مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8251|ئىنكاس: 46

خوتەندە ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى مۇسابىقىلەشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98195
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1232
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 483 سائەت
تىزىم: 2013-9-25
ئاخىرقى: 2015-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:13:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   چېلىشىش – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق تارىخىغا ئىگە،  ئەجدادتىن-ئەۋلاتقىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ، مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان، تارىخى ئۇزۇن  قەدىمىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.  ئۇيغۇرلار ھېيت-ئايەم، دېھقانچىلىقنىڭ ئارسالدا پەيتلىرى، بازار كۈنلىرى قاتارلىق ۋاقىتلاردا چېلىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارىدۇ.
   خوتەن دىيارى- ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا، چىلىشىش تەنتەربىيە ھەركىتى بىر قەدەر كەڭ ئۇمۇملاشقان رايۇنلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، خوتەندە، كىچىك بالىلاردىن تارتىپ قىرىلارغىچە ھەممىسى بۇ تەنھەركەت تۈرىنى ياخشى كۈرىدىغان بۇلۇپ، چېلىشىش خوتەندىكى ئادەم ئەڭ كۆپ قاتنىشىدىغان تەنھەركەت تۈرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
     خوتەندە خوتەن شەھرىنى مەرگەز قىلىپ، ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيىلەر ۋە قەشقەر، ئاقسۇ، قىزىلسۇ، ئالتاي قاتارلىق ۋىلايەتلەر ھەتتا ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىن ھالقىپ ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كۆزگە كۈرۇنگەن چىلىشچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا ھەر ھەپتىدە بىر قىتىم دىگۇدەك چوڭ تىپتىكى چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۇيۇشتۇرلىدۇ.
    كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى  خوتەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى قاراقاش دەرياسى ئېلىش بېشى قۇرۇلۇشى يېنىغا جايلاشقان كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خوتەن خەلقىنىڭ قەدىمىي سەيلىگاھلىرىنىڭ بىرىدۇر. بۇ جاي خوتەن ناھىيسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 41 كىلو مېتىر يىراقلىققا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن بوستانلىقىنىڭ ئاھالىلەر تولىمۇ زىچ ئولتۇراقلاشقان بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر يىلى 5- ئايلاردىن توققۇزىنچى 10- ئايلارغىچە ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىسى قىزىپ كېتىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم ساياھىتى مازار تاۋابىتى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەن كىشىلەر سەھۋالىمدا ساياھەت قىلىش بىلەن بىرگە يەنە، داۋاننىڭ ئۈستىدىكى كۆھمارىم غۇجامنىڭ مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ دۇئا قىلىدۇ ۋە شۇ غۇجامنىڭ نامىنى ۋەسىيلە قىلىپ ( تىلغا ئېلىپ ) تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھاجەتلىرىنى تېلىشىدۇ. بۇ جايدا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ۋە ناھايىتى جەلىپ قىلىدىغان بىر جاي كۆھمارىم غارىدۇر. كۆھمارىم غارىنىڭ سىغىمچانلىقى 63 كوادرات مېتر كېلىدۇ. بۇ جاي ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، قوغدىلىش دائىرىسى 250 كوادرات مېتىر كېلىدۇ. غارنىڭ ئىچى گۆر شەكىلدە بولۇپ، ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى ئىككى ئۆيگە بۆلۈنگەن. ئوتتۇرىدا غارنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە چىقىش ئۈچۈن ياساپ قويۇلغان ياغاچ پەلەمپەيلىك شۇتا بار. غارنىڭ كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ غار سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان بولماستىن، بەلكى تەبىئي جايدەك بىلىنىدۇ. غارنىڭ ئىچى ۋە ئىچىدىكى تاشلار قاپقارا ئىسلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۈستىگە چىقىشتا قول چىراغ ياكى شام بىلەن يۇرۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. غارنىڭ غەربىي شىمال تەرىپىدىن بىر كىلو مېتىر يىراقلىقتا ئۆي – ئىمارەتلەرنىڭ قالدۇق تاملىرى، كۆمۈر پارچىلىرى ۋە گەج سۇۋاق پارچىلىرى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ياشىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بۇيۇملار بايقالغان بولۇپ، بۇرۇن بۇ جاينىڭمۇ كىشىلەرنىڭ ياشاش ماكانى بولغانلىقىنىدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. كۆھمارىم ساياھەت ئورنىغا كېلىدىغانلار ئاساسەن خوتەن شەھرى، خوتەن ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسىدىن بولۇپلا قالماي، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيىلىرىدىنمۇ كېلىدۇ. بەزى دېھقانلار ئىش – ئەمگەكتىن سىلىككەن ۋاقىتلىرىدا كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىغا چىقىپ بىر تال گۆشگىردىنى ئېلىپ ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇپ، دېڭىز سۈيىدەك كۆپكۆك پاكىزە، سۈزۈك سۇلارنى قېنىپ – قېنىپ ئىچىپ جاھاننىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈشىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھىنى خوتەن خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت بوشلۇقى، دېيىشكە بولىدۇ. كۆھمارىم - سەھۋالىم سەيلىگاھى خۇتەن بوستانلىق ۋە فولكلور مەدەنىيتىنىڭ تىپىك ئۈستى ئۇچۇق مۇزىيى، دېيىشكە مۇناسىپ ئورۇن بولۇپ، سەيلىگاھ قىزىغان ۋاقىتلاردا چار بازار شەكلىدىكى سودا – سېتىق ئەۋىج ئالىدۇ. كۆھمارىم سەيلىسى لايقا يېزىسىنىڭ داڭلىق كۆك شاپتۇلى تازا مەي باغلاپ پىشقان مەزگىللەردە بەك قىزىيدۇ. كىشىلەر كۆھمارىم داۋىنى ئۈستىدە تۇرۇپ قاراقاش دەرياسىنىڭ ھەيۋەتلىك دولقۇنلىرىنى، رەتلىك تاراملىرىنى يىراقتىن تاماشا قىلىدۇ. قاراقاش دەرياسى ئېقىنىنىڭ باش قىسمىدىكى يەنى جەنۇب تەرەپتىكى بەھەيۋەت تاغ چوققىلىرىغا نەزەر سالىدۇ ۋە داۋاننىڭ شىمالىي تەرپىگە جايلاشقان زۇمرەتتەك ياپيېشىل خوتەن بۇستانلىقىغا تويماي قارىشىدۇ. سەيلىگاھنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىدىن باشقا، مىللىيچە چېلىشىش، سارغايدى ئويۇنى، مەدداھلىق، دارۋازلىق، سودا - سېتىق قاتارلىق پائالىيەتلەر كىشلەرنى جەلپ قىلىدىغان يەنە بىر تەرەپتۇر.
    چېلىشىش __ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىدىن بولۇپ، خوتەندە چېلىشىش ناھايىتى كەڭ ئومۇملاشقان. سەھۋالىم سەيلىگاھىدا ھەر ھەپتىنىڭ تۆتى كوللېكتىپ چېلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. چېلىشىش __ سەھۋالىمدىكى لايقا يېزىسىغا قاراپ ئاقىدىغان ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكى ( زاكۇ ) دىن ئۆتۈشكىلا يولنىڭ غەرب تەرىپىدىكى ئويمان يەردە ئۆتكۈزۈلىدۇ. چېلىش خەلق ئارىسىدىكى كىشىلەر تەرىپدىن تەشكىللىنىدۇ، ناھايىتى ئادىللىق بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. ئاخىرىدا يېڭىپ چىققۇچىغا مۇئەييەن دەرىجىدە مۇكاپات بېرىلىدۇ. چېلىشىش ئويۇنىنى چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە ناھايىتى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ. بۇ پەقەت ئاۋام خەلقنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى خەلق ئىچىدىكى كۈچتۈڭگۈر، قاۋۇل پالۋانلارنىڭ ئۆز ماھارىتى، كۈچى ۋە غەيرەت – شىجائىتىنى كۆرسىتىدىغان بىر سەھنىدۇر. بۇ چېلىشىشقا خوتەن ناھىيىسى، خوتەن شەھرى، قاراقاش ناھىيىسى ۋە ئەتراپتىكى قوشنا ناھىيە ۋە ۋىلايەتلەردىن داڭلىق چېلىشچىلارمۇ كېلىدۇ. ھەر يۇرت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ چېلىشچى پالۋانلىرىدىن پەرخىرلىنىدۇ.
تارىختا ئاتا-بوۋىلىرىمىز سەھۋالىم سەيلىگاھىدا قاراقاش دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىلىپ مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتىنى داۋام قىلىپ كەلگەن ئىكەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەۋلاتلارئەجداتلار ئىزىدىن مىڭىپ تىخىمۇ تاكامۇللاشتۇرماقتا....
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خوتەننىڭ سەھۋالىم چىلىش مەيدانىدا مىللىيچە چېلىشىش پائالىيىتى داۋاملىق ئىلىپ بىرىلدى. بۈگۈنكى چېلىشىش مۇسابىقىسىدە خوتەندىكى ئۇيغۇر چېلىشىش پالۋانلىرى بىلەن ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان قازاق چېلىشىش پالۋانلىرى ئۆز-ئارا مۇسابىقىلەشتى.

  ئۇيغۇر-قازاق چېلىشىش مۇسابىقىسى سېن فىلىمى



مۇسابىقىگە ئائىت سۈرەتلەر

QQ图片20140518000049.jpg
QQ图片20140518000033.jpg
QQ图片20140518000020.jpg
QQ图片20140518000011.jpg
QQ图片20140518000003.jpg
QQ图片20140517235955.jpg
QQ图片20140517235946.jpg
QQ图片20140517235928.jpg
QQ图片20140517235919.jpg
QQ图片20140517235910.jpg
QQ图片20140517235858.jpg




ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol0903 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 03:28 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ئۇتغۇر + 50 ھەقىقىي بىر خوتەنلىك!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر قىزلىرى پ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38587
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4982
تۆھپە نۇمۇرى: 196
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2011-4-24
ئاخىرقى: 2015-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:12:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي كىچىكىمدىن مىللىيچە چىلشىشقا بەك ھەۋەس قىلاتتىم .مەھەللىدىكى باللار  بىلەن چىلشىپ ئۇتتۇرۇپ باققىنىمنى بىلمەيمەن . يىللارنىڭ ئۆتشى بىلەن شۇ ئەسلىملەرمۇ تارىخقا ئايلىنىپ كىتىپتۇ

سەن ئەزرائېلنى ئۇنتۇپ قالغان بىلەن ،ئەزرائېل سىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:12:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك قىزىقىمەن چىلىشىشقا، لىكىن ئۈزەم چىلىشالمايمەندە........ ئۇيغۇر چېلىشچىللىرىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇندىلا ئەمەس مەمىلكەت ئىچىدىمۇ نامى مەشھۇر............

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4095
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىن فىلىمىنى كۈرەلمىدىم .

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7443
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:20:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتۇشتا ئۆتكەن مەشھۇر پەھلىۋانلاردىن خەللاق پەھلىۋاندەكلەر كۈنىمىزدە يوق-دە ...

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100234
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 886
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:21:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقلارمۇ چىلىشقا يامان ، ياخشى بوپتۇ ھەر مىللەتنىڭ پەلۋانلىرى ئوزئارا چىلىشىپ تۇرسا سەۋىيە ئوسىدۇ مىللەتلەر ئارا چۇشۇنۇش ئىتپاقلىق بولىدۇ، قايسى بىر يىلى موڭغۇل چىلىشچىلار ئۇيغۇر چىلىشىچىلار بىلەن بىر توتۇشقان ئىدى، كىلەر قىتىم  توڭگان چىلىشىچلار بىلەن بىر تۇتۇشۇپ باقسا ..

ئۆچكە جاڭگال  چۇشەيدۇ ،توخۇ داڭگال..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7443
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1822 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:24:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىم يەڭدى، كاۋابخۇمارمۇ ياكى قېزاخۇمارمۇ؟

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!
kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1265
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1185 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2000
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tohuwaz يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 02:21 PM
قازاقلارمۇ چىلىشقا يامان ، ياخشى بوپتۇ ھەر مىللەتنىڭ پ ...

تۇڭگانلار بىلەن ئاشپەزلىرىمىز ئۈگرە سېلىشتا بەسلەشسە بۇلامىكى

قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش