مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 12

بالىلىقىم تويمايمەن ساڭا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 12:26:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقىم قايتىپ كەلسەڭچۇ يىنىپ،
ئوينىۋالاي شۇ تالنى ئات ئىيتىپ .
بالىلارچە گۈدەكلىك ياراشماس دەيدۇ،
تالنى مىنسەم بالىلىقنى  سىغىنىپ.

يۈگۈرۋالاي كوچىلاردا يۇلتۇزلار كۆكتە،
كۈندۈزدەك گويا ماڭا ئايدىڭ شۇ كىچە.
يۈگۈرسەممۇ ھىرىش تۇيۇلماس بالىلىقتا،
ھەرگىز توختىمايتىم نىشانغا يەتمىگۈچە.

بالىلىقتا مۆكۈشمەك ئويناپ يۈرگەندە،
تاپتىم دەيتۇق؛ ئۆز كۆزلەر كۆرگەندە.
ئەمدى نەگە مۆكتۈڭ ئۆزۈڭ بالىلىق،
يۈرەك قايتا ساڭا قانماي كۆيگەندە.

بارات كەلگەن شۇ كىچە ھىلىمۇ يادىمدا،
ئوت كۆيەتتى شۇ ئەسكى كامىردا.
بارات كەلدى،بارات كەلدى قوشاقلىرىڭ،
ياڭراتتىكەن شۇلار بالىلىقنىڭ سادالىرىدا.

رامزان ئىيتىپ ئۆيمۇ-ئۆيگە توۋلاپ،
يۈرەتتۇقكەن مەھەللىمۇ-مەھەللە يوقلاپ.
قوشاقلىرىمىز كۆپ،بالىلارچە قەلبىمىزدە،
كىتەتتى بەزىدە ئۆي ئىگىلىرى قوغلاپ.

بالىلىقىم سەندە كۆپ مېنىڭ ئەسلىمەم،
قايتقۇم كىلىدۇ بالىلىقنى ئەسلىسەم.
بولدى رىئاللىققا قايتىپ كەل كۆڭلۈم،
بالىلىققا تەلپۇنەر كۆڭۈل قانچىكى بەزلىسەم.

قولدىن كەتكەندە ئادەم دائىم ئويلايدىكەن،
ھايات قىس،ۋاقىت قىس يەنە تويمايدىكەن.
كىرسىمۇ باشقا ئاق،ئەتتاكى ساقالغىمۇ ئاق،
شۇندىمۇ خىيالىدا بالىلىققا قايتىپ ئوينايدىكەن.



                                                ئاپتۇرى: بەختىيار.

                                                                        2014-يىلى5-ئاينىڭ9-كۈنى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40157
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 739
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2011-5-9
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 12:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئوينا بالام ،قانغىچە ئوينا...

ئوينا بالام،قانغىچە ئوينا،
دىلىڭدا قالمىسۇن تۈگۈن.
ۋاقىت تۇرمايدۇ؛ئالدىراڭغۇ
كەلگۈسىگە ئوخشىماس بۈگۈن.

بىز ئوينىغان ئۇيۇنلارنى ئوينا،
چوقان سىلىپ جىمجىت كوچىدا.
تىلىۋۇزۇرغا قاراپ سوراپ يۈرمە،
باردۇر شۇلار بالىلىقىڭنىڭ قوينىدا.

ئوينا بالام ،قانغىچە ئوينا،
ئىز سىلىپ ئۆتكىن بالىلىقىڭغا.
دىلىڭدىن شاتلىققا چۆمگىن،
يەتمەس بالىلىقتىكى شاتلىقىڭغا.

ئوينا بالام،قانغىچە ئوينا،
ئىلىپ باراي سېنى تاغلارغا.
ئانا تەبىئەتنى سۆيگىن دىلىڭدىن،
تەرلىرىڭدىن كۆچەت تىك باغلارغا.

ئوينا بالام،قانغىچە ئوينا،
ئات قىلىپ چاپتۇرۇپ تالنى.
سۇدا ماڭغان كىمىلەرگە چىقماي،
چىقىپ كۆرۈپ باققىن سالنى.

ئوينا بالام، قانغىچە ئوينا،
بىزمۇ ئوينىغان گۆدەكلىكتە.
ئۈزىۋالغىن سۇلاردا بىلىقلاردەك،
بىزمۇ يۈرگەن كۆلچەكلىكتە.

ئوينا بالام،قانغىچە ئوينا،
قۇلاقلىقتىن تۆتقۇلاق ئىزدەپ.
بىر كۈنلەردە ئاتا بولۇپ سەنمۇ،
مەندەك بالاڭغا بىرەرسەن سۆزلەپ.


                                           ئاپتۇرى:بەختىيار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 01:58:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقتا مۆكۈشمەك ئويناپ يۈرگەندە،
تاپتىم دەيتۇق؛ ئۆز كۆزلەر كۆرگەندە.
ئەمدى نەگە مۆكتۈڭ ئۆزۈڭ بالىلىق،
يۈرەك قايتا ساڭا قانماي كۆيگەندە
.....  ۋاقىتنى قايتۇرغىلى بولغان بولسا مەن چوقۇم 15ياشتىن بۇرۇنقى ھالەتلىرىمگە قايتقان بولاتتىم...

مېھرىبان

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3278
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 941 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 02:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يىزىپسىز شىئىرنى شۇنداق مەزمۇنلۇق،

  مەنمۇ جۆر بولۇپ، بۇرۇن يوللانغان
شىئىرىمنى تورداشلار بىلەن يەنە بىر قىتىنم، ئورتاقلىشاي


u=1898167870-854655926&fm=21&gp=0.jpg


بالىلىقنى ئەسلەپ....


بالىلىقنى ئەسلىسەم شۇ دەم،
كىرپىكلىرىم ياشقا نەملەندى.
قۇلاق سىلىڭ دوس-بۇرادەرلەر،
بالىلىقتىكى ھىكايىلەر باشلاندى.

بالىلىقتا ئۆتەر ئىكەن كۈنلىرىڭ غەمسىز،
ھەممە نەرسە ئويۇنچۇق بىلىنەر ساڭا.
ئاخشاملىرى دوسلار بىلەن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناپ،
تاڭ ئاتسىلا ئويۇنۇڭ باشلىنار يانا.

كىچىلىرى ئايدىڭدا قوغلاشماق ئويناپ،
مەھەللىنى ئايلىنىپ ۋاڭ-چۇڭ قىلىشىپ.
بارخانلاردا گۈلخان يىقىپ چۆچەك ئىيتىشىپ،
بەلنى راسا چىڭ باغلاپ چىلىش-چىلىشىپ.

قىش كۈنلىرى دوسلار بىلەن قار بوۋاي ياساپ،
ئوينىشاتتۇق توپ-توپ بولۇپ قارلار ئىتىشىپ.
كەچ بولغۇچە راسا ئويناپ قانماي ئويۇنغا،
قايتىشاتتۇق قورساق ئاچسا ئۆيگە يىنىشىپ.

تومۇز پەسلى بولغاندا سۇغا چۆمۈلۈپ،
كۈلۈشەتتۇق ۋىلىقلاپ سۇلار چىچىشىپ.
سۇ ئاستىغا چۈمكۈلۈپ بىلىقتەك ئۈزۈپ،
ئويناۋىتىپ قانغۇچە سۇلار ئىچىشىپ...







ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 03:55:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل  شېئىركەن  ،،ساقلىۋالدىم

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 256
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9953
تۆھپە نۇمۇرى: 699
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 05:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقنى ھەممىمىز سېغىنىمىز. ئەپسۇس........................قايتۇرۇپ كەلگىلى بولماس.

پىنھانى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1837
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 05:35:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئاستا قاچاي ماۋۇ تىمىدىن .........

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1837
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4880
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 936 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 05:35:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز  ............داۋاملىق تىرىشىڭ  .............

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1860
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 06:52:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ۋاقىت ئاتقان ئوق.ئۆتۇپ كەتتىمۇ ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ.شۇڭلاشقا ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ مەنىلىك ئشلارغا سەرىپ قىلىش كېرەك،كېيىن پۇشايمان قىلىپ يۇەركنى زەرداپ قىلغاننىڭ ھىچ نەرسىگە پايدىسى يوق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96859
يازما سانى: 302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 681
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 124 سائەت
تىزىم: 2013-8-9
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 07:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرئايال زاھىر بورھاننىڭ« بالىلىققا قايتقۇم بار» دىگەن ناخشىسىنى غىڭشىپ ئولتۇراتتى ، يەنە بىرسى،
ئىشتاننىڭ ئېغىنى يىرتىۋەتسىڭىز قايتىسىز
دىگەنتى ، قاتتىق كۈلكە بولغان ، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ناخشىنى ئېيتمايدىغان بولغان  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش