مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 775|ئىنكاس: 4

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يىپەك يولى مەڭگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15628
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10746
تۆھپە نۇمۇرى: 1247
توردا: 201 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:55:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت


ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىن



يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەتنىڭ ئۈچىنچىسى تەبىئەتنى بىلىش ھېكمىتىدىن ئىبارەت.

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىقلارنىڭ ئاسترونومىيە، ھاۋارايى، جۇغراپىيە ۋە ھېسابلاش قاراشلىرى ئەڭ قەدىمكى ئالەم يارىلىش ئەپسانىلىرى بىلەن بىللە يىراق ئۆتمۈشتە مەيدانغا كېلىشكە باشلىغانىدى. قەدىمكى قاراخان تەڭرى، مەرگەن تەڭرى، قۇياش ئىلاھى مېتىرا توغرىسىدىكى قاراشلار ئۆزىنىڭ ئەپسانىۋى خاراكتېر ئالغانلىقى بىلەن يەنە ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەتتى. ئىپتىدائىي ئالەم قاراشلىرى ئىپتىدائىي كوسمولوگىيىلىك – ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنىڭ بىخى ھەم ئۇرۇقى بولدى. چەكسىز ئالەم بوشلۇقىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۈنىدىغان قىسمى ھەر دەرىجىلىك ئىلاھىيەت قاراشلىرىغا ئاساس سالغاندەك، يەنە ئاسترونومىيىلىك ساددا قاراشلارغىمۇ ئاساس سالدى.
چەكسىز زېمىندىكى سەپەر مۇساپىسىدە قۇياشقا قاراپ تەرەپلەرنى، يۇلتۇزغا قاراپ پەسىللەرنى پەرقلەندۈرۈش ئېھتىمال ئىپتىدائىي ئاتلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ ئاسترونومىيىلىك ساۋاتى بولسا كېرەك. ئۇلار 12 ئوكەك (بۇرچ) بويىچە دەسلەپكى ئاي ۋە يىلنى بەلگىلىگەن. غارلارغا ئاتنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئۇنىڭ بېشىغا تەكرار سىزىق ياكى چېكىتلەرنى تامغا قىلىش، ھەتتا ئاي، كۈن شەكلىنى چېكىش ئارقىلىق ھەربىر يىلدا بىر قېتىم ئات قۇربانلىق قىلىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالغانلىقىنى خاتىرىلەپ دەسلەپكى سالنامە بېكىتكەن. كېيىنچە، 12 يىلنى بىر مۆچەل بىلىدىغان، ھەربىر يىلنىڭ مەلۇم ھايۋان نامىدا ئاتايدىغان ئادەت پەيدا بولدى. بۇنداق مۆچەلدىكى 12 يىلنى 12 ھايۋان نامىدا ئاتاش ئارى – سومەر، سىكتاي – ساك ياكى تۈركىي خەلقلەر زامانىدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
شامان باخشىلىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ مۇنەججىملىرى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە ھەربىي يۈرۈشلەردە خان مەسلىھەتچىسى بولغان.
يۇلتۇز كۆرۈش، چۈش ئۆرۈش، يادا تاش ئارقىلىق يامغۇر ياغدۇرۇش شىمالىي دىغارلار زامانىدىن ياكى يېقىنقى قۇمۇل ۋاڭلىرى دەۋرىگىچە ساقلانغان. «شەرھى ئاسامۇل مۇسلىمىن(مۇسۇلمان كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئېزاھلىرى)» دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، «تۈرك پەيغەمبەرلىرى» دېگەن تەرەپتە «ئامان»، «ئەمىق»، «ئۈمىد»، «پۇراھ»، «تاھىن»، «تابۇي»، «كوسان»، «ئەركىل»، «ساۋان»، «سوغۇن»، «دىۋىل»، «سالاق»، «تاپقىر»، «ئانۇق»، «قىتىن»، «نارۇن»، «ھامۇن»، «چىجىل»، «پاسان»، «ياۋۇق»، «ياھۇر» قاتارلىق كىشى ناملىرى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ بەلكى قەدىمكى شامان مۇنەججىملەرنىڭ ناملىرى بولسا كېرەك. گابائىن خانىم قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «تۇرپان تېكىستلىرى» ئارىسىدا ئاسترونومىيە، ھاۋارايى ۋە ياداگەرلىك، پالنامىلارغا ئائىت سەھىپىلەرنىڭ ساقلانغانلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر مۇنەججىمچىلىكىنىڭ گۈللەنگەن مەنزىرىسىدىن دالالەت بېرىدۇ.
يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي بەلۋېغىدىكى قەدىمكى ئاھالىلەر توپلىغان ئاسترو – ماتېماتىكىلىق بىلىملەر شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۆلچەم–ھېسابلاش بىلىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ، يېڭى سىنكرتىك قاتلام ھاسىل قىلدى. ئەل خارەزمى، فەرغانى، فارابى، ئىبىن سىنا، بىرۇنى، ئومەر ھەييام، نەسرىدىن تۇسى، ئۇلۇغبەگ قاتارلىق ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەللامىلىرى ئۆز پائالىيىتى ۋە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئاسترو – ماتېماتىكىسىنىڭ ئىلمىي ئۇلىنى قۇردى. بۇ، يىپەك يولىنىڭ مەركىزىي ئوچىقىدا روياپقا چىققان غايەت كاتتا ئىلمىي ھېكمەت دۇردانىسىدۇر.
ئۇلۇغ تەبىئەت ئالىمى، ئاسترو-ماتېماتىكا ئىلمىنىڭ يىپەك يولىدىكى بۈيۈك ئاساسچىسى مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمى (783 – 850) ئۆزىنىڭ «ئاسترونومىيىلىك جەدۋەل»، «مۇزىكا توغرىسىدا رىسالە»، «ھىندى رەقەملىرى توغرىسىدا رىسالە»، بولۇپمۇ ئالگېبراغا ئاساس سالغان «ئەلجەبىر ۋەل مۇقابەلە» ناملىق ئەسەرلىرى شۇنداقلا خەلىپە مەمۇن دەۋرىدىكى «بەيتۇل ھېكمەت» دەپ ئاتالغان پادىشاھلىق كۇتۇپخانىسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان ئەڭ نازۇك ئىلمىي تۆھپىسىنىڭ ئۇلۇغ نامايەندىسى بولدى.
ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئەل فەرغانى (؟ – 861) قەشقەرگە يېقىن فەرغانىدە تۇغۇلۇپ، خەلىپە مەمۇن ئاكادېمىيىسىدە (ئىشخانىسىدا)، كېيىنچە مىسىردا ئاسترو – ماتېماتىكا ۋە ئۆلچەم ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «كىتابەتى ئۇسۇل ئىلمۇل نۇجۇم»، «يەتتە ئىقلىم ھېسابى»، «ئەل فەرغانىنىڭ جەدۋەللىرى»، «ئالماگىستاغا بەغىشلايدىغان پەلەكىيات رىسالىسى»، «پەكە چەمبەرلىرى سەۋەبىياتى»، «ئاي يەرنىڭ ئۈستىدە ۋە ئاستىدا بولغاندا ۋاقىت ئېنىقلاش رىسالىسى»، «ئەلمەجەستى ھەققىدە»، «ئىلمۇل ھەيە (پەلەك ئىلمى)»، «ئۇستۇرلاپ بىلەن ئەمەل قىلىش كىتابى»، «ئۇستۇرلاپ ياساش ھەققىدىكى كىتابى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئامېرىكا، رۇسىيە، مىسىر، ھىندىستان، ماراكەش، گېرمانىيە، فرانسىيىلەردە ساقلانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى 1145-، 1175-، 1193-، 1533-، 1537-، 1590- 1910– يىللىرى ئىئونناسىۋىل، فىرارد كرەمون، گوۋل، رەگومونتان، شيونىر، ھرستىمان، كامپاني، روزەنفلىد، دوربروۋىسكىي، سەرگىيۋە، ۋىدەمان قاتارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ئەبۇنەسىر فارابى (870 – 950) «پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى»، «شەرھى ئەل مەجەستى»، «كىتابۇل لەۋھىق»، «ئېۋكلىدنىڭ 1 – ۋە 5– كىتابلىرىدىكى قېيىن مەسىلىلەرگە شەرھى»، «گېئومىتىرىك نازۇك شەكىللەر توغرىسىدىكى كىتاب»، «يۇلتۇز ھەققىدكى سۆھبەتتە توغرا ۋە ناتوغرىلىق ھەققىدە رىسالە»، «ئارىفمېتەكا مۇقەددىمىسى»، «تەسەۋۋۇرلۇق گىئومەتىرىيىگە مۇقەددىمە»، «بوشلۇق ۋە مىقدارى»، «خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئۇنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا رەددىيە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئۆزىنىڭ ئارىستوتېلدىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا تەبىئەتشۇناس پەيلاسوپلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئەبۇئەلى ئىبن سىنا (980 – 1037) فارابى ناتۇرال پانتېئىزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋارىسى، بۈيۈك «شەيخۇل رەئىس»، تىبابەتشۇناس بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ ئەلىيۇددەۋلەنىڭ تاپشۇرۇشى بىلەن بىر مەزگىل ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئىبن سىنا ئۆزىنىڭ «كىتابۇششىفا»، «دانىشنامە»، «كۆزىتىش ئەسۋابى ياساشتا ئەۋزەل ئۇسۇل كىتابى»، «يەرنىڭ ئالەم مەركىزىدىكى ھالىتى»، «ئاسمان جىسىملىرىنىڭ كۆرۈنمە مۇساپىلىرى»، «يورۇتقۇچىلارنىڭ كېچىلىك كۆرۈنۈشى ھەققىدە»، «ئاسمان سىفىراسى ۋە ئادەملەرنىڭ ئوي – ماكانلىرى»، «شەمس ۋە قەمەرى يىل پەسىللىرىنىڭ ھەمدە كېچە ۋە كۈندۈز زامانلىرىڭ قانۇنىيىتى»، «يۇلتۇزلار ھۆكۈمىنىڭ رەددىيىسى»، «جۇرجان شەھىرى ئۇزۇنلۇقىنى تۈزىتىش ھەققىدىكى رىسالە» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، مېخانىكا، مۇزىكا مەسىلىلىرى توغرىسىدا كەڭ توختالغان.
ئەبۇل ۋاپائەل بۇزجانى (940 – 998) خۇراساندا تۇغۇلۇپ، باغداتتا كاتتا ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم بولۇپ تونۇلدى. ئۇ «ئاسترونومىيىگە مۇقەددىمە كىتاب»، «ئارىفمېتىكىغا مۇقەددىمە»، «ئارىفمېتىكا ھەققىدە رىسالە»، «ئاسمان سىفىراسىنىڭ چوڭ ئايلىنىشىنى ئېنىقلاش ھەققىدە كىتاب»، «ئەل مەجەستى»، «دىئوفانت ئەسىرىدىكى جۈملىلەرنى ئىسپاتلاش ھەققىدە كىتاب» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئىبن سىنا ۋە بەرۇنىنىڭ بۇ زاماندىشى بىرونى بىلەن كېلىشىپ باغدات ۋە خارەزىمدە ھىجرىيىنىڭ 387 – (مىلادىيە 997 -) يىلىدىكى ئاي تۇتۇلۇشنى بىللە كۆزەتكەن.
خارەزملىك ئەبۇ ئابدۇللا مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن يۈسۈپ كاتىپ خارەزمى مىلادىيە 990 – يىلى يازغان «مەفاتىھۇل ئولۇم(ئىلىم ئاچقۇچى)» ناملىق ئەسىرىدە ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيە ھەققىدە توختالغان.
خوجەندلىك ئەبۇمۇھەممەد ھەمىد ئىبن قىدىر ئەل ھۇجەندى ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ ئاسترونومى ۋە ماتېماتىكى بولغان. ئۇ رەي شەھىرىدە فەھرۇد دەۋلە (977 – 996) سارىيىدا ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ئېۋكەلىدنىڭ ئېغىشى ھەققىدە»، «ئاسترونومىيە قانۇنى»، «فەھرى سەكىستانتى(فەھرۇد دەۋلەگە ئاتالغان ئاسترونومىيىلىك ئەسۋاب)»، «ئۇستۇرلاپنىڭ ياسىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ھەققىدە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بولغان. ياي شەكىللىك سەكىستانت نۇسخىسى ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسىدىمۇ ساقلانغان.
خارەزملىك ئەبۇرەيھان بىرۇنى (973 – 1048) ئەينى زاماندا خارەزمدىن چىقىپ كەتكەن كىشىلەرنى ئاتايدىغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە «بەرۇنى(سىرتتىن كەلگەن)» نامىدا ئاتىلىپ شۆھرەت قازانغان. ئەبۇرەيھان مۇھەممەد ئىبن بەرۇنى «يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بىلىمگە مۇقەددىمە»، «ھىندىستان»، «فارماكوگىنوزىيە»، «مەنرالوگىيە»، «گەئودىزىيە»، بولۇپمۇ «قانۇن مەسۇدىي» ناملىق قامۇس كەبى ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ پەلسەپە جەھەتتە ئارىستوتېل ۋە فارابىغا ئەگەشكەن. ئەشەرىنىڭ دىموكراتنىڭ ئاتوم تەلىماتىنى روھانىيلەشتۇرۇشىگە قارشى تۇرۇپ، ئاتومنىڭ ماددىي جىسىملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى نوپۇز دېگەن قاراشنى رەت قىلغان ۋە نوپۇز – ئىلىمنىڭ نوپۇزى دەپ قاراشنى پەندە تەجرىبە ۋە مۇھاكىمىنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ ماتېماتىكا ۋە ئاسترونومىيىگە قوشقان تۆھپىلىرى يەر مەركەز (گەئوسەنتىر) قاراشلىرىنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتكەن.
ئومەر ھەييام (1040 – 1123) نىشاپۇردا تۇغۇلۇپ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر، شائىر ۋە ئاسترونوم ئىدى. ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىرىدىن مەلىك شاھ ھوزۇرىدا، ۋازىر نىزامۇلمۇلىك ھامىيلىقىدا «مەلىك شاھ ئاسترونومىيە جەدۋىلى»نى ئىشلەپ، سالجۇقىيلار كالېندارىنى تۈزگەن ئۇ «ئالگېبرا ۋە ۋەلمۇقەبەلە ۋەزىپىلىرىنى ئىسپاتلاش ھەققىدە رىسالە»، «ئارىفىمىتكىدىكى قىيىن مەسىلىلەر»، «ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىلىك كىتابىدىكى قىيىنچىلىقلارغا شەرھى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئومەر ھەييام ئوز رۇبائىيلىرى ئارقىلىق كوسمۇلوگىيىلىك چۈشەنچىلىرىنى ئىنان تۇرمۇشى قاراشلىرى بىلەن قايتا يۇغۇرۇپ، زامانىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ئىدىيىلىرىنى جۇلالاندۇرغان.
چېڭگىزخاننىڭ ئىستېلاچىلىق يۈرۈشلىرى تىنجىغاندىن كېيىن خانبالىقتا (بېيجىڭدا) جامالىدىن ناملىق ئۇيغۇر مۇنەججىمنىڭ شۆھرىتى شەرق ئاسمىنىنى قاپلىغانىدى.
ھىلاكۇخان دەۋرىدە ياشىغان خۇراسانلىق ئالىم ئابدۇجاپپار مۇھەممەد ئىبن ئەلھەسەن نەسىرىددىن تۇسى(1201 – 1274) ئوتتۇرا ئاسىيا مۇتەپەككۈرلىرى قەسىرىدە ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ «پېتولمىنىڭ ئەلمەجەستىگە شەرھى»، «ئەۋكەلىدنىڭ مۇقەددىمىسىگە شەرھى» قاتارلىق ماتېماتىكىغا دائىر 12 كىتاب يازدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «ئاسترونومىيىلىك داستان» ناملىق شېئىرىي ئەسىرىمۇ بار. نەسىرىددىن تۇسى «ئىلىھانىيە ئاسترونومىيە جەدۋىلى»نى ئىشلەپ چىققان ۋە مارغى رەسەتگاھىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇنىڭ ئەسلىددىن، پەھىرىددىن ۋە سەدرىددىن قاتارلىق ئۈچ ئوغلىمۇ مەشھۇر ئاسترونوملاردىن بولغان.
تومۇرىيلەردىن مۇھەممەد تاراغاي ئۇلۇغبەگ(1394 – 1449) يىپەك يولى ئاسترو – ماتېماتىكا ئىلمىدە ئەڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ تەبىئەتشۇناس سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسى – ئەلى قۇشچى، كېيىنكى زامان ئالىملىرىدىن جەمشىد قۇشچى، ئالائىددىن قۇشچى ئۇشبۇ ئىلىمنى ئۇلۇغبەگ يەتكۇزگەن ماقامغا يەتكۈزۈلمىدى.
ئاسترونوم ئۇلۇغبەگ ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي مەكتىپى «تۆت ئۇلۇس تارىخى»، «ئارىفمېتىكا رىسالىسى»، «ئاسترونومىيىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدا تەپسىلات»، «ئاساسىي فىگورىلار ھەققىدە تەپسىلات»، «سىنۇس ھەققىدە رىسالە» بولۇپمۇ تۆت قىسىملىق «يېڭى كوراگان ئاسترونومىيە جەدۋىلى(1437 – يىلى تاماملانغان)» ناملىق ئەسەرلىرىنى يازدى. ئۇنىڭدا 1022 يۇلتۇز خاتىرىلەنگەن ۋە بىر يىل 365 كۈن 6 سائەت 9 مىنۇت 10 سېكۇنت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
ئۇلۇغبەگنىڭ پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى يىپەك يولىنىڭ گۈللەنگەن پەسلىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدىن گەرچە ئەلىشىر ناۋائى، زاھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر، بايا رەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خاراباتى ۋە ئابدۇرېھىم نىزارىدەك ئۇلۇغ ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇر شائىرلار مەيدانغا كەلگەن، ئاماننىساخان، قىدىرخان ۋە دەرۋىش ئەلىدەك مۇزىكىشۇناسلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان، خاندەمر، مىرزا ھەيدەر، موللا موسا سايرامىدەك تارىخشۇناسلار قەلەم تەۋرەتكەن بولسىمۇ، بۈيۈك تەبىئەت ئىلمى بويىچە، خۇسۇسەن ئالەمشۇمۇل دەستۇر ياراتقۇچى ئۇلۇغ تالانت ئىگىلىرى مەيدانغا كەلمىدى. ھۇماقۇشى بۇنداق تالانت ئىگىلىرىنىڭ تۇخۇمىنى يىپەك يولىغا ئەمەس، بەلكى غەربىي ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكىغا كۆمگەنىدى.
ئېلېمېنتار ئارىفمېتىكىغا ئاساس سېلىش؛ نۆل (لاتىنچە، «يوق») ئۇقۇمىنى سان – سېفىرگە ئېلىپ كىرىش؛ ئالگېبرا تەڭلىمىلىرىنى مەيدانغا ئېتىش؛ گىئومېترىيە بولۇپمۇ تېرىگىنومېترىيىنى ئورە تۇرغۇزۇش؛ سان چۈشەنچىلىرىنى ئېنىقلاش؛ سىنۇس ۋە كوسىنوس، ئىنتېگرال ۋە دىففېرېنسىئاللىق كاتېگورىيىلەرنى تۇرغۇزۇش؛ ئېھتىماللىق نەزەرىيىسى ۋە ماتېماتىكا لوگىكىسىغا ئاساس سېلىش؛ ئاسترونومىيىلىك ئەينەك ۋە ئەسۋابلار ئىشلەش؛ يۇلتۇزلار (1022 يۇلتۇزلۇق گۈمبەز) جەدۋىلى ئىشلەش؛ كالېندار توزۇش؛ ئېكۋاتورنىڭ قىيپاشلىقىنى ئۆلچەش، يۇقىرىدىن تاشلانغان نەرسىنىڭ شەرقكە يۆتكىلىپ چۈشىشىدىن يەرنىڭ غەربتىن شەرقكە ئايلىنىشىنى گەپوتەزا قىلىش؛ ئاينىڭ تۇتۇلۇشى، تولۇشى ۋە دېڭىز دولقۇنىنى ئېنىقلاش؛ زېمىننى ئىقلىم (بەلۋاغ ۋە زۇننار)لارغا بۆلۇش؛ ئالخىمىيە ۋە ساختا ئاسترونومىيىلىك قاراشلارنى تەنقىد قىلىش؛ گرېك ماتېماتىكلىرى ۋە مۇنەججىملىرىنىڭ تار دائىرىلىك قاراشلىرىنى قايتا كۆزىتىپ باھالاش… مانا بۇلار مۇھەممەد مۇسا ئەل خارەزمىدىن ئۇلۇغبەككىچە بولغان ئالتە ئەسىر ئىچىدە ئىلىم دۇنياسىغا كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئالتە ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئۆتتى. ئەمما، بۇ موجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنسانپەرۋەر مۇتەپەككۇرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلى ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىيلار ھۇسەمەتھورلۇقىدىن باشقا تەبىئەت ئىلمىدە قايسىبىر نادىر چېچەك ئېچىلدى؟!
يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى. ئېيتىۋاتقانلىرىمىز سالنامە – تارىخلاردا سۆزلەنمىگەن تارىخ پەلسەپىسى ھەقىقەتلىرى.
يىپەك يولى قايتا ئېچىلدى! ئۇ ئۆزىگە خاس تىلسىم ئامەت ۋە موجىزىدار بەرىكەتلىرى بىلەن خەلقىمىزگە شاراپەت ئېلىپ كەلگۈسى. ئىشىنىمىزكى، ئەگرى – توقايلىقلاردىن ئۆتۈپ، يوقاتقان ئۇلۇغ ھېكمەت – تەبىئەت ئىلمى جاۋاھىراتلىرىنى خەلقىمىز يەنە ماھىر قوللىرىغا ئالغۇسى.
ئەگەر ئۆز تەشۋىشلىرىڭدىن خالاس بولساڭ، پەلەك تەشۋىشلىرىنىمۇ بەجا قىلالايسەن.
-ئىبن سىنا


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
SaN_Siz + 59 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 59   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2904
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2504 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 01:17:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغۇچى قېرىنداش مەرھۇم ئالىمنىڭ روھىنى ،بىزنىڭ كۆزىمىزنى يورۇتىدىغان بۇ ئەسەرنى يوللىغان قەلبىڭىز مەڭگۈ ئەمىنلىككە ھەم گۈزەللىككە تولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 01:41:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن  پايدىلىق  ئېسىل تېمىدىن بىرنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز ،ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13796
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 04:55:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابدۇشۈكۈر ئەپەندىم روھى مەڭگۈ ئۆچمىسۇن !!  

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76667
يازما سانى: 914
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2036
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1213 سائەت
تىزىم: 2012-2-27
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 11:41:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى كېيىنرەك ئوقۇغان  بولساممۇ شۇنداق ياقتۇرىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش