ساراڭ
(مىكرو ھېكايە)
ھەسەنجان ئابدۇراخمان
ــــــ ئۇ تاققۇ-تۇققىنى بەكلا ياخشى سۆزلەيتتى.
ــــــ شۇ ئەمەسمۇ، قاراپ تۇرۇپ باشقىلار ‹‹ساراڭ›› قاتارىغا چىقىرۋەتتى-دە ئۇ ‹‹ئەبەي تاققۇ-تۇققا››نىڭ شاگىرتىنى!
ــــــ ھەي، ئەجەپ بىر كۆڭلى ياخشى، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈنلا سۆزلەيدىغان يىگىت ئىدى.
ــــــ باشقىلار ساراڭ دېسە دېمەمدۇ؟ يا ئۇ بىر ساراڭ بولمىسا!
ــــــ شۇ، بەكلا ياقتۇرىمىز ئۇنىڭ ‹‹تاققۇ-تۇققۇ››لىرىنى.
ــــــ باشقىلار چۈشەنمەيدۇ-دە! تاققۇ-تۇققۇ دېگەننى ھەقىقىي چۈشىنىش ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيە، ئىلغار ئىدىيە كېتىدۇ. بولمىسا ئۆزىمۇ بىرەر-ئىككى جۈملە تاققۇ-تۇققۇ سۆزلەپ باقسۇنچۇ!
ــــــ ئۇ ساراڭ ئەمەس زادى! ئۇنى ساراڭ دېگەنلەرنىڭ ئۆزى ساراڭ!
ــــــ بۇرادەرلەر، بولدىلا ئۇ نادانلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمايلى! توختى ساراڭ ئەمەس، بەلكى ئىچىدىكى بىلىمى تېشىغا تىپىپ تۇرىدىغان ئەقىل ئىگىسى.
ــــــ ماۋۇ ئاغىنىمىز جىڭ گەپنى قىلدى. توختى تاققۇ-تۇققا سۆزلىگىنى بىلەن ئەقلى-ھۇشى جايىدا، ئوبدان يىگىت!››
ــــــ توغرا، ئۇ ساراڭ ئەمەس!
ھەممىسى شۇنداق دەپ ۋاقىرغىنىچە توختى ‹‹تاققۇ-تۇققۇ››نىڭ قېشىغا بېرىشقا تەمشەلدى.
... ... ...
ــــــ توۋۋا، ماۋۇ توختى ساراڭنى! قاراڭلار، ئاۋۇ يەردە يەنە جۆيلىگىلى تۇرۇپتۇ.
ــــــ قارىغىنا تېخى ساراڭنىڭ قېشىغا ئولىشىۋالغان بىر توپ ئەخمەقلەرنى! ھېچ نىمىنى چۈشىنەلمىسىمۇ كۈلۈشۈپ كەتكىنىچۇ! ھا-ھا-ھا...
ــــــ بۇ ساراڭلارنىڭ قىلىدىغان باشقا ئىشى يوقمىدۇ؟ توختىغۇ ساراڭ، لېكىن ماۋۇ ساراڭنىڭ يېنىدىكى كالۋالارنىڭ بولسىمۇ ئالدىراشچىلىقى يوقمىدۇ، دەيمەن.
ــــــ بۇ بىكار تەلەتلەرنىڭ نېمىمۇ ئىشى بار دەيسەن؟ ھەم بۇ يارىماسلار بىرەر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالامتى؟
ــــــ راست دەيسەن، كۈن بويى نېرۋىسىدىن ئاداشقان تەلۋىدەك قولاشمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ، لەيلەپلا يۈرىشىدۇ بۇ ساراڭلار.
ــــــ ھەممىسى ساراڭلار دوختۇرخانىسى قۇبۇل قىلمايدىغان ساراڭلار بۇ!
ــــــ توۋۋا، ھەيران قالىمەن. بىزگە ئوخشاش كىيىملىرىنى ئوڭ كىيىشىدۇ، تاماقنىمۇ ۋاقتىدا نۇرمال يەيدۇ، ئەمما گەپ-سۆزنى تەتۈر قىلىدۇ. بۇ ساختا ساراڭلارنى-زە...
ــــــ تېخى،‹‹بۇ دېگەن يېڭى ئۇسلوب›› دېگەن گېپىگە نىمە دەي؟! ‹‹مۇشۇمۇ يېڭى ئۇسلوب›› مىش!
ــــــ ئادەمنىڭ غىدىغىنى كەلتۈرگىدەك ئۆزىنى ئاقلايدۇ بۇ دەلتىلەر.
ــــــ بۇرادەرلەر، بۇ ساراڭلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خۇدايىمغا دۇئا قىلايلى! ئامىين...
ــــــ ئامىين!...
ھەممىسى دۇئا قىلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ‹‹ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!›› دەپ خوشلاشقىنىچە ئالدىراش ئىشىغا مېڭىشتى.
مەنبە: ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۆز قەلىمى.