كىشىلىك ھاياتتىكى 3 چوڭ توزاق
بىر دېھقان ئىشىگى ۋە ئۆچكىسىنى ساتماق بولۇپ شەھەرگە كىرىپتۇ. ئۆچكىسىنىڭ بوينىغا بىر كىچىك كولدۇرما ئېسىقلىق ئىكەن. بۇنى 3 ئوغرى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، بىرىنچى ئوغرى:__ مەن دېھقانغا تۇيدۇرماي ئۆچكىسىنى ئوغۇرلايمەن دەپتۇ. يەنەبىر ئوغرى: __ مەن دېھقاننىڭ ئاۋۇ ئىشىگىنى قولىدىن ئوغۇرلاپ كىلەلەيمەن دەپتۇ. ئۈچىنچىسى: __ بۇ قانچىلىك ئىش ئىدى، مەن ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرىۋالالايمەن دەپتۇ. شۇنداق دەپ بىرىنچى ئوغرى ئۆچكىگە ئاستاغىنە يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ بوينىدىكى كولدۇرمىنى يىشىپتۇ ۋە ئۇنى ئىشىگىنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىپ قويۇپ ئۆچكىنى يىتىلەپ كىتىپتۇ. دېھقان ھەممە ياققا قاراپمۇ ئۆچكىنى چېلىقتۇرمىغاندىن كىيىن ئىزدىگىلى تۇرۇپتۇ. بۇچاغدا ئىككىنچى ئوغرى دېھقاننىڭ يېنىغا كىلىپ نىمە ئىزدەۋاقىنىنى سورىغان ئىكەن دېھقان ئۆچكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىنى ئېيتىپتۇ.
__ مەن ئۆچكىڭىزنى كۆردۈم، بايا بىرسى بىر ئۆچكىنى يىتىلەپ ئاۋۇ ئورمان تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى، ھازىر بارسىڭىزمۇ تۇتىۋالالايسىز_ دەپتۇ ئوغرى. دېھقان بۇنى ئاڭلاپ، ئىشىگىنى ئۇ ئوغرىغا قاراپ تۇرۇشقا تاپشۇرۇپ ئۆچكىسىنى قوغلاپ مېڭىپتۇ. ئوغرى ئىشەكنى خاتىرىجەم ئېلىپ مېڭىپتۇ.
دېھقان ئورمانلىقتىن قايتىپ كىلىپ قارىسا ئىشىگى يوق تۇرغىدەك، ئۇ بۇنىڭدىن پەرىشان بولۇپ يول بويى يىغلاپ مېڭىپتۇ. ئۇ مېڭىپ-مېڭىپ بىر كۆل بويىدا بىرسىنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن نىمىگە شۇنچە يىغلايدىغانلىقىنى سوراپتۇ.
__ بىرسى ماڭا بىرتاغار ئالتۇننى شەھەرگە ئاپىرىپ بىرىشىمنى ئېيتقان، يولدا ھېرىپ كىتىپ مۇشۇ يەردە ئارام ئالاي دەپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، قارىسام ئۇ تاغار سۇغا چۈشۈپ كىتىپتۇ، _دەپتۇ ئۇ ئادەم.
__ ئەمىسە ئۇ تاغارنى نىمىشقا سۇدىن ئېلىپ چىقمىدىڭ؟ _ سوراپتۇ دېھقان.
__ مەن سۇدىن بەك قورقىمەن، سۇ ئۈزۈشنىمۇ بىلمەيمەن، ئەگەر كىمىكى بۇ تاغارنى سۇدىن ئەپ چىقىپ بەرسە ئۇنىڭغا 20 نوكچا ئالتۇن بىرىمەن، - دەپتۇ ئۇ. بۇگەپتىن دېھقاننىڭ تەنلىرى يايراپ، __ ئىشىگىم بىلەن ئۆچكەمنىڭ يۈتكەن بەدىلىگە ئاللاھىم بۇ ئامەتنى ماڭا نىسىپ قىپتۇ دەپ ئويلاپتۇ-دە، كىيىملىرىنى سېلىپ كۆلگە سەكرەپتۇ، ئەمما ھەرقانچە ئىزدەپمۇ كۆلدىن ئۇ بىرتاغار ئالتۇننى تاپالماپتۇ. دېھقان كۆلدىن يېنىپ چىقىپ قارىسا كىيىملىرى يوق تۇرغۇدەك. ئەسلىدە كىيىمنى ئاشۇ ئوغرىلارنىڭ ئۈچىنچىسى ئېلىپ ماڭغان ئىكەن.
مانابۇ كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ چوڭ قىلتاق: بىپەرۋالىق، ئىشىنىپ كىتىش، ئاچكۆزلۈك
تەرجىمىدە: موھەممەدئېلى