بىزنىڭ قوشاقچى ئانىلىرىمىز
ياقۇپ ئىسمائىل قورولچى
ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم ژانىرلارنىڭ بىرى بولغان قوشاقلار خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان كۈيۈمچان ئانىلىرىمىز ئۇيغۇر قوشاقچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشقان . تۆۋەندە مەن مۇبارەك نامى تا ھازىرغىچە تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم قوشاقچى ئانىلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن .
ئەرەمسىماخان ئانا
ئەرەمسىماخان ئانا – 17- ئەسىردە ياشىغان قوشاقچى ئايال . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، ئۇنىڭ نەسەبى ئىمىن غۇجىدىن ئىلگىرىكى لۈكچۈن بېگى ئەھمەدباقى ( كېپىش بەگ ) كە تۇتىشىدىغان بولۇپ ، ئىمىن غۇجا كېپىش بەگنى مەغلۇپ قىلىپ بەگلىكنى ئېگىلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئەجداتلىرى پىچان ناھىيىسىنىڭ ھازىرقى دالانكارىز يېزىسىغا قاراشلىق بولغان بەشتام كارىز مەھەللىسىدە ياشاپ ئۆتكەن ئىكەن . ئەل ئاغزىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر قىسىم پاراڭلارغا ئاساسلانغاندا ، ئەرەمسىماخېنىمنىڭ يالغۇز ئوغلى مىيىمخان يۇنۇس ۋاڭنىڭ مىيىپ قىزى كەڭكىسخان بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ قېلىپ ، ئۇنى ئېلىپ قېچىپ كېتىۋاتقاندا ، كەينىدىن قوغلاپ كەلگەن ئوردا نۆكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ قېلىپ ، ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن ئىكەن . بۇ چاغدا ئەرەمسىما خېنىم يالغۇز ئوغلىنىڭ ئۆلىمىگە قايغۇرۇپ ، نۇرغۇن قوشاق توقىغان بولۇپ ،قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
بەختىنىساخان ئانا
بەختىنىساخان ئانا – 19 – ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تۇرپاننىڭ ئاستانە يېزىسى غۇجامئالدى مەھەللىسىدە ياشاپ ئۆتكەن قوشاقچى ئايال . ئۇ بىر قېتىملىق مەشرەپتە ، نەغەمباقى ئىسىملىك بىر قوشاقچى يىگىت بىلەن قوشاق توقۇشتا بەسلىشىپ قېلىپ ( ئەگەر نەغەم باقى يېڭىۋالسا ئۇنىڭغا تېگىدىغانغا كېلىشىپ ) ئاخىرى ئىككىسى << نەغەم بىلەن بەختىنىسا >> دىگەن قوشاقنى ئىجاد قىلغان ئىكەن .
مەريەمخان ئانا
پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزىسىنىڭ پەنجەن كارىز كەنتىدە ياشاپ ، تۇرپان خەلق قوشاقلىرى ۋە تۇرپان پاراڭلىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان تۇنۇلغان خەلق قوشاقچىسى ، ئۇستا پاراڭچى مەرھۇم مەريەمخان ئانا ، مىلادى 1894 – يىلى پىچان ناھىيە لۈكچۈن بازىرىنىڭ تۆۋەنمەھەللە ( ھازىرقى مۇقام ) كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن . كېيىن پەنجەن كارىزغا ياتلىق قىلىنغان . 111 يىللىق ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى توي – تۆكۈنلەردە تەكلىپ بىلەن قوشاق ئېيتىش ۋە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر پاراڭلىرى بىلەن جەمئىيەتتىكى بولمىغۇر قىلىقلارنى قامچىلاش بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تۆھپىكار ئانا ، 2005 – يىلى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋېدالاشتى .
ناجىخان ئانا
ناجىخان ئانا ئالدىنقى ئەسىردە لۈكچۈن بازىرىنىڭ تۆۋەنمەھەللە ( ھازىرقى مۇقام ) كەنتىدە ياشاپ ئۆتكەن تۇنۇلغان خەلق قوشاقچىسى بولۇپ ، لۈكچۈن ۋاڭلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى ماتسايىت ( ساچىڭۋاڭ ) دەۋرىدە ئوردا غەزىنىچىسى بولغان ئىكەن . ئەۋلادلىرىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ، ناجىخان ئانىنىڭ ياشلىق مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ چېچى ناھايتى ئۇزۇن ھەم توم بولۇپ ، 41 ئېغىزلىق غەزىنىنىڭ ئاچقۇچىنى ئاشۇ 41 تال قىلىپ ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ ئۇچىغا چېگىپ ساقلىغان ئىكەن . ناجىخان ئانا ئاز كەم 90 يىل ياشىغان بولۇپ ، ئۇ ئازاتلىقتىن كېيىن سوتسىيالىزىم ، يېڭى زامان كۈيلەنگەن نۇرغۇنلىغان قوشاقلارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ ، ئۇ ئىجاد قىلغان بىرقىسىم قوشاقلار << تۇرپان خەلق قوشاقلىرى >> ۋە << پىچان خەلق قوشاقلىرى >> قاتارلىق توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن.
شەئىدىخان ئانا
تونۇلغان خەلق قوشاقچىسى ۋە ئۇستا داستانچى شەئىدىخان ئانا 1881 – يىلى پىچان ناھىيىسى ھازىرقى دىغار يېزىسىنىڭ يۈرمۇڭ مەھەللىسىدىكى چېلىشچى زور پولات ئاكا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىللىرىدە دىننى مەكتەپتە ئوقۇپ دىنى ساۋاتلىق بولغان ، ئۇنىڭ ئۆمرى دىغار ، چۆلتاغنىڭ سىڭىر ، شىڭدى ، لوپنۇرنىڭ تىكەنلىك ، لۈكچۈننىڭ ئامانشاھ قاتارلىق يېزا ( كەنت ) لىرىدە ئۆتكەن . 1933 – يىلى لۈكچۈندە يۈز بەرگەن << چوڭ يېغىلىق >> تا شۇ چاغدىكى فېئودال ھۆكۈمرانلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچقا ، يۇرتنى تاشلاپ چۆلتاغ – لوپنۇر يولى ئارقىلىق تىكەنلىككە كۆچۈپ بارغان . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى لۈكچۈن بازىرىنىڭ ئامانشاھ كەنتىگە كۆچۈپ چىققان . شەئىدىخان ئانا 1991 – يىلى 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ كۆچۈپ يۈرۈش جەريانىدا ئۆز بېشىدىن نۇرغۇن ئىسسىق – سوغاقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى ۋە ھەرقايسى يۇرت كىشىلىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشىغانلىقى ئۈچۈن ، كېيىنكى كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇستا قوشاقچىلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىققان . شەئىدىخان ئانا قوشاق توقۇشتىن باشقا يەنە داستان ئوقۇشقىمۇ ماھىر بولۇپ ، ھايات چېغىدا << تاھىر –زۆھرە >> ، << بوز يىگىت >> قاتارلىق خەلق داستانلىرىنى پۈتۈن بىيىتلىرى بىلەن قوشۇپ ئوقۇپ ، لۈكچۈن خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن . ئۇنىڭ قوشاقلىرىدا يەنە لۈكچۈندە يۈز بەرگەن << چوڭ يېغىلىق >> تا خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت – ئەلەملەر نەپىس ۋە يېقىشلىق خەلىق تىلى بىلەن يارقىن ئىپادىلەپ بېرىلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ قوشاقلىرى ئەينى دەۋر رىئاللىقىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-16 09:50 AM