2- باپ. تەڭگىدىن باشلانغان سەپەر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Z! w* d. D' G, S6 @0 w ئەتىسى ئادىتىمگە مۇخالىپ ھالدا سەھەر تۇرۇپ، ئەينىدىن قېرىنىڭ دۇككىنىغا قاراپ ماڭدىم. كاللامدا ئۇنىڭغا نىمە دىيىش، تەڭگىنى ئالدىغا قانداق تاشلاش توغرىسىدا ھەرخىل خىياللارنى قىلىپ ماڭدىم.
1) كىرىپلا ھىچنىمە دىمەستىن تەڭگىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلايمەن.
2) تەڭگىنى قولۇمغا ئىلىپ ئۇيان-بۇيان چۆرۈپ ئۇنىڭغا كۆز-كۆز قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭغا تۇتقۇزماي چىقىپ كىتىمەن.
3) كىرىپلا ‹مانا تەڭگە، سىلىگە ساتاي، قانچە پۇلغا ئالىلا؟› دەيمەن.
4) كىرىپلا ‹بەك چوڭ سۆزلەۋاتىتىلە، مۇشۇ تەڭگە شۇدۇ؟!› دەيمەن
دۇكان ئالدىغا كەلگەندە كىيىملىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ، چىرايىمنى قەستەن جىددىي تۈسكە كىرگۈزۈپ، بىردەم تۇرىۋالدىم. ئاندىن مەغرۇر قەدەم بىلەن دۇككانغا كىردىم.
ئەينىدىن قېرى پۇكەيدە ئولتۇرۇپ بىر كونا كىتاپنى قىتىرقىنىپ كۆرۈۋاتاتتى. مىنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ، چىرايىنى ئۆزگەرتمەستىن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىمغا كىلىپ قول تەڭلىدى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان مەن، گاڭگىراپ تۇرۇپ قولۇمنى تەڭلەپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. بايام ئويلىغان پىلانلىرىم بىراقلا غايىپ بولدى ۋە ئىختىيارسىز ھالدا يانچۇقۇمدىن تەڭگىنى ئىلىپ ئۇنىڭغا بەردىم. ئۇ خۇددى ناھايىتى موھىم ھەم نازۇك بىرنەرسىنى ئالغاندەك ناھايىتى ئاۋايلاپ پۇكەينىڭ ئۈستىدىكى گىزىت ئۈستىگە تەڭگىنى قويدى. ئاندىن تارتمىدىن دىربۇندەك بىرنەرسىنى ئىلىپ تەڭگىگە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چىرايى بارغانسىرى قىزىرىشقا، نەپىسى بارغانسىرى تىزلىشىشكە باشلىدى. ئالاھەزەل 10مىنۇتتىن كىيىن ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ بىردەم ماڭا بىردەم تەڭگىگە قاراپ مىنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. ‹بۇ قېرى مىنى ئوغرى دەپ ئويلاپ قالدىمۇ نىمە؟› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
-بۇ...بۇ تەڭگىدىن يەنە بارمۇ؟نەدىن تاپقان؟قاچان، كىم بەرگەن؟!....
ئۇ تىتىرەك ئاۋازى بىلەن مەندىن بىر يولىلا نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىۋەتتى. بىردىنلا ئۇنىڭ مىنى سوراق قىلىشى مىنىڭ غەزىۋىمنى يەنە قوزغاپ قويدى.
-نىمە؟! مىنى سوراق قىلاي دەۋاتاملا؟! بۇنداق تەڭگە دىگەن مىنىڭ ئۆيۈمدە ناھايىتى جىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە...
-چاقچاقنى قويسىلا ئۇكام!
ئۇ گىپىمنى بۆلۈپلا، ئەستايىدىل قىياپەتتە ماڭا تىكىلدى.
-بۇ تارىخى ئەھمىيتى ناھايىتى يۇقىرى قەدىمىي بويۇم، بۇنداق تەڭگىدىن ھازىرغىچە تىپىلغىنى جەمئىي 5تال. مەندە 2تال بار، قالغىنى رايۇنلۇق موزىيخانىدا. بۇ تەڭگە ئارقىلىق ئاز دىگەندە 500يىل بۇرۇنقى تارىخ نىشانىسىنى، مىللەتنىڭ ئىزناسىنى، دەۋىر كۆرۈنىشىنى تەكشۈرۈپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ......
ئۇنىڭ يەنە نىمىلەرنى دىگىنى كاللامغا چۈشمىدى. بىردىنلا ‹بۇ ئاتاقلىق يازغۇچى مەمەتئىمىنكام يازغان ‹قۇم باسقان شەھەر› دىگەن روماندا تەسۋىرلەنگەن رىۋايەتلەردىكى ھىلىقى تەڭگە شۇمۇ نىمە؟!› دەپ ئويلىنىپ قالدىم. كىيىن يەنە ئىنكار قىلىۋەتتىم. چۈنكى رىۋايەتلەردىكى ئۇ تەڭگىدە يالىڭاچ ئايالنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. مەندىكى بۇتەڭگىدە بولسا گۈل نەقىش ۋە چۈشىنىكسىز بىرقاتار خەتلەرلا بار ئىدى.
-دىمەكچى بۇ تەڭگە مىنىڭ يۇقارقى بايانىمدىنمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا بايامقى گەپلىرىمنى كۆڭەللىرىگە ئالماي، تەپسىلاتىنى دەپ بەرسىلە بولاپتىكەن.
نىمە دىسەم بولار، ئەپسانىۋى رىۋايەتتىن بىرنى توقۇپ، بۇقېرىنى ھەيران قالدۇرىۋىتەيمۇ ياكى راسىت گەپ قىلايمۇ؟! ئۇنىڭ گېپىنىڭ ۋەزنىگە قارىغاندا بۇ تەڭگە تارىخى ئەھمىيەتگە، يۈكسەك تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە ئىكەن، كەلگۈسىدە بىرەر ساھەدە نامىم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئويلاپ يەنىلا راسىت گەپ قىلىشنى توغرا تاپتىم. ئۇنىڭغا بۇ تەڭگىنى 2007-يىلى خوتەنگە ئوينىغىلى بارغاندا، مەندىن 2ياش كىچىك چىقىدىغان نەۋرە ئىنىم ئەلى بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ قايسىدۇر بىر قۇملۇق ئارىسىدىكى قەۋرىدىن تىپىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى.
-ئو.....ياخشى، ياخشى! ئۇ ئىنىلىرى ھازىرمۇ خوتەندىمۇ؟
-شۇنداق.
ئەينىدىن تاغا بىردەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كىيىن، ماڭا ئۆزى بىلەن بىللە خوتەنگە بىللە بىرىپ تەڭگىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا خالاش-خالىماسلىقىمنى سورىدى. مەن ئۆزۈم تۈزۈك تونىمايدىغان بۇ قېرى بىلەن سەۋەپسىزلا تەڭگە ئىزدەيمەن دەپ خوتەنگە بىرىشنى خالىمىدىم. ئەمما تۆۋەندىكى بىرقانچە سەۋەپ مىنىڭ دەرھال ئېرىتتى(بولۇپ2-3-سەۋەپ).
1) ئەينىدىن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە بۇرۇنقى خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسەتتى.(ئەينىدىن خوجا، 58ياش، قەشقەر شەھرىدىن. رايۇنلۇق قەدىمىي يادىكارلىقلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ئورنىدىن پىنسىيگە چىققان)
2) ئۇ مىنىڭ بۇ تەڭگەمگە 50 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىرىپ سىتىۋالىدۇ. خوتەنگە بىللە بىرىپ قىممىتى بار يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىسەم، يەنە 50 مىڭ يۈەن تاپان ھەققى بىرىدۇ.
3) بىرىپ - كىلىش، يىتىپ-قوپۇش، يىمەك-ئىچمەك قاتارلىق بارلىق خىراجەتنى ئۆزى چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ نەتىجە ياراتسام، مىنى بىۋاستە ياخشى خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4) ئۆزۈمنىڭمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنگىچە ساياھەت قىلىپ كەلگۈم بار.
- ھە ، بولىدۇ، مىنىڭمۇ تارىخى بىر ئىش قىلغۇم بار ئىدى، ئەمما............
- چۈشەندىم، سەل ساقلىسىلا. ئەينىدىن تاغا دىققەت قىلمىسا پۇكەيلەر ئارىسىدا پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر كىچىك ئىشكتىن كىرىپ، ھايال ئۆتمەي بىر توقام پۇلنى ئىلىپ پۇل ساناش ئۈسكىنىسىگە سالدى. پۇلغا قاراپ شۆلگەيلىرىممۇ ئېقىپ كەتتى. ئۇنىڭدىن پۇلنى ئىلىپ، ئۆيگە بىرىپ ئاتا-ئانامنى خاتىرجەم قىلىپ قويۇپ، ئەتىسى مېڭىشقا پۈتۈشۈپ ھاياجان بىلەن ئۆيگە قاراپ يول ئالدىم.
ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن، ئاتا-ئانامنى نىمە دەپ قايىل قىلىش ئۈچۈن كۆپ ئويلاندىم. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا پۇلنى قويۇپ راسىت گەپ قىلسام، ئۇلار مىنى چوقۇم خىروئىن سودسى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ دەپ ئويلىشى ئىنىق. خىزمەت ئىزدەيمەن دىگەن گەپنى ئېغىزىمغا ئالالمايمەن، چۈنكى بۇ گەپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە رىئاكسىيە قىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا بارىمەن دەپ قويۇپ، ئاندىن خوتەندە ئۇزاقراق تۇرۇپ قالىدىغان ئىش بولسا، خىزمەت تاپتىم دەپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش قارارىغا كەلدى.
- بولاپتۇ، بىرىپ كەل، ساۋاقدىشىڭ يامان بالىكەن، خىزمەتكە چىقىپ بولۇشنىڭ سىرتىدا تىخى تويمۇ قىلماقچىكەن.
دادامنىڭ ماڭا دارىتمىلاپ دىگەن گەپلىرى مىنى بەكمۇ خىجىل قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، ھەرھالدا قوشۇلغانلىقىدىن بىر ئاز ئەمىن تاپتىم. كۆڭلۈمدە: ‹دادا، سىنىڭ ئوغلۇڭ ئۇنچە يارامسىزلاردىنمۇ ئەمەس، قاراپ تۇر، بىر كۈنى شان قۇچۇپ قايتىپ كىلىپ، باققان ئەجرىڭگە ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن› دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
- يولغا چىقىش ئالدىدىكى بالىنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەمەيلى! بالامنىڭمۇ رىزقىغا پۈتۈلگىنى باردۇ! داداڭنىڭ گىپىگە قۇلاق سالماي، خۇشال-خۇرام ئويناپ كەل بالام، ئالە! ما مىڭكوينى ئىلىپ بار، يەتمەي قالسا تىلفۇن قىلارسەن.
ئاپام قولۇمغا پۇلنى زورلاپ تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى يۈرىكىمنى ۋىژژىدە ئىچىشتۇرۇپ ئۆتتى، بىردىنلا كۆزۈمگە ياش كەلدى. داداممۇ كىلىپ بىشىمنى سىلاپ قويۇپ، بىرھازا تۇرغاندىن كىيىن ‹خۇدايىمغا ئامانەت!› دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى....
ئاخىرىسى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-18 02:07 AM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) C _5 h8 C8 P, R
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ {6 N4 \$ k7 w; R9 @