مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 717|ئىنكاس: 6

بايلىق، مۇۋەپپىقىيەت ۋە مۇھەببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 02:56:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بايلىق، مۇۋەپپىقىيەت ۋە مۇھەببەت




ئاپئاق ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئۈچ بوۋاي بىر ئايالنىڭ ھويلىسى ئالدىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى. بۇ ئۈچ بوۋاينىڭ بىرى « بايلىق » ، بىرى « مۇۋەپپىقىيەت » ، يەنە بىرى « مۇھەببەت » ئىدى. ئايال ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىۋىدى، ئۇلار قاقاھلاپ كۈلگىنىچە ئايالغا « رەھمەت » ئېيتتى . ھەم ئازىراقمۇ مىدىرلاپ قويمىدى . ئايال بۇ ئىشتىن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قېلىۋىدى ، ئۈچەيلەن ئايالغا :

_ بىز ئۈچىمىز بىرلا ۋاقىتتا بىر ئۆيگە تەڭ كىرەلمەيمىز. سىز بېرىپ ئۆيىڭىزدىكىلەر بىلەن ئويلىشىپ كۆرسڭىز ، سىلەر ئۈچىمىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن بەك كىمگە ئېھتىياجلىق ؟- دېدى .

ئايال ئۆيگە كىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئېيتتى. ئېرى بۇنى ئاڭلاپ ھەم ھەيران ھەم خۇش بولغان ھالدا :

_ راستىنلا شۇنداق بولسا، بىز بايلىق بوۋاينى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ، ئۆيىمىزنى بايلىق بىلەن توشقۇزايلى ، - دېدى .

ئايالى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى :

_ سۆيۈملۈكۈم ، بىز نېمىشقا مۇۋەپپىقىيەت بوۋاينى تەكلىپ قىلمايمىز ؟ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ھەممىسى مۇۋاپپىقىيەتلىك بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ياخشى بولمامدۇ ؟- دېدى.

بۇ ۋاقىتتا كېلىنى سۆز قىستۇرۇپ : « بىز يەنىلا مۇھەببەت بوۋاينى تەكلىپ قىلايلى، ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئائىلىمىزنىڭ ھەممە يېرىنى قويۇق مۇھەببەت بىلەن توشقۇزايلى » دېدى.

_ ئۇنداقتا كېلىنىمزنىڭ دېگىنىچە بولسۇن ، - دېدى ئەر - خوتۇن كېلىنىگە قاراپ باش لىڭشىتقان ھالدا .

شۇنىڭ بىلەن ئايال ئۆيدىن چىقىپ مۇھەببەت بوۋاينى ئۆيگە كىرىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى. كىم بىلسۇن ، مۇھەببەت بوۋاي ئورنىدىن تۇرۇش بىلەن تەڭلا ، مۇۋەپپىقىيەت بوۋاي بىلەن بايلىق بوۋايمۇ تەڭ ئۇنىڭغا ئەگەشتى . ئايال ئەجەبلەنگەن ھالدا سورىدى :

_ بىز تەكلىپ قىلغىنى « مۇھەببەت » تۇرسا ، سىلەر ئىككىڭلارنىڭ ئەگىشىۋالغىنى قانداق گەپ ؟

ئۈچ بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا جاۋاب بەردى :

_ قەيدەردە مۇھەببەت بولسا ، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ .



مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى(جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيۇ تورى)دىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-18 02:57 AM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6019
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:25:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بايا تېخى تىجارەت ۋەھىسابات دىگەن كىتابتا ئوقۇغانتىم بۇ ھىكايىنى.بىر قاراپلا قاچان يوللىۋەتكەندىمەن دەپ قاپتىمەن.

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:03:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  ئەسەركەن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:06:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل    تىما  

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1126 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:08:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاساھەتكە تويۇنغان تېما.

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:11:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەيدەردە مۇھەببەت بولسا ، شۇ يەردە بايلىق ھەم مۇۋەپپىقىيەتمۇ بولىدۇ
   بۇ گەپنى ئەمەلىي مىساللار  بىلەن چۇشەندۇرۇپ قويساڭلار تورداشلار تىخىمۇ بەلەن چۇشىنىۋالىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 11:30:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى قېتىم خەنزۇچە بىر ماتېرىيالدىن يۇقارقى مەزمۇننى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلانغان ئىدىم. بۈگۈن مۇنبەردە كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولدۇم.

مېھرىبان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش