|
|
|
|
ئەرزىخورلارئەنسىزچىلىكتە(سانائىل سۆز ئۇيۇنى) ئەرزىخورلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەينەنلەشتۈرسەك!ئەرزىخورلارئەمەلىيەتتە ئەنسىزچىلىكتە ئەنسىرەۋاتىدۇ. ئەرزىخورلارنىڭ ئەنسىرىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ئەرزىخورلار ئەزەلدىنلا ئەدىلىيەگەئەرىزئەۋەتىدىغان ئەخمەقلەرمۇ؟ ئەخمەق ئەمەس.ئەرزىخورلارنىڭ ئەرىز ئەۋەتىشى ئەلدىكى ئەخلاقسىزئەمەلدارلارنىڭ ئەسكىلىكىدىندۇر. ئەمەلدارلارنىڭ ئەسكىلىرى ئەسكى، ئەسكى ئەمەسلىرى،ئەمەلىيەتچان،ئەستايىدىللىقتا ئەتىۋارلىنىۋاتىدۇ.ئەرزىخورلارنىڭ ئەرزىدە ئەمىلىدىن،ئەلنى ئەگدۈرۈپ،ئەلنى ئەزىزلىمەي،ئەلنى ئەسكىلىكىدىن ئەنسىرەتكەن ئەمەلدارلار ئەيىپلەنگەن.ئەمەلىيەتچان ئەمەلدارلارنى ئەرزىخورلارمۇ ئەتەي ئەيىپلىمەيدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى...ئەرزىخورلار ئەجدادىدىن ئەرزىخورئەمەس.ئەرزىخورلارنىڭ ئەرىز ئەۋەتىشىمۇ ئەتىمالىم ئەلدىكى ئەخلاقسىز ئەمەلدارلارنىڭ ئەزمىلىكى... ئەرىزخورلار ئەرىزئەۋەتسە،ئەۋەتىلگەن ئەرزى ئەتىدىن-ئەتىگە ئەمىلىلەشمەيۋاتىدۇ. ئەمەس ئەلدىكى ئەمەت ئەركىن ئەسلىدە ئەجىردە ئەنجۇرچىلىك ئەھيالاپ،ئەلدە ئەنجۇرچىلىكتە ئەزىزلەنگەن ئەر. ئەمەت ئەركىن ئەنجۇرچىلىكنى ئەۋجىگە ئەكەلگەندە،ئەمەت ئەركىننىڭ ئەنجۇرلىكى ئەشلەندى. ئەنجۇرلىكنىڭ ئەشلىنىشى ئەمەس ئەلنىڭ ئەمەلدارى «ئە»نىڭ ئەقىلسىزلارچە ئەلىمى ئەلۋەتتە.«ئە»ئەلگە ئەۋرەز ئەسلىھەلىرىنى ئەكەلدۈرۈپ،ئەمەس ئەلنىڭ ئەۋرەزلىرىنى،ئەسكى ئەخلەتلىرىنى ئەكىتىدىغان ئەۋرەز ئەسلىھەلەرنى ئەسلىھە ئەندىزىدىكىدەك ئەينەن ئەپلەشتۈرەلمەي،ئەسلىھەلەرنى ئەگىرى ئەپلەپ،ئەمەت ئەركىننىڭ ئەنجۇرزارلىقىنى ئەشەددىيلارچە ئەخلەتخانىدەك ئەسكىلەشتۈرۋەتتى.ئەمەت ئەركىن ئەمەلدار«ئە»گە ئەسلىدە ئەسلىھە ئەندىزىسدە ئەنجۇرزارلىقىنى ئەگىتىپ ئەسلىھەلەشتۈرۈش ئەينەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەندە، ئەمەلدار«ئە»ئەسەبىيلىشىپ ئەترەتتىن ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ،ئەمەت ئەركىننى ئەدەپلىدى. ئەمەت ئەركىن ئەلەمدىن،ئەمەس ئەل ئەترىتىگە ئەرىز ئەۋەتتى.ئەممائەترەتمۇ ئەمەلدار«ئە»دىن ئەنسىرەپ،ئەمەت ئەركىننىڭ ئەنزىسىنى ئەتەي ئەمەلىيلەشتۈرمىدى. ئەمەت ئەركىن ئەندىشىدە ئەترەتنىڭ ئەزمىلىكىدىن ئەندىكىپ،ئەڭ ئەشەددى ئەترەت ئەدىلىيگە ئەمەلدار«ئە»نى ئەيىپلەپ ئەرىز ئەۋەتتى.ئەدلىيە ئەترىتىدىكى ئەيىپلىگۈچى ئەنسار ئەپەندى ئەمەت ئەركىننى ئەمىن ئەتمەككە ئەھدىلەپ،ئەسكى ئەمەلدارغا ئەدىليە ئەمەلدارىنىڭ ئەمرىدە «ئە»گە ئەنكىت ئەۋەتىلدى.«ئە»ئەۋەتىلگەن ئەنكىتتىن ئەندىكتى. «ئە»ئەدىلىيەدىكى ئەيىپلىگۈچىلەرنى ئەيۋەشكە ئەكەلمەككە، ئەڭ ئەتىۋارلىق ئەڭگۈشتەرلىرىنى، ئەزەربەيجاننىڭ ئەتلەسلىرى،ئەرچاپلارنى ئەپكەشچى ئەخمەتنىڭ ئەپكىشىگە ئەپلىگىنىچە ئەخمەتنى ئەگەشتۈرۈپ ئەيىپلىگۈچى ئەنسارئەپەندىمنىڭ ئەترىتىدە ئەنسارئەپەندىگە ئەسسالامدا ئەسرالاشتى. «ئە»ئەنسارئەپەندىگە ئەركىلەپ،ئەمەت ئەركىننى ئەرزىمەسلەرچە ئەزۋەيلىگەپ،ئەكەلگەن ئەتلەس،ئەرچاپلىرىنى ئەيمەنمەستىن ئەنسار ئەپەندىمگە ئەگىتكەندە،ئەنسارئەپەندى«ئە»نى ئەخلاقسىز، ئەخماقلىقتا ئەيىپلەپ، ئەتلەس،ئەرچاپلارنى ئەپقالماستىن«ئە»نى ئەمەس ئەل ئەترىتىگە ئەۋەتىۋەتتى.ئەزەلدىن ئەلنى ئەمىلىدە ئەگدۈرۈپ ئەللەيلىنىۋاتقان«ئە»نى ئەمدى ئەجەل ئەگىدى. ئەدىلىيە«ئە»نى ئەگدۈردى. ئەمەلدار «ئە»نىڭ ئەلدىكى ئەسكىلىكىدىن ئەلدىكى ئەمەلدارلارغا ئەسكەرتىمىزكى: ئەلدە ئەمەلدىن ئەتىۋارلىنىشنى،ئەزىزلەيدىكەنسىز،ئەلنى ئەدەپلەپ،ئەسكىلىكتە ئەلنى ئەزمەستىن، ئەملىڭىزنى ئەلنىڭ ئەرزىنى ئەينەنلەشتۈرۈپ،ئەلدىكى ئەسكىلىكلەرنى ئەدەپلەڭ. ئەجەبا ئەل ئەسكى ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلامدىكەن؟ئەلنى ئەلدىكى ئەسكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەلىمى ئەزگەن.ئەمەلىڭىزنىڭ ئەرمىكىدە ئەلنى ئەدەپلىيەلەرسىز. ئەقەللىيسى،ئەمەلسىزلەشكىنىڭزدىچۇ؟ئەمەلدەئەتىۋارلىنسىزۇ-ئەمەلسىز ئەتىۋارلىنالمايسىز . ....ئەتىڭىزنى ئەسلەڭ...ئەزرائىلدەك،ئەلنى ئەنسىرەتسىڭىز.. ئەلۋەتتە ئەلمۇ ئەدىليەلەرگە ئەزىر ئەۋەتىدۇ.ئەۋەتىلگەن ئەرىزنى ئەمەلىيلەشتۈردىغانلارمۇ ئەمەلدارلار... ئەسكەرىتكىنىمىزدەك ئەلنى ئەزىزلىگەن،ئەلگە ئەرمەكلەشكەن ئەمەلدارلارنى ئەلمۇئەزىزلەيدۇ.ئەرىزئەۋەتمەيدۇ.ئەدەپ-ئەخلاق،ئەستايىدىللىق،ئەلدىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئەڭ ئەتىۋا ئەڭگۈشتەرىدۇ. ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن (زەپەر) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 09:39 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ T: g) U. V. L4 W o7 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, f/ L. y! V% u6 o$ U: P
|
|
|
|
|
|