سىقىلىش
پاشاگۈل نىياز(توقسۇن)
ھەسرەتلىك خىياللار پورەكلەپ تۈندە،
تاراملاپ تۆكۈلەر يالغۇزلۇقۇمغا.
ئاھ ،شۇ چاغ سىقىلىپ كېتىمەن چوقۇم،
بىر ئورام تاماكا چەككەندە دۇنيا.
كۆز ياشتەك تاراملار پەرىشان تىنىق،
قانىغان چېچەكلەر تۆكۈلەر يۇم-يۇم.
بوغۇلار ئەركىمدە ھىجراننىڭ چۈشى،
شېرىن بىر ئېچىرقاش قىلسا تەبەسسۇم.
تۇيغۇمنى چالغىتىپ قازدىم بىر سېنى،
مەۋھۇم خىياللار ئۇچماقتا لەرزان.
شورلاشقان زېمىننىڭ ئاراچلىرىدا،
ھەسرەتلىك سىلكىنەر نالەم بىمالال.
(2008-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى يېزىلغان.
تۇرپان گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-17 09:05 PM