ئاتا مىھرىبان بولمىسا،بالا ۋاپاسىز بۇلىدۇ.
ئاكا دوستانە بولمىسا ئۇكا ھۆرمەت قىلمايدۇ.
ئەر ئادىل بولمىسا خۇتۇن بويسۇنمايدۇ .
دەرەخلەر يالىڭاچلانغاندا دۇنيا ئوتىغا ئوتۇن بۇلىدۇ،
قىزلاريالىڭاچلانسا ئاخىرەت ئوتىغا ئوتۇن بۇلىدۇ.
سىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسەلگەندە دوستلىرىڭىز
سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىدۇ.
سىز ۋەيرانە بولۇپ بىچارە بولغاندا سىز دوستىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكنى بىلىسىز .
بۇرۇنقى زاماندا كۆرسە ھالى يوق،كۆرمىسە كارى يوق
ئىدى .ھازىرغا كەلگەندە لازىم بولغاندا ھالى يوق،
لازىمى تۈگىگەندە كارى يوق بوپ قالدى دىسە.
ئادەمدە ئىنساپ يوق،زاماندا ۋاپا،
بىلمىدىم بۇ ھۆكۈمتوغرىمۇ خاتا.
ۋە لىكىن ھاياتقا سىنچىلاپ باقسام،
ئون ئۈلۈش تۇرمۇشىڭ توققۇزى جاپا.
سۆيۈشمۇ بىرخىل ئازاپ چۈنكى ئۇ سىنى سۆيمەيدۇ،
سۆيۈلۈشمۇ بىر خىل ئازاپ چۈنكى سەن ئۇنى سۆيمەيسەن.
ئاللاھ پىشانىسىگە پۈتسە ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلماق
زىنھار مۇمكىن ئەمەس، شۇنىڭدەك ئاللاھ پىشانىسىگە پۈتمىسە مىڭنى قىلغان بىلەن بەرىبىر بىكار!
سۆيۈلگەنگە شۇكرى قىلماي سۆيمەيدىغاننىڭ ئارقىسىدىن كۈچ ئۇلاپ يۈگرەيمىز، مانا بۇنى ئوقتا تۇرماي پوقتا تۇرۇش، ئۆز بەختىگە ئۆزى ئولتۇرۇش دەيمىز.
جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق, ئۇكۇل ئالماي سالامەت يوق. ئىمان ئېتساڭ پالاكەت يوق, كاستىيۇم كىيمەي سالاپەت يوق.
باشقىلار كۆكتە ئۇچسا <<يا پىر>> دەيدىغان, ھەق يولنى كۆرسەتسە <<كاپىر>> دەيدىغان يامانغا ئىزىلسە <<تەغدىر>>دەيدىغان. ئەنە شۇ بىزدىكى ئەڭ چوڭ نادانلىق.
يامغۇر ياغقاندا يەر يامغۇرنىڭ قەدىرىنى بىلمەس، يامغۇرنىڭ قەدرى بىلىنگەندە يامغۇر قايتا ياغماس.