|
|
|
|
ھەممەيلەنگە ئايان بولغىنىدەك بىز ئالدىنقى بىز يازمىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايۇنىدىكى تىركىشىشى ھەققىدە توختالغان. رايۇندىكى ئىككى دۆلەت زىددىيىتىگە نىسپەتەن مۇئەييەن چۈشەنچە ھاسىل قىلغانىدۇق. بۇ قېتىم ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ رۇسىيە بىلەن ئامىرىكىنىڭ شەرىقى ياۋرۇپادىكى تەسىر-كۈچ تالىشىش، تىركىشىشلىرى ھەققىدە توختىلىمىز. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% T* t9 G Q* w6 B
ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى مەيلى تارىخى نوقتىدىن ياكى سىياسىي-ئىقتىساد جەھەتتىن بولسۇن ناھايىتى زىچ باغلىنىشچانلىققا ئىگە. بۇ ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە مىللىي تەۋەلىكتىن بەكرەك سىياسىي ھەمكارلىق تەسىر كۆرسەتكەن، مۇھىم رول ئوينىغان. ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىشتىن سوۋىتنىڭ پارچىلىنىشىغىچە بولغان نەچچە يۈزيىل مابەينىدە ئەمەلىيەتتە ئۇكرائىنانىڭ ئۆز ئالدىغا سىياسىي تەدبىر بەلگىلەش مەركىزى بۇلۇپ باقمىدى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىرتىپلىق تانكىدىن قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغىچە تەتقىق قىلىپ ياساش ھەربىي سانائىتىدە ئۇكرائىنا رۇسىيە بىلەن تەڭ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالدى.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" |% V p) X' j5 y' g
ئەمما، سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ياۋرۇپانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى. ئەسلىدە موسكۋانىڭ ھويلىسى ھىساپلىنىدىغان شەرىقى ياۋرۇپا رايۇنى رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىۋى-سىياسىي رايۇنىغا ئايلىنىپ قالدى. بالتىق دىڭىز دۆلەتلىرى، پولشا، چىخ، رومىنىيلەرنىڭ ناتوغا ئەزا بۇلۇپ كىرىشى بىلەن رۇسىيىنىڭ جۇغراپىۋى-سىياسىي رايۇن بوشلىقى زور دەرىجىدە تارىيىپ نەچچە يۈز ئىنىگلىز مىلى ھەربىي تەھدىتنى سۇۋۇتۇش بەلۋىغىدىن ئايرىلىپ قالدى. پوتىن تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىزچىل كۈچلۈك رۇسىيىنى قايتۇرۇپ كىلىش ئارزۇسىدا كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، يەككە ئىنىرگىيە ئىكىسپورتى ئاساسىدا يەل ئۇرۇلغان شاردەك قايتا قەد كۆتۈرگەن رۇسىيە ئىقتسىادى پەقەت پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىلا كۆرىنەرلىك ياخشىلاشقا پايلىدى. مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا باشقا دۆلەتلەر بولسا رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادى كۈچىيىنىڭ ئۆزلىرىگە گۈللىنىش ئېلىپ كىلىشىگە نىمىگە ئاساسەن ئىشىنىشنى بىلەلمەيلا قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز ئالدىغا دادىلراق ئىش قىلغان دۆلەتلەردىن قازاقىستان بىلەن ئۇكرائىنا بار بۇلۇپ، رەڭلىك ئىنقىلاپتىن كىيىن ئۇكرائىنا سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن غەرپ بىلەن يېقىنلىشىش ئىستىراتىگىيە ئىزچىللىقى سىايسىتى يۈرگۈزۈپ كەلدى. رۇسىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويماسلىق ئۈچۈن شەرىقى ياۋرۇپادىكى ھەربىي ئىشلاردا ئامېرىكا بىلەن يېقىن تۇرۇش قىزغىنلىقىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتمىغان بولسىمۇ ئىراق، ئافغانسىتان قاتارلىق ئامېرىكا باش بۇلۇپ قوزغىغان ئۇرۇش رايۇنلىرىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئۇزاققىچە تۇرغۇزدى. ھەتتە ئۇرۇش رايۇنىدىن قۇشۇن چىكىندۈرۈشتە بەزى ناتو دۆلەتلىرىدىنمۇ كىيىن ھەرىكەت قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش سىياسىتىنىڭ ئىزچىل ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ m- k7 Y# |9 O! }$ `
ئەمما، بۇلتۇر يىل ئاخىرى يانوكوۋىچ ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە دۆلەت كىلىشىمى ئىمزالاشنى ۋاقىتلىق توڭلىتىشى، ۋە پوتىننىڭ ئاكتىپلىقى ئارقىسىدا رۇسىيە بىلەن بىر قاتار ئىقتىسادى ھەمكارلىق كىلىشىمى ھاسىل قىلىشى جىمجىتلىق ئاستىغا يۇشۇرۇنغان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ تەسىر-كۈچ تالىشىش تىركىشىشىنىڭ پەردىسىنى پۈتۈنلەي ئېچىۋەتتى. ئەسلىدە ئىقتىسادى جەھەتتە ياۋرۇپا بىلەن ئالماشتۇرۇشنى قۇلايلاشتۇرۇپ بىرگەۋدىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەربىي ئىشلاردا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نىسپەتەن تىنچ يۇسۇندا غەرپكە ئېغىش ئىستىراتىگىيىسى موسكۋانىڭ تەخىرسىز لىكىگە دوچ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىۋى-سىياسىيسىدىكى ئورنى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 E& p+ f+ `9 B5 c, pجۇغراپىيىۋى-سىياسىي نوقتىدىن قارىغاندا فىللاندىيدىن بالتىق دىڭىز دۆلەتلىرى، بىلرۇسىيە، ئۇكرائىنا،(قارادىڭىز)، گروزىيە، كاۋكاز تاغلىرىدىن كاسپىي دىڭىزىغىچە بولغان Cشەكىللىك رايۇن رۇسىيە جۇغراپىيىۋى-سىياسىيسىنىڭ يادروسى،ئاساسلىق قىسمى ھىساپلىنىدۇ. بۇ رايۇننىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى موسكۋاغا سىياسىي تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدىغان كۈچلۈك دۆلەت يوق. گەرچە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن بالتىق دىڭىز دۆلەتلىرى، پولشىلار ناتوغا ئەزا بولسىمۇ رۇسىيىگە نىسپەتەن بۇ دۆلەتلەريەككە ھەربىي كۈچى ناھايىتى زەئىپ، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ناتو نامىدىن بۇ دۆلەتلەنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كۈچىنى بىرقانچە يىل مابەينىدە ئاندىن ئاز-تۇلا جاللىنىشقا باشلىدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' U& Q4 |/ E" d2 u9 Y
ئۇكرائىنانىڭ داغدۇغا قوزغىماي رۇسىيىدىن يىراقلىشىپ غەرپكە قۇشۇلۇش ئىستىراتىگىيىسىنى موسكۋانىڭ قاتتىق قوللۇق چەكلەشكە ئۇرۇنىشىدا ئۇكرائىنا ئىستىراتىگىيىلىك جايلىشىشى، رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىۋى-سىياسىيسىدىكى ئالاھىدە ئورنى ئاساسلىق ئامال. بىز بايا ئېيتقاندەك Cشەكىللىك رايۇندا رۇسىيىگە تەھدىت شەكىللەندۈرگۈدەك دۆلەت يوق. ئۇكرائىنا بولسا رۇسىيىنىڭ يۈرىكى ھىساپلىنىدىغان موسكۋا رايۇنىنى ياۋرۇپا، ناتونىڭ ھەربىي تەھدىتىدىن دالدا قىلىدىغان تەبىئىي تۇسۇق. شۇنداقلا Cشەكىللك جۇغراپىيىۋى-سىياسىي رايۇننىڭ قاق مەركىزى بۇلۇپ ناۋادا ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ قالسا رۇسىيىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھەربىي تەھدىتى، ناتونىڭ ھەربىي ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىستىراتىگىيىسى پارچىلىنىپ كىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ شەرىقى ياۋرۇپادىكى قىسىملىرى شەمشەرگە ئوخشاش تۇسالغۇسىزلا تىغ ئۇچىنى رۇسىيىنىڭ يۈرەك ئېغىزىغا نىقتاپ تۇرالايدۇ. بۇ ھالەتنى رۇسلار قەتئىي قۇبۇل قىلالمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا ئالدىن قول سېلىش ئارقىلىق ئۇكرائىنانى غەرپكە ئېغىپ كىتىشتىن تۇسۇش رۇسىيىگە نىسپەتەن ئىنىقكى بەدىلى زور ئەمما چىداپ قىلمىسا خەتىرى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىش. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* Y0 y9 k& P9 `9 L
پوتىن رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن دۇنياۋى سۈركىلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، رايۇندا رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشتا، ھەتتا رۇسىيىنىڭ تەسىرىنى قايتىدىن كۈچەيتىشتە ئامېرىكا بىلەن زىددىيەتلىشىشنى مۇقەررەرلىك دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ رۇسىيىنى قايتا گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇزاققىچە ئەمىن تۇرغۇزۇش ئىستىراتىگىيىسىنىڭ تەلىپى بۇلۇپ، جۇغراپىيىۋى-سىياسىي تىركىشىشتە ئۈستۈنلۈكنى ساقلاش رۇسىيىنىڭ كۈچلۈك دۆلەت مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇشدىكى مۇھىم كاپالەت. چۈنكى پوتىننىڭ ئىستىراتىگىيىسى ئامېرىكا بىلەن كەڭ كۈلەملىك قارشىلىشىپ رۇسىيىنىڭ ھالىدىن كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بولماستىن بەلكى، ئامېرىكىغا مەلۈم دائىرىدە رۇسىيىنىڭ رايۇنلۇق يادرو دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى ئىتىراپ قىلغۇزۇش، شەرىقى ئاسىيادا تەرەپسىزلىكنى ياقلاپ رايۇندىكى زىددىيەتلەرگە ئارلاشماسلىق، ئەمما زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىپ رۇسلارغا تېخىمۇ بىخەتەر ۋە باي تۇرمۇش شارائىتى يارىتىش. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 v2 N3 _2 _) R! c: o. ~& N3 d4 N
ئەمما، پوتىننىڭ بۇ ئىستىراتىگىيىسىگە ئامېرىكا ‹ئۇخلىماي چۈش كۆرمە› دىگەن تەرىزدە مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى پوتىننىڭ قاتتىق قول، كۈچلۈك رۇسىيە قۇرۇپ چىقىش سىياسىتى ئىستىراتىگىيە نوقتىسىىدا ياۋرۇپا بىلەن مۇئەييەن مەنپەئەت ئورتاقلىقىغا ئىگە بۇلۇپ، رۇسىيە بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئامېرىكىنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمىغان بىر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشىگە ئىمكانىيەت بوشلۇقى يارىتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكا دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالماقچى بۇلىدىكەن بۇ خىل ئەھۋالنىڭ رىئالىققا ئايلىنىشىنى خىيال ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرىۋىتىشى كىرەك. رۇسىيە بىلەن ياۋرۇپا مۇناسىۋىتىدە جىپسىلىشىشتىن بەكرەك يىرىكلىشىش يارقىن نوقتىغا ئايلانغاندىلا ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپانى ناتو سېستىمىسىدا كونتىرول قىلىشى مۇقۇملىقىنى ساقلاپلا قالماي ئۆزىنىڭ جەڭ ماشىنسىدا چىڭ تۇرغۇزىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ X8 h! b, V, I: \7 @) nئۇكرائىنا مەسىلىسىگە قايتىپ كىلەيلى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 G2 L0 l3 n& x9 s' yقىرىم بىلەن ئۇكرائىنا زىمىنى ئامېرىكا -رۇسىيىنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى ئىككى ئۇرۇق بۇلۇپ، بىر دۆلەت تىرىتورىيىسىنىڭ ئىككى پىچكىغا ئايلىنىشىدا مۇنداق سەۋەپ بار. يەنى ئىستىراتىگىيىلىك نوقتىدىن ئېيتقاندا قىرىم بىلەن ئۇكرائىنا زىمىنى مۇئەييەن پەرققە ئىگە. قىرىمدا رۇسىيىنىڭ ھەربىي كۈچى مەۋجۇت بۇلۇپ مۇئەييەن مەنىدا رۇسىيىنىڭ قارا دىڭىزدىكى كۈچىگە سىمۋول قىلىنىدۇ. ئۇكرائىنا زىمىنىدا غەرپكە مايىل خەلق ۋە ئۇزۇن چىگرا لىنىيىسى بار. ئامېرىكىغا نىسپەتەن قىرىم بىلەن ئۇكرائىنا زىمىنىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك ئورنى بىر تاللاش بۇلۇپ بۇلاردىن قىرىمنى تاللاش خەتىرى چوڭ ۋە ئەمەلىي پايدىلىق قىممىتى كۆرىنەرلىك بولمايدۇ. چۈنكى قىرىم رۇسىيىنىڭ مۇھىم ھەربىي بازىسى ئۇرۇنلاشقان جاي بۇلۇپلا قالماي، كىرىچ بۇغۇزىدىن ئازوۋ دىڭىزغا كىرىدىغان سۇ يۇلىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا رۇسىيە بۇ يەردىكى ئىستىراتىگىيىلىك مەنپەئەتىگە سۈكۈت قىلمايدۇ، شۇنداقلا موسكۋا بىلەن تاكتىكىلىق قارشىلىشىش ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك پىلانىغا پايدىسىز ئامىللارنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئاساسلىق رۇسىيە تەرەپتىن كىلىدىغان بۇلۇپ، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە گەرچە سۈرىيە، ئۇكرائىنا مەسىلىسى سەۋەپلىك كەسكىن قارشىلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئىككى دۆلەت ئىستىراتىگىيىسى بەزى تەرەپلەردىن ئورتاقلىققا، ھەمكارلىشىش ئىھتىياجىغا ئىگە. مەسىلەن شەرىقى ئاسىيادا جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ يىراق دىڭىز-ئوكيانغا يۈرۈش قىلىشىنى چەكلەش، ئوتتۇرا ئاسىيادا جۇڭگۇنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتلەردە ھەمكارلىشىدۇ. بىرقانچە يىل مابەينىدە ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان جۇڭگۇ بىلەن ياپونىيە، فىلىپپىن، ۋىيتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ زىمىن-تالاش تارتىش مەسىلىسىدە رۇسىيە جۇڭگۇنى قوللىمىدى، ھەتتا ۋيتنامغا بىر يۈرۈش قۇرال-ياراغلارنى سېتىپ بەردى. بۇ ئامېرىكىنىڭ بىلىقچىلىق ئارىلى ۋە جەنۇبىي دىڭىز تالاش-تارتىشىدا ۋەزىيەتكە يىتەكچىلىك قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارتىپلا قالماي، رۇسىيىنىڭ جۇڭگۇنى چەكلەش ئارزۇسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەمەلىي ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" c7 R- P. i, E' x/ Q1 ]1 dئۇنىڭدىن باشقا قىرىم مەسىلىسىدە ئۇكرائىنانىڭ تەرىپىنى بەكرەك ئېلىپ كىتىش رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدا قۇراللىق تۇقۇنۇشنىڭ كىلىپ چىقىشىغا كاتالىزاتورلۇق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ناۋادا ئىككى تەرەپنىڭ تۇقۇنىشى كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتسە ئامېرىكىنىڭ يا ئۇكرائىنانى قۇربان قىلىش ياكى ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرۇپ رۇسىيە بىلەن قۇراللىق تىركىشىشتىن باشقا تاللىشى قالمايدۇ. ئەمما، قايسىسى بولسۇن قۇراللىق تۇقۇنۇشنىڭ پەيدا بۇلىشى رۇسىيىدىن بەكرەك ئامېرىكىغا پايدىسىز. چۈنكى ئوتتۇرا شەرقتە تېخى رۇسىيىگە مايىل ئاساد ھۆكۈمىتى ئاغۇرۇلغىنى يوق، بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ۋەزىيەت ئاساد قىسىملىرىغا پايدىلىق رەۋىشكە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ. قىرىمنى يۇتىۋېلىشقا قارىتا رۇسىيىگە يۈرگۈزۈلگەن ئىقتىسادى جازانىڭ ئەمەلىي كۈچى ئانچە كۆرىنەرلىك بولمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ياۋرۇپانىڭ رۇسىيىگە ئىقتسىادى قامال يۈرگۈزۈشكە قارىتا ئىھتىياتچان بۇلۇپ، سالمىقى ئېغىر تەدبىرلەرنى قوللىنىشنىڭ كەلتۈرىدىغان ئىقتىسادى زىيىنى نىسپەتەن زور. چۈنكى ياۋرۇپا بىلەن ئامىرىكىنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد، سودا مۇئامىلىسىدە پەرق ناھايىتى چوڭ بۇلۇپ مەيلى مەبلەغ سېلىش، مەيلى سودا سوممىسى بولسۇن پەرق 10ھەسسىە ئۆپچۆرىسىدە بولغاچقا ئامىرىكىنىڭ جازا سالمىقىنى ئاشۇرۇش دەۋىتىگە ياۋرۇپانىڭ ئىزبېسىپ ئاۋاز قۇشالماسلىقىدا ئۆز قىسىنچىلىقى ئېغىر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ q$ D$ h, U2 T7 W7 ~8 z6 Oرۇسىيىگە قارىتىلغان جازانىڭ شەكىلدە بۇلۇپ ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك بۇلالماسلىقىدا جۇڭگۇ، ياپونىيە، كورىيە ئامىللىرىمۇ مۇھىم بۇلۇپ ئەگەر ئامېرىكا ياپونىيە بىلەن كورىيىدىن ئىبارەت ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رۇسىيىگە ئېغىر جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلسا مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئىنىرگىيە تەمىناتى، تاۋار ئىكىسپورتى، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلىرى زور زىيانغا يۈزلىنىش بىرگە، جۇڭگۇغا توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش پۇرسىتى يارتىپ بىرىدۇ. چۈنكى جۇڭگۇنىڭ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقنى ئېچىش پىلانىغا قاتنىشىش ئازۇسى كۈچلۈك بۇلۇپلا قالماي پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى ئىنىرگىيە تەمىناتى، دىڭىز تىراسفورت لىنىيە جان تۇمۇرىغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىش ئارزۇسى تېخىمۇ كۈچلۈك. رۇسىيە بىلەن ياۋرۇپا-ئامىرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى قانچە يىرىكلەشسە جۇڭگۇنىڭ ئارىدىن پايدا ئېلىش بوشلۇقى شۇنچە كىڭىيىدىغان بۇلۇپ ماھىيەتتە بۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىش ئىستىراتىگىيىسىگە پايدىسىز. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Q' b, |2 |1 I5 G
...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% O; j. d1 t% O( g5 yئۇكرائىنا مەسىلىسىدە پەقەت ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇشنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىدىن زادى كىمنىڭ پايدا ئالغان، كىمنىڭ زىيان تارتقانلىقىغا باھا بىرىشكە توغرا كەلسە بۇنى ئىستىراتىگىيە ۋە تاكتىكا قاتلىمىدىن ئوخشىمىغان باھا بىرىشكە توغرا كىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 k% R& s: F! w7 c9 W o: T; Tيەنى تاكتىكا نوقتىسىدىن ئالغاندا رۇسىيە قىرىمنى يۇتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ قارا دىڭىزدىكى ھەربىي كۈچىنىڭ سىمۋوللۇق ئورنىنى داۋاملىق ساقلاش كاپالىتىنى ياراتتى. گەرچە يانوكوۋىچ 2017-يىلى ئىجارە مۇددىتى تۇشىدىغان سىۋاستىپول بازىسىنىڭ ئىجارە ۋاقتىنى 25يىل ئۇزارتىپ 2042-يىلىغىچە رۇسىيىنىڭ ئىشلىتىشىگە قۇشۇلغان بولسىمۇ ئۇكرائىناغا ئوخشاش ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى تۇراقلىشىپ بولمىغان دۆلەتتىكى كىيىنكى ھۆكۈمەتنىڭ توختامغا داۋاملىق ئەمەل قىلىشىنى ئىشەنچىسىز مەسىلە بۇلۇپ قالىدۇ. ئەگەر قارا دىڭىزدىكى ھەربىي كۈچنىڭ تەھدىتى زور دەرىجىدە تۈۋەنلاش خەتىرىگە دوچ كەلسە رۇسىيىلىكلەر ئېيتقاندەك، رۇسىيىنىڭ جۇغراپىيىۋى-سىياسىيسى 2-3يۈزيىل كەينىگە چىكىنىپ قارا دىڭىز ئېغىزىدىن ئايرىلىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى تۇغىلىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- T: R4 y* a% J2 O1 I8 c
ئەلۋەتتە، رۇسىيە ئۇكرائىنادىكى مەنپەئەتىنى قوغداشتا قىرىم بىلەن ئۇكرائىنانى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئامىل دەپ قارىمايدۇ. ئۇنىڭ پەقەت قىرىمنىلا يۇتىۋېلىپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقى قىسمىدىكى رۇسىيىگە ئېغىش سادالىرىغا سۈكۈت قىلىشى ئەمەلىيەتتە رۇسىيىنىڭ قىرىمنى يۇتىۋېلىشىنىڭ غەلبىگە يېتىش دەرىجىسىنى ئازايتىدۇ. چۈنكى، دىڭىز كۈچلىرى جەھەتتە ئامېرىكا ھامان رۇسىيىدىن ئۈستۈن ئۇرۇندا تۇرىدىغان بۇلۇپ كىيىنچە كۈلەملەشكەن جەڭ پاراخوتلىرىنى قارا دىڭىزدا دائىملىق تۇرغۇزسىلا رۇسىيىنىڭ قىرىمنى تارتىۋېلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەۋزەللىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرەلەيدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' M$ d5 n! Q$ M8 n
ئامېرىكا گەرچە رۇسىيىنىڭ قىرىمنى يۇتىۋېلىشىغا، چىگرىغا قۇشۇن توپلاپ ھەيۋە قىلىشىغا، ئۇكرائىنانىڭ شەرىقى قىسمىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ كىيىۋگە بېسىم چۈشۈرىشىگە ئەمەلىي ھەرىكەت قوللانماي مەسىلىنى سىياسىي ۋاستە بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچىشى كۆرۈنىشتە ئامالسىزتەك كۆرۈنسىمۇ،ئەمەلىيەتتە ئىستىراتىگىيە قاتلىمىدا كۆپ تەرەپتىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتىكى. بۇلاردىن ئەڭ كۆرىنەرلىكى كىيىۋنىڭ غەرپكە ئېغىش قەتئىيلىكىنى كۈچەيتتى، ھەم سىياسىي، ھەربىي ئىشلار جەھەتتە مۇناسىۋەتنى قۇيۇقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تاشقى جەھەتتە ناتونىڭ قىسمەن ئەزالىرىنىڭ ھەربىي خامچوتنى قىسقارتىشىنى تۇسۇپ قېلىش بىلەن بىرگە پۈتكۈل تەشكىلاتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىدىكى نىشاننى كونكىرتلاشتۇرىدۇ، روشەنلەشتۈرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, l$ n( d1 r7 @# a5 gئىستىراتىگىيىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىرى ياۋرۇپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسنى پۇتتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ تىزلىتىلىشى ۋە ئەندىشىلەرنىڭ پىلانغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ. دىڭىزدىن قۇيۇپ بىرىلدىغان مۇداپىئە سېستىمىسىنى تاماملانغاندىن كىيىن پولشا، رومىنىيە،تۈركىيىنى بازا قىلغان ئوتتۇرا، يىراق مۇساپىلىك ۋە قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىما قۇرۇلىشىنىڭ تاماملىنىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرىلىشى ھەقىقى مەنىدىكى رۇسىيەنىڭ ئۇتتۇرۇپ ئامېرىكىنىڭ ئۇتىشى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; I1 I. X, @* `: i- Y; |----------------بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" d3 e; a0 ^8 t7 D+ k
مەنزىل-كەمىنە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا .patrol. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 12:52 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: g( n* S: a ]# j) i+ }بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 C1 X6 g9 D w9 G5 E
|
|
|
|
|
|