« بىلىپ » تىن كۆردۈم
ئاپتورى ؛ خەيرۇللا قۇربان ‹ تاڭنۇر ›
ساخاۋەت ھۆرمەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
ساداقەت ھىكمەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئەل ئۈچۈن قۇرۇلغان بىلىپ قەسىرىدىن ،
شاپائەت يامغۇرى نىممەتنى كۆردۈم .
مىھىر ھەم شەپقەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
خەيرىلىك ھەركەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ساخاۋەت يولىغا غۇلاچلار ئاچقان ،
ئەجىرلىك قوللاردىن بەركەتنى كۆردۈم .
مۇھەببەت ئۆملۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
مىھرىبان كۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئەركەكلەر قەلبىدە ، خەلىق بىباھا ،
قېنى ساپ ئۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
مەدەتكار سۆزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
دىلتۇتاش كۆپلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
تامچە سۇ رىسقىنى ئەلگە ئاتىغان ،
چىھرى نۇر يۈزلۈكنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئىنسانى قىممەتنى بىلىپتىن كۆردۈم ،
ساپ نىيەت رىغبەتنى بىلىپتىن كۆردۈم .
ئۆملۈكتە قۇرۇلغان ساخاۋەت توپىدىن ،
بىغ كەبى كۆكلىگەن قۇدرەتنى كۆردۈم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-12 12:44 PM