مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1235|ئىنكاس: 7

دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال (3) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102290
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1078
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2014-1-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 06:03:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشى ئالدىنقى ساندا...

                                دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئايال

                      ئاپتورى: ئائىز قەرنىي (سەئۇدىي ئەرەبىستان)
                      تەرجىمە قىلغۇچى: ئويچى

                                         بەشىنچى باب

                 « بەخىت ئۆزىڭىزدە، زىنھار قولدىن بەرمەڭ »

**********************************************************
«اللە شۇنىڭدىن كېيىن بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرىشى مۇمكىن.» (1 :65)

                                                1           
                     تۆكۈلگەن ياشلار ۋە ئۆرتەنگەن دىللارنى ئەسلەڭ

بىر ئەدىپ ئېيتقان ئىكەن: « مۇبادا سەن ئۆزۇڭنى ۋاقىت بىلەن توختاملاشقان دەپ قاراپ، تۇرمۇشىڭدىكى بارچە ئىشلارنى كۆڭۈل ھېسلىرىڭ بۇيىچە ئورۇنلاشتۇرساڭ، شۇنداقلا بۇنىڭدىن مەمنۇن بولساڭ، ئۇنداقتا بۇ توختام كۈچكە ئىگە بولمىغاندا ياكى سەن بىلەن غايەڭ ئارىسىغا توسالغۇ چۈشكەندە، ئۆزۈڭنى قايغۇ-ئەلەمگە قويىۋەتسەڭ بولىدۇ. ئەمما ئىشلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئېرىشىش بىلەن يوقۇتۇشنىڭ بىر تۇغقانلىقىنى، تۇرمۇشنىڭ ساڭا بەرگەن سوۋغىسىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى، ئۇنى ھامان كېلىپ ئېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ مەيلى كاتتا قەسىرلەردە بولسۇن ياكى ئاددى كۆلبەلەردە ياشىسۇن بارچە ئادەم بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولساڭ، ئۇ ھالدا قايغۇ-ھەسرەتنى يىنىكلىتىشكە ئۇرۇنۇپ باق، كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتىۋەت. چۈنكى ئاپەتكە ئۇچرىغان يالغۇز سەن ئەمەس، كۈلپەتلىك، قايغۇلۇق يىللاردا سەن يولۇققان مەسىلىلەر ناتونۇشمۇ ئەمەس، ناھەقمۇ ئەمەس.»

« بۇرۇنقى گۇناھلىرىڭىز ئۈچۈن پىغان چەكمەڭ، ئويلاپ بېقىڭ، قايسى ئەمەللەر بىلەن ئۇنى يۇيالايسىزكىن؟»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بالادىن دۇئا تۇغۇلار »

                                   2
                     بۇ كىشىلەر ئەسلا بەخىتلىك ئەمەس

راھەت-پاراغەتتە ياشايدىغان كىشىلەرگە ھەۋەس قىلماڭ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار تولىمۇ بىچچارە. پەقەت ئۆزىنىڭ ھەشەمەتچىلىكى ئۈچۈن پۇل خەجلەشكىلا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھالال-ھارام دېمەي، نەفسى-خاھىشى ۋە ھوزۇر-ھالاۋەتكە بېرىلىپ كەتكەن كىشىلەر ھەرگىزمۇ بەخىتلىك ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇلار بېسىم، ئەندىشە ۋە غەم ئىچىدە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. چۈنكى اللە نىڭ يولىدىن چەتنەپ، اللە قا ئاسىيلىق قىلىپ بەخىت تاپالىغان بىرمۇ ئادەم يوق. شۇڭا كەيىپ-ساپادا ياشاۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى شاد-خورام، كۆڭۈللۈك دەپ ئويلاپ قالماڭ، تامامەن ئۇنداق ئەمەس. شاخ-تام ئۆيلەردە تۇرىۋاتقان بىرقىسىم نامرات ئاياللار ھەشەمەتلىك قەسىرلەردە ئۇخلايدىغان ئاشۇ ئاياللاردىن تېخىمۇ بەخىتلىك. چۈنكى بۇ نامرات بۈيۈك اللە قا ئىشىنىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن اللە قا ئىبادەت قىلىدىغان كىشى ھەق يولدىن ئازغان كىشىدىن بەخىتلىكتۇر.

« بەخىت ئۆزىڭىزدە، ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« بىلگىنكى، اللە تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر.» (19 :47)

                                   3
                 اللە نىڭ يولى يەنىلا ئەڭ ياخشى يولدۇر

بەخىت دېگەن نىمە؟ بەخىتنى مال-دۇنيا، ئەمەل-مەنسەپ، نام-ئابروي ئىچىدىن تاپقىلى بولامدۇ؟ بۇ سۇئالنىڭ نۇرغۇن جاۋابى بار. بىز ئاۋال مۇنۇ ئايالنىڭ بەختىگە قاراپ باقايلى:
بىر ئەر ئايالى بىلەن گەپ تالىشىپ قېلىپ، « مەن سېنى بەخىتسىز قىلىۋېتىمەن » دەپتۇ. « قىلالمايسىز » دەپتۇ ئايالى پەرۋاسىزلا. « نېمىشقا » دەپ سوراپتۇ ئەر. ئايال دەپتۇ: «مۇبادا بەخىت پۇل-مال ياكى ئالتۇن-كۈمۈش، زىبۇ-زىننەتتە بولغان بولسا سىز مەندىن بۇلارنى تارتىۋالالايتتىڭىز، ئەمما مېنىڭ بەختىم ئىمانىمدا، ئىمانىم قەلبىمدە، ئىگەمدىن باشقا ھېچكىم ئۇنىڭغا تىگەلمەيدۇ.»
مانا بۇ ھەقىقى بەخىت-ئىمانى بەخىت. پەقەت ئىدىيىسى، روھى اللە نى قىزغىن سۆيۈش بىلەن تولغان ئاشۇ كىشىلەرلا بۇنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ.بەخىت يىگانە اللە نىڭ ئىلكىدە. بىز اللە قا سېغىنىش، ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بەخىت ئىزدىشىمىز كېرەك.
بەخىت ئىزدەشنىڭ يىگانە ئۇسۇلى اللە نىڭ ئەلچىسى ئېلىپ كەلگەن ھەق دىننى ئۆگېنىشتۇر. ئومۇمەن، بىر ئادەم بۇ يولنى ئىزدەپ تاپىدىكەن، مەيلى ئۇ كەپىدە ئۇخلىسۇن ياكى يول ياقىسىدا ياتسۇن ۋە ياكى بىر بۇردە نان بىلەن كۈن ئالسۇن، بۇ ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم بولىشىغا دەخلى قىلمايدۇ. ئەمما بۇ يولدىن ئازغان كىشى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتكە تولغانلىقىنى، مال-مۈلكىنىڭ يوقالغانلىقىنى، تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمسىزلىكىنى، ئاقىۋېتىنىڭ رەسۋالىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

« بىزنىڭ ياشاش ئۈچۈن پۇلغا مۇھتاج بولىشىمىز، بىزنىڭ پۇل ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئى اللە، بىز سەندىن ئەپۇ ۋە مەرھەمەت تىلەيمىز.»

                                              4         
                  ئېغىر يۈكنى كۆتۈرەلمىگەندە اللە تىن مەدەت تىلەڭ

ئىبنى جەۋزى مۇنداق دەيدۇ:
« بىر ئىشلار مېنى ئىنتايىن بىئارام ۋە غەمناك قىلدى. مەن بۇ ئىشلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى بارمۇ يوق دەپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئەمما ئۇشتۇمتۇت مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ قالغۇچە، ھېچ بىر چىقىش يولى تاپالمىدىم. « كىمكى اللە تىن قورقىدىكەن ،اللە ئۇنىڭغا بىر چىقىش يولى بېرىدۇ.» (2 :65) شۇنىڭ بىلەن، مەن تەقۋادارلىقنىڭ بارچە خاپىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم ۋە تەقۋالىق يولىغا ماڭغاندىن كېيىن، تېزلا چىقىش يولى تاپتىم.»
دانالارغا نىسبەتەن تەقۋادارلىق بارچە ئىشلارنى ياخشىغا بۇراشنىڭ ئۇسۇلى. ئاپەتنىڭ كېلىشى پەقەت جىنايەتنىڭ نەتىجىسى. پەقەت تەۋبىلا ئۇنى يوقىتالايدۇ. قايغۇ-ھەسرەت ۋە غەم-ئەندىشە سىز سادىر قىلغان جىنايەتنىڭ جازاسى. مەسىلەن: نامازغا سەل قارىدىڭىز، باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلدىڭىز، كىيىنىش ۋە باشقا ھارام ئىشلارغا دىققەت قىلمىدىڭىز. كىمكى ئۇلۇغ اللە نىڭ شەرئىتىگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ. بەخىتنى ياراتقان مېھرىبان، شەپقەتلىك، يىگانە اللە تۇرسا سىز قانداقسىگە اللە تىن باشقىدىن بەخىت ئىزدەيسىز؟! ناۋادا ئىنساننىڭ بەخىتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بولسىدى، دۇنيادا ھەسرەت چېكىدىغان بىرمۇ ئادەم بولماس ئىدى.

« سىزنى ئامالسىز قالدۇرىدىغان بارلىق خىياللارنى چۆرۈپ تاشلاڭ. دىققىتىڭىزنى يىغىپ مۇۋەپپىقىيەت ئىزدەڭ. شۇندىلا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايسىز.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« مەن خۇددى بەندەم ئۈمىد قىلغاندەك » (ھەدىس قۇددۇس)

                                              5           
                          ھەربىر كۈن تامامەن يېڭى باشلىنىش

اللە نىڭ ھىدايىتىدىن يىراقلىشىپ، مەرھەمىتىدىن ئايرىلغاندا، ئەقىل-پاراسەت، كۈچ-قۇۋۋەت، گۈزەللىك، بىلىم..... قاتارلىق بۇ نىئمەتلەر ئاپەت ۋە زەخمەتكە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلۇغ اللە تىن يىراقلىشىش پەقەت يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. اللە مۇ كىشىلەرنى ئۆزىدىن يىراقلىشىشنىڭ ئاقىۋېتىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.
ناۋادا سىز كوچىدا كېتىۋاتقىنىڭىزدا بىر ماشىنا ئوقتەك ئېتىلىپ كەلسە ۋە سىز بۇ ماشىنا مېنى سوقىۋېتىدىغان بولدى دەپ، قارىسىڭىز، ئۇ چاغدا، سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى چاپسان  قاچۇرۇشتىن باشقا تاللىشىڭىز قالمايدۇ. ھالبۇكى، اللە ئۆز بەندىلىرىگە شۇنداق تۇيغۇلارنى ھېس قىلدۇرۇشنى خالايدۇ . شۇڭا اللە كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۆزىدىنلا پاناھ تىلىشنى كۆپ تەۋسىيە قىلىدۇ.
« (ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى)، اللە تەرەپكە قېچىڭلار (يەنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىڭلار)، مەن ھەقىقەتەن  سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. سىلەر باشقا بىر مەبۇدنى ئاللاھقا شېرىك قىلماڭلار، مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ  تەرىپىدىن (كەلگەن) ئوچۇق ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.»        (51 ـ 50 :51)
اللە قا قايتىش ئۈچۈن، بىر ئادەم ئۆزىنى قايتىدىن تونۇمىقى، تۇرمۇشىنى يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرمىقى، پەرۋەردىگارى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتمىقى، تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلمىقى لازىم. تۆۋەندىكى دۇئا بۇ يېڭى قەسەمنى خۇلاسىلىگەن:
«ئى رەببىم، سەن مېنىڭ ئىگەم، سەندىن ئۆزگە ئىگەم يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭ، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ساڭا بەرگەن قەسىمىمگە كاپالەتلىك قىلىمەن. شۇنداقلا، سېنىڭ ۋەدەڭگە قارىتا ئۈمۈدۋار ياشايمەن. ساڭا سېغىنىپ قىلمىشلىرىمنىڭ زىيان يەتكۈزىشىدىن پاناھ تىلەيمەن. ماڭا بەرگەن ئىنئاملىرىڭنى، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى ئېتراپ قىلىمەن. مېنى ئەپۇ قىلغىن، چۈنكى سەندىن ئۆزگە گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى يوق.»

«مۇبادا بىر ئىشتا مەغلۇپ بولسىڭىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ، ئازاپلانماڭ، گۇمانلانماڭ، سىز ھامان مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالايسىز.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ھەدە-سىڭىللىرىڭىزغا تەبەسسۇم بىلەن قاراشمۇ بىرخىل سەدىقە.»

                                          6      
                            ئايال گويا كۆكتىكى چولپان

ئىپپەتلىك مۇسۇلمان ئايال ئۆز ئېرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىدىن قالسىلا ئۆز ئېرىگە بويسۇنىدۇ. پەيغەمبىرىمىزدىن قايسى ئايال ئەڭ ياخشى، دەپ سۇرالغاندا، مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: « ئېرى قارىسا خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرىسا ئىتائەت قىلىدىغان، ئۆزى ۋە ئېرىنىڭ مال-مۈلكىگە قارىتا ئېرى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغان ئايال.». دېمەك، اللە نىڭ ئەلچىسى مۇشۇنداق ئاياللارنى ماختىغان ھەمدە ئۇلارنى ئەرلەر قوغلىشىشقا تېگىشلىك كۆڭۈلدىكىدەك ئاياللار دەپ ھېساپلىغان.
بۈيۈك اللە « ئالتۇن-كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى اللە يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا  دەرتلىك ئازاپ بىلەن بىشارەت بەرگىن،» (34 :9) دېگەن ئايەتنى چۈشۈرگەندە، ئۆمەر سەۋبان بىلەن بىرگە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كەلگەن ۋە « ئى اللە نىڭ پەيغەمبىرى، بۇ ئايەت ساھابىلىرىڭىزگە ئېغىر كەلدى.» دېگەن. بۇ چاغدا پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن: « مەن ساڭا ئەر كىشى ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى بايلىقنىڭ نېمىلىكىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ؟ قارىغاندا خۇرسەن قىلىدىغان، بۇيرىغاندا ئىتائەت قىلىدىغان، ئايرىلغاندا ئامانەتكە رىئايە قىلىدىغان سالىھە ئايال.»
اللە نىڭ ئەلچىسى بىر ئايالنىڭ جەننەتكە كىرىش-كىرمەسلىكىنى ئۇنىڭ ئېرىنى رازى قىلغان-قىلمىغانلىقىغا باغلىدى.بۇ ھەقتە ئۇممۇ سەلىمە اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: « قايسىبىر ئايال، ئېرى ئۆزىدىن رازى بولغان ھالدا ئۆلۈپ كەتسە جەننەتكە كىرىدۇ ». مۇشۇنداق ئايال بولۇڭ، چوقۇم بەخىتلىك بولىسىز.

«بىرىنچى قاتاردا مەڭگۈ بوش ئورۇن بار، ئۇنىڭغا ئېرىشىشنىڭ شەرتى ھەرقانداق ئىش قىلغاندا كۆڭۈل قويۇپ قىلىشتۇر.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« تىرىكلىكىڭىزدىن خوشال بولۇڭ.»

                                              7
                                  ھارامدىن ئۆلۈم ياخشى

ئابدۇللاھ ئىبنۇ ئۆمەر ئۈچ كىشىنىڭ غاردا قونغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى:
بىر پارچە تاش غار ئۈستىدىن چۈشۈپ، غار ئېغىزىنى توسۇۋالىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى  قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلۇغ اللە نىڭ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزىۋېلىشىنى تىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى كىشى مۇنداق دەيدۇ:
« ئى اللە! مېنىڭ تاغامنىڭ بىر قىزى بار ئىدى. مەن ئۇنى بەكلا ياخشى كۆرەتتىم (يەنە بىر رىۋايەتتە: مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ بىر ئايالغا بولغان مۇھەببىتىدىن ئېشىپ چۈشەتتى، دېيىلگەن). مەن ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇندۇم، بىراق ئۇ مېنى رەت قىلدى. بىر يىلى ئۇ قىيىنچىلىققا، ئېغىر مۇھتاجلىققا چۈشۈپ، قېشىمغا ياردەم سوراپ كەپتۇ. مەن ئۇنىڭغا تەلىپىمگە قوشۇلۇش شەرتى بىلەن، 120 دىنار بەردىم. ئەمما مەن ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىنىمدا، ئۇ ماڭا: «اللە تىن قورققىن، نىكاھسىز بۇنداق قىلمىغىن...» دېدى.
بۇ بىر دىيانەتلىك قىز بولۇپ، ئەسلىدە، بۇنداق يولسىزلىقنى قۇبۇل قىلالمايتتى. بىراق، نامراتلىق تۈپەيلى ئېغىر كۈنگە قېلىپ، باشقا تاللىشى قالمىغاچقا ئامالسىز ماقۇل بولدى. شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىر نەۋرە ئاكىسىغا ھەيۋەتلىك اللە تىن قورقۇشىنى ئەسكەرتتى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ سۆزى بۇ كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئىماننى ئويغاتتى. ئۇ بىر نەۋرە سىڭلىسى بىلەن بىرگە بولماقچى بولسا يولسىزلىق بىلەن ئەمەس بەلكى يوللۇق ئەمرىگە ئېلىش بىلەن بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. قىزنىڭ سۆزى ئۇنى توسۇپ، قۇدرەتلىك، شەپقەتلىك اللە قا تەۋبە قىلىشقا ئېلىپ باردى ۋە ئۆڭكۈرنى توسۇپ تۇرۇۋاتقان ئاشۇ قورام تاشنىمۇ ئازراق يۈرۈشتۈردى.

« غەم-ئەندىشە بىلەن قانداق ئۆتۈشنى ئۆگېنىۋېلىڭ. شۇندىلا ئۇ ئۆزلىكىدىن يوقۇلىدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« تۇرمۇش ئىدىيەنڭ مەھسۇلى.»

                                        8
                       ئىلھام بەخىش «قۇرئان» ئايەتلىرى

ئۇلۇغ اللە ئېيتىدۇ:
« قىيىنچىلىقتىن كىيىن اللە ئاسانلىق بېرىدۇ.» (7 :65)
« ئى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر، سەۋىر قىلىڭلار، چىداملىق بولۇڭلار، ھۇشيار بولۇڭلار، اللە تىن قورقۇڭلار، شۇندىلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىسىلەر.» (200  :3)
« سەۋىر قىلغۇچىلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن. ئۇلار مۇسىبەتكە ئۇچرىغاندا: شۇبھىسىزكى، بىز اللە نىڭ ئىلكىدىمىز، چوقۇم اللە نىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، دەيدۇ.» (156-155 :2)
« ئۇلار ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. رەھمىتىنى يايىدۇ. ئاللاھ (ھەممىنىڭ) ئىگىسىدۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر.» (28 :42)
« پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارلا ھېساپسىز ساۋاپقا ئېرىشىدۇ.» (10 :39)
« سەندىن ئۆزگە ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن (بارچە ئەيىپ-نۇقسانلاردىن) پاكتۇرسەن. مەن ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم.» (87 :21)
«قۇرئان» سىزنى خۇشال-خۇرام، ئامان-ئېسەن ياشاشقا، پەرۋەردىگارىڭىزغا ئىشىنىشكە، اللە نىڭ ھەق ۋەدىسىگە قارىتا قەلبىڭىزنى ئېچىشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى اللە ئىنسانىيەتنى ئازاپلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىناش، پاكلاش، تەربىيەلەش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ ئىنسانغا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسدىنمۇ بەكرەك مېھرىبان. ئۇنى ئەسلەش، ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىش، ئۇنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىش، ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئەگىشىش بىلەن ئۇنىڭدىن ــ ئۇلۇغ، مەدھىيەگە لايىق پەرۋەردىگاردىن رەھىم-شەپقەت، ئازادىلىك ۋە خۇشاللىق تىلەڭ.

« ئەڭ يامىنى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىڭ، باشقىلىرى ئاسان تۇيۇلىدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئاياللار ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكى يېتەرلىك شان-شەرەپتۇر.»

                                                     9
                      مېھرىبان ئاللاھنى تۇنۇش قايغۇ-ھەسرەتنى قوغلايدۇ

اللە سېخى، شەپقەتلىك خۇدا. ئۇ ھەمىشە بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ كۆپ رىزىق بېرىدۇ، ھەتتا ئۇلار تەلەپ قىلمىسىمۇ. ئۇ كىچىككىنە ياخشىلىقنىمۇ ئالقىشلاپ، ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ. ئۇ بەندىلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ.
« ئاسمان-زېمىندىكى ھەممە ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلىدۇ، ئۇ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر.» (29 :55)
اللە بارچە كىشىلەرنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاپ زېرىكىپ قالمايدۇ. بەندىلىرىنىڭ تولا دۇئا قىلىشىدىن ئاۋارىچىلىق ھېس قىلمايدۇ. ئەكسىچە، كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئۈزۈكسىز ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ، تېلىنىشتىن مەمنۇن بولىدۇ. دۇئا قىلىنمىغاندا بولسا غەزەپلىنىدۇ. ئۇ بەندىلىرىگە كۆيۈنىدۇ، گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىگە كۈيۈنمىگەن تەقدىردىمۇ. ئۇ بەندىلىرىنىڭ خاتالىقىنى ياپىدۇ، گەرچە ئۇلار يېپىشنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ. قەلبىمىز قانداقمۇ ئۇنى سۆيمەي تۇرالىسۇن! ئۇنىڭدىن ئۆزگە ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەپ، يامان ئىشلاردىن يىراقلاشتۇرغۇچى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى، گۇناھلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، سەۋەنلىكلەرنى يۆگىگۈچى، دەرت-ئەلەمنى يوقاتقۇچى، ئۈمىدسىزلىكنى ساقايتقۇچى، خەير-ئېھسان ۋە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلغۇچى يوق.
اللە، ئۇلۇغ خۇدا، ئېھسان قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ سېخىيسى، كۆيۈنگۈچىلەر ئىچىدىكى ئەڭ شەپقەتلىكى، قوللىغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىلى، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈكى، ھاۋالە قىلىنغۇچىلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىكى. ئۇ بەندىلىرىگە ئانىنىڭ بالىغا كۆيۈنگىنىدىن بەكرەك كۆيۈنىدۇ. بەندىلىرى ئۇنىڭدىن ئەپۇ سورىغاندا، ئۇ گويا باياۋاندا ئوزۇق-تۈلۈك ئارتىلغان تۆگىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ، ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزەي دەپ قالغاندا، ئاران تېپىۋالغان ئاشۇ كىشىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن بولىدۇ.

« سىز چىقارغان قارارىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى بەخىتكە ئېرىشتۈرۈشىنى، كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزدىكى شادلىق سەرگۈزەشتىڭىز  بولۇشىنى تىلەڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە پىرئەۋىننىڭ ئايالىنى مۇئمىنلەرنىڭ نەمۇنىسى قىلدى.» (11 :66)

                                           10
                                بەخىتكە نائىل بىر كۈن

بامدات ئوقۇغىنىڭىزدا قىبلىگە ئالدىڭىزنى قىلىپ، ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئون، ئون بەش مىنۇت تىنىچ ئولتۇرۇپ، اللە نى ئەسلەشكە، دۇئا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىڭ. اللە تىن گۈزەل بىر كۈننى، مۇبارەك بىر كۈننى، بەخىتلىك بىر كۈننى؛ مۇۋەپپىقىيەتلىك ، خەيرىلىك ۋە ئىجادىيەتلىك بىر كۈننى؛ ئاپەتسىز، مۇسىبەتسىز ۋە مۈشكۈلاتسىز بىر كۈننى؛ رىزقى مول، ياخشىلىقى تولۇق، غەمخورلۇقى چوڭقۇر بىر كۈننى؛ غەمسىز، دەرتسىز ۋە مۇشەققەتسىز بىر كۈننى تىلەڭ. بىز بەخىت، رىزىق ۋە بارچە ياخشىلىقلارنى اللە نىڭ دەرگاھىدىن تاپالايمىز. مۇبادا سىز مۇشۇنداق دۇئا قىلسىڭىز چوقۇم گۈزەل، بەخىتلىك، مەنپەئەتلىك بىر كۈنگە ئېرىشەلەيسىز. ئىنشا اللە!
مۇبادا قىلغۇدەك ئىشىڭىز بولمىسا ياكى ئولتۇرۇپ قىلىدىغان ئىش بولسا تەۋسىيەم: ئۈنئالغۇ ياكى رادىئودىن ئاشۇ كەمتەر قارىلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن قىلغان قىرائىتىنى تىڭشاڭ. مۇلايىملىق بىلەن اللە نىڭ كىتابىغا قۇلاق سېلىڭ. ئۇ قەلبىڭىزدىكى شەك-شۈبھىلەرنى ۋە غەم-ئەندىشىلەرنى تازىلاپ، سىزنى ئىلگىركىدىن خۇشال ۋە بەردەم قىلىدۇ.

« قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان ئىشلار بىلەن ھەپىلەشمەڭ. بۇنىڭ ئورنىغا ۋاقتىڭىزنى ئۆزىڭىز ياخشى قىلىپ كېتەلەيدىغان ئىشلارغا سەرپ ئېتىڭ.»


ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

                                      ئالتىنچى باب

          « خۇشال بولۇڭ، ھازىرلا، بۈگۈنلا، ئەتىنى كۈتمەڭ.»

**********************************************************
« بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردېمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر.» (214 :2)

                                               1  
                  پاراسەتلىك ئايال سائادەتلىك تۇرمۇشنىڭ بۇلىقى

ئەر ئۆيىگە قايتقاندا ئايالى ئۇنى ئىللىقلىق بىلەن كۈتۈۋالمىقى، ناۋادا ئېرىنى چارچىغان ياكى خاپىغان ھالدا كۆرسە، كەيپىنى بۇزماستىن ئۇنىڭ نېمە تەلىپى بولسا ئالدىراپ بەجا كەلتۈرمىكى لازىم. ئۆيگە كىرە-كىرمەستە ئىچ پۇشىقىنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس. ئەر كىيىمىنى سېلىپ، ئىچىنى بوشىتىۋالغاندىن كىيىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئۆزى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئېيتمىسا ئايالى بولۇش سۈپىتى بىلەن سوراپ قويغاننىڭ زىيىنى يوق. لېكىن ئايال ئۇسلۇپ ۋە ئاھاڭغا دىققەت قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئېرىگە كۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھالىدىن ئەنسىرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىشى كېرەك.
مۇبادا ئايال ئېرىنىڭ ئىچىنى سىققان قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، دەرھال ئېرىنى ئېغىر يۈكتىن خالاس قىلسۇن. شۇندىلا ئەر ئۆز ئۆيىدە بىر قىممەتلىك جاۋاھىرنىڭ بەلكى دۇنيادىكى بارچە جاۋاھىراتلاردىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

« قىلىپ بولالمىغان ئىشىڭىز ئۈچۈن ئەپسۇسلانماڭ. بىلىڭكى، ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« اللە ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىنى سىنايدۇ.» (ھەدىس)

                                                 2
                                      شۇ كۈننى قەدىرلەڭ

بەخىتلىكلەردىن بىرى ئېيتىدۇ:
كۈنلەرنىڭ ياخشىسى دۇنيا بىزگە ئەمەس، بىز دۇنياغا ئىگىدارچىلىق قىلغان كۈندۇر. شۇنداقلا بىز نەپسىمىزگە قۇللارچە ئىتائەت قىلماستىن، بەلكى نەپسىمىزنى كونترول قىلغان كۈندۈر. مەن شۇنداق كۈنلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن. ھەر قېتىم مەن ئۆزۈمنى مەلۇم ئىشنى قىلالىش-قىلالماسلىقنىڭ قاتمۇ-قات ئەندىشىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققىنىمدا، مېنىڭ شۇ كۈنۈم ناھايىتى رەڭدار ۋە گۈزەل بولىدۇ.
شۇ كۈن نەقەدەر گۈزەل-ھە! مەن باشقىلار مېنى ماختايدىغان ئىش بىلەن ھېچكىم بىلمەيدىغان، ھېچكىم ماختىمايدىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىش ئوتتۇرىسىدا ئارىسالدى بولغىنىمدا، كىشىلەرنىڭ ماختىشىدىن ۋاز كېچىپ، مەن بىر ئۆمۈر ئەسلەيدىغان ئەمما ھېچكىم بىلمەيدىغان ئىشنى قىلدىم.
شۇ كۈن نېمىدىگەن قالتىس-ھە! مەن ئۆزۈمنىڭ يانچۇقىنىڭ پۇلغا تولغانلىقىنى، قەلبىمنىڭ بولسا قۇپقۇرۇقلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەممىدىن ئايرىلىپ قالغان تەقدىردىمۇ، بىر ساپ قەلىبگە ئىگە بولۇشنى قارار قىلدىم.
شۇ كۈنلەر نەقەدەر گۈزەل-ھە! گەرچە ئالغان نېسىۋەم ئاز بولسىمۇ، بۇنىڭدىن ئۆز ئىشىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىمنى بىلىۋالدىم. ئۇلۇغ، مېھرىبان اللە قا مەدھىيەلەر بولسۇن!

« ئىلكىڭىزدىكى نەرسە ئۈچۈن خۇرسەن بولۇڭ. اللە نىڭ بەرگىنىگە رازى بولۇڭ. تىرىشچانلىقىڭىز ۋە قۇدرىتىڭىز بىلەن ماسلاشمايدىغان خام-خىياللارنى تاشلاڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئۆتكەنكى گۇناھلارنى ئاللاھ ئەپۇ قىلدى.» (95 :5)

                                             3   
                         «مەن  خار» دېگەن تۇيغۇنى تاشلاڭ

بۇ مۇھىم بىر قائىدە سىزنىڭ غەم-ئەندىشىنى يېڭىشىڭىزغا، تۇرمۇشتا مۇۋۋەپپىقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، دوستلىرىڭىزنى ساقلاپ، ئائىلىڭىزنى شاتلاندۇرىدۇ. چۈنكى يىراقنى كۆرىدىغان كىشى ئادەملەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتەلەيدۇ ھەمدە ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىدۇ، ئاشكارا، يوشۇرۇن ئەھۋالنى كۆزىتىدۇ.
ئەندىشىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، ئاڭلىق كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلي مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ياكى ئىشلارنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك بولمايۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندە، بۇنىڭ تۇرمۇشلىقىنى بىلىدۇ. شۇ ئەمەسمۇ، ئۆز تەقدىرىدىن مۇتلەق رازى ئىنسان يوق. بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە پايدىلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرمەي، ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرىشى ھەم مۈمكىن. ھەقىقىي ياخشىلىق ھامان ئۇلۇغ اللە نىڭ ھۆكمىدە ساقلانغان بولىدۇ.
ئاڭلىق ئادەم ئۆزىنى كاتتا ئالەمنىڭ بىر قىسمى، ئازاپ، ھەسرەت، بەخىت، شاتلىق تەڭ مەۋجۇت دەپ، تونۇيدۇ. ئاللىقانداق ئىشلار ئۈچۈن تىتىلداپ يۈرمەيدۇ شۇنداقلا ئاڭسىز كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆزىنى بىردىنبىر قىيىنچىلىقتا قالغۇچى دەپ ئويلىمايدۇ. ئاڭسىز ئىنسان پەقەت مەنلا ئاۋارىچىلىققا ئۇچرايمەن، كىشىلەر مەن بىلەن قېرىشىۋاتىدۇ، مەن مەڭگۈ شورپىشانە دەپ، ئويلايدۇ. ئاڭلىق ئادەم بۇنداق ئويلىمايدۇ، ئۇ تۇرمۇشنى چۈشىنىدۇ، ئۆزىنى تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى دەپ ،بىلىدۇ. شۇڭا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن، بارچە نەتىجىنى قوبۇل قىلىدۇ.

« خوشال بولۇڭ، ھازىرلا، بۈگۈنلا، ئەتىنى كۈتمەڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« سەۋرنى دوست تۇتقانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن! ئاخىرەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى نېمىدېگەن ئوبدان!» (24 :13)

                                               4
             مۇشەققەتتىن كېيىنكى مۇۋۋەپپىقىيەت نەقەدەر لەززەتلىك-ھە!

ئۇتۇق قازانغانلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ:
مەن نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان، نامراتلىق بۈشۈكتىن باشلاپلا ماڭا ھەمراھ ئىدى. مەن ئاپامنىڭ نان دېگىنىمدە، بىر پارچە نان ئېلىپ بېرەلمىگەن چاغدىكى ئازابىنى بىلىمەن. مەن ئون يېشىمدا ئۆيدىن ئايرىلدىم. ئون بىر يېشىمدا ئىشلەشكە باشلىدىم. ھەر يىلدا پەقەت بىر ئايلا ئوقۇيالايتىم. ئون بىر يىللىق جاپالىق ئىشلەشتىن كېيىن، بىر كالا،ئالتە قويغا ئىگە بولدۇم. ئۇلار مېنىڭ سەكسەن تۆت دوللار تېپىشىمغا ياردەم قىلدى. مەن تاپقان ھەربىر سېنتنى تېجەيتتىم، ئويۇن-تاماششاغا بىر سېنتمۇ خەجلىمەيتتىم... مەن ئاچ-يالىڭاچلىقنىڭ نىمىلىكىنى بىلەتتىم. مەن ئىلگىرى تىرىكچىلىكىمنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن نەچچە چاقىرىم يولنى پىيادە بېسىپ، خىزمەتداشلىرىمدىن ماڭا ئازراق ئىش بېرىشىنى ئۆتۈنگەن ئىدىم. يىگىرمە بىر يېشىمنىڭ تۇنجى ئېيىدا، ئىككى كالا قېتىلغان ھارۋىنى ھەيدەپ ئورمانلىققا ئوتۇن كەسكىلى باردىم. مەن ئادەتتە تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن، ئورنۇمدىن تۇرۇپ تا كەچ كىرگۈچە جاپالىق ئىشلەيتتىم. مەقسىتىم پەقەت ئاي ئاخىرىدا ئالتە دوللارغا ئېرىشىش ئىدى. ھەربىر دوللار ماڭا نىسبەتەن خۇددى قاراڭغۇ كېچىدىكى تولۇن ئايغا ئوخشايتتى.

« خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىڭىز ئۇنىڭدىن ئۆگېنىڭ ۋە تەجرىبە-ساۋاق ئېلىڭ، مەڭگۈ قايتا سادىر قىلماڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئېيتقىنكى، اللە سىلەرنى بۇ قىيىنچىلىقتىن ۋە بارچە غەمدىن خالاس قىلىدۇ.» (64 :6)

                                          5
                            شارائىتىڭىزغا كۆنۈپ كېتىسىز

مەن تونۇيدىغان بىر كېشىنىڭ پۇتى كېسىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگىلى باردىم. ئۇ بىلىملىك، پاراسەتلىك كىشى ئىدى. مەن ئۇنىڭغا دېمەكچىتىم: «بىزنىڭ مۇسۇلمانلار جەمئيىتى سىزنىڭ يۈگۈرۈش ماھىرى ياكى چېلىشىش چىمپىيونى بولۇشىڭىزنى كۈتمەيدۇ. ئۇ سىزنىڭ دانا چۈشەنچە، يورۇق پىكىر بېرىشىڭىزنى كۈتىدۇ. سىزدە مۇشۇنداق ئىقتىدار ھېلىمۇ بار، خۇداغا شۈكرى.»
ئەمما مەن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئۇ ماڭا دېدى: « مېنىڭ بۇ پۇتۇم ماڭا ھەمراھ بولغىلى نەچچە ئون يىل بولغان، ئۇ ياخشى ھەمراھ ئىدى. خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ ئىمانىم سالامەت، كۆڭلۈم ئارامىدا.»
بىر دانىش ئېيتىدۇ:
«پىكىر خاتىرجەملىكىگە ئەڭ ئۇسال ھالەتنى قۇبۇل قىلغاندىلا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەندە، بۇ دەل، رىئاللىقنى قوبۇل قىلىش يوشۇرۇن كۈچنى ئازات قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئەمما، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەر بىردەملىك ھەسرەت تۈپەيلى ھاياتىنى نابۇت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئازاپلىق رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدۇ. قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، باشتىن باشلاشنى رەت قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق كەچۈرمىش ۋە كۆرەش ئىچىگە قامىلىۋېلىپ، پايدىسىز ئەندىشىلەرگە پاتىدۇ.»
ئىسلام نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۆتمۈشتىكى مەغلۇبىيەت ئۈچۈن ھەسرەت چىكىش، ئىلگىركى ئوڭۇشسىزلىق ئۈچۈن قايغۇرۇپ يىغلاش ئۇلۇغ پەرۋەردىگارغا ئىشەنمەسلىك، ئۇنىڭ ھۆكمىگە رازى بولماسلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.

« چۈشكۈنلۈك سىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭىز. ئۇ تىنىچ كۆڭۈلنى بۇزۇشقا يېتەرلىكتۇر.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئەنە شۇنىڭدەك، بىز سىلەرنى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق.» (143 :2)

                                          6
                            بىر دانا ئايالنىڭ نەسىھىتى

ئەرەپ ئاياللىرى ئارىسىدا كەڭ تارالغان بىر نەسىھەت بار. ئۇ بولسا ئۇمامە بىنتى ھارىىسنىڭ  قىزى ئۇممۇ ئىياسقا، قىزىنىڭ توي كۈنىسى ئاخشىمى قىلغان نەسىھىتى. بۇ دانا ئايال قىزىنى ئۇزۇتۇش ئالدىدا مۇنداق نەسىھەت قىلغانىكەن:
ئەي قىزىم، سەن كىچىكىڭدىن ئۆسۈپ چوڭ بولغان ئائىلەڭدىن- سەن تۇنجى قېتىم  مېڭىشنى ئۆگەنگەن جايدىن ئايرىلىپ، سەن بىلمەيدىغان بىر جايغا بارىسەن. سەن پىششىق بىلمەيدىغان بىر ئادەمگە ھەمراھ بولىسەن. سېنى ئەمرىگە ئالغاندىن كېيىن، ئۇ سېنىڭ ئېرىڭ بولىدۇ. سەن دېدەككە ئوخشاش ئۇنى كۈتىسەن، ئۇمۇ قۇلغا ئوخشاش سېنى كۈتىدۇ. ساڭا تويلۇق سۈپىتىدە ئون نەسىھەت قىلاي:
بىرىنچى:  ئۇنىڭ جۈپتى بولغانلىقىڭدىن رازى بول. چۈنكى قانائەت كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئىككىنچى:  ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلا ۋە ئىتائەت قىل. ئەرگە ئىتائەت قىلىش مېھرىبان، شەپقەتلىك خۇدانى رازى قىلىدۇ.
ئۈچىنچى: ئۆيدە ئۆزۈڭنى پاكىز، رەتلىك تۇت. ئۇ سېنىڭ كۆرۈمسىز تەرىپىڭنى كۆرۈپ قالمىسۇن.
تۆتىنچى: دائىم خۇشپۇراق ئىشلەت، ئۇ سېسىق پۇراقنى پۇرىمىسۇن.
بەشىنچى: ئۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىدا تاماق تەييارلا. چۈنكى ئاچلىق كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدۇ.
ئالتىنچى: ئۇ ئارام ئېلىۋاتقاندا تىنىچلىقنى ساقلا، ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزساڭ ئاچچىقى كېلىدۇ.
يەتتىنچى: ئۇنىڭ باللىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە ياخشى قارا، تەدبىركارلىقىڭنى نامايەن قىل.
سەككىزىنچى: ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى ئوبدان ساقلا،  ئۇنىڭدىن خۇرسەنلىكىڭنى ۋە مىننەتتدارلىقىڭنى ئىپادىلە.
توققۇزىنچى: ئۇنىڭ سىرىنى ئاچما، بۇ سېنى ئۇنىڭ يۈز ئۆرىشىدىن ئەنسىرتىپ قويىدۇ. مەڭگۈ خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمەيسەن.
ئونىنچى: ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلما. مۇبادا ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىساڭ ئۇنىڭ قەلبى ساڭا قارىتا نەپرەتكە تولىدۇ.
دىققەت قىل، قىزىم، ئۇ ئاچچىقلانغاندا، خۇشال بولما. ئۇ خوشال بولغاندا بولسا، خاپا بولۇپ كەيپىنى بۇزما.

«سىزنىڭ بەختىڭىز ھېچكىمگە قاراشلىق ئەمەس،  ئۇ پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ قولىدا.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئەتە قۇياش چىقىدۇ، قەلبىڭىز خۇرسەن بولىدۇ.»

                                                7
            ئۆزىنى قۇربان قىلىش بىلەن اللەنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئايال

سىز جۇھنىيە قەبىلىسىدىن بىر ئايالنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئەينى چاغدا، ئۇ ئېزىپ زىنا قىلىپ سالغانىدى، ئارقىدىن اللەنى ئەسلەپ، گۇناھىغا تەۋبە قىلدى. ئۇ اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تاش-بوران جازاسى بېرىپ، ئۆزىنى پاكلاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئېيتتى: «ئى اللە نىڭ ئەلچىسى، مەن گۇناھ قىلدىم، جازالىنىشىم كېرەك، ئىجرا قىلىڭ.» ئۇ زىنادىن ھامىلدار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ھامىيىسىنى چاقىرىپ، «ئۇنىڭغا ياخشى قارا، ئۇ يەڭگىگەندىن كېيىن ئېلىپ كەل»، دېدى. ئۇنىڭ ھامىيسى شۇ بۇيىچە قىلدى. كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كىيىمگە چىڭ يۆگېتىپ، جازانى ئىجرا قىلغۇزغاندىن كېيىن، مېيىت نامىزىنى ئۆزى ئوقۇدى. ئۆمەر سورىدى: « ئى اللە نىڭ ئەلچىسى، سىز ئۇنىڭ نامېزىنى ئۇقۇمسىز؟ ئۇ زىنا قىلغان تۇرسا.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: « ئۇنىڭ تەۋبىسى ناۋادا مەدىنىدىكى يەتمىش كىشىگە تەقسىم قىلىنسا، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشقا يېتەتتى. ئۇ اللە ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلدى، سەن ئۇنىڭدىنمۇ ئىلغار ئادەمنى تاپالامسەن.»
شۇنداق، مۇستەھكەم ئىمان ئۇنى پاكلىنىشنى ئىزدەشكە، ئاخىرەتنى تاللاشقا ئۈندىدى. مۇبادا، ئۇنىڭ شۇنداق كۈچلۈك ئىمانى بولمىغان بولسا، ئۇ تاش-بۇران قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈشنى خالىماس ئىدى.
بەزىلەر قارشى چىقىپ سۆزلەيدۇ، نىمىشقا ئۇ زىنا قىلىدۇ؟ بۇ ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، ئىنسان بەزىدە بوشاڭلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ. چۈنكى ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا ئىرادىسى ئاجىز. بەلكىم تاساددىپى ئېزىپ قالغاندۇ، چۈنكى« ئىنسان ئالدىراڭغۇ يارىتىلغان.» (37 :21) بەزىدە ئازغۇنلىق ئىچىگە چۈشۈپ قېلىشى ھەم مۈمكىن، چۈنكى ئىنسان مۇكەممەل ئەمەس. ئەمما ئىماننىڭ ئۇرۇقى ئۇنىڭ قەلبىدە ئۈنۈپ، يىلتىز تارتىپ مېۋە بەرگەندە، ئۇنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە كۈچلۈك ئىمانى ئەكىس ئېتىدۇ. مانا بۇ بۇ ئايالنى اللە نىڭ ئەلچىسىنىڭ ئالدىغا چاپتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى پاكلاپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىشقا ئېلىپ بارغان سەۋەپ. ئۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە اللە نىڭ رازىلىقى، شەپقىتى ۋە ئەپۇسىغا ئېرىشتى.

« كەسپى ئاداۋەتخور ئايال بولماڭ، شۇنداقلا ئىشتىن سىرتقى ئاداۋەتخور ئايالمۇ بولماڭ.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
«تاڭ ئېتىش ئالدىدا كېچە قاپقاراڭغۇ بولىدۇ.»

                                               8      
    اللە نىڭ بۇيرۇقىغا رىئايە قىلغاندىلا، اللە نىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ

بۇ ھېكايىدە بايان قىلىنىدىغىنى بىر گۈزەل، زەردار ئايال. ئەھلى سەلىب قوشۇنى ئىسكەندىرىيىگە بېسىپ كىرگەندە، ئۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى تېخىچە ئائىلىسىدە بولۇپ، قېچىشقا ئۆلگۈرەلمىگەنىدى. ياۋرۇپالىق تاجاۋۇزچىلار قوللىرىدا قېلىچ تۇتقىنىچە ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنىڭدىن «پۇل-مال نەدە؟» دەپ سورىدى.
ئۇ ھودۇققان ھالدا، « پۇل-مال ئۆيدىكى ساندۇقلارنىڭ ئىچىدە» دەپ، قۇلى  بىلەن كۆرسەتتى ۋە قورققانلىقىدىن تىترەشكە باشلىدى. بۇ چاغدا تاجاۋۇزچىلاردىن بىرى ئۇنىڭغا: « قورقما، سەن مەن بىلەن بىللە بولىسەن، مەن سېنى بايلىقىم ۋە مېھرى-مۇھەببىتىمدىن بەھرىمەن قىلىمەن.» دېدى. ئۇ بۇ ئەبلەخنىڭ ئۆزىنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىنى ۋە نىيىتى بۇزۇلغانلىقىنى پەملەپ، ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى ھەم مۇلايىملىق بىلەن، «ھاجەتخانىغا بېرىپ كېلەي» دېدى .  ئۇمۇ  بۇ ئايال مېنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ دەپ ئويلاپ، بارساڭ بولىدۇ دېگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى. ئايال ئۆيدىن چىققاندىن كىيىن، بۇ كىشىلەر ساندۇقلارنى تالان-تاراج قىلىش بىلەن بولۇپ كەتتى. بۇ ئايال ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، يول بۇيىدىكى قاپقاراڭغۇ بىر سامانلىققا يوشۇرنۇۋالدى. بۇلاڭچىلار ئۇنىڭ ئۆيىنى تالان-تاراج قىلىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنى تاپالماي نەرسە-كېرەكلەرنى ئېلىپ كەتتى. بۇ ئايال دانالىق بىلەن ئەسىرگە ئېلىنىش تەقدىرىدىن قېچىپ قۇتۇلدى. ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ  قۇتۇلۇپ قالدى.
بۇ ئايال مۇنداق دەيدۇ: «ئىمانىم ۋە ئابرويىمنى قوغداش مال-دۇنيا ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتتىن مۇھىم. چۈنكى نامرات بولۇپ قېلىش، مەھبۇس بولۇپ قالغاندىن ھەمدە ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلانغاندىن ياخشى.»

« سىز ساقلانغىلى بولمايدىغان بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك، تۇرمۇشتا ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان مەلۇم ئىشلارغا يولۇقىسىز، ئەمما ئىمان ۋە سەۋر بىلەن ئۇلارغا تاقابىل تۇرالايسىز.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ئانا ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئەزىمەتلەرنىڭ بۆشۈكىدۇر.»

                                          9
                        تەۋبىنىڭ سۈيى ئەڭ پاكىز سۇ

اللە... تەۋبە قىلغۇچىلارنى، ئۆزىنى پاكلىغۇچىلارنى  ياخشى كۆرىدۇ. چۆل-چەزىرىدە ئۇزۇق-تۈلۈكى ئارتىلغان ئۇلىغى يۈتۈپ كېتىپ، ئىنتايىن ئۈمۈدسىزلىنىپ، ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغاندا، توساتتىن ئۆز ئۇلىغىنىڭ كۆز ئالدىدا يىمەكلىك ۋە سۈيىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئورنىدىن چاچراپ قوپۇپ ئۇنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ، خوشال بولغانلىقتىن خاتالىشىپ، « ئى اللە،  سەن مېنىڭ بەندەم، مەن سېنىڭ ئىگەڭ »، دەپ سالغان كىشىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. ئۇنىڭ بۇ زور خوشاللىقى بەندە تەۋبە قىلغان چاغدىكى اللە نىڭ خوشاللىقىغا يېقىن كەلمەيدۇ. ئۇلۇغلۇق اللە قا خاستۇر. ئۇ نېمېدىگەن بۈيۈك، نېمېدىگەن مېھرىبان-ھە! ئۇ بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارغا جەننەت ۋە ئۆز رازىلىقىنى ئاتا قىلىدۇ. اللە مۇئمىنلەرگە خىتاپ قىلىپ ئېيتىدۇ: « ئى مۇئمىنلەر!  بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اللە قا تەۋبە قىلىڭلار.» (31 :24)
تەۋبە دېگەن قەلبىنى پاكلاش، كۆزنى ياشلاش ۋە  خاتالىقى ئۈستىدە چوڭقۇرلاپ قايتا ئويلۇنۇشتۇر. ئۇ ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ تۇنجى قەدىمى. مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ دەسمايىسى، ئازغانلارنىڭ ھىدايەت  ئاچقۇچى.
تەۋبە قىلغۇچى اللە قا دۇئا قىلىدۇ، يېلىنىدۇ، ياش تۆكىدۇ. باشقىلار بوشانغاندا ئۇنىڭ قەلبى بوشانمايدۇ، باشقىلار ئارام ئالغاندا ئۇنىڭ قورقۇنچىسى ئارام ئالمايدۇ، ئۇنىڭ تەشنالىقى ئەسلا بېسىقمايدۇ. ئۇ مەھزۇن قەلبى بىلەن پەرۋەردىگارى ئالدىدا باغرى سۇنغان، بېشى ساڭگىلىغان ھالدا تۇرىدۇ. اللە قا رۇكۇ قىلىدۇ،سەجدە قىلىدۇ، قىلغان گۇناھى ئۈچۈن تىترەيدۇ. ھەر قېتىم گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى، خاتالىقىنىڭ كۆپلىكىنى ئويلىغىنىدا، ئۇنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى قەلبىنى ئىگەللەيدۇ، تەۋبىنىڭ كۆز-ياشلىرى ۋۇجۇدىنى ئېقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ  ئۆزىنىڭ ئەتە غالىبىيەتچى بولۇشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ، جەھەننەمنىڭ كۆۋرىكىدىن تېز ئۆتۈپ كېتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ يۈكىنى تاشلايدۇ.

«بىر كۈن كېلىپ ئىشلار قاملاشمىغاندىمۇ، ئاكتىپلىق بىلەن يۈزلىنىش كېرەك. چۈنكى ئۇ بەخت ۋە خوشاللىققا تولغان باشقا بىر كۈننىڭ باشلىنىشى ياكى ئالامىتى بولۇشى مۈمكىن.»

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
« ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا اللە نىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر.» (34 :4)

                                        10
                         تۇنجى ئەركىنلىك جەڭچىسى

ئۆز ۋاقتىدا، ئۇ ئەڭ كاتتا قەسىردە تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۆزى خالاپ باشقۇرىدىغان نۇرغۇن قۇل-چۆرىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى ھەشەمەتلىك، خاتىرجەم ھەم ئەنسىز ئىدى.
ئۇ دەل پىرئەۋىننىڭ ئايالى ئاسىيە-بىر نازۇك قىز. ئۇ سارايدا تىنىچ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئەمما ئۇ مۇئمىن ئىدى. ئىماننىڭ نۇرى ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتتى. ئۇ جاھىلىيەت تۈزۈمىنىڭ داھىسى-ئۆز ئېرىغا جەڭ ئېلان قىلدى.
ئۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە ئىدى. ساراي، باياشات تۇرمۇش ۋە قۇل-چۆرىلەرگە تارتىشمىدى. شۇڭلاشقا، ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆز كىتابىدا تىلغا ئېلىشغا ئەرزىدى. ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلاندى. ئۇلۇغ اللە ئېيتتى: « اللە پىرئەۋىننىڭ ئايالىنى مۇئمىنلەرنىڭ نەمۇنىسى قىلدى، ئەينى چاغدا ئۇ: ئى رەببىم، سەندىن مەن ئۈچۈن دەرگاھىڭدا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلىغىن. مېنى پىرئەۋىننىڭ ۋە ئۇنىڭ يامانلىقىدىن قۇتقۇزغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتقۇزغىن، دەپ دۇئا قىلدى.» (11 :66)
بۇ ئايەتكە ئالىملار مۇنداق ئىزاھات بېرىشتى: ئاسىيە ئاخىرەتنى دۇنيادىن ئۈستۈن بىلدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن «مۇكەممەل ئايال» دەپ تەرىپلەشكە ئېرىشتى: « نۇرغۇن ئەرلەر كامال تاپتى،  ئەمما، پىرئەۋىننىڭ ئايالى ئاسىيە،  ئىمراننىڭ قىزى مەريەمدىن باشقا كامالەتكە يەتكەن ئايال يوق. ئائىشەنىڭ باشقا ئاياللاردىن ئۈستۈنلۈكى خۇددى شورپىنىڭ باشقا تائاملاردىن ئۈستۈنلىكىگە ئوخشايدۇ.»
مانا بۇ مۇئمىن ئايال ئاسىيە، پىرئەۋننىڭ زۇلمەتلىك سارىيىدىكى نۇرلۇق چىراق. يەنە كىم بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق سەۋىر ۋە سۇباتلىقنىڭ نۇرلۇق چىرىقىنى ياندۇرۇپ، بىزنى ھەممىگە قادىر اللە تەرەپكە چاقىرالايدۇ؟

«ئوي-خىيالىڭىزنى كونترول قىلىڭ، خۇشال بولىسىز.»

داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   OYCHIMAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-17 07:07 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aisadap + 68 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 68   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 10:00:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئاللاھىم كاتتا ئەجىر بەرگەي!
‏مەن ئوقۇغان  ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە مەزمۇنى ئەڭ چۈشۈنۈشلۈك، تىلى يېقىملىق، پاساھەتلىك ، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى   مۇشۇ ئەسەر بولدى، ھەر بىر ھەمشىلىرىمنىڭ ئوقۇپ پايدىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
‏كۆپ رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 10:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل ئەسەركەن  ،،  داۋامىغا  تەشنامىز

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 706
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 11:32:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم ،شۇنداقلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،ھەقىقەتەن ئېسىلكەن ، ئاخىرىنىڭ تېزراق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 11:38:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كىم  بىر ئوقىسا بولغىدەك  رەخمەت .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 09:19:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ؛داۋامىىنى ساقلايمەن...

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104570
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-18 09:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنىڭ خەنزوچىسىنى ئايالىمغا سوغا قىلغان ئىدىم، ئەمدى سىز تەرجىمە قىپسىز ھارمىغايسىز، داۋاملىق يېزىشىڭىزنى ئۈمۈت ىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-20 12:14:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياقتۇردۇم ،شۇنداقلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم ،ھەقىقەتەن ئېسىلكەن ، ئاخىرىنىڭ تېزراق چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش