مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5848|ئىنكاس: 12

يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يەتتە چوڭ ئوخشىماسلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 10:35:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2013102215211743.jpg


ئامېرىكا «دۆلەت مەنپەئىتى» ژۇرنىلى تورىدا 11-ماي ئېلان قىلىنغان«روسىيە بىلەن بولغان يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ يەتتە چوڭ ئوخشىماسلىقى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە بۆلگۈنچىلەرنىڭ مۇستەقىللىققا ئالاقىدار ئاۋام ئاۋازىغا قويۇشقا ئەگىشىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، روسىيە ۋە باشقا جايلاردىكى كۆزەتكۈچىلەر روسىيە-ئامېرىكا ئارىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلامدۇ ياكى باشقىچە ئەھۋال يۈز بېرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. يەتتە چوڭ ئوخشىماسلىق روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش پارتلىسا، نەتىجىنىڭ كىشلەرنىڭ قىياسىدەك بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.


0_20120626171201176KD4.jpg


ئامېرىكىغا پايدىلىق ئوخشىماسلىقلار.


1. ئامېرىكا بىلەن روسىيە كۈچ جەھەتتە باراۋەر ئەمەس. روسىيە ئامېرىكا بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى پەۋقۇلئادە چوڭ دۆلەت ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي كۆلىمى روسىيەنىڭ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۆلىمىمۇ روسىيەنىڭ سەككىز ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە خەمچوتى روسىيەنىڭ يەتتە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ھازىرقى ئورنى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈك، لېكىن روسىيەنىڭ ئىقتىسادى چېكىنىشكە قاراپ ماڭدى. روسىيەنىڭ سوۋېت بىلەن ئۇزاق مۇددەت قارىشىلىشالىشى مۇمكىن ئەمەس. يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىلگىرىكىدەك 70 يىلغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ.


2.روسىيە كىشلەرنى جەلپ قىلغۇدەك يېڭى ئىدېئولوگىيەنى شەكىللەندۈرمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى قوللىغۇچىلارنى جەلپ قىلالىغانلىقتىن، ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشىنى قىلالىغان. روسىيە كەڭ قورساقلىق بىلەن قورال-ياراغ ۋە قەرز بېرىپ، بىر قىسىم دوستلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق ۋە خەلقچىل سىياسەتلەر بىلەن قىسمەن كىشلەرنى ئىلھاملاندۇرغان. ھازىر روسىيەنىڭ قىسمەن خېرىدارلىرى بار، بىراق مۇخلىسلىرى يوق.


ئامېرىكىغا زىيانلىق ئوخشىماسلىقلار.


3.يەر شارىلىشىش ۋە تېخنىكا ئاجىزلارنىمۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلدى. روسىيەنىڭ تور ئۇرۇشى زامانىۋى تېخنىكىسى ۋەيران قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى، روسىيەنىڭ جەڭگاھتا ئامېرىكا، ياۋروپا بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئۆتۈشگە ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.


4. رايون چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى ئاجىزلىق، دېيىشكە بولمايدۇ.ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما روسىيەنى «رايون چوڭ دۆلىتى» دەپ مازاق قىلدى. روسىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش دۆلەت مەنپەئىتى ۋە ۋەدىسى يوق، شۇڭا ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ئەڭ جىددىي چەت رايونلارغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. ئامېرىكا يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەت بولغاچقا، ئۇنىڭ زور ئېنېرگىيە زاپىسى ئاسىيانىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئوتتۇرا شەرق، شۇنداقلا باشقا جايلاردا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئەھۋاللارغا تەييارلانغان بولىدۇ. ۋاقىت ۋە ئارىلىقمۇ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، روسىيە قوشۇنى ئامېىركا قوشۇنىغا سېلىشتۇرغاندا توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان يەرگە يېقىن.


5. بىرىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى قائىدە پەيدا قىلغان، لېكىن ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ھېچنېمىسى يوق. ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر يۈرۈش مۇرەككەپ قائىدە بىلەن ئۇچۇر سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۇرۇشنى كونترول قىلغان ھەمدە خەتەرنى ئازايتقان. روسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى پارتلىسا، 1985-يىلىغا قايتماستىن، 1945-يىلىغا قايتىدۇ.


6. جۇغراپىيەلىك سياسەتتە ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ رىقابىتىنىڭ بىر مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە كۆپلىگەن كىشى بىر تەرەپكە ئېغىشتىن ساقلىنالمايدۇ. ئامېرىكا مۇھىم ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلەرنى توپلىدى. ھەر قانداق يېڭى تىرىشچانلىق، چەكلەش ھەرىكىتى ۋە روسىيە بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ھەممىسى جۇڭگو، ياۋروپا ۋە باشقا جايلاردا كۆڭلنى غەش قىلىدىغان جۇغراپىيەلىك سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.


ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىدىغان ئوخشىماسلىقلار.


7.يادرو قورال-ياراغلار ئوخشاشمىغان دەرىجىدە رول ئوينىشى مۇمكىن. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن سوېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا بىۋاستە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. ئامېرىكا بىلەن روىسيەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشىدا بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. روسىيە تاكتىكىلىق يادرو قورال-ياراغ جەھەتتە ناھايىتى زور ئەۋزەللىككە ئىگە بولغانلىقتىن، بەزى مەسىلىلەرگە بېرىلگەن خاتا جاۋابلار روسىيە ئەمەلدارلىرىنى ئىشەندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئۇلار مۇناسىپ جازاغا ئۇچرىمىغان ئەھۋالدا ش ئا ئە ت نىڭ ئاجىز ئەزالىرىغا ھۇجۇم قىلالايدۇ. بۇ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.


مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sayam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 10:36 AM  


ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 942 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:05:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىككى كۈچلۈكلەر ئۇرۇشۇپ قالسا، شۇلارنىڭ شامىلى
بۇ تەرەپلەرگىمۇ كىلىپ قالسا،،،،،،،،،،،،،
دىمىسىمۇ سوغۇق شامال روسىيەنىڭ سىبىريە رايونىدىن
كىلىدىغۇ بىزلەرگە،،،،،،،،

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

sahip.blogbus.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2204
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10710
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1356 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 12:31:05 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇ ئىككى قېرى كالا ئۈسۈشۈپ قالىدىغان بولسا، نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچى دۆلىتىمىز بولىدۇ.
1.جەنۇبى دېڭىز مەسلىسىدە يەنىمۇ تەشەببۇسكار ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئىستىراتىگىيلىك ئەۋزەللىككە ئىگە بولىدۇ.
2.ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدىن رۇسلارنىڭ تەسىرىنى  يەنىمۇ ئۈنۈملۈك سىقىپ چىقىرىپ بۇرايۇندىكى دۆلەتلەرگە بولغان تەسىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزالايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 02:02:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
elsahib يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 12:31 PM
ئەگەر بۇ ئىككى قېرى كالا ئۈسۈشۈپ قالىدىغان بولسا، نەتى ...

بۇ دۆلەتلەر ھەرگىز بىۋاستە ئۇرۇش قىلىپ تۇتۇشمايدۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلسا 3-دۇنيا ئۇرىشى پارتىلايدۇ ،.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 02:12:26 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
3-دۇنيا ئۇرشى پارتىللسىمۇ پارتىلمامدۇ …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4985
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 02:58:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ‹.سوغۇق مۇناسىۋەت›ئۇرۇشى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىدى دەپ قارىمايمەن .چۈنكى ھازىر تىخى ئىككى كولۇپ ئىنىق شەكىللەنمىدى .يەنە بىر جەھەتتىن ھازىر دۇنيا مۇناسىۋىتى ئۈچبۈلۈڭ شەكىللىنىپ ،بىر-بىرىگە بىقىنىش قارىشىلىق تەڭلا مەۋجۇد .غەرب ،سۈرىيە مەسىلىدىكى ئىنىق بولمىغان ئىپادىسىلا ياۋروپانىڭ روسىيە بىلەن ھىچقانداق بىۋاستە توقۇنۇشقا كىرىپ قالغۇسى يوق ئىكەنلىكى چاندۇرۇپ قويدى .ئامىرىكىغا كەلسەك ،ھازىر مەركىزى نوقتا ئاسىيا بولۇپ جوڭگۇنى چەكلەش ،روسىيە بىلەن ھەقىقىي قىزىرىشىپ قالغۇسى يوق .ئەگەر روسىيە -ئامىرىكا بۇ پاتقاققا پىتىپ قالسا جۇڭگۇ يۆگەنسىز قالىدۇ .بۇ روسىيە ۋە ئامىرىكىنىڭ ئاسىيا سىياسىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس .ئامىرىكا ئاللا بۇرۇن ياۋروپاغا باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى .چۈنكى ياۋروپادىكى كۆپىنچە دۆلەتنىڭ تىروتىرىيە مەسىلىسىدە  روسىيە بىلەن ئوخشاش ئەيىبلىرى بار شۇڭا .پۇتېننىڭ ئوكرانىيە ،پولسا ،بىلروسىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى روسپەرەس دۆلەتلىرىنى يەپ كىتىشىگە سۈكۈت قىلماقتىن باشقا ئامال يوق .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 03:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 02:58 PM
ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ‹.سوغۇق مۇناسىۋەت›ئۇرۇشى دەر ...

بۇ دۇنيادا شۇ روسلارنىڭ قىلغىنى قىلغان بۇلۇپ كىتەرمۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104785
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2014-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 03:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-16 02:58 PM
ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىنى ‹.سوغۇق مۇناسىۋەت›ئۇرۇشى دەر ...

ئىقتىساد يەر شارىلاشقان بۇگۈنكى كۈندە ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر بىرىگە تايىنىپ ياشايدۇ ، بۇ قىتىم ياۋرۇپا ئىتتىپاقى روسىيەگە چوڭ جازا قوللىنالمىدى  سەۋەبى روسىيە ياۋرۇپانى تەبىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن . مۇشۇنداق باغلىنىشلار تۇپەيلى روسلارنىڭ قىلغىنى قىلغان بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88424
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-12-10
ئاخىرقى: 2014-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 03:10:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆتىدىل ئۇرۇش

kanjahun بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-16 03:28:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش