|
|
|
|
ئەلقىسە بىر زامانلارغا بارغاندا ھېلىقى غەرىپكە نوم ئېلىشقا ماڭغان ئۇستاز شاگىرت تۆتەيلەن تولا يول يۈرۈپ يولدىن ئېزىپ قاپتۇ. ئۇلار شۇنچە مېڭپمۇ تاكاگاتۇنىڭ ھېلىقى نوم تۈزۈش ساقلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوم نەشىرىياتى ئىبادەتخانىسىنى تاپالماپتۇ. بۇچاغدا جۇباجى قاتتىق ھېرىپ يول ماڭالماي تولا قاقشايدىغان بوپ قاپتۇ. ئۇ ھە دېسىلا تاڭسىڭ ئۇستازغا، سىز تاڭ دىيارىدىن چىققاندا كومپاس ئېلىۋىلىشىڭىز كېرەك ئىدى. بۇنداق ئۇزۇن يولنى ماڭغاندا ئادەمنىڭ يولىدىن ئېزىپ قىلىشى تۇرغانلا گەپ-دەپ غودۇڭشىيتى.تاڭسىڭ ئۇنىڭ بۇ گەپلىرنى ئاڭلىغاندە ئۇنىڭغا قاراپ ئالىيىپ قويۇپ باشقا گەپ قىلمايتى. لېكىن تاڭسىڭ ھەر قېتم باجىنىڭ مۇشۇنداق گەپلىرنى ئاڭلىغاندا ئاياللار دۆلىتىدىن ئۆتكەندا ئاياللار دۆلىتى پادىشاھى سوۋغا سۈپىتىدە بەرگەن ئالما 5 ئەس تېلفۇننى يادىغا ئالاتتى. ئەگەر تاڭسىڭ ئۇستاز ئەينى چاغدا ئالما 5 ئەس تېلفۇنىنى ئالغان بولسا ھازىر يولىدىن ئېزىپ تۇرمەي، بەيدۇ خەرىتىسى ئارقىلىق ئىبادەتخانىنىڭ ئورنىنى بىردەمدىلا تاپالىغان بولاتتى. ئالما 5 س نىڭ كومپاس ئىقتىدارىمۇ شۇنداق ياخشى ئىدى، ئەگەر ئالما 5 ئەس تېلفۇنى بولغان بولسا نوم ئېلىش سەپىرى بۇنداق زىركىشلىك بولمايتى، ھىچ بولمىغاندا ئۇلار مەھمۇد سۇلايماننىڭ <<ئەركەك بولۇش تەسكەن>> دېگەن ناخشىسىنى ئاڭلاپ يوللىرنى داۋام قىلالايتى، ئىشقىلىپ تاڭسىڭ ئۇستاز بۇ چاغدا ئالما بولمىسىمۇ مۇئەللىم ئەقىلى ئىقتىدارلىق تېلفۇنى ئېلىۋالغان بولسامچۇ دەپ ئويلىدى. شۇنداق بولغان بولسا چەت ئەللەردە تېلدىن قىينالماي، باشقىلاردىن يول سوراپ بولسىمۇ تاگاگاتۇنىڭ نوم نەشىرىياتى ئىبادەتخانىسىنى تاپالايتى. تاڭسىڭمۇ باشتا پۇختا تەييارلىق قىلمىغانلىقنىدىن پۇشايمان قىلغاندەك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ يول ماڭمىقىمۇ تەسكە توختىغان ئىدى. بۇرۇنقى چاغلار بولغان بولسا سۈن مايمۇن ۋۇژىدە ئۇچۇپ بۇلۇت ئۈستىدە موللاق ئېتىپ يۈرۇپ، بىردەمدىلا يېمەكلىك ،ئىچىملىكلەرنى توشۇپ كېلىپ، غەرىپكە ساياھەت نوم ئەكلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ تاماق مەسىلىسىنى ھەل قىلغانتى. دېمىسىمۇ سۇنۋۇكۇڭنىڭ مۇناسىۋەت دائىرسى كەڭ، ھەرقايسى چوڭ دېڭىز مەسئۇلالىرى رىستۇرانىنىڭ خوجايىنى بىلەن يېقىن بۇرادەر بولغاچقا تاماق ئەكەلگەندە خۇددى بېيجڭدىكى روزىباينىڭ ئاشخانىسىغا ئوخشاش تاماقلىرى ئوخشايدىغان تاماقخانىلارنىڭ تاماقلىرنى ئېلىپ كېلىپ، تاڭسىڭ ئۇستازنى خوش قىلىۋېتەتتى . ھازىرچۇ ھۆكۈمەت شەخسلەرنىڭ ئاۋاتىسىيە قوراللىرنى ئىشىلتىشى چەكلىنىدۇ دەپ تۇزۇم چىقارغان بولغاچقا سۈن مايمۇنمۇ دەرەختىن ئېگىز ئۇچالمايدىغان بولۇپ قالدى. ھەي ئامال قانچە، ھازىر جاھان ئۆزگەرگەن ئىدى. تاڭسىڭ ئۆزىنىڭ بىر قاراغا كەلمىسە بولمايدىغانلىقنى ھېس قىلدى. ئەلۋەتتە نوم ئەكىلىشتىن ئىبارەت بۇ ۋەزىپىدىن ۋاز كېچىشكە بولمايتى. ئەگەر نوم ئەكىلشتىن ۋاز كەچكەندە تاڭ سۇلالىسى ساقچىلىرى بۇ ئىشلارنىڭ سۈرۈشتىسنى قىلاتتى. تاڭسىڭ ئۇستاز ھەر قېتىم مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىغىنىدا كاسايىسىڭ بىر پېشى بىلەن كۆز چاناقلىرغا كېلىپقالغان ياشلىرنى شاگىرتلارغا تۇيدۇرماي سۈرتەتتى. ئۇ ئويلاپ-ئويلاپ ئاخىر بىرقارارغا كەلدى. ئۇ سۇن مايمۇن، جۇباجى، ئەپكەشچى شاسىڭلارنى چاقىرىپ يىغىن ئاچماقچى بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ شاگىرتىلىرنى يىغىپ ئۇلارغا نوم ئەكىلىش سەپىرنى بىر مەزگىل توختۇتۇپ تۇرۇش كېرەكلىكىنى، ھازىر تاڭ سۇلالىسىدە ئىقتساد ناھايتى تېز ئېشىۋاتقان بولسىمۇ، ۋۇكۇڭ، باجى، شاسىڭلارغا ئوخشاش ۋاقىتلىق ياللانما ئىشچىلارنىڭ مائاشى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ مۇئاشى نوم سەپىردىكى خىراجەتكە يېتىشمىگەنىكى سەۋەبىدىن غەرىپكە ساياھەت نوم ئەكىلىش گۇرۇپپىسى ئەزالىرنىڭ مۇشۇ شەھەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، ئىگىلك تىكلەپ، راۋاجىلىنپ ئىقتىساد مەسىلىسى ھەل بولغاندا نوم سەپىرنى داۋاملاشتۇرۇش قارارىنى ئۇلارغا ئۇقتۇردى. باجى بۇنى ئاڭلاپ خوش بوپ كەتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاخشام تۇنۇشقان خېنىم بىلەن يەنە كۆرۈشكىسى بار ئىدى. ئەمدى ياخشى بولدى، ئۇلار بۇ شەھەردە ئۇزاق تۇرغاندىكىن باجىمۇ خاتىرجەم ئوينىيالايدىغان بولدى. سۇن ۋۇكۇڭمۇ باشقا پىكىردە قىلمىدىيۇ لېكىن شۇ كۆڭلىدە ياقا يۇرتتا يۈرگەندىن نومنى تېزراق ئېىلپ كېلىپ، چىمەن تاققا قايتىپ بالا چاقىلاربىلەن بالدۇراق جەم بولسام دەپ ئويلايتى. لېكىن تاڭسىڭ ئۇستازىنىڭ ئويلىغانلىرمۇ ئەمەلى ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ چىقىرلغان قارار بولغاچقا باشقار بىر نەرسە دېمىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۇلار شۇ شەھەردە بىر مەزگل تۇرۇپ پۇل تاپماقچى بولىدى. تاڭسىڭ ئالى مەلۇماتلىق ۋە چەتئەلدە ئۇقۇپ كەلگەن ئاسپىرانىت ئۇنىۋانىغا ئىگە بولغاچقا ئۇمۇدۋار ھالدا مۇشۇ شەھەردىن خىزمەت ئىزدىمەكچى بولۇپ يولغا چىقتى. ئۇ بىر قانچە ئىدارىگە كىرىپ تەرجىمالىنى بېرىپ خىزمەتچى لازىممۇ دەپ سورىۋېدى باشقىلار ئۇنى رەت قىلىپ يولغا سالدى. چۈنكى ئۇنىڭ چىراي تۇرقى، سۆزلەيدىغان تىلى بۇ يەردىكىلەرگە ئوخشىمايتى. ئۇ ئويلاپ-ئويلاپ سەۋەپ قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ دېگەن تەمسىلنى يادىغا ئېلىپ بوشىششىپ قالماي داۋاملىق خىزمەت ئىزدىدى. لېكىن ئۇ نەچچە كۈن يول يۈرۇپ خېلى جىق يەرلەرگە باردى. كېچىلىرى ئۇخلىماي كۆچۈرۈپ تەييارلىغان نەچچە يۈز پارچە تەرجىماللىرىمۇ تۇگەي دەپ قالغانتى. لېكىن ئۇ خىزمەت تاپالمىدى. ھەممە ئورۇن كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇنىڭغا:- تاڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەرنى ئالمايمىز- دەپ ئۇنى يولغا سالدى. ئەمدىلكتە ئۇ تاڭ سۇلالىسىدە نەچچە ئون يىل ئوقۇپ، ئاددى بىر خىزمەتكىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭكىچىك چاغلىردا ھەركۈنى سەھەردە تاتقىلق ئۇيقۇسىدىن ۋاز كېچىپ جاپالىق ئۆگەنگەنلىرنى ئويلاپ يۇرىكى ئازاپتىن ئۆرتەندى. ئۇنىڭ كۆڭلى راستلا بەك يېرىم بولغان ئىدى. ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىل سەرىپ قىلىپ ئۆگەنگەن چەتئەل تىللىرنىڭ، نەچچە توم بۇدا نوملىرنىڭ ئۆزىگە بىر خىزمەت تېپىپ بېرەلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنۇپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئۇزاق ئولتۇردى. ئۇ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىدى . چوڭقۇر خىيالغا پاتتى. ئۇ كۆڭۈل غەشلىكى ئىچىدە ئاچمىغىلى نەچچە يىل بولغان ئۇندىدارنى ئاچتى. ۋاي ئاللا، نەچچە مىڭ پارچە خەت كېلىپ كەتكەن ئىدى. تاڭسىڭ ئۇچۇرلارغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. چۈنكى بۇ ئۇچۇرلار ئىچىدە بۇرۇن تۇنۇشۇپ قالغان، ھە دېسىلار سېنى چۆچۈرەرە قىلىپ يەۋىتىمەن دەپ ئۇنى قورقىتىدىغان بىر قانچە ئۇششاق جىنلار يوللىغان بىر نەچچە پارچە ئۇچۇرلاردىن باشقىسىنىڭ ھەممىسى ئاياللار دۆلىتى شاھىدىن كەلگەن ئۇچۇرلار ئىدى. تاڭسىڭ ساق يېرىم كۈن سەرىپ قىلىپ ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ چقىتى، ھەم قاتتىق تەسىرلەنىدى. ئۆز ۋاقتىدا يۇقىرنىڭ توسۇشى ۋە ئىستىل مەسىلسى تۈپەيلىدىن ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھىنى رەت قىلمىسا بولمايتى. ئەلۋەتتە تاڭسىڭمۇ بىر مۇھەببەتنى چۈشىنىدىغان ئەر كىشى. ئۇ چىن مۇھەببەتنىڭ دۇنيادا ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا نىسىپ بولىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇكۆڭلىدە ئاللاھ ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلسا نومنى ئېلىپ قايتىپ كېلىپ ئەۋلىياغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھىنى ئەرىشكە بىللە ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتىمەن. ئۇنىمۇ چاڭئې پەرىشتىگە ئوخشاش ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەن-دەپ ئويلايتى. لېكىن ئارزۇ-غايە دېگەنلەر ئادەمنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدىكەن. مانا نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئارزۇ ئارمانلار قاچانمۇ ئەمەلگە ئاشار. مانا بۇگۈن تاڭسىڭ ئۇستاز ئەينى چاغدا بەخىتلىك قىلىمەن دەپ ئارمانلارنى قىلغان مەھبۇبىسىنىڭ ئۇچۇرىغا جاۋاب قايتۇرۇشقىمۇ يۈزى يوق خىجىلچىلىقتا ياقايۇرتتا سەرگەران بولۇپ يۇرمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بولدى. بىر ئاز پۇشايمانمۇ قىلغاندەك بولدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاياللار دۆلىتىدە قېلپ قالغان بولسام راھەتتە ياشايتىم، ئىشلىتىدىغان تېلفۇنۇممۇ ھازىرقىدەك دائىم قېتىپ قالىدىغان قوتۇ خۇاۋي تېلفۇن بولمايتى. ئۇ چاغدا ئالما، ئايپەت، سونى دېگەن داڭلىق ماركىىق تېلفۇنلارنى ئىشلىتەتتىم دەپ ئويلايتى تاڭسىڭ ئۇستاز. لېكىن ئۇ يەنە ئويلىدى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ راستلا ئاياللار دۆلىتىدەقېلىپ قالغان بولسا تاڭ سۇلالىسى ساقچىلىرى بىر قانچە ھەپتىگە قالماي ئۇنى ئىزدەپ كىلىپ <<دۆلەت خائىنى>> دېگەن نام بىلەن ئۇنى قولغا ئېىلپ جىنايەت بىلەن ئەيىپلەيتى. ئۇنىڭ ئىستىقبالىمۇ يوق بولاتتى. ئۇنى ئاز دەپ ئىبادەتخانىدا ئۇنىڭ بىلەن كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ھەمساۋاق راھىپلار ۋە ياشانغان ئۇستازلىرى قىيىن قىستاقتا قېلىپ ئازاپقا دۇچار بولاتتى. ئۇ شۇلارنى ئويلىغىنىدا ئۆزىنىڭ ئاياللار دۆلىتىدە قىلپ قالمىغانلىقنى توغرا دەپ ئويلىدى. تاڭسىڭ ئۇستاز ئۇيان ئويلان بۇيان ئويلاپ ئاخىرى مۇشۇ خىزمەت ئىشى بىلەن ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھىغا ئۈندىداردا ئۇچۇر يازدى. تاڭسىڭ ئاياللار دۆلىتى پادىشاھىنىڭ ئۇچۇرنى خېلى ئۇزاق ساقلىدى. لېكىن نەتىجە يوق ئىدى. تاڭسىڭ ئۇستاز كۆڭلىدە بەلكىم ھازىر بۇ نۇمۇرنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ قالغاندۇ، نېمىلا دېگەن بىلەن بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى تۇرسا، ھەقاچان دائىم نۇمۇر ئالماشتۇرۇپ تۇردىغان بولىشى مۇمكىن- دەپ ئويلىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھېلىقى قوتو خۇاۋىي تېلفۇننى تاڭ سۇلالىسىدىن ئېلىۋالغان كۆچمە زەرەتلىگۈچكە چېتىپ قويۇپ، تومنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. توساتتىن كەلگەن ئۇچۇر ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتتى. ئۇ ئۇندىدارنى شۇنداق ئېچىۋىدى ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھدىن كەلگەن ئۇچۇرنى كۆردى. تاڭسىڭ ئۇستاز بەك خوش بوپ كەتتى. چۈنكى ئۇ پۈتۈن ئۈمۈدىنى ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھىغا باغلىغان ئىدى. تاڭسىڭ ئۇستاز نومنى ئاستا قاتلاپ شاسىڭنىڭ ئەپكىچىدىكى ساندۇققا سېلىپ قويۇپ ئۇندىداردا ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھى بىلەن مۇڭدىشىشقا باشلىدى. ئۇلار شۇنداق قىزغىن پاراڭلاشتىكى تاڭسىڭ ئۇستاز قاراڭغۇ چۈشۈپ قوتو خۇاۋىي تېلفۇننىڭ باتاريىسىنىڭ ئاز قالغىنىنى تۇيۇماي قالغان ئىدى. ئاياللار دۆلتىنىڭ پادىشاھى تاڭسىڭ ئۇستازغا ھازىر ئۆزىنىڭ ئاياللار دۆلىتىدە ئەمەسلىكىنى، تەكلىپكە بىنائەن فىرانسىيە كېنەزلىكىگە دىپلىماتىيە زىيارىتىگە بارغانلىقنى، ھازىر پارىزدىكى ئوردا باغچىسدا فىرانسىيە خانىشى بىلەن سەيلە قىلىۋاتقانلىقنى، ھەم ئۆزىنىڭمۇ تاڭسىڭ ئۇستازنى بەك سېغىنغانلىقىنى، ئۇنى ئەسلەپ تۇرۋاتقانلىقنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىللە يەنە بىر قانچە پارچە فىرانسىيەدە چۈشكەن رەسىمىنىمۇ يوللاپ بەردى. تاڭسىڭ ئۇستاز ئاياللار دۆلىتى پادىشاھىنىڭ رەسىمنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى مۇجۇلۇپ كەتتى. نېمىدىگەن گۈزەل ھە! پەرىزاتنىڭ ئۆزىغۇ بۇ- دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇ رەسىمگە قاراپ ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدى. ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر پەرىزاتتەك گۈزەل نازىننى ئاشىقلىق ئوتىغا سېلىپ قويۇپ، ئۇنى نەچچە يىل ئازاپىلغانلىقنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ يارماسلىقىدىن ئۆكۈندى، تەقدىردىن قاتتىق زارلارندى. ئۇ ئاياللار دۆلىتنىڭ پادىشاھىغا ھازىرقى ئەھۋالنى ئانچە مۇنچە پەردازلارپ چۈشەندۇردى. ھەم شۇ تۇرۋاتقان شەھەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ خىزمەت قىلىشنى ئويلىۋاتقانلىقنى دېدى. ئاياللار دۆلىتىنىڭ پادىشاھي تاڭسىڭ ئۇستازنىڭ گەپلىرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاياللا دۆلىتنىڭ ئاشۇ تاڭسىڭ ئۇستاز تۇرۋاتقان شەھەردە بىر ئەلچىخانىسىنىڭ بارلىقنى، ئەگەرتاڭسىڭ ئۇستاز خالىسىلا ئۇ يەرگە بېرىپ خىزمەت قىلسا بولىدىغانلىقنى دېدى. بۇنى ئاڭلاپ تاڭسىڭ ئۇستاز بەك خوش بولۇپ كەتتى. ئالدىنىقى كۈنلەردە ئۇ بۇ شەھەردىكى نەچچە شىركەتكە ۋە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرغا ئۆزىنىڭ ھەرقانداق خىزمەتنى قىلىشنى خالايدىغانلىقنى دېگەندە ھېچكىم ئۇنى قارشى ئالمىغان ئىدى. مانا بۈگۈن كونا مەھبۇبىسىنىڭ يۈزى بىلەن بىر دۆلەتنىڭ ئەلچىسى بولۇپ قالدى. ھە مانا ! مۇھەببەت دېگەن مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ نەرسە! ئۇ ئۇندىداردىكى ئۇچۇرغا قاراپ كۈلدى. ئۇنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى غەم دەستىدىن سارغايغان چىرايىغا كۈلگە يۈگۈردى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئاياللار دۆلىتى شاھىنىڭ كۆڭلىنى كەسىكىن رەت قىلمىغانلىقنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. شۇنداق قىلىپ تاڭسىڭ ئۇستاز يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ بۇ ئىشىنى شاگىرتلارغا دېمەيلا ماڭاي دەپ ئويلىدى. چۈنكى ئۇ ئويلىدى، ئەگەر ئەلچىخانىغا بىر-بىردىن ئادەمگە ئوخشىمايدىغان ئۈچ بەتبەشىرىنى ئېلىپ كىرسەم يۈزۈمگە سەت سەت ئەمەسمۇ، ھېلىمۇ بۇرۇن نەچچە قېتىم نادانلىق قىلىپ نۇرغۇن جايلاردا زىيان تارتتىم، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەلچىخانا دېگەننىڭ ساقچى قاراۋۇللىرى بار، ئۇ يەردە ماڭا قوغدىغۇچىنىڭ نېمە لازىمى. ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ھەم شاگىتلارنىڭ بۇرۇنقىدەك ئۇستازنى ئالۋاستىلار ئېلىپ قېچىپتۇ -دەپ، ئۆرە-توپە بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈكتاق ئارسىدىن بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئالۋاستىلار تەرپىدىن تۇتۇپكېتىلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ مۇشۇ شەھەردىن خىزمەت تاپقانلىقنى، ھازىرچە نېمە خىزمەت ئىكەنلىكنى ئاشكارلاشنىڭ ئەپسىز ئىكەنلىكنى، كېيىن ئۆزىنىڭ شاگىرتلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقنى، شاگىتلارنىڭ قايتىپ كېلىپ ئۆزىنى بۇرۇنقىدەك ئىزەپ يۈرمەسلىكىنى ئېيتىپ خەت يېزىپ قويۇپ،كاساياسىنى كاستۇمغا ئالماشتۇرۇپ يولغا چىقتى.
ئاپتۇر :يازغىن
كېيىنكى بۆلۈم: سۈن ۋۇكۇڭنىڭ ياتاق ئىزدىشى
باجىنىڭ يايما ئېچىشى
شاسىڭنىڭ قاش-تاش سودىسى قىلىشى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mehmod تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 01:55 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-5-18 09:18 PM):
مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 1401233016 .....
|
|
|
|
|
|