خىياللار دېڭىزىدا يىگانىمەن .....يەنە شۇ يۈرەك باغرىمنى تىلغان،قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا ئورناپ كەتكەن ئاچچىق ئەسلىمىلەر قوينىدا يىگانىمەن. سېنى سۆيگەنلىكىم ئۈچۈن يىگانىمەن .... توۋا مەن سىنى قانداقلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن ... ئويلا-ئويلا مىنىڭ سەن بىلەن تونۇشۇشىممۇ ،سىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىممۇ بىزنىڭ تەقىدىرداشلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمىزدىن بولسا كىرەك دەپ قالدىم... راست بىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بىر مەرىپەت جەمگاھىدا ئۇچراشقان........تۇنجى تونۇشقان چاغلاردا سېنى ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ خىيالىمغا كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم ئەمما كۆڭۈلگە بىرنىمە دەپ بولمايدىكەن...مىنىڭ يول مېڭىشىم ئەسلىدىنلا قولايسىز بولغاچقا ھەم ئىھتىياتسىزلىقتىن پۇتۇمنى قايرىۋالغاچقا سەن ماڭا ياردەم قىلماقچى بولۇپ ،مەن ئۇنىمىساممۇ مېنى ھاپاش قىلىپ ياتىقىمغا ئەكىرىپ قويدۇڭ...بىلەمسەن بۇ تۇنجى قېتىم مېنى دادامدىن باشقا يات ئەرنىڭ ھاپاش قىلىشى ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن سەن دائىم دىگۈدەك ماڭا ياردەم قىلدىڭ. كۆڭلۈم يېرىم،يالغۇز چاغلىرىمدا ھەمراھ بولۇپ تەسەللى بىرەتتىڭ.-دە ،كۆڭلۈم خېلى ئارام تېپىپ قالاتتى . قەلبىمدە ساڭا بىر خىل ھۆرمەت قىلاتتم .ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگشىىپ ،بارا –بارا خۇشال بولغان ۋە كۆڭلۈم يېرىم چاغلاردا سېنى تولا ئويلايدىغان، سەن خىيالىمدىن كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىڭ ........... چۈنكى مەن ساڭا كۈنۈپ قالغانىدىم.شۇ كۈنۈشلەر بىلەن يىگانىمەن ...
تۇرۇپلا ئۆزۈمدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالدىم . مەن نېمە بولغاندىمەن ئەجىبا.....................بولدىلا مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ،ئۆزۈمنى بۇنداق خىياللاردىن نېرى قىلىشنى ئويلاپ باشقا ئىشلاربىلەن مەشغۇل بولاتتم.........سېنىڭ ماڭا قىلغان ياردەملىرىڭ كۆپەيگەنسىرى ، مەن ساڭا تېخمۇ ئىجىل بولۇپ قالدىم، بۇ ھۆرمەت، بۇخىل كۈنۈشلەر بارا-بارا ياخشى كۆرۈشكە ئايلاندى.مەن بەزىدە خىياللىرىمدا سەن بىلەنمۇڭدىشاتتم. ھەرقېتىم QQرىمنى ئاچقىنىمدا سېنىڭ بار-يوقلىقىڭغا دىققەت قىلاتتىم ،QQبوشلۇقلىرىڭدىن سېمايىڭنى، ئىزلىرىڭنى ئىزلەيتىم. ئىزلىرىڭنى ئىزلىگەن شۇ دەملەردە يىگانىمەن... سەن يوق چاغلىرىڭدا خۇددى بىر نەرسەم كامدەكلا بىلىنەتتى،ساڭا،ئۇچۇر يازغۇم ،تېلفۇن قىلىپ ئاۋازىڭنى ئاڭلىغۇم كىلەتتىيۇ مەندە ئۇنداق جۈرئەت ئىدى ،سېنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭدىن ئەنسىرەيتم. شۇ ئەنسىرەشلەر ئىلكىدە يىگانىمەن.... بىلەمسەن بۇنداق يۇشۇرۇن ياخشى كۆرۈش بەكمۇ ئازاپلىق ئىشكەن.لېكىن قانداق قىلاي، سەن ئاللىقاچان كۈڭلۈمنى ئوغۇرلاپ كەتكەنىدىڭ، سەن شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئوغۇرلىدىڭكى مەن ئۆزۈممۇ يۈركۈمنىڭ ئوغۇرلانغانلىقىنىمۇسەزمەيلا قالغانىدىم. سەندىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقا تىرىشقانسىرى،سەنمۇ ماڭا ياردەم قىلىپ مېنى ھاپاش قىلۋالاتتىڭ. لىكىن يەنىلا يىگانىمەن ......
سەن ھەرخىل چاقچاقلارنى قىلىپ مېنى خۇشال قىلاتتىڭ،تېخى بەزىدە جىلە قىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بىرەتتىڭ.ئازار بەرگەندىمۇ بەك قاتتىق ئازار بىرەتتىڭ، سەن دائىم مەندىن قۇسۇر تاپاتتىڭ ،ھەتتا مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاشتىنمۇ بىزار ئىدىڭ،ماڭا قوپال تېگەتتىڭ،سېنىڭ نېمە مەقسەتتە ئۇنداق قىلدىغانلىقنىمۇ ھېچ بىلمىدىم. كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم كۆزلىرىمدە لىق ياش چىھرىمدە يالغان تەبەسسۇم – شۇ يالغان تەبەسسۇملار ئىلكىدە يىگانىمەن.... مېنىڭ قانچىلىك ئازاپلانغىنىم بىلەنمۇ كارىڭ يوق،چۈنكى سەن مېنىڭ بۇنىڭسىزمۇ تارتىۋاتقان ئازابلىرىمنى ئەسلا چۈشەنمەيسەن لىكىن قانداق قىلاي؟سېنى ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئۆزۈمدە تۇرسا........... مۇھەببەت ‹ ئازاپلىق لەززەت› دەپ قايسى دانالىرىمىز ئىيتقان بولغىيتى،مەن دەل مۇشۇ ئازاپلىق لەززەتنىڭ ئارىسىدا قالدىم،تارتماسلىققا ئىلاجىم يوق چۈنكى مەن قەلبىمنى سەندەك بىر يۈرەك ئوغرىسىغا تارتقۇزۇپ قويغانىدىم.شۇ يوقىتىشلار ئىلكىدە يىگانىمەن..... سەن مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسەمنى ئوغۇرلاپمۇ بەكلا پەرۋاسىز ئىدىڭ ياكى سېنىڭ يۈرىكىڭ شۇنداق تاشمىدۇ؟؟؟ئەجىبا سەن مېنى ئازاپلاش بەدىلىگە خۇشاللىق تاپالىغان بولساڭلا مەن رازى ئىدىم. سېنىڭ خۇشاللىقىڭ ھەم مېنىڭ خۇشاللىقىم چۈنكى مەن سېنى سۆيىمەن … . .سېنىڭ شۇ پەرۋاسىزلىقلىرىڭ ئىلكىدە يىگانىمەن.
بىلەمسەن!!! بۇ سۆيۈش ماڭا خۇشاللىق ئەمەس بەلكى تۈگىمەس ئازاپلارنى ئېلىپ كەلدى...سېنى مەن بىلەن قەلىپداش،تەقدىرداش ،مېنىڭ ئازابىمنى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلايتىم ئەپسۇس ............ئەجىبا سەن مېنىڭ ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ھىس قىلالمايدىغان دەرىجدە شۇنچە بىپەرۋامۇ؟..........نۇرغۇن ئەپسۇسلىنىش ۋە بىپەرۋالىقلىرىڭ ئىلكىدە يىگانىمەن.
سەن مېنى يەلكەڭدە كۆتۈرگىنىڭدە ،مەن سېنى قەلبىمىڭ تەختىدە كۆتۈرگەنىدىم.لېكىن سەن بۇ تەخىتنى ئۆز قولۇڭ بىلەن گۇمران قىلىۋەتتىڭ. ھەم مېنىڭ بارلىق ئىشەنچىمنىۇ سەن تارتىۋالدىڭ.سەن مېنىڭ قەلبىمدىكى ئازابىمنى چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا ئازابلار قوينىغا تاشلاپ كەتكەن بۇ ئاجىز يۈركىمنى قانداقمۇ باشقا بىرىگە تاپشۇرالايمەن . مېنىڭ ئىشەنگەن تېغىمنى سەن رەھىمسىزلەرچە بىچىت قىلىدىڭ. يەنە شۇ بىچىت قىلىشلار ئىلكىدە يىگانىمەن....
سەن مېنى ئەمەس بەشقا بىرىنى تاللىدىڭ، مەن بەزىدە سېنىڭ ياخشى كۆرۈشىڭگە ئىرىشكەن شۇ قىزغا ھەسەتمۇ قىلمەن. مەن ئۇقىزغا ھەم ساڭا
بەخىت تىلەيمەن !!! ئاخىردا ساڭا شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ، سەن ئۆزۈمنىڭ بەختى دەپ تاللىغان قىزنى ھەرگىزمۇ ئۈمۈدسىزلەدۈرمە،ئۇنى ئازاپ ۋە بەخىتسىزلىكنىڭ كوچىلىرىغا يالغۇز تاشلاپ قويمىغىن ............... ساڭا ئۈنسىز خۇشللىق تىلەپ............... يگانىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nawa02 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 12:14 PM