مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 805|ئىنكاس: 9

ئويغىنىش يولىدىكى ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ! . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جەيلان .

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102546
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 162
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 01:08:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
*ئۆلۈك پىكىرلەر ئىجتىمائىي مىراسىمىزنىڭ نەتىجىسى بولۇپ مەھكۇملۇقنى قوبۇل قىلىش قابىلىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.
*ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ياتلاردىن قوبۇل قىلىنغان بولۇپ مەھكۇملۇقنى تۇغىدۇ.
*زىيالىي مۇسۇلمان غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەرنى تاللىماقتا.

(1)

    «ئۆلۈك پىكىرلەر»: ئالى ئۆرنىكىدىن بۇرۇلۇپ كېتىپ ئەسلىنى يوقاتقان پىكرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلۈك پىكىرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرىدە يىلتىزى مەۋجۇت بولمايدۇ.
    «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»:-يىلتىزىنى يوقاتقاندىن كېيىن- سالاھىيىتى مەدەنىيەت قىممىتىنى يوقاتقان پىكرىدۇر.
    «ئۆلۈك پىكىرلەر» تارىخىمىزدا سەلبىي رول ئوينىدى، ھازىرغا قەدەر ئويغىنىشىمىزدا سەلبىي رولنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئۆلۈك پىكىرلەر مەۋجۇت. دېمەك، بۇ پىكىرلەر ھايات كەچۈرۈشنى خالايدىغان جەمئىيەتتە ئۆلۈشتىن ئىلگىرى تىرىكلەر جەمئىيىتىدە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ئىدى. بۇ ئۆلۈك پىكىرلەر ئۆز يۇرتىمىزدا پەيدا بولغان. ھەر بىر جەمئىيەت ئۆزىنى ئۆلتۈرىدىغان پىكىرلەرنى ياساپ چىقىدۇ، كېيىن ئىجتىمائىي مىراسىدا«ئۆلۈك پىكىر» بولۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ.ئۆلۈك پىكىر«ئۆلتۈرگۈچى پىكىر»دىن خەتەرلىك كېلىدۇ. چۈنكى ئۆلۈك پىكىر شۇ جەمئىيەتنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ماسلاشقان بولۇپ، جەمئىيەتتە تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ، ئىچكى قاتلامنى سېسىتىپ تاشلايدۇ. ئەگەر ئۆلۈپ پىكىرلەرگە قارىشى تازىلاش ئوپېراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىسلام جەمئىيەتلىرىنى ئىچكى جەھەتتىن قىرىپ تاشلايدىغان قىرغۇچ خاراكتېرلىك خەتەرلىك مىكروبلارغا ئايلىنىدۇ.بىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت بوتسىىدا يىلتىزى بولمىغان ئۆلۈك پىكىرلەرنى داۋالايلى دەپ ھەرىكەت قىلغىنىمىزدا،مەدەنىيەت دۇنياسىدا يىلتىزىنى تاشلاپ بولغان باشقا يەردىن كېلىپ قالغان ئۆلۈك پىكىرلەرگە دۈچ كېلىمىز.
    بەزىدە كىشىلەر بۇ مۈشكۈلىنىڭ ئىككى كۆرۈنۈشى بولغان«ئۆلۈك پىكىر» بىلەن«ئۆلتۈرگۈچى پىكىر»نى مۇجەسسەملەشتۈرۋالىدۇ. چۈنكى ئۇ ئادەملەرنىڭ ۋۇجۇدىدا مىكروبلۇق مىراس تېپىلىدۇ. يەنى كىشىلەردىكى «ئۆلۈك پىكىر» ياتلاردىن كېلىۋاتقان «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»نى چاقىرىدۇ      بۇ خىل تۈردىكى قوش كۆرۈنۈش مۇئەييەن سۈرەتتىكى بەلگىلىك خاس تۈردىكى يەنى: جەمئىيتىمىزدىكى زىيالىي تەبىقىسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈچى ئامىللارنى قوبۇل قىلىۋالىدۇ؟ دېگەن مۈشكۈلىنى قوزغاپ چىقىدۇ.ئەمەلىيەتتە زىيالىيلار  غەرب مەدەنىيىتىدىن بىزگە مۇناسىپ پايدىلىق نەرسىلەرنى تاللاپ ۋە سۈزۈپ ئالغان بولسا ياخشى بولاتتى، لېكىن ئۇلار غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مەنىۋى ۋە ماددى كۆز قاراشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايرىماي قوبۇل قىلىشتى.
    دېمەك،غەرب مەدەنىيىتىدىكى بىزگە مۇناسىپ كەلمەيدىغان كۆز قاراشلار «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر» ھېسابلىنىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈك پىكىرلەر ئەمەس، ئۇ مەدەنىيەتتە ھەزارەتكە جان كىرگۈزىدىغان ئامىللار مەۋجۇت. لېكىن بىز قوبۇل قىلىۋاتقان «ئۆلتۈرگۈچى ئامىللار» ئۇمەدەنىيەتنىڭ  تاشلاندۇق ۋە ئۆلۈك پارچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرگۈچى ئامىللىرىغا مايىل بولىمىز؟چۈنكى بىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىمىز  ئىدىيە ياكى ئىجتىمائىي جەھەتتىن توغرا ئەمەس.
    سىرتتىن كەلگەن پىكىر ئەسلى مۇھىتىدا «ئۆلۈك پىكىر» بولۇپ قالسا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىمۇ شۇ ئۆلۈك پىكىرنىڭ رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە بۇزۇقچىلىقتىن ئىبارەت شۇ نەتىجىنىڭ ئۆزىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەلدە بىلىم ئېلىپ كىرگەنلەرنىڭ بىر قىسمى چەتئەل ئۈچۈن بەشىنچى سەپ بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.
    مىسال ئالساق، پاكىستانلىق ئىسلام پەيلاسوپى مۇھەممەد ئىقبال(1877-1938) غەرب ئەللىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان چاغلىرىدا ئۆزىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى تازىلىيالىغان ۋە مەدەنىيەت كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن. ئۇ غەرب مەدەنىيىتىدىن«ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر»نى سۈمۈرۈۋالمىغان، بەلكى پايدىلىق ئامىللىرى ۋە جانلىق كۆزقاراشلىرىنى سۈزۈپ ئالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىت ئىدىيىسىنى يېڭىلاشقا كۆڭۈل بۆلۈپ«ئىسلام ئىدىيىسىنى يېڭىلاش لازىم» ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
    ئارقىدا قالغان تۈركىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى ئىسلام جەمئىيىتى بىلەن تەرەققى قىلغان ياپۇن جەمئىيىتىنى مىسالغا ئالايلى. ھەرئىككى جەمئىيەت تەخمىنەن بىر ۋاقىتتا يەنى 1860-يىلى غەرب ھەزارەت مەكتىپىگە قەدەم ئالغان، لېكىن نەتىجە ئوخشىمايدۇ. بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن ياپۇنىيە پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋەئىقتىساد ساھەسىدە مۆجىزە ياراتتى، غەرب مەدەنىيىتىدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر ياپونىيىنىڭ يولىنى توسۇپ قالالمىدى. ياپۇنىيە ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادىتى ۋە ئۆتمۈشىگە ۋاپاسىزلىق قىلمىدى.ئۆتمۈشى، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە كۆز يۇممىدى ياكى يوقىتىپ قويمىدى.
     ئىسلام جەمئىيىتىگە قارىساق ئويغىنىشتا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، مىراس قېلىپ قالغان«ئۆلۈك پىكىرلەر» بۇ جەمئىيەتنى پالەچ ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغان.
     ياپونىيىنىڭ غەرب مەدەنىيىتىدىن پايدىلىنىپ مۆجىزە يارىتالىغانلىقى ئۇنىڭ «شوغۇن سۇلالىسى» دەۋرىدىن مىراس قالغان ئۆلۈك پىكىرلەردىن قۇتۇلغانلىقىدا كۆرۈنىدۇ. ئەلۋەتتە غەرب دۇنياسى ياپۇنىيەگەياراتقۇچ ۋە ئۈنۈملۈك پىكىرلەرنى بېرىپ، مۇسۇلمان زىيالىلارغا ئۆلۈك پىكىرلەرنىبەرگەن دەپ ئىزاھلاش مۇمكىن ئەمەس.دېمەك، مەسىلە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەبىئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇ مەدەنىيەت بىلەنبولغان خاس ئىجتىمائىي ئالاقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك.مەسىلەن،  غەرب مەكتىپىگە كىرگەن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچى يا تىرىشچان ئوقۇغۇچى ياكى ساياھەتچى ئوقۇغۇچىدىن ئىبارەت.ئىككى تۈرلۈك ئوقۇغۇچى غەرب مەدەنىيىتى تۇغۇلغان مەنبەگە…ۋە شەكىللىنىپ چىققان زاۋۇتقا بارمىغان…غەرب مەدەنىيىتى دېھقان، ھۈنەرۋەن، ئالىم ۋەئىنژېنېردا مۇجەسسەملەشكەن ھەرىكىتىگە يېتىپ بارمىغان.
     ساياھەتچى ئوقۇغۇچى غەرب ھايات مېتودىنىڭ سېسىپ، ئۆلتۈرگۈچى ئامىلغا ئايلانغانئورۇنلارغا بارغان، يەنى ھايات كۈچى بەخش قىلالمايدىغان تايىنى يوق يەردە چۆگىلەپ يۈرگەن. ئەمما تىرىشچانئوقۇغۇچى قەبرىگە كىرىپ تۇرۇپ غەرب ھەزارىتىنىڭ نەزەرىيە تەرىپىگە چۆكۈپ، بەزىدە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلسا،يەنە بەزىدە ئۆلۈك پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىۋالغان.

(2)

    «ئۆلۈك پىكىرلەر» ۋە «ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر» نىڭ ھەر ئىككىلىسى پاسسىپ ۋە زىيانلىق پىكىرىدىن ئىبارەت. بۇ ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ھەر قانداق جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي پسىخولوگ ئامىللارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ توسالغۇلارنى پەيداقىلىدۇ. جەمئىيىتىمىزگە شۇنداق ئامىللارنىڭ سۇغۇرلۇپ كىرمەسلىكى ئۈچۈن ئېھتىيات قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇئەھۋال سوقراتنى پىكىر يېگۈچىلەر(ئىدىيە ئىستېمالچىلار) ( ideophages)گە تەنقىد بېرىشكە ئىتتەرگەن.
     لېكىن تارىخ سوقراتنىڭ ھېكمىتىگە: ئۆلۈك پىكىرلەر يارىماس پىكىرلەر بولۇپ مەخپى ئىنتىقام ئالىدۇ، دېگەن ھېكمەتنى قوشقان.
      بۇ يەردە ئىجتىمائىي يۇقۇملۇق كېسەلنى يۆتكەيدىغان ئامىل قايسى؟ دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ. بىز بۇسوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن مېدىتسىنا ئۇسۇلىغا تايىنىشىمىز لازىم. جەمئىيەت ۋەدۆلەت قۇرۇلمىلىرىغا تېگىدىغان ئىجتىمائىي كېسەللەرنى داۋالاش ئۈچۈن مەخسۇس قىسىم ئاجرىتىش كېرەك. چۈنكى ئىدىيە تاپانچىسى يوق ئورگانلار زاۋاللىققا يۈزلىنىدۇ.
    سوراپ باقايلى، جەمئىيەت ۋە  مىللەت قۇرۇلمىلىرىغا ھۇجۇمقىلىۋاتقان مىكروب بىۋاستە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدا پەيدا بولدىمۇ ياكى يۇقۇملىنىش ئارقىلىق يۆتكەلدىمۇ؟ كېسەلنىڭ سەۋەبلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئاندىن توغرا ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.قۇرئان كىرىم رەئدە سۈرىسى 11 ۋە 13ئايىتىدە:«ھەر بىر مىللەت ئۆزىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ»دەپ، پسىخىك ئامىلىنىڭ ئىجتىمائىي ئامىلدىن ئىلگىرى تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بىزگە كېسەلدىن قانداق قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
    باشقىلارنى ئىستىلدا دوراش «پىكىر» ئارقىلىق يول ئالىدۇ. ئەمما كېسەللىك تەرىپى بولسا ئىجتىمائىي يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ بىر ئەۋلادتىن يەنەبىر ئەۋلادقا ئۆزىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت نەمۇنىسىدىن ئايرىلغان ۋاقتىدا پىكىرلەرنى سۈمۈرۈش ئارقىلىق يۆتكىلىدۇ. بۇپىكىرلەر شۇ ۋاقتىدا ئىجتىمائىي كېسەللەرنى يۆتكەيدىغان مىكروبلارغا ئايلىنىدۇ.
    مۇشۇنداق ئۆلۈك پىكىرلەرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن پىكىرداۋاملىق ئەسلى مەدەنىيىتىگە خىيانەت قىلىدىغان پىكىر بولىدۇ. بۇ كېسەل جەمئىيەتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ چاغدا جەمئىيەت مەدەنىيەت دۇنياسىغا يۇققان ھەر بىر ئۆلۈك  پىكىرلەرنىڭ سەلبىي نەتىجىسىنى باش ئۈستىگە ئالىدۇ.بۈگۈنكى كۈنىمىزدەجەمئىيىتىمىزنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كېتىشى پايدا-زىياننى ئايرىماي قوبۇل قىلىۋەرگەن ياتپىكىرلەر ۋە ئۆزىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولغان.
    ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىسىگە تېنىۋېلىش ۋە ياسالمىلىق قىلىش جەمئىيەتتە خەتەرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئىسلام جەمئىيىتىگە قارىساق بىر تەرەپتىن ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىلەرنىڭ ئىنتىقام ئېلىشقا ئۇچراۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەربتىن تاللىماي ۋە ئۆزىگە خاس ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان شەرتلەرگە رېئايە قىلماي ئارىيەت ئېلىۋاتقان ئىدىيىلەرنىڭ قورقۇنچلۇق ئىنتىقامىغا يولۇقماقتا. نەتىجىدە مىراس قېلىپ قالغان پىكىرلەرنىڭ قىممىتىدە ۋە سىرتتىن كىرگەن پىكىرلەرنىڭ قىممىتىدە چۈشكۈنلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ئەخلاق ۋە ماددى جەھەتتىن تەرەققى قىلىشىغا ئېغىر زىيانلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.دېمەك، 1000 يىلدىن بۇيان ئىسلام ھەزارىتىنى قۇرۇپ چىقىشتا پائالىيەتچانلىقىنى ئىسپاتلىغان پىكىرلەر بۈگۈن جانسىز كۆرۈنمەكتە. چۈنكى رېئاللىق بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسىنى يوقاتقان.
     يەنە بىر تەرەپكە قارىساق، بىز غەرب ھەزارىتى دەپ ئاتاۋاتقان تۈزۈلمىنى قۇرۇپ چىققان ياۋرۇپا پىكىرلىرى ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە پائالىيەتچانلىقىنى يوقاتقان.دېمەك، بىزنىڭ بۈگۈنكى ئىستىلىمىز  قوش ياسالمىلىققا باغلانغان. مەسىلەن، مۇسۇلمان ئىنساننىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت دۇنياسىدىكى ئۆرنەك خاراكتېرلىك نەمۇنىلار بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. ئۇ ياپونىيىگە ئوخشاش ياۋروپاغا خاس مەدەنىيەت دۇنياسى بىلەن ھەقىقى ئالاقە ئورناتمىغان.
    شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قوش بىسلىق چۈشكۈنلىشىشنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىمىز. ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەر ئىنتىقام ئالماقتا.

(3)

ئەمدى بىز مېدىتسىنا ئاتالغۇسى بويىچە ئۆزىمىزگە مۇلاھىزە ۋە نەزەر تاشلاپ باقايلى:
     بىزدە ئازغۇن ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆلۈك پىكىرلەر مەۋجۇت، بۇئۆلۈك پىكىرلەر زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك تۈسلەرنى پەيدا قىلدى...ئېتىقاد سۇسلۇقى، توغرا ئېتىقاد كۆز قارىشى كرىزىسى، مەدەنىيەت يۆلىنىشى، مەرىپەت يۈزلىنىش مۈشكىلىسى...شۇنداقلا ئىستىل كرىزىسى، قالاقلىق، ساۋاتسىزلىق...بۈگۈنكى ئويغىنىش دەۋرىدەيۇقىرىقى پاسسىپ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىگە يەنە پاسسىپلىق قوشۇلدى، بۇ قېتىمقى پاسسىپلىق پرىنسىپال مەسىلىلەردە ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى كېسەللەرنى پەيدا قىلدى.
    پرىنسىپال مەسىلىلەر دېگىنىمىز: توغرائېتىقاد كۆز قارىشىنىڭ بولماسلىقى، ئاتېئىزملىق كېسىلى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇپ ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبلىك چەمبەرچەس باغلانغان ئائىلىنىڭ پارچىلىنىش ئەھۋالى...چەتئەلدە بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مېغىزلىق بىلىم-مەرىپەت، سانائەت ۋە تېخنىكا كۆتۈرۈپ كىرمەي غەرب ۋە يىراق شەرق مەدەنىيىتىنىڭ غەربچە ھايات كۆز قارىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى،     ئەخلاق بۇزۇقلىقى ۋە ئېتىقادسىزلىق دېگەندەك ئۆلۈك ۋە كېسەلپىكىرلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىشى بىزدە ئىللەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى.
     بۇ مەسىلە ئىچكىرىدىكى تۈرلۈك ئۇنۋېرسىتېتلاردا بىلىم ئېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزدا بەكرەك تېپىلىدۇ. 60-يىللار بولساكېرەك ئۇيغۇرمەدەنىيىتىمىزنىڭ سىماسى بولغان مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى تاشلاپ 4يانچۇقلۇق چاپان ۋە قەبىھلىكنىڭ سىمۋولى بولغان شەپكە كىيگەن ۋاقتىمىزدا ئويلانماستىن باشقا مەدەنىيەت ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى كىيىمىدىن تارتىپ قوبۇل قىلغان ئىدۇق.شۇنىڭ داۋامىدا ئىچكىرىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۈگۈنگە قەدەر ئېتىقادسىزلىق،ئەخلاقسىزلىق ۋە ھاراقكەشلىك...تىن ئىبارەت ئۆلتۈرگۈچى كېسەللەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ جەمئىيىتىمىزدە ئىدىيە ئەيدىز كېسىلىنىڭ رولىنى ئوينىماقتا.
     قايسى بىر نەرسە بىزگە يات بولىدىكەن ئۇنى ئويلاپ بېقىپ، تارازىغا سېلىپ بېقىپ ۋە ئەقىل تارازىسىدا ئۆلچەپ بېقىپ قوبۇل قىلساق ياخشى بولاتتى. لېكىن بىز ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا مەنىۋى ۋەماددى ئاچلىق بولسا كېرەك، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى تەمتىرىمەستىن پۈتۈنلەي يۆتكەپ كىرىۋاتىمىز، نەتىجىدە ئۇيغۇرغا خاس مەدەنىيىتىمىز يوقۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئاددىيسى چىمەن دوپپا، كانۋاي كۆڭلەك...دېگەندەك تارىخى مەدەنىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولغان كىيىم-كېچەكنى ياراتمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق،مانا بۇ مەدەنىيەتكە تۇزكورلۇق قىلىش دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك. – كۈندىلىك ئىستىلدا مۇجەسسەملەشمىگەن- يىلدا بىر قېتىم كىيىپ قويىدىغان دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ياسالمىلىق قىلغانلىقتىن باشقا نەرسە بولمىسا كېرەك.
    باشقىلاردىن بىر نەرسە قوبۇل قىلغاندا توننى ئۆزىمىزگە ئۆلچەپ پىچايلى، باشقىلارنىڭ شىلەپىسى ياكى كەپكىسى ياكى خالتا كۆينىكى بىزگە ماسكەلمەي قالىدۇ، چىرايىمىزنى بۇزۇۋېتىدۇ...بىلىشىمچە مىلادىيە9-ئەسىردىنئىلگىرى داۋاملىشىپ كەلگەن گرامماتىكا قائىدىلىرى تولۇق سىستېمىلىق بولۇپ ، نەچچە ئەسىر مەدەنىيىتىمىزنىڭ ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن ئانا تىلىمىزدىن ۋاز كەچكىلى تۇرۇۋاتىمىز. ئەركەكلىك روھى بىلەن ئانا تىلنى قوغدىيالمىدۇق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ياكى باشقا مەدەنىيەتكە تەۋە ئەمەس مىنكوخانلارنى يېتىشتۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدۇق.
ئەجىبا بىز چۈشكۈنلىشىشمىزدىن ئىلگىرى مەدەنىيەت يارىتالىغان ۋە مەدەنىيەت يارىتىشقا يارىغان مۇكەممەل تىلىمىز بۈگۈنگە كەلگەندەنېمىشقا يارىمايدىكەن؟ باشقا تىللاردىن نېمە كەمچىللىكى بار ئىكەن؟
     دېمەك، بىز ئانا تىلىمىزنىڭ تارىخى ۋە باشقا تىللاردىن ئارتۇقچىلىقىنىمۇ بىلمەيمىز! شۇنى بىلىش كېرەككى، ھەرقانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ تىلى بولىدۇ، تىلى بولمىغان مىللەتنىڭ تارىخى ۋەمەدەنىيىتى بولمايدۇ، بۇ بىر تارىخى ھەقىقەت.تىلشۇناس ۋە ئەدىبلىرىمىزنىڭمۇ شۇنداق ھالقىلىق مەسىلىدە تىلىمىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرسەتمەي سۇكۇت ھالەتتە تۇرغانلىقى نېمە ئۈچۈن؟ بىلمىدىم...(«ئاناتىلىمىز سەكراتتا» دېگەن ماقالىمىزگە قاراڭ).
ئېتىقادسىزلىق،ھەرقانداق بىر ساھەدە پرىنسىپال ئاساسلاردا چىڭ تۇرالماسلىق، مەرىپەتسىزلىك، مەدەنىيەتنىڭ تايانچ بازىسى بولغان گۈزەل ئەخلاقنىڭ يوقىلىشى، مەدەنىيەت ساۋاتسىزلىقى،ھاراقكەشلىك، غەرب ۋە يىراق شەرقنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ئۆلتۈرگۈچىكېسىلى بولغان تانسا، دېسكوخانا، پاھىشە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى مەدەنىيەت يولىمىزدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلاردىن ئىبارەت.
    ئىدىيىنى ئازات قىلىش بەكمۇھىم، لېكىن نېمىدىن ئازات قىلىمىز؟؟؟ ئىدىيەنى ئىسلام دىندىن ئازات قىلامدۇق؟ ياكى ئىسلام پرىنسىپىغا زىت سەلبىي ئىدىيىلەردىنمۇ؟ئېتىقادىمىزدىكى ئۆلۈك پىكىرلەر توغرىسىدا بىر قانچە ئېغىز سۆز قىلىش مۇھىمدەك تۇرىدۇ. خېلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئېتىقادىمىزدىكى ئازغۇن ئەقىدىلەر لەيلەپ يۈرۈپتۇ. مۇشۇ ئازغۇن ئەقىدىلەرنىڭ بىزنى ئۆلۈك پىكىر قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقىدا شەك يوق، چۈنكى بىزدىكى ئەقىدىنىڭ روھى ۋە ئىتتەرگۈچ كۈچى يوق...مەسىلەن:داخانغا ئىشىنىش، باخشىنىڭ قېشىغا بېرىش، رەمبالغا ئىشىنىش، مۇھەببەت كۈچىيىدۇ ياكى ياخشى كۆرسىتىدۇ دەپ سېھىر قىلىش ۋە سېھىر قىلدۇرۇش، زىياندىن ساقلايدۇ دەپ تۇمارئېسىۋېلىش، جىنكەشلىك قىلىش ۋە مازارلارنى ئۇلۇغلاشتەك...خاتا ئىشلار ئەقىدىمىزنىڭ ئاساسى بىر قىسىمىنى ئىگىلەپ، ئەقلىمىزنى بوغۇپ،  ئەقىدىمىزنىئۆلۈك ۋە جانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام روھى ۋە ساپ ئىسلام  كۆرسەتمىلىرىگە زىت بولۇپ،بۇددىزمنىڭ قالدۇقلىرىدىن ئىبارەت. ئىسلام دىنى بۇ ئىشلارنى ھەرگىز قوللىمايدۇ. بۇ ئېتىقادىمىزدىكى ئەقلى خۇراپاتلار بولۇپ، ئۆلۈك ۋەئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەردىن ئىبارەت.
     ئەمدى دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرگە نەزەر تاشلاپ باقايلى، دەۋەتچى-مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى دەۋەتچى، باشقىلارنى ئىسلامغا چاقىرىش مەجبۇرىيىتى بار-پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى، دۇنيادىكى ئەڭئۇلۇغ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلار، «ھەقىقى ئىنسان ياسىغۇچىلار» دېسەم خاتالاشقان بولمايمەن.دەۋەتچىلەرنىڭ خىزمىتى شۇنداق ئۇلۇغ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دەۋەتنى توغرا يوسۇندا ئېلىپ بېرىشى، ئۆلۈك پىكىرلەر ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىرلەردىن ساقلىنىشى لازىم. دەۋەتچىلەردىكى ئۆلۈك پىكىرلەرنى مىسالغا ئالساق:
     ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى ناھايىتى ئېنىق، قۇرئان ۋەسۈننەتنىڭ مەقسەتلىرىمۇ ئېنىق. ئۇنداقتا دەۋەتچىلەرنىڭ غايىسىمۇ دىننىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئېنىق ۋە نىشانىمۇ بىر بولىشى كېرەك. دەۋەتچى قايىسى ئەلدە، قايسى تىلدا ۋە قايسى جاھاندا خىزمەت قىلسۇن نىشانى بىر، لېكىن ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. چۈنكى خىزمەت ئۇسۇلىنى ھەر قايسى ئورۇننىڭ شارائىتى بەلگىلەپ بېرىدۇ. بىز ئالىملىرىمىز تۇتۇپ ماڭغان ۋە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇسۇللاردىن پايدىلانساق بولىدۇ، پۈتۈنلەي تەتبىقلىساق توغرا بولماي قالىدۇ. ئۇ ئۇسۇللار بىزگە تامامەن ماسكەلمەيدۇ، بەزىسى توغرا كېلىدۇ، بەزىسى توغرا كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا بىز قايسى بىرئالىم بولسۇن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئىسلامنىڭ پرىنسىپ ۋە مەقسەتلىرىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ، كىيىمنى ئۆزىمىزگە چەنلەپ پىچايلى، بولمىسا چوڭ ياكى كىچىك كېلىپ قالىدۇ ياكى پەقەتلا ماس كەلمەي قالىدۇ.
     مەسىلەن، سىز ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرىدىن سەئىد نۇرىسى ياكى جامالىدىن ئافغانى ياكى ئەرباكان ياكى مەۋدۇدى ياكى ھەسەن بەننا ياكى مۇھەممەد ئابدۇلۋاھاب ياكى سىنۇسى ياكى ئىبنى بادىس ياكى باشقىلار بولسۇن...بىر ئالىمنىڭ پىكىر ئېقىمىنى توغرا تاپقان بولسىڭىز، ئۇنىڭ پۈتۈن كۆز قاراشلىرىنى دىيارىمىزدا تامامەن تەتبىقلايمەن دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. چۈنكى ھەر ئېقىم ئۆزىنىڭ شارائىتىغا قارىتا پەيدا بولىدۇ، ھەم شۇ يۇرت تەقەززا قىلىدىغان ئۇسۇل-چارىلىرى بولىدۇ، ھەر بىر يۇرت ۋە خەلقنىڭ كېسىلى ئوخشامايدۇ. مەسىلەن، تۈركىيەدىكى ئۇسۇل ئۈرۈمچىدە ئاقمايدۇ، چۈنكى تۈرك خەلقى سەۋىيە، ئىمكانىيەت ۋە شارائىتتا بىزگە ئوخشىمايدۇ. بىز شارائىت، ئىمكانىيەت ۋە سەۋىيە جەھەتتە باشقىلارغائوخشىمايمىز، بىزنىڭ ئۆزىمىزگە خاس شارائىتىمىز بار.
بىر ئېقىمدىن ئاڭلىغان ياكى كۆرگەن ياكى ئۆگەنگەن نەرسىلەرنى  پۈتۈنلەي دىيارىمىزدا ئەينەن تەتبىقلاش مۇمكىن ئەمەس، كىيىمنى ئۆزىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ پىچىش لازىم بولىدۇ. پرىنسىپال مەسىلە بولمىسا ئەينەن تەتبىقلايمەن دېگەن كۆز قاراش ئۆلۈك ۋە ئۆلتۈرگۈچى پىكىردۇر...
شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى،ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار بىر باغنىڭ مىۋىلىرىگەئوخشايدۇ. ھەممىسىبىر باغنىڭ مىۋىسى، غايىسى بىر، ئۇسۇلى ئوخشاشمايدۇ. قايسىنىڭدىن بىزگە لازىملىق بولغان تەجرىبىسىنى ئېلىپ پايدىلانساق بولىدۇ. ئەھل سۈننىگە تەۋە بىر ئېقىمنىڭ يەنەبىرسىنى-ئىسلامغا زىت ئېنىق خاتالىقى بولمىسا-ئەيىبلىشى توغرا بولمايدۇ.
بۇ ساھەدە «ئىسلامدىكى ئۆزگەرمەس پرىنسىپلار» بىلەن«ئۆزگىرىشچان مەسىلىلەر رايونى»نى پەرق ئېتىشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ مەسىلە كاللىمىزدا ئېنىق بولسا، كۆپ مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.
(بۇ ماقالە 2005- يىلى يېزىلغان
).


ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى
(دوكتۇر ئاسپرانتى)
قاھىرە شەھىرى، مىسىر.


جەيلان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 493
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:41:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ،جاپا چىكىپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:49:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل تېمىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز.

مېھرىبان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5002
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1818 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:24:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىنىي ئىتىقادچىلىق ئىدىيەلىرىنى سىياسەت ،پەن-تىخنىكا ،مائارىپ ،مەدىنىيەت قاتارلىقلاردىن ئايرىپ .دىننى مېللەتنىڭ ياكى دىننىڭ ئەمەس بەلكى دىنغا ئىشەنگۈچىنىڭ شەخسى ئۆلچىمى قىلالىغاندا ئاندىن  ئۆلۈك پىكىرلەر- ئويغاق پىكىرلەر ئايرىلىدۇ .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 01:04:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلىپتۇ،چۈشىنىش ئۈچۈن خىلى سەۋىيە كىتىدىكەن،بەزى مەزمۇنلارنى دادىللىق بىلەن ئاممىباب سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يىزىلغان بولسا نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلغۇدەك،
قىززىقى شۇكى بەزى ئۆلۈك كىشىلەر ئۆلتۈرگۈچى پىكىرگە تولغان ئۆلۈك ئىنكاسلارنى يىزىپ ئۈلگۈرۈپتۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 01:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارىكاللا  ئەجرىڭىزگە    ئىنتايىن  پايدىلىق  تېما بوپتۇ   

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106090
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 573
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 02:20:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104553
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 09:43:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ئىنتايىن ياقتۇردۇم.......ھارمىغايسىز.......

ئويۇڭ يەتكەن يەرگە قولۇڭمۇ يېتىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى، خالاس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14965
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-14 10:26:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئال :سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كىيسەم ساڭا ئوخشامدىمەن يارىم ؟
جاۋاب :مېنىڭ دوپپامنى سەن كەيسەڭ ئۆزۈڭگىمۇ ئوخشىيالمايسەن جانىم !
شۇڭا سەن  مېنىڭ دوپپامنى تالاشماي ،ئۆزۈڭنىڭ بېىشغا ماس كېلىدىغان ،يارىشىدىغان دوپپىدىن بىرنى كەيگىن ،بىراق ئېسىڭدە بولسۇنكى ، دوپپىدىن باشقا قالپاق ،شەپكە ،مالخاي قاتارلىق باش كىيىملىرىنى كىيسەڭ ياكى باشتاق بولىۋالساڭ قەتئىي بولمايدۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلساڭ  ئىككىمىز مەڭگۈ يار بولۇپ ۋىسالغا يېتەلمەيمىز....

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103297
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-2-8
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 02:39:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمدىگەن تاققا-تۇققا. دوكتۇرمىش.  بۇ سېسىق يازمىدا دەلىل، ئسىپات كەمچىل. ئەزھەردە قارىغاندا مۇشۇنداق تاققا-تۇققا نەرسىلەرنى يازىدىغانلارغا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بەرسە كېرەك. يازمىدىكى بىرمۇ گەپ توغرا ئەمەس.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش