ئۇيغۇر مائارىپچىلارنىڭ يوپۇرغىدىكى كاتتا ئۇچرىشىشى بۈگۈن (5-ئاينىڭ17-كۈنى) ئەتىگەن سائەت يەتتە يېرىمدىلا يوپۇرغا ناھىيەلىك ئامانەت قەرىز كوپىراتىپىنىڭ 6-قەۋىتىدىكى300كىشىلىك يىغىن زالى بۇ ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىكى ۋە ناھىيە ئىچىدىكى بارلىق ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن كەلگەن تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى،شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ،قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن مېھمان سۈپىتىدە ماقالە ئوقۇشقا ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن مائارىپ خىزمەتچىلىرى ۋە ئاپتۇرلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ئولتۇرغۇدەك بىرەر بوش ئورۇنمۇ قالمىغان ئېدى. بۈگۈن بۇ يەردە زادى قانداق كاتتا پائالىيەت بولغاندۇ؟!
ئەسلىدە بۈگۈن بۇ يەردە‹‹ ‹شىنجاڭ مائارىپى› ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمى قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزگەن مائارىپ تەتقىقاتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى›› ئېچىلىدىغان بولۇپ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوقۇتقۇچىلار ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي ۋە قوش دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئاران كەلگەن دەم ئېلىشى ۋە باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى مۇھىم بىلمەي، ھەرقايسى يېزا -بازارلاردىن سەھەردىلا يولغا چىقىپ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كېلىپ بولغان ئېدى.ھەممەيلەن يىغىننىڭ باشلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىشىۋاتاتتى. يىغىن ئەتىگەن سائەت سەككىزدە رەسمى باشلاندى.رەئىس سەھنىىسدە ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇنىياز ئىلياس،شىنجاڭ مائارىپى ئۇيغۇر تەھھىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مۇختار مۇھەممەت،‹‹پەرۋاز››ژورنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەسقەر مىجىت قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار ئورۇن ئالغاندىن باشقا يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتىكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى،ناھىيەلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ئابدۇغېنى نەسىردىن،يوپۇرغا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يۈسۈپجان مەخسۇت،مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەتئېلى رىشىت قاتارلىق رەھبەرلەر ئورۇن ئالغان ئېدى.
زالدىكى يىغىن ئىشتىراكچىلىرى ئولتۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ بىرىنچى رەت ئوتتۇردىكى (رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى) ئەزىز مېھمانلار ئولتۇرۇدىغان ئورۇنلاردا بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ماقالە ئوقۇش پائالىيىتىگە‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنىلى تەھرىر بۆلۈمى تەرىپىدىن يېڭىدىن تەھرىر ھەيئەتلىككە ۋە بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان بەش نەپەر باھالىغۇچى ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇشقان ئېدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىكى ئورۇنلاردا بولسا ماقالە ئوقۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەردىن كەلگەن ئاپتۇرلار ئولتۇرۇشقان ئېدى.
يىغىنغا مۇختار مۇھەممەت رىياسەتچىلىك قىلدى.باش مۇھەررىر تۇنىياز ئىلياس ئالدى بىلەن سۆزقىلدى.ئۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نىمە سەۋەپتىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئورنىنىڭ نىمىشقا يوپۇرغا ناھىيەسى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.شۇنداقلا شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلىنىڭ تەھرىرى ھەيئەتلىكىگە يېڭىدىن تولۇقلاپ سايلانغان تەھرىر ھەيئەتلەر ۋە تەكلىپلىك باھالىغۇچىلارنى تونۇشتۇردى.ئۇنىڭ دېيىشىچە ھەر يىلى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنىلىدا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى قەشقەرلىك ئاپتۇرلار يېزىپ ئەۋەتىدىغان بولۇپ سانى 50تىن 70كىچە بولىدىكەن.شۇڭلاشقا قەشقەرلىك ئاپتۇرلارنىڭ قىزغىنلىقىغا تېخىمۇ ئىلھام بېرىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىپتۇ. بۇ خىل پائالىيەت بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.بۇ قېتىملىق پائالىيەت توغرىسىدا ئالدىنقى ئىككى ئايدا توردا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ ماقالە قوبۇل قىلىنغان ئىكەن.يىغىلغان 90 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ئىچىدىن ئۈچتىن بىرنى تاللاش بويىچە دەسلەپكى تاللاش ئېلىپ بېرىلىپ 30 پارچە ماقالە تاللاپ چىقىلغان بولۇپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئاپتۇرلار ئۆزلىرى يازغان يېڭى ماقالىلەرنى نەق مەيداندا ئوقۇيدىكەن.تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلار نەق مەيداندا ئاڭلاپ باھالاپ چىقىدىكەن ۋە مۇۋاپىق نومۇر قويۇدىكەن.شۇنىڭ بىلەن دەرىجىگە ئېرىشىدىغان مۇنەۋۋەر ماقالىلەر تاللاپ چىقىلىدىكەن. پائالىيەتنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىدە تەشكىللىنىشى ھەققىدە ئۇ مۇنداق چۈشەنچە بەردى.بىرىنچىدىن بۇقېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ماقالىلەر ئىچىدە يوپۇرغىلىق ئاپتۇرلار يازغان ماقالىلەر ئەڭ كۆپ،ئىككىنچىدىن يوپۇرغا ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 12ناھىيەنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان،قاتناش شارائىتى ياخشى بولۇپ باشقا ناھىيەلەردىن كېلىپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلارغا بەكمۇ قولاي.ئۈچىنچىدىن پالىيەت باشلانغاندىن بۇيان يوپۇرغا ناھىيەسدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر پائالىيەتنى تەشكىللەش ۋە يوپۇرغىدا ئېلىپ بېرىشقا كۆپ كۈچ چىقىرىپ ھەممەيلەننى قايىل قىلغان.ئۇ سۆزى ئاخىرىدا تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلارنى تونۇشتۇردى.
ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى: يوپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئەكبەرجان ھىمىت. ئىككىنچىسى:كۇچا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شائىر ۋە يازغۇچى قۇربان داۋۇت شاھىدى. ئۈچىنچىسى، كەلپىن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، داڭلىق مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئەيساجان تۇردى ئاچچىق. تۆتىنچىسى: لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىىسدىن رۇزى مۇھەممەت ياقۇپ. بەشىنچىسى: غۇلجا ناھىيە ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابلەت ئابلىكىم قاتارلىق ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بەش كىشى نەق مەيدان باھالىغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان.
تونۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رەھبەرلەر باھالىغۇچىلارغا ‹‹باھالىغۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى›› تارقىتىپ بەردى. ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ تەبرىك نۇتقىدىن كېيىن پائالىيەت رەسمى باشلاندى.باھالىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىمۇ بۇقېتىمقى پائالىيەتكە ئىسىل ماقالىلەرنى قاتناشتۇرغان بولۇپ ئالدى بىلەن ئۇلاردىن ئۈچ كىشى ئۆز ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئاڭلىغۇچىلارنى قايىل ۋە مايىل قىلدى. بۈگۈنكى پائالىيەتتە 15 نەپەر ماھىر ئۆزلىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاتاپ يازغان ماقالىلىرىنى بىر -بىرلەپ ئوقۇپ ئوقۇپ پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇتقچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ مائارىپ تەتقىقاتىدىكى يېڭىىچە قاراشلىرى ۋە قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپلىرىنى بېرىپ لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى چوڭقۇر ھاياجانلىق ھىسلارغا چۆمۈلدۇردى.
تۆۋەندە ماقالە ئوقۇلغان تەرتىپ بويىچە ئاپتۇرلار ئىسمى،ئادرېسى، ماقالىسىنىڭ نامى ۋە نەقمەيدان رەسىملىرىنى بىر بىرلەپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. 1- يۇپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى،داڭلىق مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئەكبەرجان ھىمىت،ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى:‹‹دوزاقتا كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە قارلىغاچنىڭ ئەقىيدىىسى›› بۇ لېكسىيەدىكى ماۋزۇغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر رىۋايەت بار.قىيامەت كەلگەندە نۇرغۇن كىشى دەۋزەخكە تاشلىنىدۇ،ئۇلار دەھشەتلىك ئوت ئازابىغا چىدىماي بەكلا نالە قىلىشىدۇ.شۇ چاغدا يىلان ئىنسانغا بولغان كونا دۈشمەنلىكى تۈپەيلى تەرمەچ تېرىپ كىلىپ ئوتقا تاشلايدۇ.ئوت تېخىمۇ ئۇلغۇيىدۇ.ئىنسان دوستى قارلىغاچنىڭ بۇ ئىشنى كۆرۈپ ئىنسانغا رەھمى كېلىپ ئۇچۇپ بېرىپ تۇمشۇقى بىلەن سۇ توشۇپ كېلىپ ئوت ئۈستىگە چاچىدۇ.ئۇنچىلىكسۇنىڭ ئۇلۇغ ،كۈچ؛لۈك ئوتقا قىلچە تەسىرى بولمىسىمۇ لېكىن قارلىغاچ ئىنسانغا بولغان ئەقىيدىسى تۈپەيلى ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. كېيىن ئاللاھ ئىگەم قارلىغاچنىڭ ئەقىيدىسىدىن تەسىرلىنىپ دەۋزەختىكى گۇناھكارنى ئازاپتىن خالاس قىلىدۇ.تېمىدا بۇ رىۋايەتنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ۋە ماۋزۇغا قېتىلىشىدىكى سەۋەپ ئوقۇتقۇچىنىڭ تىنىمسىز ئۇلۇغ ئەمگىگى ۋە ئۆمۈر بويى ئۆز ئەقىيدىسى يولىدا تىنماي كۈرەش قىلىشتەك قەھرىمانلارچە روھىنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈندۇر.
2- قۇربان داۋۇت شاھىدى، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى: ‹‹مەشئەلگە ئايلانغان كىشىلەر›› گەۋدىلىك كەلگەن،يول ماڭغاندىكى قەدەملىرىمۇ،كىشىگە باققاندىكى نەزەرلىرىدىنمۇ ئېغىر بېسىقلىق،ۋەزمىنلىك،قەيسەرلىك ئىپادىلىنىپ كىشىنى تەبىئى ئەيمەندۈرىدىغان،لېكىن پاراڭلاشقان،ئارىلاشقان،خاراكتىرىنى چۈشەنگەن كىشىلەر بۇ كىشىنىڭ تۇرقىنىڭ ئەكسىچە مېھرىبان،تەلەپچان،دوستانە،يېقىشلىق ئادەملىكىنى بىلىۋالىدىغان ئۇستازلاردىن بىرى ئېدى. ئۇ بۈگۈنكى نۇتقىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى سىنىپ مۇدىرىنى ۋە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىكى ئۆزىگە بەكرەك تەىسر قىلغان ئۇستازلىرىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلىقنى قانداق قىلىش،مەشئەل روھىنى قانداق نامايەن قىلىش،ئەۋلات تەربيەسىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ۋە ئۇلۇغۋار بۇ كەسپكە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش توغرىسىدا نۇرغۇن تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلدى.ئاغزىدىن ھەر بىر ئېغىز سۆزىمۇ دانە -دانە، تورى بار،تەسىرى بار چىقىپ قەلبىمىزگە نۇر كەبى ئېقىپ كىرىپ ،بىز كۆرۈشنى ئارزۇلىغان شاھىدىنىڭ ھەقىقەتەن <<ئىسمى جىسمىغا لايىق>> ئادەملكىنى نامايەن قىلدى.
3- ئەيساجان تۇردى ئاچچىق، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى:‹‹ھاياتلىق سەپىرى ۋە ھاياتلىق نۇرى››. ئۆزى ئورۇق،يۈزلىرى قورۇق،ئىسمى ئاچچىق،گەپلىرى تاتلىق ئەيساجاندىن ھەربىرلىرىگە ئوتلۇق سالام!(نۇتۇق سۆزلەشتىن بۇرۇنقى چاخچىقى) بۇ ئۇستاز ھەقىقەتەن قازانغان نامىغا چۇشلۇق مول بىلىم ۋە تەپەككۇر ئىگىسى ئىكەن. ئۇ شۇنداق دەپ تەكىتلەيدۇ. -بىزنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىمىز ئۇچرىغان ئوڭۇشسىزلىقلار ۋە تەنقىت ياغمىسى تۈپەيلى ئۇچرىغان چۈشكۈنلىكلەر ئاز ئەمەس. بىز تەنقىتلەشكىلا ئېسىلىۋېلىپ مەدھىيەلەشنى،ياخشى تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
4- يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۇبۇلقاسىم نۇرمۇھەممەت، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى:‹‹يېڭى دەرسخانا نىمىلەرگە ئېھتىياجلىق؟!››
5- قەشقەر شەھەرلىك 26 –ئوتتۇرا مەكتەپتىن مۇھەممەتتۇرسۇن ئىسمايىل، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ ماۋزۇسى:‹‹تىل-ئەدەبىيات
ئوقۇتۇشىدىكى ئۈچ چوڭ ئاجىزلىق ۋە ئۈچ چوڭ ئارتۇقچىلىق›› 6-قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەخمۇتجان يانتاق، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:‹‹ئوقۇغۇچىلاردىكى بىلىم تۇرغۇنلىقى ۋە مەنىۋى زەئىپلىك ھەققىدە›› .
7- قەشقەر شەھەرلىك 26 –ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەمتىمىن تۇغلۇق،ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:‹‹لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ‹يىللارغا جاۋاپ›ناملىق شېئىرنىڭ پەلسەپىۋى مەنىسى ۋە بەدىئى قىممىتى››.
8- يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن مۇھەممىدىن سەمەت،ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:« مائارىپىمىزدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان لەخمە كۆرىشى: ئۆگىنىش ۋە ئىمتىھان تەشۋىشى»
9- يوپۇرغا ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن رۇزىمۇھەممەت تۇردى(ئارتۇچ)، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى‹‹ۋۇجۇدىمىزدىن سارقىۋاتقان روھ››
بۇ تولىمۇ قىزغىن،تولىمۇ پائالىيەتچان،ئاكتىپ ئىلگىرلەيدىغان،باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان،مەكتىپىدىكى بارلىق ئاممىۋى پائالىيەتلەردە رېياسەتچىلىكنى بەك ياخشى قىلىدىغان،ئىشتىن سسىرت مەكتەپ رادىيۇ ئۇزىلىنى باشقۇرىدىغان،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپرەك كىتاپ ئوقۇشقا ۋە بىلىمئېلىشقا ئىلھام مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان ئوت يۈرەك ياش. ئۇنىڭ ئۆزى تەييارلاپ،ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ھەم ئۆزى ئاۋاز بېرىپ تەييارلىغان نۇرغۇن رادىيۇ فېرۇگىراممىلىرى،ئاۋازلىق ئەسەرلىرى بار.بىلىدىغانلار ئۇنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ. مەن ئۇنىڭ قارا كۆزلىرىنى،ياراشقان قارا بۇرۇتىنى،دىكتورلارغا خاس ۋەزمىن،جاراڭلىق،ئۆلچەملىك ئاۋازىنى ئەختەم ئۆمەرگە ئوخشىتىمەن.
10- پەيزىۋات ناھىيە بارىن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن رەيھانگۇل ھىمىت، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:‹‹مەن ئىزدەۋاتقان تىل-ئەدبىيات ئوقۇتقۇچىسى››. بۇ ئوقۇتقۇچى بىراز ئاخساپ ماڭغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە مائارىپنى(قىلىۋاتقان خىزمىتىنى) ئاخساتمايدىكەن.يۈرىكىدىن كەسپكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقنى،مىسلىسىز بېغىشلاش روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
بۇ خانىم توردا ئۇچراتقان <<ئىمىزگە>> ناملىق بىر شېئىرنى مىسال ئاپتىكەن،ئۇ ماڭا بەكلا ياراپ كەتكەن ئېدى.كىم تاپالايدىكىن؟!
11- يوپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلھەسەل تاھىر، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى ‹‹مائارىپىمىزدىكى جۇغراپىيەلىك پەرىق،ھاسىلات ۋە ئۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش››.
بۇ ىانىم بۇرۇن شىمالىي شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىكەن،كېيىن جەنۇبى شىنجڭاغا يۆتكىلىپ ھازىرقى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋېتىپتۇ. ئىككى ئورۇندىكى خىزمەت شارائىتى ۋە خىزمەت پوزىتسىيەسى ھەققىدىكى جانلىق سېلىشتۇرمىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنى بىردە غەزەپلەندۈرسە،بىردە چوڭقۇر ئويلارغا سېلىپ قويدى. بۇ خانىمنىڭ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يەنە بىر تەرىپى شۇكى نەچچە يىل بۇرۇن مەكتىپىدكىكى ۋە سىنىپىدىكى تۇغۇلغان كۈن ئكتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيە بىلەن قايىل قىلىپ ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى ئېلىشنىڭ ئورنىغا تەسىرلىك نەسىر يېزىپ چىقىپ ‹‹ئانا مېنى تۇققان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن!››دېگەن تېمىدا تسىرلىك سوۋغات تەييارلاپ ھەم بۇ پائالىيەتنى ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك تۈسكە كىرگۈزگەن،ھەم ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبىيات جەھەتتىن يېتەكلىگەن. 12- ئاتۇش شەھىرى ئازىق يېزىلىق مائارپ ئىشخانىسىدىن قۇربانجان توختى ئازىق، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:‹‹ئەدەبىيات دەرسى ۋە گۇمانىتارلىق تەربىيەسى››
13- قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە ئاققاش يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن غوپۇرجان ئىبراھىم، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى:‹‹ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى مەنىۋىيىتىدە››
14- مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئەخمەتجان قاسىم، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى ‹‹قەلب تەربىيەسى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا كىرىش›› -تارىخىمىزدا سىياسى بىلەن ۋە ئەلەم بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئەخمەتجان قاسىم ئۆتكەن ئىكەن(سابىق رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى) مەن قەلەم بىلەن شۇغۇللىنىپ ئەۋلات تەربىيەلەيدىغان ئەخمەتجان قاسىم بولىمەن. كىرىش نۇتقىدىكى چاخچاق.
15- يوپۇرغا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن گۈلباھار ئەخەت، ئوقۇغان ماقالىسىنىڭ تېمىسى ‹‹مائارىپىمىزدا نىمىلەر كەم؟›› بۇ ئوقۇتقىچىنىڭ قولىدا تەربىيەلىنىپ چىققان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلاردىن ياخشى تەرىپلەرنى ئاڭلدىم.
ئەتە قالغان15 نەپەر ماھىرمۇ ماقالىلىرىنى ئوقۇيدۇ،پائالىيەت ئەھۋالى ئەتە كەچ داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. 18-مايدىكى پائالىيەت ئەھۋالى ئابلىز ئىبراھىم دولان بىلەن ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ئۇلار ئىززەتلىگۈچىلىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتتە
1-قاغىلىق ناھىيە ئۇق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن پىشقەدەم ئۇستاز مۇختارجان مۇھەممەد تولدۇرغۇچى ھەققىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى <<تولدۇرغۇچى >>دەپ خاتا كىرگۈزۈلۈپ قالغان ھالەتلەر ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.
2-قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابلىمىت ساۋۇت <<تىل-ئالتۇن ئاچقۇچ>> ناملىق ماقالىنى ئوقۇدى.
3-مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتىن تۇراخۇن ئابلىز دولان <<مائارىپىمىز ھەققىدە ئاچچىق چۈچۈك پاراڭلار>> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى. بۇ ئاچچىق چۈچۈك پاراڭلار ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قەلب تارىنى چېكىپ نۇرغۇن ئويلىنىشلارغا،ئۆزىنى دەڭسەشلەرگە سەۋەپ بولدى.شۇڭلاشقىمىكىن پائالىيەت ئاخىرىدا ماقالىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى.
رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىز يولۇچىلارنى ھالاك قىلغاندەك ئىلمى قانۇنىيەتتىن چەتنىگەن مائارىپ مىللەتنى ھالاكەت يولغا باشلايدۇ.
4-خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەلىك ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رۇزى مۇھەممەت ياقۇپ <<مىللى مائارىپىمىز قەھرىمانلارغا مۇھتاج>> ناملىق ئىسىل ماقالىسىنى ئوقۇپ ئاڭلىغۇچىلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالدى.چاۋاكلار ئۈزۈلمىدى.
5-غۇلجا ناھىيە ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابلەت ئابلىكىم ئەپەندى <<روھىيەت نىمىشقا مۇھىم>> دېگەن ئىىسىل ماقالىسىدە بازغان بىلەن ئاچقۇچنىڭ قۇلۇپ ئېچىش جەريانىنى ئوبرازلىق شەرھىيلەپ ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىش ۋە چۈشۈنىشتە يۇمشاق،ئىلمى،سىلىق ۋاستە ئىشلىتىشنى تەكىتلەپ بازغاننىڭ قۇلۇپ ئېچىشىدەك قوپال ،مەغلۇبىيەتلىك ئۇسۇلنى قوللانماسلىقنى تەكىتلىدى.
6-كوناشەھەر ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن مۇھەممەتجان جۈممە <<تەۋپىق روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن>> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.
7-پوسكام ناھىيەلىك ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن پىشقەدەم ئۇستاز ۋە تەلەپچان مۇپەتتىش ئابدۇۋاھىت مەتنىياز ئەمىن <<تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشنىنىڭ سۈپەت نىشانى ھەققىدە>> ناملىق ئۇزۇن لېكسىيەسىنى سۆزلەپ كۆپ قېتىملىق چاۋاكلارغا مۇيەسسەر بولدى.
ئۆدەك چۆجىسىنى ئۈچ كۈن ئانىسىدىن ئايرىۋەتسەڭ، تۆتىنچى كۈنى يېنىغا نىمە كەلسە شۇنى ئانام دەپ بىلىپ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىۋېرىدۇ.بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا كېچىكتۈرمەي ئانا تىل تەربىيەسى بېرىش بەك مۇھىمدۇر.
8-ئاتۇش شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش <<تەۋپىق روھىدىن زامانىمىزدىكى ئادىمىيلىك تەربىيەسىگە نەزەر>> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى. بۇ ماقالىدە ئالىم تەربىيەلەش مۇھىممۇ ياكى ئادەم تەربىيەلەشمۇ دېگەن مۇھىم مەسىلە ئوتتۇرىغا تاشلاندى.
9-مارالبېشى ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتىن مەمتىمىن ياقۇپ كۆك تۇغ <<شېئىرىيەت ئوقۇتۇشىدا ،ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بەھىر تۈزۈلۈشلىرىنى ۋە تۇراقلىرنى قانداق ئايرىش كېرەك>> دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنى سۆزلەپ چوڭقۇر بىلىمىنى نامايەن قىلدى.
10-كونىشەھەر ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىمام مۇھەممەت يولۋاس << يېزا مائارىپىنىڭ سۈپىتى تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەپلەر توغرىسىدا >> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى.
11-يۇپۇرغا ناھىيە تېرىم يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم <<مەكتەپلىرىمىزدىكى سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئېقىمى توغرىسىدا >> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى. قاتتىق ۋاستە قوللانغاندا پەقەت ئۆچمەنلىكلا كېلىپ چىقىدۇ.يۇمشاق ۋاستە قوللانغاندا تاشمۇ ئېرىپ سۇ بولىدۇ.كاج تەرسا كىشىلەرمۇ سىلىق مۇئامىلە ئالدىدا يول قويۇشقا مەجبۇر. قارىماققا سۈرلۈك كۆرۈنىدىغان بۇ يىگىتكە مەن بەك قايىل.ئايالى گۈلھەسەل تاھىر بىلەن ئىككىسى ھەقىقەتەن خۇدا قوشقان بىر جۈپلەر.ھەر ئىككىلىسىلا تىرشچان باغۋەنلەر ۋە ئىقتىدارلىق يازارمەنلەردۇر.ئىككىسىنىڭ تېمىلىرى دائىم دېگۈدەك ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ تۇرۇدۇ.
بىر خىل قىلىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پات پات غولى قىرقىلىپ تۇرغان بىر توپ سېدىلەردىن گېزى كەلگەندە ئىشىك تاقاشقا يارىغۇدەك بىرەر تال دەممۇ تاپقىلى بولماي قالىدۇ. 12-يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن قۇربانجان ئابلىمىت <<مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن ئائىلە تەربىيەسىنى قانداق ماسلاشتۇرۇش كېرەك>> دېگەن تېمىدا لېكسىيە ماقالىسى ئوقۇدى. پەرزەنت تەربىيەلەش -بەخت يارىتىش دېمەكتۇر.
13-قەشقەر شەھىرى يېڭى ئۆستەڭ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىسمايىلجان تۇرا مىساللىرىنى قىسقارتسىمۇ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان <<يېزا مائارىپىدىكى تۇيۇق قەدەملەر ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋەتلىرى>> ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بەك ئېتىۋار بېرىپ، ئانا تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا دېگەندەك كۆڭۈل بۆلمەسلىك ھادىسىسىنى<<ئاز سانلىقلارغا ئېتىۋار بېرىپ كۆپ سانلىقلارنى تاشلىۋېتىش>> دەپ ئاتىدى.
14-مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن داڭلىق ماقالە يازغۇچىسى ئابلىز ئىبراھىم دولان <<بالىلاردا تەنقىدى روھنى يېتىلدۈرۈش مەكتەپ تەربىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا>>دېگەن ماقالىىسنى ئوقۇدى.مەن بۇ ئادەمنىڭ داڭقىنى ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلاپ تۇرغان بولساممۇ بۈگۈن كۆرۈش نىسىپ بولدى.ئۇ ئىگىز بويلۇق،تەخەللۇسىدىكى <<دولان>> سۆزىدىكى دولانلىقلاردەك جەسۈر،قەيسەر،جۇشقۇن كۆرۈنىدىغان قىزغىن،سۆھبەتخۇمار ئادەم ئىكەن.
15-ئەڭ ئاخىرىدا <<يەكەن مەدەنىيىتى>> ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى،مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ ئەپەندى ئەڭ قىسقا،ئەڭ مېغىزلىق،ئەڭ مەزمۇنلۇق،شۇنداقلا ئەڭ جەلىپكار ماقالىسىنى ئوقۇپ قىزغىن ئالقىشلارغا نائىل بولدى. بۇ ماقالىنىڭ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان يېرى شۇ بولدىكى ئۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن: -ناھىيەدىكى خىزمىتىمنىڭ تاشاينىدا مىشا يېزىسىدا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش،مۇنبەردا تۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ خۇشال بولۇپ يۈرسەم بىر قىسىم كىشىلەر مېنى <<چۈشۈپ كېتىپتۇ>> دەپ غەيۋەت ئوبىكتى قىلىۋاپتۇ. ئۇلار نىمىنى بىلەتتى،مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چۈشۈپ كېتىش بولسا مېنىڭ نەزىرىمدە دەل ئەكسىچە <<ئۆسۈپ كېتىش>> بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. مەن ناھىيەدىكى خىزمىتىمدىن ئەمەس بەلكى يېزىدىكى خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن.ئوقۇغۇچىلارغا بىر سائەت بولسىمۇ دەرس ئۆتۈپ تەۋپىق روھىنى جارى قىلدۇرالىسام تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ياشىغان بولىمەن.مانا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ زور خۇشاللىق ئىش. سىلەرچە ئۇنداق ئەمەسمۇ،سىلەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقىڭلاردىن خورلۇق ھىس قىلامسىلەر؟!>...
19-ماي كۈنى ئەتىگەن خۇلاسە يىغىنى ئېچىلدى.خۇلاسە يىغىنىدا ئالدىبىلەن مائارىپ گېزىت -ژورناللىرىنىتارقىتىش خىزىتىنى ياخشى ئىشلىگەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك 11-ئورۇنمىس تاختىلىق لەۋھە بىلەن مۇكاپاتلاندى.ئارقىدىن بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلىق ماقالەئوقۇش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
قۇربان داۋۇت شاھىدى،ئەيساجان تۇردى ئاچچىق،رۇزىمۇھەممەت ياقۇپ،ئەكبەر ھىمىت،تۇراخۇن ئابلىز،ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم... قاتارلىق سەككىز كىشىنىڭ ماقالىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ مىڭ يۇئەندىن نەق پۇل ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش،ئابدۇۋاھىت مەتنىياز ئەمىن،ئەخمەتجان قاسىم،ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغ،رۇزى مۇھەممەت تۇردى ئارتۇچ،گۈلباھار ئەخەت،مەمتىمىن ياقۇپ...،قاتارلىق توققۇز كىشىنىڭ ماقالىسى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 600يۈئەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
قۇربانجان ئابلىمىت،قۇربانجان توختىھاجى،گۇلھەسەل تاھىر،مۇھەممىدىن سەمەت،رەيھانگۇل ئىمىت،ئىمام مۇھەممەت يولۋاس،مۇھەممەتجان جۈمە،ئابلىز ئىبراھىم دولان،مەخمۇتجان يانتاق،مۇختارجان مۇھەممەت،مەمتىمىن ياقۇپ،ئىسمايىلجان تۇرا،مەمتىمىن تۇغلۇق قاتارلىق 13 نەپەر كىشىنىڭ ئوقۇغان ماقالىسى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 300يۇئەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
پائالىيەتتىن كېيىن قاتناشقۇچىلار خاتىرە سۈرەتلەرگە چۈشۈشۈپ سۈرەت ئارقىلىق قىممەتلىك دەملەردىن خاتىرە قالدۇردى.
ئەسقەر مىجىت بۇ يەردە ‹‹پەرۋاز›› ژورنىلىنىڭ ئۆسمۈر ئاپتۇرلىرىدىن بىرى،ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەت ئەلتۇغنىڭ ئوغلى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنى سەمىمى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. مەنبەسى قابىلجاننىڭ قەلىمى ۋە رەسىم ئاپاراتى.
2014-يىل17-ماي يوپۇرغا . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-28 05:40 PM
|