ئەڭ ئاخىرقى سالام خەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 K' i! z. B' A# v& [7 W) f
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: c9 x) T* ]# g" g
تىنىچ-ئامانلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى ئاللاھنى رەببىم، ئىسلامنى دىنىم، مۇھەممەد «س ئە ۋ»نى پەيغەمبىرىم دەپ، سۆزى ۋە ئەمىلى بىلەن تەستىقلىغان، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنگەن، ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان، ھاياتى دۇنيادا قىلغان ئىشلىرى ئارقىلىق، دۇنيا مەنپەئەتىنى ئەمەس بەلكى ئاخىرەت مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىمانىدا راستچىل بولغان، بارچە مۇئمىن ۋە مۇئمىنە قېرىنداش، ھەمشىرىلىرىمىزگە بولسۇن. ئامىن...........
مىھرىبان ئاللاھ سىزنىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن قىلسۇن، ئامىن...
بۇ خەتنى يېزىشتىن بولغان مەقسىتىمنى بايان قىلىشتىن ئاۋۋال مىنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىمنى ئىرادە قىلغان، ھەم مىنى بۇ خەتنى يېزىشقا قادىر قىلغان زات رەببىمىز، خالىقىمىز ھەم مالىكىمىز بولغان كۈچ-قۇدرەتتە تەڭداشسىز، بۈيۈك پادىشاھلىققا ئىگە، ئاسماندىمۇ بىر ئىلاھ، زىمىندىمۇ بىر ئىلاھ بولغان يەككە-يىگانە زات ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن.
ھۆرمەتلىك ھەمشىرەم گۈلزار، راستىننى ئېيىتسام شۇ تاپتا كۆڭلۈم شۇنداق بىئارام، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سىزگە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن.ئەمەلىيەتتە سىزگە يېزىشنى ئويلاۋاتقان سۆزلىرىم بەكمۇ كۆپ، ئەمما نىمىشقىكىن بىلمەيمەن يازاي دىسەم ھېچنىمە ئىسىمدە يوق. بەلكىم بۇنىڭ سەۋەبى كەيپىياتىمنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى ۋە كۆڭلۈمنىڭ بىئاراملىقى ھەم سىزگە ئارتۇقچە سۆز قىلغۇمنىڭ يوقلۇقىدىن بولسا كېرەك. دىمەكچىمەن مەن سىزگە ئالدىنقى قېتىملىق خېتىمدا ئاتا-ئانامنىڭ تەلىپى ھەم ئائىلىمىزنىڭ شارائىتىنىڭ مىنىڭ توي قىلىشىمنى بەك تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن شۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا مەن سىزنىڭ ئىلىم ئېلىشىڭىز ئۈچۈن «يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قوياي، پەقەت ۋە پەقەت ئىلىم ئېلىشىڭىزلا ئۈچۈن» ئۆزۈمدە بار بولغان بارچە ئىمكانىيەت بىلەن ئاتا-ئانامنى قايىل قىلىپ، بىزنىڭ توپتوغرا 5يىللىق مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن ئۆزۈممۇ ھەم سەبرى قىلىپ سىزنى ساقلايدىغانلىقىمنى ئېيىتقانمەن.
مانا ھازىر تۇنجى قېتىم ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىسىدا چوڭلارنىڭ كۈرۈشكىنىگە ئاز كەم ئىككى يىل بولاي دەپ قاپتۇ، گەرچە بۇ ۋاقىت سىز ۋە ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت بولمىسىمۇ بىراق مەن ۋە ئاتا-ئانام ئۈچۈن مۇھىمى ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ئۈچۈن ناھايتى تەستە ئۆتكەن بىر ۋاقىتتۇر، مەن بۇ ئورۇندا، بۇ ئاز كەم 2يىل ۋاقىتتا ئائىلىمىزنىڭ ھەم ئاتا-ئانامنىڭ ئۆز قىزى كەبى بىر كىلىنگە قانچىلىك مۇھتاج بولغانلىقىنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. شۇ مۇھتاجلىق سەۋەبىدىن بولسا كىرەك، سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلەرگە بىر قانچە قېتىم ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بىلەن توينى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئاتا-ئانام ئۆزىمۇ باردى ھەم ئۇستاملارنىمۇ ئەۋەتتى. ئەمما ھەر قېتىم بۇ ئۈمۈد ۋە ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان تەلەپلەر ھېچبىر نەتىجىسىزلا رەت قىلىنغان ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنىڭ شۇ بىئارام بولغان كۆڭلىگە، ئازار يىگەن قەلبىگە تەسەللىي بىرىپ، ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى ۋە ئاتا-ئانامنىڭ تەلىپى ئۈچۈن مىنىڭ توي قىلىشىم قانچىلىك مۇھىم بولسا، سىزنىڭ بۇزامان بۇ ماكاندا ئۆزىڭىز ۋە ئۆزگىلەر ئۈچۈن ئىلىم ئېلىشىڭىزنىڭ ئۇنىڭدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمۈد قىلىپ سەبرى قىلىشنى تەۋسىيە قىلدىم، ئەمما بىراق يېقىندىن بىرى ئۆيدىكىلەر مۇمكىن بولسا مۇشۇ يېرىم يىل ئىچىدە قاندقلا بولىمىسۇن، مەيلى كىم بىلەن بولسۇن تويۇمنى چوقۇم قىلىشنى مەسلىھەت قىلىشىپتۇ، شۇ سەۋەپتىن ئاخشام دادام تۇلۇپ تاشقان ئىشەنىچ ۋە ئۈمۈد بىلەن سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلارغا توي قىلىشنى تەلەپ قىلىپ بېرىپتۇ.
تۇلىمۇ ئەپسۇس، ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق تەلىپىمۇ ئاۋالقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا ناھايتى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىنىپتۇ، رەت قىلىنىشى ئۆيدىكىلەرگە ئادەت بولۇپ قالغان بولسا كىرەك، ئازراق كۆڭلى بىئارام بولغاندەك قىلدىيۇ لىكىن توختاپ قالدى. بەلكىم مىنىڭ بار ۋاقتىمدا قانچىلىك ئاچچىقى كەلگىنىنى ئىپادىلەشنى خالىمغان بولسا كىرەك. مەن ئارتۇقچە سۆزقىلمىدىم، پەقەت نېمە ئۈچۈن زادى نېمە ئۈچۈن ئارقىغا سۆرەيدىغانلىقىنى سورىدىم،سورىدىميۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.
شۇ باشقا بىر شەھەردىكى نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ تويغ اقاتنىشىشىنى سەۋەپ قىلىپ توينى 1يىلدىن كىيىن قىلىپ بىرىشنى ئېيتىپتۇ، نىمە دىسەم بولار.......... كۆڭلۈمدىكى سۆزنى ئېيتسام بەكلا ئاچچىقىم كەلدى، چۈنكى ھازىرمەنمۇ مۇشۇ يېرىم يىل ئىچىدە توي قىلىشنى ئويلايتتىم، ئۆيدىكىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق تەلىپىنىڭ رەت قىلىنىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. ھەرقانچە بولسىمۇ سىلەرنى ئەمدى كىچىكتۈرمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. كىم بىلسۇن بۇ قېتىملىق تەلەپنىڭمۇ رەت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا بىئارام بولدى. بولۇپمۇ كىچىكتۈرۈش سەۋەبىنىڭ شۇ نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئىكەنلىكى ماڭا بەك ئېغىر كەلدى. كىچە بىر ئاخشام ئۇيقۇم كەلمىدى، شۇ ئاز كەم 2يىل ۋاقىتتىن بىرى ئاتا-ئانامنىڭ ئۆز قىزىكەبى بىر كىلىنگە مۇھتاجلىقى سەۋەپلىك ئائىلىمىزدە تارتقان جاپالىرى كاللامدىن پەقەتلا كەتمىدى. ھەم بىزنىڭ 5يىللىق مۇھەببىتىمىزدىن ئاشۇ نەۋرە ئىنىڭىزنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۇھىم ئىكەنلىكى ماڭا تېخىمۇ ئېغىر كەلدى، ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ قېتىملىق ئىشتىن كىيىن ئويلىغانلىرىمنى سىزگە ئېيتىپ قويۇش مەقسىتىدە بۇ خەتنى يېزىۋاتىمەن. دىمەكچىمەن،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساقلىغان بولسام، كاللىڭىزدا ئىنىق بولسۇن سىزنىڭ چىراي جامالىڭىز، پۇل-مېلىڭىز، يۈز-ئابرويىڭىز ياكى باشقا دىن شەرىئەتتە، قۇرئان ھەدىستەئورنى يوق سەۋەپلەر ئۈچۈن ساقلىمىدىم. بەلكى ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمۈد قىلىپ سىزنىڭ ئىلىم ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ساقلىدىم. ساقلىغىنىمغا مالامەت قىلمايمەن، مىننەت قىلمايمەن ۋە ياكى ھەقتەلەپمۇ قىلمايمەن، ساقلىغان بولسام پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ساقلىدىم. ئەجىر-مۇكاپاتىمنى قىيامەت كۈنى رەببىمدىن ئالىمەن ئىنشائاللاھ، ئەگەر بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنە شۇ ئىلىم ئېلىشىڭىز ئۈچۈن ساقلاشقا توغرا كەلسە بىر قانچە ئاي ئەمەس بەلكى يەنە بىر قانچە يىل ساقلايمەن ئىنشائاللاھ، بىراق مەن نەۋرە ئىنىڭىز سەۋەپلىك توينىڭ بىر يىل ئەمەس بەلكى بىر كۈنمۇ ئارقىغا سۈرۈلىشىگە قەتئىي قۇشۇلمايمەن. مەن چاقچاق قىلمايۋاتىمەن.
ھەرقانداق ئىشنىڭ يۇلى بولىدىكەن، سەبرىنىڭمۇ چېكى بولىدىكەن بولۇپمۇ ھەر ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق كۆڭلى بولىدىكەن.........
سەل ئارتۇقچە سۆزلەپ قويغىنىمنى بىلىمەن، لىكىن ئامالسىزمەن توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، ئەگەردە خېتىم ئارقىلىق دىلىڭىزنى رەنجىتىپ، كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ قويغان بولسا ئاۋۋال رەببىمدىن، ئاندىن سىزدىن ئۆزرە سورايمەن، كەچۈرسىز.....
ھازىر مېنىڭ قانچىلىك ئامالسىز ئەھۋالدا قالغانلىقىمنى بىلەمسىز، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، ئۇلارنىڭ مەندىن باشقا پەرزەنىتى يوق، ھازىر ئۆيدە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان بىر ئايالنىڭ بولىشى بەكمۇ زورۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قەتتى خالىماي تۇرۇپ، ئامالسىز ئەھۋالدا سىزدىن ۋاز كىچىشكە مەجبۇرى بولۇپ قالدىم، ئەمدى ئارتۇق سۆزلىگۇم يوق، ھەي...نېمە دەيمىز ئەمدى، تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ. ئەمدى ھەر ئىككىلىمىز بەختىمىزنى ھەم مۇھەببىتىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ ۋە ئاتا-ئانىمىزنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ئۆز يولىمىزدا ماڭايلى! كەچۇرۇڭ.
ئىلاھىم تىنىڭىزنى ھەم دىنىڭىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سالامەت قىلسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L3 L3 r1 ?: J, W1 Dدەپ بۇندىن بۇرۇن سىزنى چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئاشىقىڭىز:
باھادىر
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 F! n! ^3 n: I5 q$ l0 ~