مۇئاش ئالدۇق قانچە پۇل زادى،
قوشۇپ باققىن ئوتتۇز يىل بالام.
يىمەي ئىچمەي خەجلەپ سىلەرگە،
ياشاپ ئۆتتۇق بۇنى بىل بالام.
كۆرمىسەكمۇ دۇنيا خوۋلىغى،
ئاغرىنمىدۇق چىدىدۇق بالام.
مىڭ جاپادا بىقىپ چوڭ قىلىپ،
باققىن مىنى دىمىدۇق بالام.
يىتىپ كىسەل تەلمۇردۇق ئىشككە،
كىرسىكەن دەپ قوشنام يا بالام.
مەن بىلىمەن خىزمەت ئالدىراش،
يوقلاپ مىنى كەلمەيسەن بالام.
بولسىمۇ پۇل چىقالماي كۆشكە،
قاتتىق ناننى غاجايمەن بالام.
ياشلىغىمدا بىقىپ كۆپ بالا،
قىرىغاندا يالغۇزمەن بالام.
سوزدۇم كىسەل بولغاندا بالام،
پۇل بەرگىن دەپ قولۇمنى بالام.
پۇل بەرمەستىن بەردىڭ كىنايە،
يۈرىگىمنى رەنجىتتىڭ بالام.
ئاتا - ئانا دىلىنى چىگىپ،
مەنمۇ سەندەك يۈرگەنتىم بالام.
تارتىپ مەنمۇ ئەشۇ قىساسنى،
پۇشمان بىلەن يىغلىدىم بالام.
ئانا، سەن تولىمۇ ئاددى -ساددى، تىجەشلىك ۋە ئىقىتىساتچىل ئىدىڭ، كىيمىڭ كونىرىسىمۇ يىرتىلمۇغىچە كىيىم ئىلىپ كىيمەيتىڭ، كىسەل بولساڭ داۋالانمايتىڭ ، بىلىڭ ئاغرىسا داكا بىلەن تىڭىۋىلىپ نان يىپىپ، پۇتۇڭ ئاغرىسا كونا كىسەل دەپ قويۇپ پەرۋا قىلماستىن ئاش-تاماق ئىتىپ، بارلىق پۇللارنى بىزنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن دەپ سىنىتلاپ يىغىپ، مانا بىزدەك ياراملىق بالىلارنى تەربىيلەپ يىتۈشتۈرۈپ چىققان ئىدىڭ، لىكىن بىز ساڭا نىمە قىلىپ بىرەلىدۇق؟ بىز پەقەت ئۆز تۇرمۇش ۋە ھايات غىمىمىز بىلەن سىنى ۋاختىدا يوقلىيالمىدۇق؛ جۆرىمىزدىن قورقۇپ بىر كىلو گۆشنى يۈرەكلىك ئىلىپ بارالىدۇق؛ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تالىشىپ تۇرۇپ كىسىلىڭنى داۋالىتالىدۇق؛ پۇت قولۇڭنىڭ جىنى بارىدا بىزنىڭ ئەمگىگىمىزنى قىلىپ، پۇت قولۇڭدا جان قالماي مۇھتاج ۋە بىئلاجلىق كوچىسىغا كىرىپ قالغىنىڭدا بالىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلماي، ئەزرائىلغا تەلمۇرتكۈزۈپ قويدۇققۇ!!!!
ئانا، سەندىن ئايرىلىپ ئانىنىڭ ئورنىنى باسماقنىڭ نەقەدەر تەسلىگىنى ئەمدى چۈشىنىپ يىتىۋاتىمەن، قىزلىرىڭغا پۇتۇن ھۇجۇدۇم بىلەن قولۇمدىن كىلىشىچە قىلساممۇ بىراق ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن تۆكىلىۋاتقان ئۈنچە -مارجان ياشلارنى توختىتالمىدىم، ئۇلارنىڭ چىھرىدىن چىقىپ تۇرغان غىرىپلىق ۋە يىتىملىك كۆلەڭگىلىرى يۈرىگىمنى ئەزمەكتە، سىنىڭ ئالدىڭغا كىرىش نىسىپ بولمىغان لايىقلار مەندىن قىز سوراپ كەلمەكتە، مەن ئۇلارنىڭ ئىشىنى قانداق قىلارمەن؟ قىلدىن-قىژغا كىتىپ قالسا«يىتىمنىڭ ئىشى» دىسە مەن مازارغا سىنى ئىزلەپ بارامدىمەن؟ ئۇلارنىڭ توي ۋە تۇغۇتلىرىدا ئانا لازىم بولمامدۇ؟ ئانا، مەن ساڭا شۇنداق مۇھتاج بولىۋاتىمەن، مەن بۇ يىتىم قىزلىرىڭنى سىڭلىم دەپ باقايمۇ ۋە ياكى قىزىم دەپ باقايمۇ؟ بىلەلمىدىم.
ئانا، مەن ھەر قىتىم ئۆيگە كىرسەم ئالدىمغا يۈگرەپ چىقاتتىڭ، قايتسام خوش دەپ ئۇزىتىپ تاكى قارام يۈتكىچە قاراپ تۈراتتىڭ، ئىللىق مىھرى بىلەن قارشى ئالغان ئۆيلىرىڭ سوغۇق چىرايى بىلەن مىنى ئۆيدىن ھەيدىمەكتە، سىنىڭ بارىڭدا غەيرەت جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان دادام ئەلەملىك يىشى بىلەن بىشىمنى سىلايدۇ، سىنىڭ بارىڭدا سىنىڭ گىپىڭنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان قوشنىلىرىڭ دادامنى ئۆيلەپ قويۇش توغرىلىق نەسىھەت قىلىدۇ، ئانا مەن قانداق قىلىمەن؟ ھىچ نىمىنى بىلمىگەن بولۇپ تۇرىۋالايمۇ؟ ۋە ياكى سەن تۇتقان ئۆينى قوش قوللاپ ئۆگەي ئانىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىپ، سەرسانلىق كوچىسىغا چىقىپ كىتەيمۇ؟ ياكى ئانا دەپ يىغلاپ تۇپراق بىشىڭنى ماكان ئىتەيمۇ؟ بىراق ھەم ئانا ھەم دادا ئۇرنىدا قالغان دادام قانداق قىلار......
دولىتىم سەن جان ئانا، بالا دىدىڭ جان ئانا،
تۈۋرىگىم سەن جان ئانا. دەرت ئەلەمدە يۇتتۇڭ قان.
كۈلگەن خۇشال كۈلكەمنىڭ، بىز بۈگۈنگە يەتكۈچە،
يىلتىزى سەن جان ئانا. كۆپ ئۇۋاللىق تارتتىڭ سەن.
قوللىرىڭنى مەن تۇتاي، سىڭىپ كىتەي ياشىڭگە،
ماڭالمىساڭ مەن يۇتاي. كۆرپە سالاي ئاستىڭگە.
كەلگىن ئانا ئۆيۈمگە، چىقسۇن باققان ھاردۇقۇڭ،
پاياندازىڭ مەن بولاي. ئىلىپ باراي ھەرەمگە.
دىيەلمەستىن ، ھايات بارىڭدا ۋاپادارلىغىمنى يەتكۈزمەستىن، مىننەتدارلىغىمنى رەھمىتىمنى تەشەككۈرۈمنى ئىيتماستىن سىنى كۆڭۈلسىز قىسمەتلىرىمگە جۆر قىلغىنىمغا ئىچىنىمەن.
ئانا، سەن تولىمۇ جۇرئەتلىك، غەيرەتلىك ئىدىڭ، قىيىنچىلىق ، جاپا مۇشەققەت ۋە ئازاپ ئالدىدىمۇ چۈشكۈنلەشمەستىن ، ھاياتقا بولغان ئۈمۈتنى ئىشەچنى يوقاتماستىن يىراقنى كۆرۈپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرلەيتىڭ، بۇ روھىڭ مىنى دادىل يىتەكلەيدۇ، لىكىن سەن بىلەن تەڭ ۋەيران بولغان مەنىۋىي دۇنياسىم مىنى ۋىجدان ئازاۋىغا سۆرەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن ساڭا قانغۇدەك يىغلۇغۇم، ئالدىڭدا توغرا ئۆتكەن گۇناھلىرىمنى يۇيغۇم، بارىڭدا قەدىرلىيەلمىگەن يەرلىرىمنى تولۇقلىغۇم كىلىدۇ يۇ بىراق ئەشۇ يىتىم قىزلىرىڭنىڭ يۈرىگىنى تىخىمۇ چوڭ يارا قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن غەيرەت قىلىمەن ، بارلىق ئازاپ- ئەلىمىمنى ئىچىمگە يۇتىمەن، كۆزۈمنىڭ يىغلاش ھوقۇقى بولمىغىنى بىلەن قەلبىم يىغلايدۇ، يۈرىگىمنى ئىتلار غاجاپ مۇشۇكلەر تاتىلاۋاتقاندەك پۇشمانلىق ياشلانى ئازاپ ئىچىدە قەلبىم يىغلايدۇ.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم