مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9454|ئىنكاس: 84

قانخور سۈرىيە پىرىزدىنتى بەششار ئەسەد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104049
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 61
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-2-25
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:01:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەششار ئەسەد


     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! يازمىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، قانچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، مىليونلارچە ئىنساننىڭ مۇساپىر بولۇپ قېلىشىغا، تول ئاياللار، يېتىم بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ قان بولۇپ ئېقىشىغا سەۋەب بولغان سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

     بەششار ئەسەد 1965- يىلى 11- سېنتەبىردە سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقتە دۇنياغا كەلدى. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1982- يىلى ھەربىي دوختۇر بولۇشقا بەل باغلاپ، دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى ۋە 1988- يىلى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ‹تىشرىن ھەربىي دوختۇرخانىسى› دا خىزمەتكە چۈشتى. 1992- يىلى كۆز دوختۇرلۇق ساھەسىدە مۇتەخەسسىسلىشىش ئۈچۈن ئەنگلىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ، 1994- يىلى ئاكىسى باسىل ئەسەد قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن سۇرىيەگە قايتىپ كەلدى. ئاكىسىنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ھاياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، چۈنكى، پىرېزىدېنتلىققا تەييارلىنىش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كېلىپ قالغانىدى. ئانا تىلى ئەرەبچىدىن سىرت ئىنگلىز، فىرانسۇز ۋە ئىسپان تىللىرىنى بىلىدىغان ئەسەد شۇ يىلى سۇرىيەنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ‹سۇرىيە ئۇچۇر – ئالاقە ئىلمىي جەمئىيىتى› نىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

       1994- يىلى سۇرىيە ئارمىيەسىنىڭ دوختۇرلۇق ساھەسىگە قەدەم باسقان چېغىدىكى ھەربىي ئۇنۋانى بىرىنچى لېيتېنانت بولغان بەششار ئەسەدكە شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىغا كەلگەندە يۈز بېشىلىق، 1995- يىلى ئىيۇلغا كەلگەندە مىڭ بېشىلىق، 1997- يىلى ئىيۇلدا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بېرىلدى. 1999- يىلى يانۋارغا كەلگەندە بەششار ئەسەدنىڭ ئۇنۋانى پولك كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.

      ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن 2000- يىلى 10 – ئىيۇن كۈنى 34 ياشلىق ئەسەدكە لېيتېنانت گېنېراللىق ئۇنۋانى بېرىلدى. سۇرىيە پارلامېنتى بەششار ئەسەدنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ‹پىرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن 40 ياشقا كىرگەن بولۇش› دېگەن ماددىسىنى 34 ياشقا تۆۋەنلەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرەب كوممۇنىستىك بەئس (گۈللىنىش) پارتىيەسىنىڭ ياش لىدېرى 2000- يىلى 10- ئىيۇل كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇم نەتىجىسىدە پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. شۇنداق قىلىپ بەششار ئەسەد جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ئاتىسىغا ۋارىسلىق قىلغان ئەڭ ياش پىرېزىدېنت بولۇپ قالدى.

       بەششار ئەسەد 2000- يىلى ئەنگلىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەسما ئەسەد بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ، ھافىز، زەين ۋە كەرىم ئىسىملىك ئۈچ پەرزەنت يۈزى كۆردى.

     2007- يىلى يەتتە يىللىق پىرېزىدېنتلىق مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا يەنە بىر قېتىم پىرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى.

بەششار ئەسەد ئىككىنچى قېتىم پىرېزىدېنتلىققا ‹سايلانغان› دىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى نوپۇزىغا قارشى ئېقىملارغا ماس يۆنىلىشتە تاشقى سىياسەت شەكىللەندۈردى. ئىچكى سىياسەتتە ئاتىسىنىڭ دەۋرىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئەركىن مۇھىت ياراتقان بولسىمۇ، چوڭ سودا – سانائەتچىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەسىدىكى نوپۇزى ئېشىپ كەتتى، چېرىكلىك ئۆز پېتى داۋام قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە بىر قىسىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. 500 دەك سىياسىي مەھبۇسنى قاماقتىن بوشىتىپ، تۈرمىنى تارىخ تەتقىقات مەركىزىگە ئايلاندۇردى. خەلقنىڭ مائاشىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە نېفىت باھاسىنى 20 لىرادىن 15 لىراغا چۈشۈردى. بەششار ئەسەد پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىغان دەسلەپكى دەۋرلەرنى ‹سۇرىيە باھارى› دەپ ئاتىغانلارمۇ بولدى. بولۇپمۇ غەربتە ئوقۇغان بولغانلىقى ئۈچۈن دېموكراتىيە چۈشەنچىسى چوڭقۇر، سۇرىيەگە ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىدۇ، ئاتىسى ھافىز ئەسەد ياراتقان بېسىم تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىدۇ، دېگەندەك قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالا ئەسەد بەششار ئاتا ئەسەد ھافىزنىڭ يولىنى تۇتۇشقا باشلىدى. ‹سۇرىيە باھارى› ياز ۋە كۈز دەۋرلىرىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھېچكىم تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغان قەھرىتان سوغۇق دەۋرىگە — قارا قىشقا قەدەم قويدى.

       2010- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى ئەرەب ئەللىرىدە باشلانغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار، 2011 - يىلى 15- مارتقا كەلگەندە سۇرىيەنىڭ دەرئا ۋە دەمەشق شەھەرلىرىدە باش كۆتۈردى. سۇرىيە خەلقى تا بۈگۈنگىچە توختاۋسىز داۋاملىشىپ كەلگەن نامايىشلىرى ئارقىلىق باستۇرۇش، چىرىكلىك، ئەركىنلىكنى بوغۇشقا قارشى شوئارلارنى توۋلىماقتا، ئۆزلىرىنى ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. سۇرىيە ھاكىمىيىتى بولسا، مەيلى تىنچ ئۇسۇلدا نامايىش ئۆتكۈزگۈچىلەر ياكى قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر بولسۇن، ھەممىسىنى قارا – قويۇق ھالدا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغان، دۆلەتنىڭ بەزى جايلىرىدا ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان ئاشقۇنلار ۋە  تېررورچىلار، دەپ جاكارلىدى. 3 يىلنى ئارقىدا قالدۇرۇشقا ئازلا قالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشقا ئۇرۇنۇشلىرى نەتىجىسىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 10 مىڭدىن كۆپرەكى كىچىك بالىلار بولۇپ، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم يارىلاندى، ئون مىليونغا يېقىن سۇرىيەلىك مۇساپىرغا ئايلاندى، شەھەرلەرنىڭ ئۈست قۇرۇلمىسى ۋەيران بولدى، ئوخشاشلا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى تەرەپمۇ ئېغىر يوقىتىشلارغا يولۇقتى؛ نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى، ئەسكەرلەر ھەربىي سەپتىن توپ – توپ بولۇپ قېچىپ ‹ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى› نى شەكىللەندۈردى. بەششار ئەسەد رەقىپلىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن خەلقئارادا چەكلەنگەن خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش، ئاھالىلەر رايونلىرىغا ۋارىل بومبىلىرىنى تاشلاشتىن يالتايمىدى. نەتىجىدە مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى سۇرىيە ئالدىمىزدىكى بىر ئەسىر بويىچىمۇ ئەسلىگە كېلەلمىگۈدەك دەرىجىدە خانىۋەيران قىلىپ تاشلاندى.

     ۋەقەلەرنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بەششار ئەسەدنى يەنە بىر قېتىم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا قىستىدى. ئەسەد ھاكىمىيىتى دۆلەتتە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان يېرىم ئەسىرلىك جىددىي ھالەتنىڭ بىكار قىلىنىشى، كوردلارغا پۇقرالىق ھوقۇقى بېرىش، سىياسىي مەھبۇسلارنى كەچۈرۈم قىلىش دېگەندەك بىر قاتار ئىسلاھات قارارلىرىنى چىقىرىپ، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، بۇ قارارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىجرا قىلىنمىدى. ئىسلاھاتلارنىڭ يورۇق كۆرمەسلىكى ئەسەدنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلامدۇ ياكى قان رەڭگىگە بويالغان سۇرىيە ۋەزىيىتىمۇ؟ بۇنىڭغا كەلگۈسى تارىخ لىللا باھا بەرگۈسى.

       موسكۋا بىلەن بېيجىڭنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى سۇرىيە تەرەپدارى پوزىتسىيەلىرى ئەسەدنى بېسىم ئارقىلىق ئەيۋەشكە كەلتۈرۈش پىلانىنى سۇغا چىلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر تەرەپتە ھىزبۇللاھ مىلىتانلىرىنىڭ ئەسەد سېپىدە ئۇرۇش قىلىشى، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلالماسلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى مىلىتانلىرى بىلەن ئەننۇسرەنىڭ سۇرىيە زېمىنلىرىدا مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشى، ھەتتا نۆۋىتى كەلگەندە سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى قاتارلىقلار ئەسەدنىڭ قەتلىئامنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى.

       شۇنداق، بەششار ئەسەد پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ھەر خىل مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ئۇنىڭ ياش ۋە ئىقتىدارلىق بىر لىدېر ئىكەنلىكىنى، سۇرىيەنىڭ كېلەچىكىگە زور ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلارمۇ، سىياسەت سەھنىسىدىكى تەجرىبىسىزلىكى يۈزىسىدىن سۇرىيەنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەسلىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، ياخشى بىر دوختۇر بولۇپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقانلارمۇ بولدى. كىمنىڭ نېمە دېگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بەششار ئەسەد نە ياخشى بىر دوختۇر، نە ياخشى بىر لىدېر بولالمىدى. قانداقلا بولمىسۇن، مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ تۇراقسىز تاشقى سىياسىتى، غەربنىڭ ‹سەنەمگە دەسسىتىش› ئۇسۇلى، ھەممىدىن مۇھىمى سۇرىيە خەلقىنىڭ ئۆزئارا كۈچلۈك بىرلىك ھاسىل قىلالماسلىقى بەششار ئەسەدكە يەنە خېلى ئۇزۇنغىچە تارىخىي شام تۇپراقلىرىدا قىلىچ ئوينىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. مەن شۇنىڭغا چىن ئىشىنىمەنكى، تەقدىرىنىڭ لېيى تۇزلۇق سۇدا يۇغۇرۇلغان شۇ بىچارە ئانىلار، يېتىم بالىلارنىڭ ئاھى ھامان بىر كۈنى تۇتماي قالمايدۇ.

        بۈگۈن قانچە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا، مىليونلارچە ئىنساننىڭ مۇساپىر بولۇپ قېلىشىغا، تول ئاياللار، يېتىم بالىلارنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ قان بولۇپ ئېقىشىغا سەۋەب بولغان سۇرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەد بىلەن تونۇشۇپ چىقتۇق.




alsoy705 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:41:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103291
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 510
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 673 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:46:45 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سۇريە مۇسۇلمانلىرغا نۇسرەت ئاتا قىلسۇن!
تۇلمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللىغىنڭىزغا رەھمەت.
بۇگۇن ئۇلۇغ جۇمەكۇن ھەر بىر مۇسۇلمان قېرىندىشمزنىڭ
  


  

ئاللاھتىن سۇريە خەلقىگە دۇئا قىلىپ قۇيشىڭلارنى تەۋسىيە
قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4988
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1802 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:55:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن نىمە ئۈچۈن بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ بەشىر ئەسەدنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىدىم .بەلكى دىنىي يىقىنداشلىقى مۇشۇنداق ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن .لىكىن شۇنى ئۇنتۇپ قالمايلىكى ،سىز سۈرىيەدە ئەمەس ،سىز ئۇ دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئەمەس .بەشىر ئاسەد بولسا تۈنجى بولۇپ ئەرەب ئىسلام دۇنياسىدا ئىسلاھات ئىلىپ بىرىۋاتقان كىشى ،ئۇ سىياسىي بىلەن دىنىي خەلپىلىچىلىكنى ئايرىماقچى ئەلۋەتتە بۇ يىڭىلىققا كۆچۈش تىگىدىن سىسىپ كىتىۋاتقان باشقا ئەرەب ئىسلام رايونىنىڭ خەلىپە تۈزۈمىگە نىسبەتەن خىرىس ئىلىپ كىلىدۇ .شۇڭا يا قىرىندىشىم  ياكى دىندىشىم دىمەي ئامىرىكىدەك مۇسۇلمانلارنىڭ بىشىغا چىقىۋالغان ‹‹ئاكىسىغا››ئەگىشىپ  قىرىندىشىنى دۇمبالىماقتا .نىمىلا بولمىسۇن  بەشىر ئەسەد بىر دۆلەتنى نۇرمال ماڭغۇزۇپ خەلقىنى ئاچ قالدۇرماي ،خەققە بوزەك قىلماي كىلىۋاتىدۇ .
             بەشىر ئاسادنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى ،ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ يوقىتىشىنى  بالدۇرراق دۆلەتنى تىنجىتىپ پۇقرالىرىنى ئامان-ئىسەن تۇرمۇشقا ئىرىشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .ھەم سۈرىيەنىڭ ئىككىنجى ‹‹ئىراق›› بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.

             ئىنكاس ئۈچىنجى تەرەب بولۇپ يىزىلدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 11:56 AM  


دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:56:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى.
ئۇدائىم قىلىدىغان بارچە ئەسكىلىكنى قىلىپ بولۇپ
ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى قارشى تەرەپكە دۆڭگەپ قويىدۇ.
ئۆز خەلىقىنى تىرورچىلار قاتارىغا چىقىرۋەتكەن پىرىزدىنتنىڭ
يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرۇش ھوقوقى بولامدۇ؟
ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكنى قولدىن بىرىپ قويغۇسى كەلمەي، بۇ
قىتىم پىرىزدىنت سايلىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى، ئاساسى
قانۇننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ پىرىزدىنتلىق شەرتىگە
ماس كىلىدىغان قىلدى، ئىيتىشلارغا قارىغاندا، تۈزۈتىلگەندىن
كىيىنكى قانۇندا، پەقەت باشارلا پىرىزدىنتلىق شەرتىگە
چۈشىدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشچە،  بۇ بىر نەچچە يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادى
40 يىل چىكىنىپ كىتىپتۇ.
ھازىر سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە، 39 دۆلەتتىن كەلگەن
پىدائى جەڭچىلەرمۇ باركەن.
ئۇلار بەش قىتئەدىكى 39 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، نىشانى
بىرلا ئۇ بولسىمۇ، قانخور باشارنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ
ئۇرۇشنى بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇش.
لىكىن باشار ئۆزى سەۋەپلىك نۇرغۇن پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ
كىتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،
يەنىلا ھوقوقنى تاپشۇرمايۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدا ئىنسانى پەزىلەت، ۋىجدان يوق، دارغا ئىسىلشقا
لايىق كىلىدىغىنى ئەسلى سادام ئەمەس، مۇشۇ مەلئۇن.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3281
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 11:56:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ بىر ئۇرۇش جىنايەتچىسى.
ئۇدائىم قىلىدىغان بارچە ئەسكىلىكنى قىلىپ بولۇپ
ئۆزىنىڭ قىلمىشلىرىنى قارشى تەرەپكە دۆڭگەپ قويىدۇ.
ئۆز خەلىقىنى تىرورچىلار قاتارىغا چىقىرۋەتكەن پىرىزدىنتنىڭ
يەنە شۇ تۇپراقتا تۇرۇش ھوقوقى بولامدۇ؟
ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكنى قولدىن بىرىپ قويغۇسى كەلمەي، بۇ
قىتىم پىرىزدىنت سايلىمى ئۆتكۈزمەكچى بولدى، ئاساسى
قانۇننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ پىرىزدىنتلىق شەرتىگە
ماس كىلىدىغان قىلدى، ئىيتىشلارغا قارىغاندا، تۈزۈتىلگەندىن
كىيىنكى قانۇندا، پەقەت باشارلا پىرىزدىنتلىق شەرتىگە
چۈشىدىكەن.
تاراتقۇلارنىڭ مۆلچەرلىشچە،  بۇ بىر نەچچە يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادى
40 يىل چىكىنىپ كىتىپتۇ.
ھازىر سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ئىچىدە، 39 دۆلەتتىن كەلگەن
پىدائى جەڭچىلەرمۇ باركەن.
ئۇلار بەش قىتئەدىكى 39 دۆلەتتىن كەلگەن بولۇپ، نىشانى
بىرلا ئۇ بولسىمۇ، قانخور باشارنى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ
ئۇرۇشنى بۇرۇنراق ئاخىرلاشتۇرۇش.
لىكىن باشار ئۆزى سەۋەپلىك نۇرغۇن پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ
كىتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،
يەنىلا ھوقوقنى تاپشۇرمايۋاتىدۇ.
ئۇنىڭدا ئىنسانى پەزىلەت، ۋىجدان يوق، دارغا ئىسىلشقا
لايىق كىلىدىغىنى ئەسلى سادام ئەمەس، مۇشۇ مەلئۇن.

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9600
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:09:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەشىر ئەسەد تەخىتتىن چۈشسىلا شۇنچە ياخشى كۈن كۆرۈپ كىتەمۇ  سۈرىيەلىكلەر!

مەنچە ئۇنداق ئەمەس!

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  ئىتنىڭ جاجىسنى يەيدىغاغىمۇ ئازقالغاندەك

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:23:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بۇ مەلئۇننىڭ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۇنى كۈشكۈرتكۈچىلەرنىڭ بالدۇرراق جاجىسىنى بەرسۇن!!!

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 426
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىياسەتكە ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىگە قىزىقمايمەن .
لىكىن ، ئاشۇ بەش قىتئە 39دۆلەتتىن كىلىپ سۈرىيەدە ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ مەقسىتى پۇل ئۈچۈنلا . پۇل بەرمەي باقسۇن ، ئۇلار ئۇرۇش قىلامدۇ . ھەتتا ئۇلارنى ئۇرۇشقا سالغانلارمۇ ئۆز-ئارا ھۇقۇق تالىشىپ يىمىرىلدى .
سۈرىيە ھۈكۈمەت ئارمىيەسى دۆلەت ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى . كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۆكتىچىكەرگە ياردەم قىلغىنى بەزى قاچاق ئەسكەرلەرنى چۈچۈتكىنىنى  ھىساپقا ئالمىغاندا ، تەۋرەنمەس ئارمىيە يەنىلا غەلىبە قىلدى .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش