ئىنساپلىق ئوغرى
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
-ئەمدى قانداق قىلارمەن؟-دېدى ئايگۈل ئەتراپقا ئەنسىز قاراپ،-ئەجەپ نەس باستىغۇ بۈگۈن.
-ئاۋۋال مەكتەپكە قايتايلى،ئاندىن بىر گەپ بولسۇن ئاداش،-دېدى رەنا ئايگۈلگە قانداق تەسەللىي بېرىشنى بىلەلمەي. نەچچە رەت قايتۇرۇپ تېلفۇن قىلىپمۇ ئالاقىلىشالماي،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قايناق بازاردا قاراڭغۇچۈشكىچە ھەربىر ناتونۇش چىرايلارغا گۇمان بىلەن قاراپ تۇرسىمۇ ئوغۇرلانغان يانفۇنىنى تاپالمايتتى.
مەكتەپكە كەلگۈچە ئايگۈل بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى،ئۇنىڭ خىيالى ئىككى ئاي ئىلگىركى دادىسىنىڭ يانفۇننى ئېلىپ كەلگەن كۈنىگە كەتكەنىدى.قىزىم ئالىي مەكتەپكە كەتسە ئالاقىلىشىش قۇلايسىز بولۇپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ،قويدىن بىرنى سېتىپ ،ئۆزىگە ھەم ئايگۈلگە ئىككى تال يانفۇن سېتىۋالغانىدى.ئۆزىگە تېلفۇن ئۇرغىلى ھەم كەلسە ئالغىلى بولىدىغان كونايانفۇن،ئايگۈلگە بولسا ھازىر مودا بولىۋاتقان يانفۇندىن ئېلىپ كەلگەنىدى،بۈگۈن دەل ئاشۇ يانفۇنىنى يوقۇتۇپ قويغاچقا، بەكلا بىئارام بولىۋاتاتتى.
-ئاداش،يەنە بىر تېلىفۇن ئۇرۇپ باقامسەن يە؟-دېدى رەنا ئۈنسىز خىيال سۈرىۋاتقان ئايگۈلگە قاراپ ئىچى سىيرىلىپ.
- چاقچاق قىلمىغىنە.
-لىكىن يەنىلا بىر تېلىفۇن ئۇرۇپ باققىن-دېدى رەنا ئايگۈلنى ئۈمىدلەندۈرۈپ.
-بولدىلا،بۇ چاغقىچە تېلىفۇن كارتىسىنى تاشلىۋەتكەندۇ،ئۇلانسىمۇ ئالمايدۇ،پايدىسى يوق.
-سەن ئۇرمىساڭ مەن ئۇرۇپ باقاي.
ئايگۈل ئۈندىمەستىن رەناغا قاراپ ئولتۇردى.
-ئۇلاندى ئاداش،ئالە سەن گەپ قىل.
-ئۇلانغان بىلەنئالارمۇ؟
-ئەجەپمۇ تولا گەپ قىلدىڭ،بىر گەپ بولار.
شۇ ئەسنادا بىر ئوغۇل بالىنىڭ تېلفۇننى ئېلىپلا«ۋەي، كىمۇ؟»دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.يانفۇنىنى تېپىۋالغاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئايگۈل رەناغا ھەيرانلىق ھەم خۇشاللىق نەزىرىدەقارىغاچ جاۋاپ قايتۇردى.
-ياخشىمۇسىز،قولىڭىزدىكى يانفۇن مېنىڭكى ئىدى،خاپا بولماي قايتۇرۇپ بېرەلەرسىزمۇ؟
قارشى تەرەپتىن قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
-قىزچاق،ئۆزىڭىزدەكلا ئوماق گەپ قىلىدىكەنسىز،مەن ئوغۇرلۇق ھاياتىمدا ھېچقاچان ئوغۇرلىغان نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرگەن ئەمەسمەن.
ئۇنىڭ شۇنچە تەپتارتماستىن قىلىۋاتقان گەپلىرىگە ئايگۈلنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ،ئامالسىز يەنىلا سىلىق سۆزلەۋاتاتتى.
-ئۆتۈنۈپ قالاي،ئورۇق-تۇققانلىرىمنىڭ،دوستلىرىمنىڭ ئالاقىلىشىش نۇمۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى يانفۇندىلا ساقلىۋالغانىدىم،شۇ تاپتا ھېچكىم بىلەن ئالاقىلىشالمايمەن،بىرەر قېتىم ياخشىلىقمۇ قىلىپ قويۇڭ.
ئايگۈل سۆزلەشتىن توختىدى،قارشى تەرەپنىڭ سۆزسىز تۇرغىنىدىن ئۇنىڭ ئويلىنىۋاتقانلىقىنى قىياس قىلدى-دە«سىز باشقىلارنىڭ سىزگە ياخشىلىق قىلىشىنى ئۆتۈنگەن ۋاقتىڭىزدا،ياردەمگە ئېرىشسىڭىز قانچىلىك خۇشال بولۇپ كېتىدىغانلىقىڭىزنى قىياس قىلىپ بېقىڭ»دەپ قوشۇپ قويدى.
-ئەتە چۈشتە سائەت ئون ئىككى يېرىمدا خەلق باغچىسىنىڭ جەنۇبىي ئىشىكى تەرەپتىكى كۆۋرۈك يېنىغا كېلىپ ئېلىۋىلىڭ.باغچىغا كېلىپ تېلىفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ،-دېدى ھەم تېلىفۇننى ئۈزىۋەتتى.
ئايگۈل خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى،ھەم رەناغا يېنىش-يېنىشلاپ رەھمەت ئېيتتى.
-لىكىن....
-نېمەلىكىن؟-قايتۇرۇپ سورىدى ئايگۈل رەناغا قاراپ.
-لىكىن نېمىشقا يانفۇنۇڭنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ دېگەن ئوغرى تۇرسا.
-بەلكىم ماڭا ئىچى ئاغرىغاندۇ، قايتۇرۇپ بەرسىلا بولمىدىمۇ،ھېلىمۇ ئاچچىقىمنى ئاران بېسىپتۇرۇپ سۆزلىدىم، يالۋۇرۇپ سۆزلىگىنىمچۇ تېخى.
-ساقچىغامەلۇم قىلامدۇق يە؟
-ساراڭ بولمىغىنە،خەق ياخشى كۆڭلى بىلەن يانفۇنۇمنى قايتۇرۇپ بېرەي دەۋاتسا،ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەنما؟
-ۋوي تاتلىق خېنىم،يانفۇنلىرىنى ئېلىۋىلىپ ئاۋارىچىلىققا قويسا،شۇ سىلىگە ياخشىلىق قىلغىنىما؟بولدىلا،ئەتە ئەھۋالغاقارايلى.
خەلق باغچىسىدا ئادەم كۆپ بولغاچقا ئۇلار ئانچە ئەنسىرەپمۇ كەتمىدى ھەم ئەتراپقا بىرەرقۇر قاراپ ئايگۈلنىڭ نۇمۇرىغا تېلىغۇن قىلدى.
-ئىشىكتىن كىرىپ ئۇدۇل مېڭىپ كۆۋرۈك يېنىغا كېلىڭ،-دېدى ئۇ يىگىت.
-خەپ ،يانفۇنۇمنىمۇ بېرەرسەن نومۇسسىز ئوغرى،-دېدى ئايگۈل بىزار بولغاندەك ئەلپازدا.ئۇلار كۆۋرۈك يېنىغا كەلدى،چېچىنى كۆزىگىچە ئۆستۈرىۋالغان ،قاراكۆزەينەكنى بېشىغا تاقاپ قويۇپ تاماكا چېكىپ تۇرغان ئورۇق بىر يىگىتنى كۆردى.ئايگۈل ئۆزىنى بېسىۋىلىپ،ئاستا ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.ئۇ يىگىت گەپ سۆز قىلمايلا ئۇنىڭ يانفۇنىنى قايتۇرۇپ بەردى،ئايگۈلمۇ يانفۇنىنى ئېلىپلا كەينىگە بۇرۇلدى.بىر قانچەقەدەم مېڭىشىغا ئۇ يىگىت ئېغىز ئاچتى:
-قىزچاق،بىرەرئېغىز رەھمىتىڭىزمۇ يوقمۇ؟
-يانفۇنۇمنى ئېلىۋالغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەنما؟زەردە بىلەن سۆزلىدى ئايگۈل ئارقىسىغاقاراپمۇ قويماستىن.
ئەتىسى ئايگۈل دەرستىن چۈشۈپ ياتاققا قايتىۋاتقاندا يانفۇنىغا ئۇچۇر كەلدى.«سالام ئوماق قىز،نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟»بۇناتونۇش نۇمۇردىن ئۇچۇر ئەۋەتكەن كىمدۇ دەپ ئويلاپ تۇرىشىغا يەنە شۇ نۇمۇردىن ئۇچۇر كەلدى،«مەن سىزنىڭ يانفۇنىڭىزنى قەستەن ئېلىۋالغانىدىم،قارىسام شۇنداق مۇلايىم ھەم ئاقكۆڭۈل كۆرۈندىڭىز،سىز بىلەن تونۇشۇپ قالغۇم بار ئىدى.»بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئايگۈلنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى ھەم يانفۇنىدىن كارتىنى سۇغۇرۇپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى.
-ھەئىنساپلىق يىگىت،ئەسلى جىننىڭ قەستى شاپتۇلدىما؟مانا داۋاملىق يېزىڭ،تېلىفۇن ئۇرۇڭ،جىق ئاۋارە بولۇڭ،ماڭا ئۇچۇر يازىمەن،تېلىفۇن ئۇرىمەن دەپ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغۇرلىغىلى ۋاقتىڭىز يەتمىسۇن،-ئۆز-ئۆزىگە بىر ھازا سۆزلىگەن ئايگۈل غىڭشىپ ناخشا ئوقۇغىنىچە ياتىقىغا يۈرۈپ كەتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 01:28 PM