ئارزۇ ئارزۇ دىمەك ۋىسال دىمەك،ئارزۇ ئۇ تالماس روھى قانات،سەن ئاشۇ قانات ئارقىلىق ۋىسال قەسىرىدىن ئورۇن ئالالايسەن .سەن ئاشۇ قانات ئارقىلىق چەكسىز ئۇپۇققا ئۇلىنالايسەن.
ئارزۇ ئۇ سۈزۈك بىر بۇلاق. چۈنكى چۈنكى سەن شورلۇقتىكى قاغجىرىغان ،سارغايغان سۈگەت بولساڭ ئارزۇدەك سۈزۈك بۇلاققا ئىنتىلمەي قالمايسەن ئەلۋەتتە. ئۇ روھ قاتلاملىرىڭنى ئۇرغۇتقۇچى شىپاھى زەم- زەم .ۋىسال قەسىرگە ئۇلاشتۇرغۇچى پارلاق يول.
ئارزۇسىز ھايات ياسىز ئوققا ئوخشايدۇ .ئوقسىز يانىڭ نىمە كېرىكى بولسۇن ؟
ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشى ئۈچۈن بىنزىن ،ئېنىرگىيە لازىم بولغىنىدەك ،سېنىڭ ھاياتلىق قەدەملىرىڭنى بېسىشىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە روھى مەدەت ،شىپاھى زەم-زەم .مەنۋى ئېنىرگىيە ھىسابلانغۇچى ئارزۇ بۇلىشى كېرەك.پەقەت سەن ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى دىلىڭغا پۈكسەڭلاكەلگۈسى مەنزىلىڭ يىراق ئەمەس.
كىشلەر كەلگۈسىنى بىلىشكە قادىر ئەمەس .بىراق كەلگۈسىنى يارىتىشقا تامامەن قادىر ئەلۋەتتە .پەقەت سىنىڭ ئارزۇيىڭ سېنىڭ كەلگۈسىڭنىڭ خىيالىڭدا ئەكىس ئەتكەن بىر يارقىن كارتىنىسى بولالايدۇ.
سەن ئارزۇيىڭغا ئەسىر بولما ،بەلكى ساڭا ئارزۇيىڭ ساڭا ئەسىر بولسۇن .پەقەت مۇشۇ خىل ئۇسۇللار سىنى كامالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
ئابدۇللا ئوبۇلقاسىم
غەربى شىمال مىللەتلەر ئونۋىرستىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات ئېنىستىتوتى 2011-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات سىنىپدىن
2009-يىل قەشقەر