مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 8

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت(4) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:11:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت(4)


ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن




يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ تۆتىنچىسى تېبابەت ھېكمىتىدىن ئىبارەت.

ئىنساننىڭ تاشقى ئالەم مۆجىزىلىرىگە قىزىقىشىدىن ئۆز روھىيىتى ئىچىگە يوشۇرۇنغان غايىۋى ھەم تەنقىدىي ئىككى قۇتۇپلۇق مەنىۋى دۇنياغا قەدەم قويۇشىدىكى دەسلەپكى ئۆتكەل ئاسترو – ماتېماتىكىلىق ئىزدىنىشلەردىن تېبابەتچىلىك پائالىيىتىگە يۈزلىنىش بولدى. ئەمما، تاكى گۇمانىستىك پىكىر ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگىچە ئىنسان ئۆز جىسمىنى تەبىئىي ياكى غەيرىي تەبىئىي – ئىلاھىي ئوبيېكت سۈپىتىدە كۈزىتىشتى.
دەسلەپكى تېبابەتچىلىك ئىپتىدائىي ئىنساننىڭ ئۆزىنى ھىمايە قىلىشى، بەدەنلىرىگە پۇراقلىق گىياھلار سۈركىشى، ھەرخىل ھاشارات ۋە چاققۇچى ھايۋانلارغا قارشى لاي – لاتقىلار بىلەن بەدەنگە قاتلام ياكى نەقىشلەر چېكىشى، كېيىنچە پېرىخونلۇق – ئوقۇش، داغلاش ۋاسىتىلىرى بىلەن داۋام قىلدى. ئېھتىمال، بۇ خىل ساددا تېببىي پائالىيەت يىپەك يولىدىن ئىلگىرىكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ دائىمىي ھەمراھى بولسا كېرەك.
ئاتلىقلار مەدەنىيىتى كۆچمەن ھايات ۋە پائالىيەتچان تۇرمۇش رىتىمىنى پەيدا قىلدى. جاراھەت ۋە سۇنۇق، تۇغۇت ۋە ئىچ ئۆتكۈ ئۇ چاغدا ئىپتىدائىي تېبابەتچىلىكنىڭ دائىمىي، ئەمما جىددىي تېمىسى ئىدى. سىكتاي مەتال ئىدىشى سىرتىغا سىزىلغان «سۇنۇق تېڭىش» رەسىمى بىزگە ئارىيلار زامانىدا ئاتلىق مەركىزىي ئاسىيا ئاھالىلىرى ئۆز زامانىسىنىڭ مائىر ھەرۇرگلىرى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خەنزۇلارنىڭ «سېرىق پادىشاھ ناملىق يېزىلغان ئىچكى كېسەللىكلەر دەستۇرى» ناملىق كىتابىدا، مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۇچ مىڭ يىللار ئىلگىرىلا زەھەرلىك دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى تىلغا ئىلىنغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرى يېزىلغان «ئەۋلىيا تەرىقچى نامىغا يېزىلغان شىپالىق گىياھلار» ناملىق كىتابتا مەركىزىي ئاسىيا دورىلىرى ھەققىدە توختالغان. سۇي – تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە «غەربىي يۇرت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ رېتسېپلىرى»، «غەربىي يۇرت مەشھۇر تېۋىپلىرىنىڭ تۆت جىلدلىق مەخپىي رېتسېپلىرى»، چىڭ چەن يازغان «خۇرلارنىڭ شىپالىق گىياھلىرى»، سۇڭ سىماۋ يازغان «بىباھا دورا نۇسخىلىرى» قاتارلىق ئەسەرلەردە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۆت زات ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك پەلسەپىسى ۋە شىپاگەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئېيتىش كېرەككى، بۇنداق تۆت زات ئاساسىدىكى تېبابەتچىلىك ئەنئەنىسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6 – 8 – ئەسىرلەردە قارا دېڭىز ساھىلىدا ھەرىكەتلەنگەن مەركىزىي ئاسىيالىق سىكتايلار ئارقىلىق قەدىمكى گرېتسىيە تېبابەتچىلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ھېپوگراتنىڭ «تۆت فىزىس» قارىشى ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن.
يىپەك يولىدا ئىسلامىيەت مەدەنىيىتى شەكىللىنىشتىن ئىلگىرى مەركىزىي ئاسىيا تېبابەتچىلىكى جەسەت يېرىپ كۆرۈش؛ جەسەت مومىيالاش؛ تېڭىقچىلىق؛ سامساق – ھاراق – ئاچچىق تاش ئېلىش؛ كۆز ئوپېراتسىيىسى؛ ئىلغا؛ قان ئېلىش؛ ماسساج قىلىش؛ تېرە كېسەللىكلىرىنى داۋالاش؛ ھەرخىل گىياھلىق گۈڭگۈرت كىسلاتاسى (تىزابى)، بروم كىسلاتاسى، كۈمۈشلۈك بروم كىسلاتاسى چىقىرىش؛ چېچەك، كېزىك، كۆزگە پەردە چۈشۈش، ئاشقازان ياللۇغى، قان تولغاق، زۇكام، جاراھەتلىنىش، داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا زور نەتىجە قازانغان. 633–يىلى چىمەنقۇلى تاڭ گاۋزۇڭ (لى شىمىن)نى دەۋۋار كېسىلىدىن داۋالاپ ساقايتقان. 1970–يىلى شىئەننىڭ جەنۇبىدىكى تاڭفىن ۋاڭفۇدىن «قۇت(吿利)» تامغىلىق ئىدىقۇت پۇلى ۋە ئىدىقۇتلۇقلار كۆرۈنۈشى چۈشۈرۈلگەن دورا ئىچىش قاچىسى تېپىلغان. شۇ دەۋردە چاڭئەندە «ئىدىقۇت ئۆمۈر بەخت شەربىتى» ناملىق مادداتۇلھايات دورىسى سېتىلغان.
«تۇرپان تېكىستلىرى» قاتارلىق تېبابەتچىلىك رىسالىلىرى پارچىلىرى تېپىلغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا بىر قاتار كېسەللىكلەر، دورا ماتېرىياللىرى ۋە تېبابەتچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نامى كۆرسىتىلىشتىن باشقا، تېببىي مەزمۇندىكى ئەقلىيە سۆز ۋە نەزمىلەردىن پارچىلار بېرىلگەن.
1229-يىلى خانبالىق(بېيجىڭ)تا ئۇيغۇر دورىگەرلىك مەھكىمىسى قۇرۇلدى، مەشھۇر خرۇرگ نەزەر، ھەربىي دوختۇر يەھيا، ئەيشى بۇلمىش قاتارلىقلار خانبالىق ۋە سىچۇەنلەردە خىزمەت ئوتىدى. ئىدىقۇتلۇق ئەنزاڭ «شىپا گىياھلىرى»، «مۈشكۈل ئاغرىقلار» دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى. ئېيتىش كېرەككى، بۇ نوقۇل قۇبلايخان زامانىدا ئىچكى ئولكىلەردە يۈز بەرگەن ھادىسە بولۇپ قالماي، يەنە پۈتۈن چىنگىزخان قوشۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئايىغى يەتكەن غەربىي ئاسىيادىمۇ بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ھادىسە ئىدى. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە 36 جىلدلىق «غۇز دورا نۇسخىلىرى» دېگەن ئەسەر يېزىلدى.
ئىسلامىيەت يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنى چەكلىگىنى يوق، ئەكس ھالدا غەربتە گرېك تېبابەتچىلىكى، شەرقتە جۇڭگونىڭ «جۇڭيى» تېبابەتچىلىكى ئۇتۇقلىرىنى ھىندىستان، ئىران، ئەرەب ۋە ئەنئەنىۋى مەركىزىي ئاسىيا تېبابەتچىلىكى ئاساسىدا تېخىمۇ كونكرېتلاشتۇردى.
يىپەك يولى تەپەككۇر گۈلزارلىقىدىكى ئۇغلۇ باغۋەن، جاھان پەلسەپە تارىخىدا ئارىستوتىلدىن كېيىنكى «ئىككىنچى ئۇستاز» ئەبۇ نەسىر فارابى ئەتتۈركىي (870–950) نەزەرىيىۋى تىبابەتچىلىكنى يېڭى ئۇل بىلەن تەمىنلىدى. ئۇ تۆت زات، ھايات ۋە مۇھىت، جىسىم ۋە روھ، تاشقى ۋە ئىچكى سېزىش ھەم تەپەككۇر ئەزالىرى ئۈستىدە ناتۇرال پەلسەپىلىك قائىدىلەرنى قويۇشتىن تاشقىرى، ئالەم ئاناتومىيىسى، گالەن تېبابەتچىلىكى، تېبابەتچىلىك كلاسسىفىكاتسىيىسى ئۈستىدە خاس ئەسەر ياكى سەھىپە يازدى.
ئىبن سىنا(980–1037) فارابى دۇنيا قاراشلىرىنىڭ ۋارىسى سۈپىتىدە پەلسەپە، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە ئۆزىگە خاس كاتتا تۆھپىلىرى ساھىبى بولدى.
ئىبن سىنا بىر تەرەپتىن، شەرقنىڭ يۈرەك – تومۇر تەلىماتىنى تەتقىق قىلسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مەشھۇر ئىران ئالىمى ئەبۇلھەسەن تەبۇر (؟ – 923) نىڭ «فىردەۋسول ھېكمەت (ھېكمەت بەغى)»، باغداتلىق مەشھۇر دوختۇر ئەررازى(850–923) نىڭ «كىتابۇلئەسرار»، «ئەلھاۋىي»، «كىتابۇلتىب ئەلمەنسۇرى» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ «كامىلۇل سىنا ئەلتىببىيە (تېبابەتچىلىك تولۇق دەستۇرى)» قاتارلىق ئەسەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئىبن سىنا يىپەك يولى تېبابەتچىلىكىنىڭ يۈكسەك چوققىسىنى تىكلىدى. ئۇنىڭ «ئەششىفا»، «دانىشنامە»، «ئەلقانۇن فىت تىب»، «تېببىي داستان» قاتارلىق ئاجايىپ ئەسەرلىرى خۇددى نۇر چېچىپ تۇرغان ئالتۇن يۇلتۇز بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر قانچە ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەربتە تېبابەتچىلىك قوللانمىسى ۋە دەرسلىكى قىلىندى، «شاھى تېبابەت» دەپ شوھرەتلەندى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن ئىمادىدىن قەشقىرى قاراخانىيلار دەۋرى تېبابەتچىلىك ئاسمىنىنى جىلۋىلەندۈردى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك» داستانىدا نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تېبابەتچىلىككە ئائىت سىستېمىلىق مەلۇماتلارنى تىلغا ئالدى. ئىمادىدىن قەشقىرى ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانۇل» ناملىق ئەسەر يېزىپ، ئىبن سىنا قاراشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھى شەكلىدە راۋاجلاندۇردى ۋە بېيىتتى. ئېيتىلىشىچە، ئىمادىدىن قەشقىرى يەنە «شەرھى ئەششىفاھ»نى يازغان.
كېيىنچە، خىزىر خوجىنىڭ ۋەزىرى قەمەرىددىن، ئەلائىددىن خوتەنى، جامالىددىن ئاقساراي، مۇرادبەگ قەشقىرى، سەئىد مۇختار بۇلاقبەگ قاتارلىق ئۇيغۇر ھۆكۈمالىرى ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىگە ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشتى.
بىز يىپەك يولىدىكى بىقىياس قىممەتلىك ھېكمەت بولغان تېبابەتچىلىكنىڭ 10 مىڭ يىللار مابەينىدە تاراملاپ توپلىشىپ، زور ئېقىن ھاسىل قىلغان غايەت زور ئىلمىي خەزىنە ئىكەنلىكىنى؛ ئۇنىڭ يىپەك يولى داۋام قىلغان 2000 يىل ئىچىدە ئىلمىي سىستېمىغا كىرگەنلىكى؛ خارابلىشىشى، غەربىي ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىشى تۈپەيلى، خۇددى چەۋگەن توپىدەك غەربىي ياۋروپالىقلار قولىغا ئۆتۈپ قالغانلىقى؛ نىجادىيەت ئىزدەشكە مەجبۇر بولغانلىقى؛ ھەممىنى ياۋروپادىن ئىزدىگۈچى تەپەككۇر دەلدۈشلىرىنىڭ مىللىي تىبابەتچىلىكنى «ساختا پەن» دەپ يوقىتىشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا قويۇپ «تارىخنى قايتا ئويلاش» ئېلىپ بارساق، قەلبىمىزدە ئالتۇنغا بەرمەس مۇنداق ئۇچ ھۆكۈم ئورۇن ئالىدۇ: شانلىق ئۆتمۈش. پاجىئەلىك چۆكمىش ۋە نۇرانە كەلگۈسى!
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ، ۋاقىت رىتىملىرى بىلەن زېمىن ۋە تۇرمۇش سەھىپىلىرىگە زەر چېكىدۇ. خۇددى شاكال يىرتىپ تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويىدۇ. تېبابەت ئىلمى – نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ۋە ئىختىرا، ئەمەلىي داۋالاش ۋە تېخنولوگىيە چېچەكلىرى، گەرچە بىردىنلا بولمىسىمۇ تەدرىجىي بۇ ئاۋات ئالاقىلەر قانىلىغا غۇجمەكلىشىدۇ. داۋا ۋە شىپاسىز رەنجى – ئەلەمدە ئۆتكەن خەلقتىن تېبابەت ئاسمىنىنىڭ يېڭى چولپانلىرى ئاپىرىدە بولىدۇ. بۇ، تارىخنىڭ ئۇلۇغ نۆۋەت ئىلتىپاتى بولۇپ، بۇ مۇمكىنلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئەجىر – ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yipek-yoli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 03:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 06:24:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق ئېسىل تېمىكەن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 06:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 731
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1194
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 07:06:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 06:33 PM
دورىخانا،دوختۇرخانىلار  خۇشخانىدىن  پەرقى قالمىدى،يى ...

مۇشۇ ئاسما ئېسىشنى زىيانلىق توختىتىپتۇ،دەپ ئاڭلىغاندەك قىلغان،راسىتمىدۇ؟؟

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80181
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3572
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-5-15
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 07:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي قېرىنداشلار قايسى بىرمىزنىڭ قولدا شۇنداق رىتسىپ دورىلار بار دەيمەن ھەممىسى بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ قولىدا لىكىن شۇ دورىلارنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپ چىقارغۇدەك مەبلەغ كەمچىلىككى سەۋەبدىن رىتسىپلارنى يىلدىن يىلغا كونىراپ كېتىۋاتىدۇ دەيمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:15:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تىما  بوپتۇ قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1747
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8940
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:15:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 06:33 PM
دورىخانا،دوختۇرخانىلار  خۇشخانىدىن  پەرقى قالمىدى،يى ...

مەن دوختۇرخانىدا يىتىپ چىقىپ ھىس قىلغان كۆڭلۈندىكى گەپنى ئىيتىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59302
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5244
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1211 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇنچىلىك ئەسەر تاپماق خىلى گەپ،

تۆت فىرزىس دىگەنلىك، تۇپراق، ئوت ، سۇ ،ھاۋا نى كۆرسىتىدۇ. بۇنى پەلسەپىدە ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت دەپ تۆتكە ئايرىيدۇ،تىبابەتتە سەۋدا ، سەپرا، بەلغەم ،خۇن بۇلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا ئىنسان روھىيتى مەۋقەسى بۇيىچە بىلىش ،ئادىللىق ،ياخشىلىق ،تەقۋادارلىق بۇلىدۇ.

ئىلاھا، تەپەككۇر بۇلاقلىرىنى تىخىمۇ نۇرلاندۇرغايسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 420 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 09:25:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ھەقىيقى تۇمۇر تۇتۇپ ، كىسەل تاپالايدىغان جىڭ تىۋىپلار قالمىدىغۇ دەيمەن ، ھەممىنى  ئاپپاراتتا تەكشۇرۇپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش