مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1321|ئىنكاس: 9

ۋىسالسىز سۆيگۈ 4-قىسىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 01:57:27 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
4-قىسىم
ھەي ھايات نىمانداق ئادەمگە باقمايدىغانسەن،پاك سۆيگۈنى قەدرىنى بىلمەيدىغانلارغا بېرىپ ئۇنى خارلايسەنۇ،شۇ پاك سۆيگۈگە ئىنتىزار قەلىپلەرگە ئۇنى نىسىپ ئەتمەيسەن!!
سەمى شۇلارنى ئويلاۋېتىپ ئەلىنى چاقىرىپ قالدى،
ھەي ئەلى: ئەتە بىللە بازارغا چىقامدۇق دېدى سەمى،چىقىپ نىمە قىلامىز ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمتاھانمۇ يېقىنلىشىپ قالدى ئەمەسمۇ ،دەرىسلەرگە ياخشىراق تەييارلىق قىلمىساق بولمايدۇ.ۋاي-ۋۇي سەن زادى نىمىلەرنى ئويلايدىغانسەن ،سېنىڭ ھەممە پەنلەردىن ئاساسىڭ ياخشى تۇرسا يەنە نىمىدىن ئەنسىرەيسەن،بولدى قىلە  ئەتە بازاغا بىللە چىقايلى،ھەرقانچە بولسىمۇ بەرناغا مۇشۇنداقلا تەلەپ قويۇپ بولدى دەپ يۈرمەيدىغانسەن.
ھەجەپ گېپىڭنى چۈشىنەلمىدىمغۇ دېدى ئەلى .ھەي سەنمۇ زە ئەجىبا ئۇنىڭغا بىرە سوۋغات ھەدىيە قىلىشنى ئويلاشمىدىڭمۇ?ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگۈنلۈككە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۇرسا، ياخشىراق سوۋغات ئالمىساڭ بولماس ?.قېرىندىشىم: دەپ گەپ باشلىدى ئەلى ،ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپلىق ئويلاپسەن لېكىن بىزنىڭ دىنىمىزدا روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتتىن باشقا بايرام يوق،كىچىككىنە ھەۋەسنى دەپ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەيلى،بىز بىلىپ تۇرۇپ باشلاپ بەرسەك باشقا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالى نىم بولا?.كەچۈرگۈن بۇنى ئويلىماپتىمەن دېدى سەمى ،ئەسكەرتىپ قويغىنىڭغا رەھمەت قېرىندىشىم.
ھېچقىسى يوق دېگىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئۇنىڭغا چۇقۇم بىر سوۋغات بەرمىسەم بولمايدۇ،لېكىن ئۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئەمەس بەلكى ئىسلام بوسۇغىسىغا قويغان قەدىمىگە بېرىلگەن سوۋغىدۇر. بارىكاللا خۇددى پەيلاسوپلاردەك سۆزلەيسەنغە ھە!نىمە سوۋغا قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسەن?دەپ كۈلدى سەمى.ئۆزى ئاددى ئەمما قىممىتى بىباھا بىر سوۋغا بېرىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.ھە سەن كىتاپ سوۋغا قىلماقچىكەنسەندە دېدى سەمى جاۋابەن. ئۇلار ئەتىسى سەھەر نامىزىنى ئوقۇپ تامىقىنى يەپلا بازارغا ماڭدى.ئەلى بىر نەچچە كىتاپخانىغا كىرىپ ئۆزى ئىزدىگەن كىتاپنى تاپالمىدى.ۋاي قايسى بىباھا كىتاپتى ئۇ شۇنچە ئىزدىگۈدەك ?تەسىرلىك مۇھەببەت رومانىدىن بىرنى سوۋغا قىساڭلا بولمىدىمۇ دېدى سەمى. بولدى قىلە ھېلى تاپقاندا بىلىپ قالىسەن دېدى ئەلى.ئۇ يەنە بىر كىتاپخانىغا كىردى ،ۋە كىتاپ ئارلاۋېتىپ ئۆزى ئىزدىگەن كىتاپنى ئاخىرى تاپتى ۋە خۇشال بولۇپ توۋلىۋەتتى،تاپتىم ،ئۇ شۇنداق دېيىشىگە ئەتراپتىكىلەر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭغا قاراشتى ،ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىل بولۇپ، پۇل تاپشۇرۇش ئورنىغا بېرىپ پۇلنى تاپشۇرۋېتىپلا چىقىپ كەتتى.ۋاي ئەكىلە مەن بىر كۆرۈپ باقاي ،قانداق كىتاپكىن سېنى شۇنداق ئىزدىتىپ ۋار قىرتىۋەتكەن دېدى سەمى.ئۇ شۇنداق دەپ كىتاپنى قولىغا ئېلىپ ۋاھ  《شىرىن بۇلاق》 ھەقىقەتەنمۇ كاللاڭ ئىشلەيدىكەن جۇمۇ،مەنمۇ بۇرۇن ناھايتىمۇ تەستە تېپىپ ئوقۇغان بۇ
كىتاپنى ،ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىزدەپ ئوقۇغۇچىلىقى بار كىتاپ،بولۇپمۇ ئىسلامنى چۈشەنگەن ھەر بىر كىشنىڭ ئوقۇمىقى لازىمدۇر.ئۇلار شۇنداق پاراڭلارنى قىلىشىپ مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە كەچمۇ كىرىپ قالغانىدى.ئۇلار ياتاققا كىرگەندە باشقا ياتاقداشلىرى تېخى كەلمىگەنىدى،ھەي مۇشۇلانىزە تازىمۇ قاچانمۇ تۈگەر بۇلارنىڭ ئۇيۇن تاماشىسى?دېدى سەمى .سەۋىرۈدېدىدى ئەلى :ھەر ئىشقا سەۋىر قىلماق لازىمدۇر ،ھەممىگە قادىر اللاھىم مەلۇم بىر كۈنى ئۇلارغىمۇ ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ،ھەممىنى ئاز-ئازدىن باشلىماق لازىمدۇر.ئۇلار شۇنداق دېيىشۋاتقاندا باشقىلارمۇ كىرىپ كېلىشتى،ۋە ئەلىنى كۆرۈپ خىجىل بولۇشتى.ھارماڭلار قېرىنداشلرىم !دېدى ئەلى ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ، رەھمەت دېيىشتى ئۇلار قىزىرىپ.ئۇلار ئەلىنىڭ مۇشۇ تەرەپلىرنى بەك ياقتۇراتتى ،ئۆز قېرىنداشلىرىدىنمۇ چارە كۆرۈپ ھۆرمەتلەيتتى،ئۇنىڭ گېپىنى يىرمايتتى،بۈگۈن ئۇلارمۇ ئەلى بىلەن بىرلىكتە شام،خۇپتەن نامىزىنى بىللە ئوقۇشتى.ئەلى نامىزىدا ئۇلۇغ اللاھتىن ئۆزىنى بەختىنى ۋە قېرىنداشلىرنىڭ ھىدايىتىنى تىلەپ كۆز يېشى قىلدى،ئۇلارمۇ ئۆزىنى تۇتۋالالماي يىغلىۋېتىشتى.ئەتىسى ئەتتىگەن ئەلى ئاشخانىنىڭ ئالدىدا بەرنانى ساقلىدى.ئۇ ھېچبىر كەلمەيۋاتاتتى ،ئەلى بارغانسىرى جىددىيلىشىپ كېتىپ باراتتى،ئۇ ئەمدى قىزلار ياتىقىنىڭ ئالدىغا باراي دەپ تۇرىشىغا ،يىراقتىن بەرنانىڭ قارىسى كۆرۈندى، ئۇ تولىمۇ سۇلغۇن كۆرىنەتتى، ئۇنى كۆرۈپ ئەلىنىڭ يۈرەكلىرى ئېچىشىپ كەتتى.ئۇ ئەلىنى كۆرۈپلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى، ئەلىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويدى .ئۇلار بىرلىكتە تاماق يېدى ،تاماقتىن كېيىن ئۇلار بىرلىكتە كونا جايغا كەلدى.مەلىكەم:دېدى ئەلى نىم بولدىڭىز كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ قويدۇممۇ ?ياق ئۇنداق ئەمەس ئەلى دېدى بەرنا.مەن يەنىلا مېنى كالا دەپ چاقىردىغان ،ھەرۋاقىت كۈلۈپلا تۇرىدىغان شوخ مەلىكەمنى سېغىندىم، نىمىشقا بۇنداق جىمغۇرلىشىپ كەتتىڭىز.كەچۈرۈڭ ئەلى سىزنى بەك سېغىندىم سىزدىن ئايرىلساملا كۆڭلۈم شۇنداق بىئارام بولىدۇ،ئۇ شۇنداق دەپلا ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى .ئەلىنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ تاراملاپ ياشلار تۆكۈلمەكتە ئىدى،ئۇنىڭ شۇ تاپتا بەرنانى باغرىغا بېسىپ قانغۇدەك يىغلىۋالغۇسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگۈسى بار ئىدى ،بىراق بىر غايىۋى كۈۋ ئۇنى ئۇنداق قىلىشتىن تۇسۇپ تۇراتتى.يىغلىماڭ مەلىكەم مەن ھەر ۋاقىت يېنىڭىزدا ،اللاھ خالىساھ بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز.ئۇلۇغ اللاھىم بەختىمىزنى بېرىدۇ مەلىكەم،قاراڭ مەن سىزگە نىمە ئېلىپ كەلدىم?ئۇ شۇنداق دەپ سومكىسىدىن كىتاپنى ئېلىپ، تېخى يىغىدىن توختىمىغان بەرناغا سۇندى.
داۋامى بار
(دەرتلىك يۈرەك)
ئۈندىدار 63626177
كەچۈرۈڭلار قېرىنداشلار نەچچە كۈندىن ياقى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىلەرنى بەك ساقلىتىپ قويدۇم خىجىلمەن.  

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:41:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى بەك ياقتۇردۇم، رەھمەت. داۋامىغا بەك ساقلىتىۋەتمەڭ ھە

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 01:46:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:45:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 01:46 PM
ياخشى  ئەسەركەن دوستۇم         بولسا  مۇشۇندا  ئەسەرلىرڭىن ...

ئەلۋەتتە  بۇلىدۇ  

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 07:43:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا  تەشنامەن  ،

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 08:10:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا مەنمۇ تەشنا .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:59:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك كۆپ رەھمەت قېرىنداشلىرىم ماڭا سىلەرنىڭ ياقتۇرغىنىڭلارنىڭ ئۈزى بىر چوڭ ئىلھام رەھمەت

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

دۇنيانى مېھىر-مۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7491
يازما سانى: 879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11225
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 12:08:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
misken.cn يوللىغان ۋاقتى  2014-5-18 01:46 PM
ياخشى  ئەسەركەن دوستۇم         بولسا  مۇشۇندا  ئەسەرلىرڭىن ...

مۈمكىن بولسىغۇ مېنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم باتى قېرىنىشىم لېكىن باشقا قېرىنداشلىرىمىزغا يارامدىكىن يبىلمىدىم

ھەققىمدە نىمىلەرنى ئويلىساڭ ، ساڭا ئىككى ھەسسىلەپ بولسۇن .

بەخىت ئىچىدە بەخىت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16220
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 483
توردا: 524 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 09:59:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا شۇنداق يارىدى . بولسا ئاۋازلىق ئىشلىسە . ئاياللار باشقا ئىش قىلغىچە تىڭشاپ قىلساق . ۋاقتىمىز تىجىلىپ قالاركەن . ئوقۇپ بولغىچە كوپ ۋاقىت كىتىدىكەن .

خوشاللىق بار يەردىن غەم - قايغۇ قاچىدۇ . يورۇقلۇق بار يەردىن قاراڭغۇلۇق قاچىدۇ . غەيرەت بار يەردىن قېيىنچىلىق ، جاپا- مۇشەققەت قاچىدۇ ..
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 12:30:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش