بىر ساڭا بەرمىدىم زەررىچە ئارام،
ساقايماس بولدى ئاھ،دىلدىكى يارام.
ئۈزۈلمەس رىشتىلەر ئۈزۈلدى تامام،
دوست دېگەن شۇ ئىكەن كەچۈر يۈرىكىم.
مەن سېنىڭ جەننىتىڭ،سەن ھەم مېھمىنىم،
ئايلاندى ئۆتمۈشكە تاشلاپ كەتكىنىم.
ئۇنتۇپ كەت ھەممىنى باغاشلا مېنى،
ياشايمەن بىر سېنى سۆيۈپ يۈرىكىم.
ھەسەت
گۈللەر بەرگى قىزاردى بەلكىم،
گۈزەللىكنى سېنىڭدىن كۆرۈپ.
كۈز كەلمەستە توزىدى غەمكىن،
بۇلبۇل ساڭا قالغاندا كۆيۈپ.
غېرىپسىنىش
سەن روھىڭدىن ئايرىلغان كۈنى،
كۈلكە يۈتتى زىناقىمدىكى.
قېتىپ قالدى ۋاقىت سوغۇقتىن،
زىيا قېنى قۇياشىمدىكى.
دىلخانەڭنى باستىمۇ ھەسرەت،
ئېرىشمىگەچ مەندىن مۇھەببەت.
ھەر نەپەستە بېقىپ ئىشىككە،
تەلمۈردۈڭمۇ ئاخىرقى بىر رەت.
قەدەملىرىم ماڭماقتا ئاستا،
چۈشۈڭ ياكى ئۆتمۈشۈم ئارا.
سەن كۈتكەن شۇ گۈزەل ئەتىنىڭ،
ئاھ!بۈگۈنكى ئەپغان قوينىدا.
كۆتۈرەلمەس يېشىمنى دەريا،
ئازاپلىرىم تاشقىندۇر گويا.
قارا بوران، قارا بوراندا،
يالغۇز قالدىم قەبرەڭ ئالدىدا.