مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2613|ئىنكاس: 14

شەھىدانە خۇتەندىكى ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇشۈكۈرھاجىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106743
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2014-5-14
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 11:59:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىنى ئۇل زاتى مۇبارەكنىڭ  ئىجازىتىسىزلا مۇنبەرداشلارغا سۇنغىنىمنى پاك رەببىم ئەپۇ قىلغاي.ئۇل زاتى مۇبارەك ئەيىپكە بۇيرۇمىغاي!
     قېرىنداشلار ،قايسى كۈنى بىرتوردىشىمىز ساۋاقدىشىنىڭ كېسىلى توغرىلىق ياردەم سۇرايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىريازما يوللىغان ئىدى.ئىنكاس ئارقىلىق مەن بۇ ئالىمنى تەۋسىيە قىلدىم.ھەم پاك ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن بۇ زاتى مۇبارەكنى مۇنبەرداشلارغا بىر يۇلى تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق تېپىپ بۇ يازمىنى يېزىۋېتىپتىمەن.

      شەھىدانە خوتەن ـــــ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ مەركىزى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ھەكىم-ئۈلىمالارنىڭ كۆپلىكى بۇ يۇرتنىڭ يەنە بىر خاسلىقى ئىنشائاللاھ! بۇ يەردە مەن تىلغا ئالماقچى بولغان زاتى مۇبارەكنىڭ نام-شەرىپى بولسا ئابدۇشۈكۈر ھاجىم. يەنى مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم يازغان تىبابەت ئۇستازلىرىمىزدىن تۇردى ھاجىم ۋە ئابدۇلھەمىد يۈسۈپ ھاجىم ناملىق ئىككى قىسىملىق بىئۇگىراپىك ئەسىرىدە تەسۋىرلىگەن مۆھتەرەم ئالىم -تۇردى ھاجىمنىڭ نەۋرىسى.
     تۇردى ھاجىم ئەينى زاماندىكى داڭلىق ھەكىملەرنىڭ بىرى بۇلۇپ 20-ئەسىر ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىمىزدا نامى ئەڭ ئاۋۋال تىلغا ئېلىنىدىغان زاتى مۇبارەكلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئاجايىپ كۈچلۈك ئەقىدە ئىخلاس ۋە دىل كۈيەرلىك ئىچىدەئۇيغۇر تىبابەت كەسپى بىلەن بىر ئەسىردىن ئارتۇق مەشغۇل بۇلۇپ ئىنسان جىسمانىيىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقان روھى ۋە تەبىئى ۋەيرانچىلىقلارنى يېڭىپ ئەسىردىن ھالقىغان ھاياتى ۋە تىبابەت كەسپىدىكى ئۆزگىچە ئىقتىدارى بىلەن مۆجىزە ياراتقان زاتتۇر.ئۇنىڭ 110نەچچە ياشقا كىرگەندىمۇ گۈس-گۈس دەسسەپ مېڭىپ ھەرەمگە ئىككىنچى قېتىم ھەجگە بېرىشى ،ئۇنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى تۇنجى قېتىم ھەج سەپىرىگە ئاتلانغاندا دىلىغا ئىلىم ئۇرۇقىنى چاچقان ئۇستازىنى يول ئۈستىدە بىر ئايغا يېقىن يۈدۈپ ماڭغىنىغا ئوخشاشلا ،ھەرەمنىڭ پادىشاھىنىلا ئەمەس بۇ مۇقەددەس جايغا توپلانغان يەتتە ئىقلىم كىشىلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇرغان(مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم ئاكىنىڭ تۇردى ھاجىم ناملىق كىتاۋىنىڭ مۇقەددىمىسىدىن ئېلىندى)
     مانا مۇشۇ زاتى مۇبارەكنىڭ نەۋرىسى بولغان ئېسىل بىر جەمەتتە تۇغۇلۇپ ،تىبابەتچىلىكنىڭ ھۈجەيرىسى تۇمۇر-تۇمۇرلىرىغا سىڭىپ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدە ئۈسۈپ يىتىلىپ تەقۋا چوڭ بولغان بۇ زاتى مۇبارەكنى بىلمەيدىغانلار مېنىڭچە خېلى كۆپ. ھەتتا بىزمۇ مۇشۇ شەھىدانە خۇتەندە تۇرۇپمۇ يەنە بۇ مۆھتەرەم زاتنى خېلى يىللاردىن كېيىن بىلگەنىكەنمىز.چۈنكى رىياكارلىق ۋە داغۋازلىق ئاۋۇپ كەتكەن زاماندا ئېلانلاردا نىجاسەتكە ئۇلاشقان چىۋىندەك گىژىلداپ  قۇلاققا ئارام بەرمەيۋاتقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى،ۋە ئاللاھنىڭ غەزەپ قىلىشىدىن قورقماي ئازراق پۇلغا يالغان گۇۋاھلىق بىرىپ ئىكرانلاردا تۆكمە بۇلۇپ كەتكەن چولپان ئاتلىقلار بۇلۇڭ –پۇچقاقلاردىكى ئاۋامغا تۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن بىلەن ،ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كېسەل كۈرىۋاتقان بۇنداق ئالىملارنى ئەلۋەتتە كۆپ ئادەملەر  بىلمەيدىكەن. بۇ ئالىمنى مۇنبەرداشلارغا تۇنۇشتۇرۇشتا مېنىڭ قىلچە شەخسى غەرىزىم يوق.پەقەت  بېشىغا كۈن كىلىپ  غەمدە قالغان مۇئمىنلەرنىڭ ئۈمۈد چىرىقىغا بىر تامچە بولسىمۇ كىرسىن بۇلۇپ قالسا ،ئاللاھ مەندىن رازى بۇلۇرمىكىن دەپ بۇ ئالىمىمىزنى مۇئمىنلەرگە تەۋسىيە قىلدىم.ئەمىسە قېرىنداشلار بۇ قۇرلارغا نەزەر سالغايسىزلەر.
      قاچاندۇر بىر چاغدا ئىنىمدىن بىر خوشنىسىنىڭ ئاشقازان راكى دەپ دېئاگنۇز قۇيۇلۇپ ئۈرۈمچىدىن يېنىپ كېلىپ ،بىر ھەكىمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن راكتىن شىپا تاپقانلىقىنى خۇددى بىر چۆچەك ئاڭلىغاندەك تۇيغۇدا ئاڭلىغان ئىدىم.قىسقىسى ئېتىقادتىكى  چولتىلىق ئىنساننى نۇرغۇن شەكلەنمەسلىككە تېگىشلىك نەرسىلەردىن شەكلەندۈرۈپ،ئەكسىچە نۇرغۇن ئىشىنىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەپسەتىگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قۇيىدىكەن.بىر مەزگىل ئۈتۈپ كەتتى .ئائىلىمىزگە بىرسىناق كەلدى .يەنى ئۈچۈنچى يەڭگەم ئېغىر بىر كېسەل بىلەن خېمىيەلىك داۋالاندى.بۇ ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىنىشى بولغاچقا ھەممەيلەن خۇددى مۇشۇ كەمگىچە رەببىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،بىر يۇلىلا ئاللاھقا ئېسىلدۇق.دېمىسىمۇ ھاياتى دۇنيانىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بىز رەببىمىزنى يۈرەكتىن ئەمەس بەلكى تىلىمىزدىلا تۇنۇيدىغان ھالغا كەپقاپتىكەنمىز.ئاللاھقا سانسىز شۈكرىلەركى؛-بۇسىناق ھەممەيلەننىڭ غەپلەتلىك سەزگۈسىنى ئېچىۋەتتى. ئاللاھ بىزنى ئۇل زاتى مۇبارەك بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئاغزىدىن ئاللاھنىڭ زىكرى چۈشمەيدىغان بۇ ئالىم يەڭگەمنىڭ تۇمۇرىنى (سۇلياۋ خالتا كىيىپ)ئۇزاق تۇتتى.ھەم؛تەكشۈرتمىگەنمۇ؟ ھازىر قالايمىقان دورا بەرمەيلى .دوختۇر چوڭ بىركېسەلنىڭ گېپىنى قىلمىغانمىدى؟دەپ سورىغاندائاكام ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتتى.ئۇ ئالىم «ئۈرۈمچىگە يەنە بىر چىقىپ كېلىڭلار»-ئاندىن دورا يازاي دېدى.چۈنكى يەڭگەم 2-قېتىملىق خېمىيەلىك داۋالىنىشتىن قايتىپ كەلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئىدى.قىسقىسى بۇ ئالىم تۇمۇر تۇتۇش ئارقىلىق يەڭگەمنىڭ كېسىلىنى ۋە خېمىيەلىك داۋالىنىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگەن ئىدى.نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرۇپ بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ سۆزلىرىنى شۇ قەدەر كۈڭۈل قۇيۇپ ئاڭلاشقا تىرىشتىم.چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەلىيلىرى ۋە ئاللاھ ئىلىم بەرگەن دوستلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا داخىل بۇلۇشمۇ ئاللاھنىڭ بىر خېل نېئمىتى ئىدى.ئالىمنىڭ يېنىدىكى دوستىغا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە.«بۇ قېتىم كەئبىدە يەنە ئاللاھقا ئېسىلىپ ئىھ !ئاللاھ !ئالدىمغا كەلگەن بىمارلارنى سامان بەرسەممۇ ،تۇپا بەرسەممۇ،شىپا بۇلىدىغان قىلىپ بەرسىلە دەپ دۇئا قىلدىم.بىمارلارغا يازىدىغان دورا ئاساسەن ئوخشاش.ھەممىسى شىپا قىلدى دەپ كېلىدۇ.ئاللاھ شىپالىق بەرمىسە ئالتۇن،كۈمۈشتە دورا ياسىساقمۇ بىكار»مانا بۇ ئاللاھ ئىلىم بەرگەن زاتلارنىڭ بايانى ئىدى.كۈتۈش زالىدا ئاكام بۆرتالادىن كەلگەن بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.ئۇنىڭ دىيىشىچە ئون يىل بۇرۇن يۈرەككە كۆۋرۈك سالىدىغان بۇلۇپ 2-دوختۇرخانىدا داۋالانغانىكەن.بىراق پۇلى يەتمەي كۆۋرۈك سالدۇرماپتۇ.يەنەبىر قازاق ياتاقدېشى كۆۋرۈك سالدۇرغان ئىكەن.ئالتە ئاي ئۆمۈر كۈرۈپ تۈگەپ كېتىپتۇ.كېيىن بۇ كىشى بۇ ئالىمنىڭ دورىسىنى يەپ تۆت يىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرتسە ،بۇرۇن تەكشۈرگەن دوختۇرلار قانداق داۋالاندىڭ ساپ-ساق بۇلۇپ كېتىپسەن دېسە ئۇكىشى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ گېپىنى قىلسا بۈلۈمدىكى خەنزۇلارمۇ كۈرۈنۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىپتۇ.ئۇ ئاكامغا «كەلمىسەممۇ بۇلاتتى بىراق خۇتەننى ساياھەت قىلغاچ ھاجىمنى كۈرۈپ كېتەي دەپ كەلدىم »-دەپتۇدەك.بۇ تېخى ئادەتتىكى بايانلار.كېسەللەر نۆۋەت كۈتۈش زالىدا تاملارغا قارىسىڭىز ساپلا«ئاللاھنىڭ شىپاسى، ھاجمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن پالانى راكتىن ساقايغان پالانچىدىن تەقدىم........دېگەندەك لەۋھەلەر تۇلۇپ كەتكەن.ئەلۋەتتە ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن بىمارلارغا سەۋەپ قىلىدىغان ئابدۇشۈكۈر ھاجىمدەك زاتى مۇبارەكلەر  ئۇنداق لەۋھەلەرنى چوڭ بىلمەيدۇ.بىراق مۇسۇلمانى كامىللىقنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مۇئمىنلەر ئاتايىن چوڭ كۈرۈپ تەقدىم قىلغان سۈرەتسىز تەشەككۈرلەر بىلەن تولغان  نەرسىلەرنى قۇبۇل قىلمىسا ،دىل ئازار بۇلۇپ قالمىسۇن دېگەچكە تاملارغا ئېسىپ قۇيىدۇ.
    ھازىرغە قەدەر ئۇل زاتى مۇبارەكنى 5-6قېتىم كۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم.چىھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان، كىشى ئۇدۇل  قاراشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان   مۇشۇنداق ئالىملارنى كۈرۈپ تۇرۇشمۇ  كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن. چۈنكى بىر ئىسلام  ئالىمى- «تۆت خىل كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ. 1-ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرايىغا مېھرى بىلەن قاراپ تۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ.2-بىر كىشى كەئبىگە مۇھەببەت بىلەن قاراپ تۇرسا ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ.3-بىر كىشى قۇرئان ئۇقۇشنى بىلمىسىمۇ ،قۇرئاننى ئېچىپ قۇيۇپ مۇھەببەت بىلەن قاراپ ئولتۇرسا ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ.4-ئالىم  ئۈلىمالارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئولتۇرغان كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدۇ» دېگەن ئىدى. مەن ئويلايمەن ئېغىر كېسەل بىلەن بېشىغا غەم چۈشكەن مۇئمىنلەرنىڭ بۇ ئالىم بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ ئاللاھنىڭ بىر خىل نېئمىتى ئىكەن.ئالىمنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلاپ تۇرغاندا (5-6ئادەم بىر يۇلى كىرىدۇ،بىرسى كۈرۈنۈپ بولسا چىقىپ كېتىدۇ،ئاندىن ساقلاپ تۇرغان بىرسى ئۇنىڭ مۇبارەك يېنىغا كېلىدۇ) . رامىزانى مۇبارەكتە   ھاجىمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ قالسىڭىز ،زوھۇرلۇق تاماقلار  ھەقسىز ھالدا بىمارلارغا تارقىتىپ بىرىلىۋاتقان.باشقا ئايلاردىمۇ ھەم يۇمشاق ھور نان ۋە ياقما نانلار،ئىسسىق چايلار تۇرۇپ كەتكەن.  ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلمىنىڭ زاكىتىنى ئايىماستىن سەرپ قىلىۋاتقان بۇ كۈرۈنۈشلەر ئادەمنى ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندۈرۈدۇ.
      ھېلىمۇ ئېسىمدە ئىككى  بىر ئايال كۈرۈندى.بىر ئايالغا ھاجىم« يولدىشىڭىز قېنى دېۋىدى،ئۇ ئايال ئالدىراش كېلەلمىگەن دىدى.ئۇ ئايال چىقىپ كەتتى.بىللە كىرگەن بىر ئادىشى ئالىمغا « بىز يەكەندىن كەلدۇق ،دوستۇمنىڭ نېمە كېسىلى بولسا ماڭا دېگەن بولسىلا»-دېۋىدى ھاجىم ئۇزۇن تۇرۇپ«ئادىشىڭىزنى پۈتۈن بەدەنلىك قان تازلىمىساق بولمايدۇ.بالىياتقۇدا سىفلىسنىڭ مىكروپى بايقالدى»-دېگەن ئىدى.زامانىۋى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قاننى خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش ئارقىلىق نەچچە كۈندەچىقىرىپ بىرىدىغان دېئاگنۇزنى تۇمۇر تۇتۇپلا دەپ بىرىدىغان ،ھەتتا كىشىلەر ئالىمنىڭ كېسەل بايقاش ئىقتىدارىنى  سىناش ئۈچۈن 2-دوختۇرخانىنىڭ دېئاگنۇزىنى يانچۇقىغا قاتلاپ قۇيۇپ بىخرامان قىياپەتتە  كۈرۈنگەندە، ئالىم 2-دوختۇرخانىنىڭ زامانىۋى  تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى  بايقىيالمىغان تەرەپلەرنىمۇ دەپ بەرگىنىدىن ھەيرانە-ھەس بولغان ئىشلار ،يۈرەككە كۆۋرۈك سالغان،بەدەننىڭ قايسى ئەزاسىغا  ئوپپىراتسىيە پىچىقى تەككەنلىكىنىمۇ تۇمۇر تۇتۇپ دەپ بېرىشلەر... ئالدىغا كەلگەن بىمارلارنىڭ( ئاللاھ قەلبىنى ئېچىۋەتكەنلەر بولسا ) ئەقىدە-ئىخلاسىنى تېخىمۇ زىيادە قىلىۋېتەتتى. ئەلۋەتتە بىزنىڭ قانچىلىك ياشىشىمىز لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر.لېكىن ئەجىلى مۇسەممادا رىسقىمىز توشمىغانلا بولسا ،ھەرقانداق كېسەلنىڭ شىپاسى بار.راك ،ئەيدىز ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يامان كېسەل بولسىمۇ پاك ئاللاھ ھەممە كېسەلنى شىپاسى بىلەن ياراتقان.گەپ بىزنىڭ ئەقىدىمىزنىڭ ساپلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.مانا يەڭگەممۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ياخشى تۇردى.ئۆز ۋاقتىدا ئابدۇشۈكۈر ھاجىم ئۇنى«خېمىيەلىك داۋالىغاننىڭ بىر چىنە سۇغۇق سۇچىلىكمۇ ئۈنىمى بولماپتۇ»دېگەن ئىدى.سەدىقە –زاكات بىلەن،ئىبادەت بىلەن ،دۇئا بىلەن ،قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇنىڭ چىرايىمۇ تۈزۈلۈپ كەتتى.ئويلايمەن ،ئاللاھ ياخشىلىق ئىرادە قىلغان بىمارلارلا بۇ ئالىم بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگەبۇلاتتى.بىراق«گۈھەر ياتىدۇ سايدا،تۇنىمىساڭ نېمە پايدا »دېگەندەك بەزى كىشىلەرگە تەۋسىيە قىلسا« قويۇڭا  تىۋىپ دېگەننى، ئادەم گوللايدۇ »دەپ سۇغۇق ئېيتىدىغانلارمۇ بار.بىراق ھېچقىسى يوق. ئاللاھ قەلبىنى ئېچىۋەتكەن مۇئمىنلەر ئۈچۈن  تۈمەنلەپ پۇلنى كۈتۈرۈپ چوڭ شەھەرلەرگە بارغاندىن ئاللاھ ئىلىم بەرگەن نەپسى پاك ۋەلىيلىرىنىڭ    بىر چىمدىم دۇرىسى ئەۋزەل!چۈنكى ئالىمنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەتتۇر!!!
يېقىندىن بۇيان بۇ  ئالىمنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈپىيىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.ھەتتا باشقا مىللەتلەرمۇ  كېلىدىغان بۇلۇپ كېتىپتۇ.
    بۇ ئالىمنىڭ يېنىغا كەلمەكچى بولغانلار  تاكسىچى قېرىنداشلارغا(لوپ بىكەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى)  دىيانەت مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدىكى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ دوختۇرخانىسىغا ياكى لوپ بېكەتكە ئاپىرىپ قۇيۇڭلار دېسەڭلار بۇلىدۇ. ھاجىمنىڭ داۋالاش ئۇيىنىڭ ئۇدۇلىدا 起亚 ماشىنىسىنىڭ زاپچاسلىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىش ئورنى بار.
بۇ ئالىم (ئۆتكەن يىلى )يازدا ئاللاھنىڭ سىنىقىغا دۈچ كېلىپ(پاك ئاللاھتىن بۇ زاتى مۇبارەككە بەردەم سالامەتلىك ۋە ئىككى دۇنيالىق  بەخت سائادەت تىلەيمىز) بىرمەزگىل كېسەل كۈرەلمىگەن ئىدى.ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن كېيىنچە(ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن) يىراق-يېقىندىكى مۇئمىنلەرنىڭ ھاجىتىنى دەپ دۈشەمبە ۋە پەيشەمبە كۈنىلا كېسەل كۈرىدىغان بولغان.ئەمدىلىكتە جۇمئى كۈنىدىن باشقا كۈنى كېسەل كۈرىدىكەن.باشقا ۋىلايەتتىن كەلگەنلەر بىز باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردىن كەلگەن دەپ تىزىملىتىپ قويسىلا نۆۋەت ساقلىماي كۈرۈنەلەيدىكەن.بۇرۇن كۈندۈزى سائەت 4لەردە نۇمۇر تارقىتاتتى.ھازىر كېچە سائەت 3تە نۇمۇر تارقىتىدىكەن.ھەم ناماز بامداتتىن يېنىپ ئاندىن كېسەل كۈرۈشكە باشلايدىكەن.ئۇ ئالىمنىڭ ئالدىغا بارماقچى بولغانلار چۇقۇم ئىككىنچى قەۋەتتىن نۇمۇر ئېلىڭلار.چۈنكى ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ كېسەل كۈرۈش ئورنى ئىككىنچى قەۋەتتە.ئىككىنچى قەۋەتتە نۆۋەت ساقلاش زالى بار.
نۆۋەت ساقلاش زالىغا كىرسەڭلار،ئۈرۈمچى،يەكەن،قاتارلىق ۋىلايەت شەھەرلەردىكى بىمارلار تەقدىم قىلغان تەشەككۈرنامىلەر تاملارغا تولغان.بېشىغا كېسەللىك بىلەن سىناققا دۈچ كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى  ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ سەۋەپ قىلىشى بىلەن شىپا تېپىپ،پەرىز ئەمەللىرىنى ئۇرۇنلاپ ،مۇسۇلمانى كامىللاردىن بۇلۇپ دۇنيا-ئاخىرەتتە سائادەتمەن مۇئمىنلەردىن بۇلىشىنى پاك ئاللاھتىن تۈۋەنچىلىك بىلەن تىلەيمەن.
    بۇ تىما توغرىسىدا بەزىلەرنىڭ بەندىنى زىيادە ماختاپسەن دەپ پىتنە قىلىشىنى ياقتۇرمايمەن.مەن پەقەت ئاللاھنىڭ مەدىتى بىلەن مۇشۇنداق بىر ئالىمىمىز بارلىقىنى بىلمەي قالغان مۇسۇلمانلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يازدىم،چۈنكى مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندا ھەققى بار.مېنىڭ ئاللاھنىڭ بىر ۋەلىي بەندىسىنى ماختىشىم ئەمەلىيەتتە ئاللاھقا بولغان مەدھىيەمدۇر.چۈنكى مانا مۇشۇنداق مۇتتەقىي ھەكىملەرنى ئاللاھ ئەزىزلىگەن ئەمەسمۇ؟؟؟ كېسەل دىشۋارلىقىدا روھى سۇنغان قېرىنداشلار روھىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار!!ئۈمۈدسىزلىك شەيتانغا خاس سۈپەتتۇر.كېسەلگە داۋالانماسلىق مۇئمىننىڭ ئىشى ئەمەس!چۇقۇم سەۋەپ قىلىشىمىز لازىم!!!كېسەلگە سەۋەپ قىلىش تەقدىر-ۋە قازا-قەدەرگە ھېچقاچان زىت ئەمەس!!!بەلكى ئاللاھتىن كەلسە داۋالانمىساممۇ ساقىيمەن،ئاللاھ پۈتمىسە داۋالانساممۇ پايدىسى يوق دىيىش ئىمانغا دەخلىسى بۇلىدىغان ئىش!!!!!ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىبابىتىنى -ئىسلام تىبابىتى دىسەكمۇ بۇلىدۇ.دورا ياساش ماتىرياللىرى شۇ قەدەر پاكىزە ۋە شۈبھىسىز دىنىمىزنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەر. ( شەخسەن مەن داۋالاش ئىلمىدەكامالەتكە يەتكەن  مانچە دانە ھەكىم ئىچىدە ،كىم ئەڭ تەقۋا بولسا شۇنىڭ دۇرىسى ئەڭ پايدا قىلىدۇ دەپ قارايمەن) .
    ئاللاھ ئابدۇشۈكۈر ھاجىمدەك تىبابەت   ئالىملىرىنى بىزگە كۆپلەپ چىقىرىپ بىرىپ مۇئمىنلەرگە  شىپالىق ئاتا قىلغاي!ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھېرىپ-چارچاشقا قارىماي مۇئمىنلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىۋاتقان بۇ ئالىمنىڭ ھەرقانداق ھاجەتلىرىنى زۇلجەلالى ۋەل ئىكرام بولغان جانابىي ئاللاھىمىز  ئۈزى راۋا قىلىپ ئالىمنىڭ ئىككى دۇنيالىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ كاتتا قىلىۋەتكەي!!!ئاخىردا ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ ئالتۇن تېنىگە سالامەتلىك ، ئاللاھنىڭ بىلدۈرۈشى بىلەن مۇرەككەپ كېسەللەرنى تۇمۇر تۇتۇپلا دەپ بىرىۋاتقان سۈزۈك ئەقلىگە تېخىمۇ يارقىن كامالەت ،ئەھلى –بالا چاقىلىرىغا ئىككى دۇنيالىق  تىنىچ-ئامانلىق شۇنداقلا   ئالىمنىڭ قۇلىغا قول پۇتىغا پۇت بۇلۇپ  ھاجەتمەن قېرىنداشلار ئۈچۈن (قاراڭغۇ كېچەلەردە تاتلىق ئۇيقۇلىرىدىن كېچىپ )ئۈن-تىنسىز ئەجىر قىلىۋاتقان    زېرەك ۋە تىرىشچان شاگىرتلىرىغا ،ھاجىمنىڭ  ئىزىنى باسالىغۇدەك   پايدىلىق ئىلىم ۋە سائادەتمەنلىك  ئاسايىشلىق تىلەيمىز.  كېسەلگە سەۋەپ ئىزلىمەكچى بولغان قېرىنداشلار  خۇتەنگەــــــ ئابدۇشۈكۈر ھاجىمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەيسىزلەر.خەيىر ئاللاھقا ئامانەت! ھەممەيلەنگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!!!!


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
WWW.UYHQT.COM + 300 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8696
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44833
تۆھپە نۇمۇرى: 197
توردا: 7233 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 09:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي ، مەنمۇ ئاشقازان جارائىتى بىلەن ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا 4 يىل داۋالاندىم ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس، قارقاشتىكى ئابدۇكېرىم ھاجىمغىمۇ كۈرۈندۈم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106725
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 514 سائەت
تىزىم: 2014-5-13
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 11:46:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇ شۈكۈر ھاجىمنى خوتەندە بىلمەيدىغانلار يوقتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100106
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 98
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2013-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 12:05:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەنددىن سەۋەپ ، ئاللاھ تىن شىپا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 12:47:06 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالساق بولدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41136
يازما سانى: 603
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7346
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1506 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2014-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 03:21:48 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە قايسى يۇرتتا مۇشۇنداق مەشھۇر تىۋىپلار باردۇ؟

كۈندىن-كۈنگە ،يەنىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلماقتىمەن..

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1875
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4860
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2046 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 05:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىېرىيەدىمۇ بىر ئاجايىپ ئۇستا تىۋىپ بار دەپ ئاڭلىۋىدىم

ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 07:34:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنلىك تۇرۇپ بىلمەيتتىم كەن  بۇ  ھاجىمنى ھەر ھالدا بىلىۋالدىم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 12:22:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر-ھەر جۈمە كۈنى قەشقەردە خوتەنىڭ دورسىنى ،ساتىدىغان  ئادەملەر كۆپ. ئۇلار گەپنى شۇنداق . قولاشتۇرۇپ دەيدىكى ، گەپنى ئاڭلغان ئادەملەر، راس پايدا-قىلدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئالدىكەنمىز. مەن ئۆتكەندە ساقايمغان بەل پۇت قاتارلىق ئورۇنلارغا ماس كېلىدىغان دورا شىپا قىلدۇ، دىسە ئاپتىمەن. نەدىكنى پايدا قىلمدىكى شۇڭا ئۇلارنىڭ داۋالاش ئىشلىرىغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104010
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2014-2-24
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-19 12:35:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر خەنلەرمۇ، ئۇيغۇر تبىبابىتىنىڭ رولىغا كۆز يۇممايدىغان بولدى. بۇ ئالىمىمىزنىڭ مۇبارەك تېنىگە ساقلىق تىلەيمەن.  

ئېسىڭدىن چىقىرىپ خوش بولساڭ مەيلى ۋە لېكىن ئۇنتالماي چەكمىگىن ئازاپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش