلىم -پەننىڭ بىرلەشكەنلىكىنى كۆرەلەيسەن،  ئىسلام دىنى دىن بىلەن ئىلىم پەننى بىرلەشتۈرگەن بىردىن- بىر دىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دىنىدا دىننىڭ ئىلىم - پەندائىرىسىدە يەرلەشكەنلىكىنى بايقايسەن. پەلسەپە ۋە دىن كۆز قارىشىنىڭ بىر-بىرىگە قۇچاق ئاچقانلىقىنى كۆرەلەيسەن». (ئىسلام ئېڭى ژۇرنىلى، 26- سان، 39-بەت).

فرانسىيىلىك رەسسام مۇتەپەككۇر «ئىتىنە دىنىت»Etienne Dinet مۇنداق دەيدۇ:«ئىسلام ئەقىدىسى تەپەككۈر يولىغا توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋالمايدۇ. بىر ئادەم ئەقىدىسى توغرا مۇسۇلمان بولۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەركىن مۇتەپەككۇر بولالايدۇ. ئىسلامدا ئەركىن مۇتەپەككۇر بولۇش ئۈچۈن ئاللاھنى ئىنكار قىلغۇچى ئاتېئىست بولۇشنى تەقەززا قىلمايدۇ. «مۇھەممەد» ئىلىم-پەننىڭ قەدرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈردى، ۋە ئىلىم- پەننى مۇسۇلماننىڭ بىرىنچى مەجبۇرىيىتى دەپ بەلگىلىدى. ئۇ ئىلىم-پەننىڭ پەزىلىتىنى نەپلە ئىبادەتتىن يۇقىرى دەپ كۆرسەتتى».(ھەقىقەت چاقىرىقى ژۇرنىلى، 277- سان، «ئىنساپلىق غەربلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام» دېگەن تېما).


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 Z1 j# a' E' g# ~: d% e) Bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) u0 Z7 m* b5 h" r/ G, j. I

(4)

دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ ئارىسىدىكى زىددىيەت قەيەردىن پەيدا بولغان؟

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 n. ]/ E' O5 [+ a5 t( \

ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان كۆز قارشى مۇشۇنداق بولسا، ئۇنداقتا دىن بىلەن ئىلىم-پەننىڭ زىددىيەت كۆز قارىشى نەدىن پەيدا بولغان؟

دىن بىلەن ئىلىم -پەن كېلىشەلمەيدۇ، دېگەن كۆز قاراش ئىسلام مۇھىتتىن يىراق ياۋروپادا پەيدا بولغان. بۇ خىل كۆز قاراش ئىسلام روھىدىن تامامەن يىراق بىر مۇھىتتىكى تالاش-تارتىشنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئىسلام دىنى بىلىم ئېلىش ۋە ئۆگىتىشكە قىزىقتۇرىدۇ، -غەرب ئەللىرى يېڭىلىق  دەپ قارىغان - ئىلمىي مېتود ئىسلامنىڭ بۆشۈكتىكى ۋاقتىدىلا  پەيدا بولغان. مۇشۇ مېتود ئاساسىدا بۈيۈك ئىسلام ھەزارىتى شەكىللەنگەن. مەسىلىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، دىن بىلەن ئىلىم-پەن كېلىشەلمەيدۇ، دېگەن كۆز قاراش ئىسلامغا نىسبەتەن خىيالى مەسىلىدىن ئىبارەت.

ئىلىم-پەنگە قارشى تۇرغان، ئىلىم-پەن ئالىملىرىغا ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىۋەتكەن دىن غەربنىڭ چېركاۋ  دىندۇر. چېركاۋ دىنى پىكىر ئەركلىنكىنى چەكلىدى، ئىلىم- پەنگە چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى، ئىلمى نەزىرىيەلەرگە مۇقەددەس توننى كەيدۈرۈپ، قارشى نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئالىملارنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇرۇشتى ۋە ئاتېئىست دەپ تۆھمەت چاپلىدى. مانا بۇ چېركاۋ  دىنىنىڭ ئىلىم- پەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسى.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 f1 S8 D0 g7 Q. R3 s, Z

(5)

دىن بىلەن ئىلىم- پەن ئارىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ئىزاھاتى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 u- G1 |5 }4 R3 s; t& D

تارىختا دىنلار بىلەن ئىلىم-پەنلەر ئارىسىدا يۈز بەرگەن قاتتىق توقۇنۇشلارنى ئىزاھلاشقا توغرا كېلىدۇ، يەنى دىن ۋە ئىلىم -پەن گازارمسىدىكى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ياخشى نىيەت بىلەن يۈز بەرگەن پىكرى زىددىيەتنى چۈشەندۈرۈش لازىم.

بۇ خىل زىددىيەت ئىككى خىل ھالەتتە يۈز بېرىدۇ:

1. ئىككى تەرەپنىڭ بىرسى دەلىل- پاكىتسىز ياكى بىلمەسلىكتىن يەنە بىر تەرەپتىكىلەرنىڭ قېشىدىكى نەرسىگە ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇپ، مېنىڭ بىلىش دائىرەمگە كىرمىگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ھەقىقەت ئەمەس دېسە زىددىيەت يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل زىددىيەت نادانلىق ۋە مەغرۇرلۇقتىن كېلىپ چىقىدۇ. بىر نەرسىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ يالغانغا چىقىرىش خاتالىقتۇر. دىن ۋە پەندە يېتىشكەن بىلىملىكلەر مۇنداق خاتالىقنى قىلىپ سالمايدۇ. بۇ ئادەتتە يېرىم يولداقالغان بىلەرمەنلەر تەرىپىدىن سادىر بولىدۇ. ھەقىقەتتە ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئورنىنى تونۇپ، ئۆز دائىرىسىدە توختاپ قېلىشى لازىم ئىدى.

تەبئىي پەن ياكى ئەقلى پەن مۇتەخەسسىس ئالىملار باشقا ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر يەتكەن نەتىجىلەرنى قايتا تەجرىبە قىلىپ يۈرمەي قوبۇل قىلىدۇ. مانا بۇ ئىنسانىيەت بىلىملىرى تەرەققى قىلىدىغان ساغلام ۋەزىيەت. ئەگەر ھەر بىر ئالىم ھەر بىر مەسىلىنى ئۆزى قايتا ئىزدىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا ئىلىم-پەنلەر بىر قەدەممۇ تەرەققى قىلالمىغان بولاتتى. ئىلىم-پەن ئالىملىرى ۋە دىنى ئالىملار ئارىسىدىكى ئىشمۇ شۇنداق بولۇشى لازىم.

2. ئىلىم-پەن ۋە  دىنلار ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا ماڭىدىغان مەسىلە بولۇپ قالسا، زىددىيەت يۈز بېرىدۇ. يەنى دىنلار ئىلىم-پەن تېمىلىرىنى ۋە ماددى ھەقىقەتلەرنى روھى ئاساس ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىپ،مۇئەييەن كۆز قاراشلىرىنى كىشلەرگە تاڭسا، زىددىيەت پەيدا بولىدۇ.

دىن ھەقىقەت، ئىلمىي نەتىجە  ھەقىقەت بولسا، ئىككى ھەقىقەت ئارىسىدا ھەمكارلىشىش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ھەقىقەت بىر بىرىنى يالغانغا چىقارسا، ئۇ ئىككى ھەقىقەتنىڭ بىرسى شەكسىز  باتىل ۋە ئىشەنچىسىزدۇر.

سۆزىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى، ئوتتۇرائەسىردە غەرب چېركاۋلىرى ئاسترونومىيە، فىزىكا، جۇغراپىيە ۋە ئۇندىن باشقا پەنلەردىكى مۇئەييەن كۆز قاراشنى ئاساسى نەزەرىيە قىلىپ قوللاندى. بۇ ئىلمىي كۆز قاراشلارغا مۇقەددەس دىنىي توننى كىيدۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ كۆزقاراشلار ئېتىقادنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. ياۋروپادىكى ئىلمى ئويغىنىش-ئىسلام دۇنياسىدا تونۇشلۇق بولغان ئىلمىي مېتود بىلەن تەسىرلەنگەن-ئالىملار ۋە  ئەركىن مۇتەپەككۇرلار نىڭ قولى ئارقىلىق كۆرۈنگەندە، ئالىملارنىڭ كۆز قاراشلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى چېركاۋنىڭ مۇقەددەس نەزەرىيىلىرى بىلەن سوقۇشقان. مۇشۇ سەۋەبتىن غەربتە دىن بىلەن ئىلىم-پەن ئارىسىدا ئېغىر تالاش-تارتىش ۋە جېدەل-ماجرا يۈز بەرگەن. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالىملار چېركاۋنىڭ قۇربانغا ئايلىنىپ كەتكەن...

داۋامى بار..

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 b0 i" m4 \! ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# t8 {9 ~6 x' C, \3 s" X, F

ئابدۇراخمان جامال  كاشىغەرى

(دوكتۇر ئاسپىرانتى)

2004- 5- ئايدا يېزىلغان

قاھىرە شەھىرى، مىسىر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" u  v+ T' y8 jبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 t! U' M' X# L$ [; z( i: L
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 {1 z- N! s5 X5 g8 H
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ n0 a7 \9 L  ]% n

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- t6 _" e+ Q0 E% O" O بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kashgari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 08:53 AM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, |1 k) \! [9 p3 w
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 Q( B& X$ i- i

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7358
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:30:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم قايتىدىن يورۇپ كەتتى،ئەھلى ئىلىم دېگەن ھەقىقەتەن باشقىچە بولىدىكەن،ئۇستازغا كۆپ رەھمەت…

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

شۈكىرى ئاللاھ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 1492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8746
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5278 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:43:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچىلىك مۇكەممەل دىنىمىنىڭ بولغىندىن ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مىنى مۇسۇلىمان قىلىپ ياراتقىنىغا  چەكسىز شۈكۈر ئىيتىمەن ،  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 e( a8 N- m. j9 d' P: Z' B
ئىچكىرلەپ چۈشەنگەنسىرى ئىسلامى بىلىمنىڭ قانچىكى ئازلىقىنى ھەم ئۈگۈنۈشكە تىگىشلىك بىلىمنىڭ كۆپلىكىنى ھىس قىلماقتىمەن ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) p* z# e! J- N3 l& @# x4 y ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ،
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 `1 g! }% f' s

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9057
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1094 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:51:00 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ تولۇق بىر چۈشۈنۈپ ئوقۇپ چىقىشقا تېگىشلىك ماقالىكەن، تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 636
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7358
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:54:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما بۇندىن ئون يىل بۇرۇن يېزىلىپتىكەن،ئەمما خۇددى ھازىر يېزىلغاندەك تۇرىدىكەن…دېمەك بۇنىڭدىن بىزنىڭ بۇ ھەقتە قانچىلىك ئارقىدا قالغانلىقىمىزنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس…چۈنكى ھەممىگە ئېنىق بولغان نەرسە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ،بىزگە نىسبەتەن بۇ مەسىلە بەكمۇ غۇۋا بولغاچقا ئون يىل كېيىنكى ھازىرقى كۈندىمۇ بۇ مەسىلە يەنىلا قىزىق نۇقتا بولىۋاتىدۇ،بەلكىم كەلگۈسى ئون يىلدىمۇ يەنىلا ئاشۇنداق بولۇشى مۇمكىن…بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# N* @9 z, V0 \1 N$ J9 @

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 04:20:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ ھەزارەت › دىگەن سۆزنى ئىزاھلاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 437
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 241 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 04:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹ ھەزارەت › دىگەن سۆزنى ئىزاھلاپ قويغان بولساڭلار بوپتىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 05:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1APOLO يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 04:20 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: n% U* B1 }! h/ o7 B6 M‹ ھەزارەت › دىگەن سۆزنى ئىزاھلاپ قويغان بولساڭلار بوپت ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% O/ c. C/ U4 b+ Y% Q9 D( Dئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسى بويىچە خەنزۇچىدىكى 文明 سۆزى مەدەنىيەت، 文化 سۆزى ھەزارەت دەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 05:53 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) T8 B! O" S! s

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 Q& E9 P- b4 b3 w( R- I: p2 o( X

«دىنىڭلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاندىن شۇ بويىچە ياشاڭلار. بولمىسا، ياشىغىنىڭلارنى دىن دەپ ئويلاپ قالىسىلەر» ____ ھەزرىتى ئۆمەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 984 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 05:58:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھزۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 05:52 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" O9 x$ d6 M! Dئابدۇقادىر جالالىدىن مۇئەللىمنىڭ تەشەببۇسى بويىچە خە ...

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: M" a7 [8 D3 c  K+ a4 J8 z6 }ئەمسە بىر مەزگىل كۈلتۈر دەپ ئىشلىتىلگەن سۆز شۇ بولىدىكەندە؟

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63527
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2011-11-4
ئاخىرقى: 2014-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 06:31:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر تامچە سۇ ،قاغجىرغان يۈرەكلەرگە تەككەندەك بولدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش