1. ماۋۇ يالغانچىلىقنى كۆرمەمدىغان ،مۇنۇ مائارىپتىكى شۇئارلارنى بىلىسىلەر ،ھىلىقى ‹‹ بارلىقىمىز بالىلار ئۇچۇن ، بارلىق بالىلار ئۇچۇن ،بالىلارنىڭ بارلىقى ئۇچۇن ›› دىگەن شۇئارلارنچۇ ، ھە ، مانا ماشتاق تۇكى يوق مىنەججىم شۇئارلار توغۇرلۇق بىر ئاغىنەمنڭ ئاغىنىسنىڭ تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان بىر ماڭقا ئىنىسى بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىم :
-- ھەي ئاكاڭزا ، ماۋۇ مەختەپتىكى شوجاڭ پوجاڭ خانىم مەلىملەرنىڭ قوڭىغا ئاشۇ كىلىشتۇرۇپ تۇرۇپ بىژدىن بىژدىن تىپىۋىتەيمىكى دەيمەن ، سىنىڭچە قاندا بولا !؟
--ۋاي ئۇكا ، قىزىپ قالمىغانسە ، ھەجەپ داڭقان پۇتى گەپلەنى قىلىسەنغۇ ، ھە دىمەمسە قىنى ، نىمىشقا ئاشتا قىلاي دەپقالدىڭ !؟؟
-- ھە مانا دىمىسەم بىلمەيسەنغۇ زادى ، ھەي ئاكاڭزا ،ماۋۇ ھىلىقى ،ئەستاغپۇرلا ، بىژ ئاي بۇرۇن ياشلا بايرىمى ،باللا بايرىمىغا تەييارلىق قىلىمىز دەپ ئۆتكەن دەس(دەرىس )نىڭ تاينى يوق كۇندە مەيداندا مەشىق ، ئۆزى سايىغا چىقىپ ئولتۇرۋاپ بىزنى ئاپتاپقا قاخلايدۇ .ماكۇنى بىزنىڭ مالىم دىگەن پوق قوساق دۇخاۋا گەدەن تاز ئۇسسۇلغا قولاڭ كەلمەيدىكەن دەپ قۇلۇقۇمنى سوزاۋاتىدۇ قارا .
-- ھە ھە ،شوڭازە مالىم خانىملانىڭ قوڭىغا تەپمەكچى بولدۇڭ !؟
-- ۋاي نىمە دەيدىغانسە ئاكاڭزا،بۇلار سەۋەپ ئەمەس تىخى ، ماكۇنى قارا ، مەكتەپ بويىچە بايرامنى تەبىرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۇزدۇق قارا، ھىلىقى رەخبەر پەخبەر گويلا پوخاق سۆگەتنىڭ ئارىسىغا ئۇۋا ياسىشىپ پائالىيەت كۆردۇ ، بىزچۇ بىز ، ئەننەڭنى ، ئىشەكنىڭ كۇنىنى كۆردۇق دەيمە ئاپتاپقا قاخلىنىپ .
-- شوڭا ئاچچىغىڭ تۇۋىدىن كەپتۇدە!؟
-- ۋاي ھەدەپ تۇمامسە ، شۇنىڭ بىلەن قارا ، ھەپتە بۇرۇن يەنە بىژ قىتىم پۇتۇن مەختەپ بويىچە يىغىن ئاچتى ، ئاناڭ داداڭنى ئەكىلىش بىللە گەپ ئاڭلايدۇ دىگەن ، شۇندا قىلىپ ژىغىن باشلىنىپ ئۇزۇن بومماي شوجاڭ دىگەن قوڭالتاق نىمە دەيدۇ دىمەيسە
-- ھە نىمە دەيدۇ !؟
-- ئاپتاپتا پىشىپ تۇساق گەپنىڭ پوسكاللىسنى قىمماي گەپنى سوزاپ ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلار قەدىرلىك پەرزەنتلە ياخشىمۇ ، بۇگۇن يىغىن ئىچىشتىكى مەخسەت بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئائىلە تەربىيسى توغىرسىدا ئىككى ئىغىز گەپ ، ھە ، بىزنىڭ باللىرمىز سالامەتلىكى ئۇچۇن ۋە ئوقۇشىنىڭ ياخشى بولىشى ئۇچۇن بىزلە ۋە ئاتا ئانىلار ھەر كۇچ چىقامىساق بوممايدۇ دەپ كاپپاڭشىۋەردى ، تۆت ئىغىز گەپنى قىلدۇ بىژقىتىم سۇ ئىچىدۇ ، بىر چاغدا بەكلا ئۇسساپ كەتتىم ، مالىم دىگەن گويغا سۇ ئىچىۋىلىپ كىلەي دىسەم قىسە بىردەم شوجاڭگەپ قىلىۋاتسا دەيدۇ ، يامان .... ئاچچىغىمدا ئولتۇراپ تۇسام شوجاڭ دىگەن يەتمىشپۇشتۇڭنى قوڭالتاق بارلىقىمىز بالىلار ئۇچۇن ،باللىرمىز قانداق تەلەپ بولساكۇچىمىزنىڭ بارىچە توغرا ئاساستا تەلىپىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىمىز ، چۇنكى بۇپەرزەنتلە كەلگۇسىنىڭ ئۇمىدى دەپ كاپشىغىلى تۇردى ، ئاچچىغىم تۇۋىدىن كەپتىكەن ‹‹ھەي شوجاڭ دىگەن گوي ، تولا پوق چاينىماي ئاشۇ گىپىڭ راست بولدا سايىدىن قوپاپ مائاپتاپتا بىردەم تۇرۇپ سۆزلەپ باقە ، بارلىق بىز ئۇچۇنمىش تىخى ، يالغانچى گۇي ››دەپ تازا تىللاپتىمەن ئىچىمدە .شوڭا قوڭىغا تەپسەم ھەقلىقتۇ !؟
ئۇنبڭ بۇگىپىگە نىمە دىيىشنى بىلمەي :
-- ماڭ قالا ئۇكا ، ئاۋۇ تامنىڭ كەينىگە ئۆتۇپ چىپپىدە ئەدەپ قىلىپ كىلەي ، جىندەك ھە ... ـ--- دەپلا غىپپىدە تىكىۋەتتىم.
2. كەلگۇسىدە تىل دەشنەم تاياق توخماقتىن قۇتۇلالمامدۇق نىمە ، پىقىر سىفەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن ،كەلگۇسىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قىلىشم تۇرغانلا گەپ ،ھەتتەڭەي ، يەنە ئوقوغۇچى گويلارنىڭ ئوقۇتقىچىلارنى تىللايدىغان گەپلىرى ، يەنە بىر شۇم بار دەرىستە ناچار قاچانلا قارىسا مالىملىرى بىلەن دارامما قويۇپلا يۇردىغان ، كىم دەمسىلەر ، ئىشقىلىپ يەتمىش پۇشتۇمنىڭ يەتمىش پۇشتى ،پونى دىگەن ئالامەت ئاتىدۇ جۇمۇ كىچىك تۇرۇپ .بىركۇنى مالىمى بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق ، بىچارە مالىم يىغلاپ پوتلا ماڭقىسىنى ئىقىتىپ تۇرۇپ دەرت تۆكۇپ بەردى قاراڭلار
-- يىغلىمىسلا مالىم ، نىمە گەپبوسا دىسە ، تەسەللىمۇ بوسا بىرەمەن ،--دەپ ئوشنىسىگە شاپاللاپ قويدۇم ،بىچارە تەسىرلىنپ كەتتىمۇ يا باشقا بىر سەۋەبمۇ ئەيتاۋۇر ئىسەدەپ كەتتى .
-- سىنىپمدا بىر شۇم قالاڭ ئۇكام ،دەرىستە بەك گاچا بەك گاچا ،ۋاي ئانام ۋاي ئانام ، ئالاھىدە چاقىرىپ قايتا قايتا چۇشەندۇرمەن ، تاماقنى بىزگە ئوخشاش يەيدۇ دەرىسنى باشقىلاغا ئوخشاش ئاڭلايدۇئەمما گەپنى توڭكاي پاچاق ئەگى دوققاڭ قىلىدۇ ،ما كۇنى قالاڭ ئۇكام ، ھۆ ھۆ ھۆ ...
-- بولدى بولدى ژىغلىمىسلا مالىم ،ھە قاندا بولدى !؟
-- پەقەت چىدىماي ئورنىدىن توغۇزۇپبىژ ئىككى ئىغىز تەربىيە بىرەي دەپ ‹‹ ئۇكام ،نىمانداق قىلىسە ، چۇشەنمىسەڭسورىساڭ بولىدۇ ، بىچارە دەپتىرىڭ نولگە توشاپ كەتتى ،نىمانداق دۆت سەن ››دىگىنىمنى بىلىمە ئىززەتنى بىلمەيدىغان دوخاۋا گەدەن شۇم ئاغزىدىن پوق ياغدۇرۇپپۇتۇن سىنىپتىكى باللانىڭ ئالدىدا يۇزۇمنى يە بىلەن يەكسان قىلدى قالاڭ ئۇكام ...ھۆ ھۆ ھۆ ...، نىم دەيدۇ دىمەيسىز !؟
-- ھە ھە ، نىم دىدى ئۇ شاۋچىنىڭبالىسى ..—دەپ كۇلۇپ تاس قالدى ، بىچارە مالىم ماڭقىسنى تاتىۋىتىپ :
-- نىمە دە شاۋچى مەينەت شۇم ،دۇنيادا دۆت گاچا ئوقوغۇچى يوق پەقەت دۆت قاپاقباش مالىم با دەپ سىنىپنىڭ كەينىگەچاپلاغلىق شۇئارنى كۆرسەتتى ، ئۇ لوزۇنكىدا دەرۋەقە ئاشۇ گەپ يىزىغلىقتى قالاڭئۇكام ، ئاچچىغىمدا بىرىپلا ئىلىۋەتتىم ، نىمىلە دىدىم بىر نەچچىنى تىللاپيىمەن ،ئۇمۇ تىللىدى قالاڭ ئۇكام ،ئاچچىغىمدا ھىشنىمە ئىسىمدە يوق ، بىر چاغدا تۇسامھىلىقى شۇم نىمە دىدى بىژنىمە دەپتۇ سىنىپتىكى مەينەت شۇملىنىڭ ھەممىسى قاقاقلاپكۇلىۋاتىدۇ ، قىزىقارلىق گەپ قىلغان ئوخشايدۇ دەپ كۇلۇپ قوياپ يالغاندىن چىقىپكەتتىم قالاڭ .
ئۇنىڭ كىچىك بالىلاردە ئىسەدەپ قىلىشلىردىنكۇلۇشتى ئۆزۇمنى ئاران ئاران تۇتۇپ گىپىنى تىڭشىدىم .
--كارامەت كىيىن يۇز بەردى قاراڭ ،چۇشتە تۇسام شوجاڭئىشخانىسىغا چاقىرتىپتۇ ، چىقسام ئۇ شۇم ،ئۇ شۇم دادىسىمىكى بىژنىمىسى ،شوجاڭتۇردۇ ، نىمە گەپ دەپ قالاپ تۇسام شوجاڭ ‹‹ سىزدە ئوقۇتقۇچۇلۇق ئىستىل دىگەن نەرسەبامۇ يوقمۇ ھە !؟ ما بالىنى ماندا ماندا دەپسىزغۇ ›› دەيدۇ ، شوجاڭغا ئەسلى ماندابوغان ئۇ ماندا دەپتى مەن شۇندا دەپ ساپتىمەن دەپ ئالدىرماي چۇشەندۇردۇم ، شوجاڭپىشت يەپ يەپقاغان يەنە نىمە دەيدۇ دەڭ ،‹‹دىمىسىمۇ راسىتقۇ ، دۇنيادا ناچارئوقوغۇچى يوق پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار ، ئوقوغۇچىڭىز توغرا دەپتىغۇ ، مىڭ ژۇگۇڭچىقىپ بەش بەت تەكشۇرۇشناما يىزىپ كەچتە تاپشۇرۇڭ دەپ ھەيدەپ چىقاردى قالاڭ ئۇكام، نىمە سەتچىلىك بۇ نىمە سەتچىلىك ...
بىچارىنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشنى بىلمىدىم، ۋاي بۇ قوڭالتاق دۇنيانىڭ ئىشلىرى .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mm19910203 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-17 02:52 PM