مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6066|ئىنكاس: 26

مىترودىكى تىلەمچىنىڭ ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 04:49:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىترودىكى تىلەمچىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار ئىكەن




F201404230921292746704650.jpg


ئىلگىرى نەنجىڭ مېتىروسىدا پارچە پۇرات نەرسىلەرنى ساتىدىغانلار، ساختا تالون ساتىدىغانلار شۇنداقلا يەنە يولۇچىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ سودا قىلىدىغان مەككارلار، تىلەمچىلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ، لېكىن تۈنۈگۈندىن باشلاپ نەنجىڭ مېتىروسىدىكى قالايمىقانلىقنى ئوڭشاپ تەرتىپكە سېلىش يۈز كۈنلۈك پائالىيىتىنىڭ رەسمىي باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل كۆرۈنۈشلەرنى قەتئىي ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. لېكىن مېتىرودىكى بەزى تىلەمچىلەر ئوخشاشلا ‹ئەركىن ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى›نى قوللىنىپ، ئۇ يەردىن قوغلىسا بۇ يەرگە بېرىپ، مېتىرودا يوشۇرۇنچە تىلەمچىلىك قىلىش ‹كەسپى›نى داۋام ئېتىۋاتاتتى. ئىگەللىنىلىشىچە، نەنجىڭ مېتىروسىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بىر نەپەر تىلەمچىنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىغا سەككىز يىل بولغان بولۇپ، گەرچە ئالاقىدار ئورۇنلار بۇ تىلەمچىگە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيە قىلىپ جەرىمانە قويغان بولسىمۇ، لېكىن ‹ كەسپىگە سادىق › بۇ تىلەمچى داۋاملىق ھالدا ‹ ئۆز خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ› كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى زادى نېمە ؟ چۈنكى بۇ مېتىرو تىلەمچىلىرىنىڭ تاپاۋىتى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، ئۇلار بىر ئايدا ناھايىتى قىيىنالمايلا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىكەن. نەنجىڭ شەھەر ئاھالىلىرى يولۇچىلارغا مېتىرودا يولۇققان تىلەمچىلەرگە سەدىقە بەرمەسلىكنى چاقىرىق قىلدى.
  زامانىۋى تېز گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئەھۋال ئىگەللىشىچە، بۇ كەسپىي تىلەمچىلەر ئادەتتە بېلەت سېتىۋېلىپ مېتىروغا چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ كەسپىگە سېلىنىدىغان كۈندىلىك دەسمايىسى ئارانلا 2 يۈەندىن 4 يۈەنگىچە بولىدىكەن. بۇ مېتىرودا جەمئىي 57 بېكەت، 80 تالدىن ئارتۇق ۋاگون بار بولۇپ، پەقەت نەنجىڭ شەھىرىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مېتىرو قاتناش لىنىيىسىنى مىسالغا ئالساق، مەيگاۋ كۆۋرۈكىدىن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مەركىزىگىچە بولغان لىنىيىنىڭ تاق يۆنىلىش مۇساپىسىگىلا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ مېتىرو لىنىيىسىنىڭ ھەر بىر ۋاگونىدا ئالتەدىن كىچىك ۋاگون بار بولۇپ، ئەگەر تىلەمچىلەر ھەر بىر ۋاگوندىن ئىككى يۈەن سەدىقە تىلىيەلەيدۇ، ئۇ ھەر كۈنى 8 سائەت ‹خىزمەت قىلىدۇ›، شۇنداقلا بىر ئايدا 26 كۈن ‹ ئىشلەيدۇ› دەپ ھېسابلىغاندا ، بۇ تىلەمچىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى 4992 يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىلەمچىلەرنىڭ تاپاۋىتىدىن ھېچقانداق باج ئېلىنمايدۇ.
مېتىرولاردا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ‹قارىغۇ› لىرىنىڭ كۆزى ساق، ‹ئاقساق-چولاق›لىرىنىڭ تېنى بېجىرىم بولۇپ، نەنجىڭ مېتىروسىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ غەلىتە ئىشلىرى ئاللىقاچان توردا پاش قىلىنغانىدى. نەنجىڭ مېتىروسىدىكى تىلەمچىلەر ئىچىدە توردا ئەڭ كۆپ ئاشكارىلانغىنى بولسا بىر ئەر تىلەمچى بولۇپ، بۇ تىلەمچى ئادەتتە مېتىرودا تىلەمچىلىك قىلغاندا ئۆزىنى ناگاھ كۆرسىتىپ، پۇتىنىڭ ئورنىغا قولىنى ئىشلىتىپ ‹ يول ماڭىدىكەن›، ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدا بولسا پۇل يىغىدىغان قۇتىسى بار بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئالدىغا سۈرۈلگەچ يەنە بىر تەرەپتىن قولىدىكى قۇتىسىغا سېلىنغان تەڭگە پۇللارنى شاراقشىتىپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. لېكىن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى، ناۋادا مېتىرودا باشقۇرغۇچىلارنى ئۇچرىتىپلا قالسا، بۇ ‹ناگاھ› نىڭ پۇت قولىغا قايتا جان كىرىپ،‹ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ› كۆزدىن غايىب بولۇپ كېتىدىكەن.
  تۈنۈگۈن نەنجىڭ شەھەرلىك مېتىرو ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئەر تىلەمچىنىڭ فامىلىسىنىڭ ياۋ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مېتىرودا تىلەمچىلىك قىلىپ تاپىدىغان كۈندىلىك تاپاۋىتىنىڭ 500 يۈەندىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە كۈنلۈك تاپاۋىتىنىڭ 1000 يۈەندىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەنجىڭ مېتىرو ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ مېتىرو ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملار بۇ تىلەمچىگە ئاللىقانچە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق جەرىمانە قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىلەمچى باشتىن ئاخىر ‹كەسپىنى تاشلىمىغان› ئىكەن. ‹ بىز ئاللىقاچان بۇ تىلەمچى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ تىلەمچىنىڭ ئۆيدىكىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز ئۆيىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە 2 يۈرۈش بىنا ئۆيى بار ئىكەن، بۇ تىلەمچى ناگاھ بولماستىن بەلكى پۇتى ئازراق ئاقسايدىكەن خالاس. ›.
  ئاخىرىدا بۇ مەسئۇل خادىم نەنجىڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى ئەسكەرتىپ،‹ شەھەر پۇقرالىرى ئادەتتە ياخشى كۆڭلى بىلەن بۇ تىلەمچىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئويلاپ سەدىقە بېرىدۇ، لېكىن شەھەر پۇقرالىرى بۇ تىلەمچىلەرگە باشقا يول ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياردەم قىلسا بولىدۇ، بىز ھەرگىزمۇ بۇ خىل ھۇرۇن ، تەييار تاپ تىلەمچىلەرگە مېتىرودا ‹تاپاۋەت قىلىش› پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز لازىم› دېگەن.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xopur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 04:49 PM  


قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 06:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشنى شەرەپ ھىس قىلىپ يۇرىۋىرىدۇ بۇلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 07:10:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇدا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ھوقوقى كومپارتىيە تەرىپىدىن دەخلى - تەرىز قىلىنامدۇ؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 07:55:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارىغاندا بۇ بەسەيلەردىمۇ  تىلەمچى ،ھابدال خېلى با ئوخشايدۇ

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95433
يازما سانى: 727
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2044
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 379 سائەت
تىزىم: 2013-5-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 08:17:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر چاغدا جىنەندە بىر تىلەمچىگە ئىچىم ئاغرىپ (10سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بەكلا قىسقا پۇتى بار ئىكەن، ئاشۇ پۇتى بىلەن ماڭىدىكەن) 2 كوي بىرىپ قويسام، باشقا تىلەمچىلەر ماڭىمۇ بەر دەپ ئېسىلىۋالغان، بەرمىسەم تىللاپ كەتكەن تېخى، قارغاپ كىتىدىكەن.  مەن كۆرگەن شەھەرلەردە تىلەمچىلەرنى خېلى كۆردۈم، بەزىلىرى ناخشا ئوقۇپ، بەزىلىرى گىتار چېلىپ دىگەندەك تۈرلۈك ئۇسۇل، تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن تىلەمچىلىك قىلىدىكەن.

ئاجىزلارنىڭ ھەتتا قانداق چۈش كۆرۈشىمۇ باشقىلارنىڭ ئىنژېنىرلىقىدا لاھىيەلەنمەكتە چىڭغىز ئايتىماتوف ‹ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن›
مۇنبەردە خەق بىلەن گەپ تالاشقانلىق قانجۇق ئىت بىلەن سۆڭەك تالاشقانلىق دەپ يازغانمەن ھېكمەت خاتىرەمگەhttps://uyghur-archive.com/misranim/static/image/smiley/default/misranim1 (20).gif

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 08:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىردىمۇ ئۇيغۇر تىلەمچى پەيدا بوپ قاپتۇ ،
توۋا دەپلا قالدىم ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 08:32:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىلەمچى راستلا ياخشى كىرىم قىلىدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 09:16:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش شۇجى شىجىنپىڭ بىلسە چاتاق

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:23:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى تەكشۈرۈپ ، سەللا ئىمكانىيەت بار تۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلغانلارنى ئېتىۋېتىش كېرەك …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 214 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-17 12:17:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا، تىلەمچىلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ ساختىپەزلىك قىلىدىغىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغان بولساممۇ ، تاپاۋېتىنىڭ بۇنچە يۇقىرلىقنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقماپتىكەنمەن دېسە،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش